查看完整版本: [-- شىنجاڭ سىنىپىدىكى بىر ناتىۋاننىڭ خېتى! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> شىنجاڭ سىنىپىدىكى بىر ناتىۋاننىڭ خېتى! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qartikin 2010-09-25 11:44
شىنجاڭ سىنىپىدىكى بىر ناتىۋاننىڭ خېتى!  
 
دادا ئانا ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر ؟ مەنمۇ بەك ياخشى تۇرۋاتىمەن . مانا ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمگىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى خېلى كۈنىپ قالدىم . مەكتەپنىڭ شارائىتى بەك ياخشىكەن . سىلەر دائىم قانداق قىلارمىز بالىنى كىچىك مەكتەپكە بىرىپ قۇيۇپ ئەمدى 12 گە تۇشمايلا بىزدىن ئايرىلدى دەپ ئەنسىرەيتىڭلارغۇ ؟ ئەمدى ئەنسىرىمىسەڭلەرمۇ بولىدى .ئۇستازلىرىم مېنى ئۆز بالىسىنى كۆرگەندەك كۆرىدۇ تاماقلىرىمى بەك ياخشى . پولو لەڭمەن ھەممىنى ئىتىپ بېردۇ، لېكىن ئانا سىزدەك چۈ چىرە ئۈگرىلەرنى ئەتمەيدۇ لېكىن مەيلى مەن كۈنىپ قالدىم. لەڭمەنىمۇ شۇنداق يەيدىغان بۇلۇپ كەتتىم ھازىر . لېكىن مەن سىلەرنى شۇنداق سېغىندىم .... دادا سىز بۇغدايلىققا چۈشكەن قاغىلارنى ھەرگىز تىللاپ قوغلىماڭ ..... بۇيەردە قاغىمۇ قۇچقاچمۇ يوقكەن .مەن ئۇلارنى بەك سېغىندىم . مەكتەپتىن كەلسەم ئىككى پۇتىنى مۇرەمگە ئېلىپ قۇيرىقىنى شىپاڭشىتىپ ئەركىلەيدىغان ئالا بويناقنى ، ئانام ئوت-چۆپ كۆتىرىپ كىرسىە مەرىشىپ ئېغىلنى كۆتىرىۋېتىدىغان قوزىللىرىمنى، يەنە ھىلىقى تاغىل مۇشۇكۈمنى ئويلىساملار كۆزىمدىن ياش چىقىپ كېتىدۇ. كۆزىمنى يۇمۇۋالساممۇ يەنىلا چىقىپ كېتىدۇ . بەزىدە ئانام قاتلاپ بەرگەن كىچىك لۈڭگەىم ھۆل بۇلۇپ كېتىدۇ .لېكىن دادا ئانا خاتىرجەم بۇلۇڭلار مەن چىدايمەن . مەن ئۇلارنى ئويلىمايمەن بولمىسا ،لېكىن شۇ بەزىدە كۆز ئالدىمغا كىلىۋالىدۇ . شۇنداق چاغلاردا كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش چىقىپ كەتكەچكە مەن يىراق بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا بولمىسە پەللەمپەينىڭ ئاستىغا كىرىۋالىمەن . چۈنكى مەن دېگەن ئوغول بالا ئوغول بالا يىغلىسا بولمايدۇ . يىغىسىنى باشقىلار كۆرسىمۇ بولمايدۇ زاڭلىق قىلىدۇ شۇنداققۇ . دادا سىز مەن ماڭىدىغان چاغدا : « سەن ئەمدى چوڭ بولدۇڭ يىگىت بولدۇڭ يىغلىساڭ بولمايدۇ » دېگەنىدىڭىزغۇ شۇڭا مەن زادىلا يىغلاپ باقمىدىم .
دادا ئانا بۇقېتىم ئىمتىھان ئالغانتى مەن بەشىنچى بۇلۇپ قالدىم . ئەسلى بىرىنچى بۇلاتتىم لېكىن خەنزۇتىلدىن نۇمۇرۇم سەل تۈۋەن بۇلۇپ قالدى . لېكىن ختىرجەم بۇلۇڭلار مەن كېلەر قېتىم چۇقۇم بىرىنچى بولىمەن مۇئەللىمىممۇ شۇنداق دېدى ئۇ :« مەن ساڭا ئىشىنىمەن يەنە بىر نەچچە ئايدىن كىيىن سەن سىنىپنىڭ ئالدى بۇلۇسەن» دېدى. , 
ئانا سىز نىڭ كېسلىڭىز خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدىمۇ ئەمدى قىش كىردى قېلىنراق كىيىپ يۈرۈڭ .سىرىتلارغا تۇلا چىقماڭ . دادا سىرىتنىڭ ئىشلىرىنى سىز قىلىپ ئانامنى سىرىتقا تۇلا چىقارماڭ بولمىسا كېسىلى قوزقىلىپ قالسا، مەن يوق سىز دورىللىرىنى قاينىتىپ ئىچكۈزەلمەيسىز تاماق مۇ ئېتەلمەيسىز  قىينىلىپ قالىسىز ...... دادا سىزگە جاپا بولىدىغان بولدى ..... لېكىن سىز دائىم دېگەندەك ئەركىشى دېگەن جاپانىڭ چوڭىنى تارتىش كېرەكقۇ ؟.... دادا سىز دائىم دەردىڭىز بولسا بىزگە دېمەي ئىچىڭىزگە يۇتۇپ يۈرىيسىز تاماكىنى كۆپ چىكىسىز بۇنىدىن كىيىن ئۇنداق قىلماڭ قانداق دەردىڭىز بولسا ئانامغا دەڭ تاماكىنى ئازراق چىكىڭ سىز گە بىر ئىش بوپ قالسا ئانام تۈگىشىپ كېتىدۇ .  
ئانا سىزمۇ مېنى ئويلاپ تۇلا يىغلىماڭ مەنمۇ بۇيەردە پەقەت يىغلاپ باقمىدىم . ئانا ئىككىمىز باغلىشايلى كىم يىغلىسا شۇ يارماس بولسۇن بولامدۇ ؟   
دادا ئانا مەن بۇگەپلەرنى دېسەم يەنە كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كېتىدىكەن ، پەقەت توختۇتالمايۋاتىمەن خەت يېزۋاتقان قەغەزلىرىممۇ ھۆل بۇلۇپ كەتتى . سىلەرنى بەك سېغىدىم . ئەسلى سىلەرگە دەيدىغان گەپلىرىم بەك جىقتى شۇ يېشىم چىقىپ كېتىپ يازالمايۋاتىمەن، قالغىنىنى بۇقېتىم يرازارمەن .شۇنچىلىك يازاي .خوش دادا، ئانا خوش سىلەرنى بەك سېغىندىم . " 
............... دادا.................
ئانا....................!
خوش ئامراق قۇزاڭلاردىن.

مەنبە: چارتېكىن

samandar 2010-09-26 09:50
شۇنداق تەسىرلىك ئىكەن!

tawpek 2010-09-26 18:42
بۇنى ئوقوپ شىنجاڭ تولوقسىزنى قارامايدا تاماملاۋاتقان جىيەنىمنىڭ خىتىنى ئوقوغاندەك بولدۇم.

كەلگۈسى ئۈچۈن بۈگۈندىن كىچىشكە توغرا كىلىدۇ.

yadekar 2010-10-05 20:40
يازمىڭىز نىمىدىگەن تەسىرلىك، سىز ئەسلى شىنجاڭ كىنوچىلىقى ئۈچۈن سىنارىيە يازسىڭىزمۇ بوپتىكەن. ھىسياتنى ئىپادىلىشىڭىز شۇنداق جايىدا بوپتۇ.

tawpek 2010-10-07 20:14
بىرەر يەرنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولمىغاندىمۇ بىرەر يەرنىڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى بۇ ئاداش .

مەتبۇ ئاتلاردىكى نامىڭىز نىمىكىن؟

arzu 2010-10-09 19:09
بۇ چارتېكىن بەكلا يوشۇرۇنمۇ قانداق؟

yingiyoloqi 2010-10-09 19:25
بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىمۇ خەتنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرغاندەك قىلىدۇ.

arzu 2010-10-09 19:25
شۇنداق تەسىرلىككەن، يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ سېھرى كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرەرسىز.

tawpek 2010-10-10 10:38
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۆشكەن ۋاختىمدا ئەجەپ بۇ ھەقتە پاراڭلاشماپتىمەن دىسە.

ئەكبەرنىياز 2012-12-26 04:14
ھەقىقەتەن تەسىرلىك خەتكەن ، بۇ خەتنى كۆرۈپ بۇندىن 10نەچچە يىللار بۇرۇن ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا ئانامغا يازغان خەتلىرىم يادىنغا كېلىپ قالدى،- دېسە !!!
ھارماڭ بۇرادەر !!!

nadira 2012-12-26 11:14
قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن،بەك تەسىرلەندىم،ھارمىغايسىز!

نەجىبەتاجەمەت 2013-06-29 15:19
ھارمىغايسىز ....خىتىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق ئانامنى كۆرگۈم كەلدى،كىچىكىدىن ئۆيدىن ئايرىلىپ چوڭ بولغان ،ماڭا ئوخشاش بىر ناتىۋاننىڭ كۆڭلنى ئىپادىلەپسىز.رەخمەت سىزگە!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-04 22:30
شۇنداق تەسىرلىك بوپتۇ،قەلىمڭىز ۋە ئىلھامىڭىزغا مەدەت تىلەيمەن.

ئاچچىقگۈل 2013-08-05 13:07
ئۇچۇم بولغان يەنە بىر شۇڭقار بالىسى.


查看完整版本: [-- شىنجاڭ سىنىپىدىكى بىر ناتىۋاننىڭ خېتى! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us