tawpek |
2011-08-14 17:52 |
ھەقىقەتەن شۇنداقكەن، كەچۈرسىز ئەلگە نەپ، ئۇ مەكتەپنىڭ رادىئۇ ئۇزىلى كۈندە دىگۈدەك ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەجرىنى قەلىبلەردە جەۋلان قىلدۇرۇش ۋە ئىزباسارلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى مەنزىلىنى كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن توختىماي خىزمەت قىلىدىكەن، ئاۋازغا ئالغۇچىمۇ شۇنىڭ باش تۆھپىكارلىرىدىن ئىكەن، مەخسۇس توردا تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلانمىغانكەن، رادىئۇ ئۇزىلىدا بىرقىتىملىق ئاڭلىتىش جەريانىدا ئوقولغان يەردىن ئاۋازغا ئىلىنغان بولسا كىرەك، ماڭا ئاڭلاپ بىقىڭ مەكتىۋىمىز رادىئۇ ئۇزىلىنىڭ ئاڭلىتىشى دەپ سۇنغان ئىدى، سىز ئاڭلاتقىنىنى ئاڭلاپ باقمىغاچ يوللاپتىمەن،
قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتمىگىنى راستلا ياخشى بولماپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئاپتۇرىنى ھىچنىمە دەپ ئەسكەرتمىگىندىن قارىغاندا نام شەرىپىڭىزنى بىلەلمىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن ، لىكىن ئەسىرىڭىزدىن سۆيۆنۆپ بىر ئوقوتقۇچى بولوش سۈپىتى بىلەن بىر مەكتەپتىكى ئوقوغۇچىلارنى مۇشۇ نادىر ئەسىرىڭىز ئارقىلىق سۇغارغان چىغى، ئارتۇقچە كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز،
ئەگەر باشقىچە پىكىرىڭىز بولسا ئۆچۆرىمەن،
بەلكىم ئاۋازغا ئالغۇچىمۇ كۆرسە چۈشەنچە بىرىشى مۇمكىن،
مۇشۇنداق ئىش بولمىغان بولسا ئەلگە نەپ مۇئەللىمنىڭ بۇنداق كارامەتلىرىنىمۇ بىلمەي ئۆتۆپ كىتەركەنمىز، بىز ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ھەق گەپلەر بىلەن دىللارنى سۆيۆندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر. |
|