uzqak |
2011-07-28 22:29 |
2011-يىللىق 4-سان ئۇيغۇرچە تەرمىلەر گېزىتىدە «روھنى سېتىش» دىگەن ئەسەردە مۇنداق بىر ھېكايە سوزلەنگەن ؛سەدەپ قۇلۇلىسى ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مەرۋايىتىنى قۇسۇپ يېنىغا قۇيۇپ قۇيۇپتۇ ، مەرۋايىت ئېلىپ كېتىلىپ ئۇنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قاپتۇ. سەدەپ قۇلىلىسى ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىدىن خۇشاللىنىپ تۇرغاندا يەنە بىر سەدەپ قۇلىلىسى «مەرۋايىىنتى يۇقاتقان سەدەپ قۇلىلىسنىىڭ نېمە قىممىتى بولىدۇ؟»دەپتۇ...بۇ قۇرلارنى كۆرىۋېتىپ ئويغا پېتىپ كەتتىم ... #/ePpS
yD oDu6W9 + سەدەپ قۇلىلىلىرى ئەتراپىمدا پىقىرىشىپ يۈرگەندەك ،مەرۋايىتىنى ئىزدەپ تىپپىرلاپ جان تالىشۋاتقاندەك بىلىندى ..مەن خىيالەن ئۇلار بىلەن مەرۋايىت ئىزدەپ يولغا چىقتىم . 1UJ rPM% قۇلىلىلەر تور دۇنياسىدا ئۇچۇراشتى .ئۇلار بۇ زامانىۋى ۋاستىدىن پايدىلنىپ مەرۋايىتلىرىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى ،لېكىن كىم باشتا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك؟- دىگەن مەسىلە ئۇلارنى قىيناۋاتاتتى . بەزىلىرى دادا قۇلىلىلەر مەرۋىيىتىنى ئالدىن تېپىشى كېرەك، دىسە بەزىلەر ئانا قۇلىلىلەر مەرۋايىتنى ئالدىن تېپىشى كېرەك ،دىيىشىپ بىرلىككە كىلىشەلمەي قالدى...يەنە بەزىلەر يازغۇچى شائىر قۇلىلىلەرنىڭ مەرۋايىتىنى ئالدىن قايتۇرۇپ كېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىشتى..بەزىلەر كىمنىڭ مەرۋايىتىنىڭ بەكرەك چاقنايدىغانلىقى ھەققىدە تالاش -تارتىش قىلىشىتى .ئۇلار تالاش- تارتىش قىلىشۋاتقاندا بالا قۇلىلىلەرئاللى بۇرۇن ، مەرۋايىتتىنى قانداق يۈتتۈرۈش توغۇرسىدا تالاش-تارتىشقا چۈشكەن ئىكەن. +={K -g7U تەسەۋۇرۇم مېنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى.قۇلىلىلەر ئەمدى تور دۇنياسىدىكى «قوش مەسچت»كوچىسىغا قاراپ راۋان بولدى.بەزى قۇلىلىلەر تىللا خىنىمغا ،بەزى قۇلىلىلەر ئالتۇن خىنىمغا بەزى قۇلىلىلەر ھەسەن قارىمغا يەنى بەزى قۇلىلىلەر ھۈسەن قارىمغا ئايلىنىپ قاپتۇ...بىر قۇلىلە «قوش مەسچىت »تىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى«ئاھ مېنىڭ كۇچام ،قانلىق تارىخي سەرگۈزەشلتلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھەسرەت -نادەمەتلىك كۇچام! »«ئىنساننىڭ خار ۋە زەبون بولىشىغا سەۋەپ نىمىدۇر؟ }»«ئىككى نەرسىدۇر بىرى جاھىللىق ۋە نادانلىق ،ئىككىنچىسى تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر »«ئىززەت -ئابروي ،قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟» بىلىم مەرىپەت ،ئىتپاقلىق بىلەن بۇلۇر» ئۇ ئوقۇۋېتىپ ئۇھ سېنىپ قويدى... % Q6
za'25 تەسسەۋۇرۇمنى بۇزىۋەتكۇم يوق ..لېكىن ۋاقىت يەنىلا قىستايدۇ... قۇلىلىلەر ئاخىرى قانداق يەكۈنگە كىلەر؟ بۇ سۇئالنى ئۆزۈمگە قۇيىۋاتقاندەك تەكرارلاپ قويدۇم، كىمنىڭدۇر بىرىنىڭ ؛« ئۆزەڭ قەدىرلىمىگەن ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسە باشقىلارنىڭ ئالدىدا پۇچۇق يارماققىمۇ ئەرزىمەيدۇ » دىگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم... كىمدۇر بىرىنىڭ «ئەقىيدە ئتىقادسىزلىقىڭ بىلەن مەرۋايىتىنى يۈتتۈرگەن قۇلىلىگە ئوخشاپ قالىسەن ،ئۇ ۋاقىتتا سۆزىڭنىڭ قىممىتى، ھەركىتىڭنىڭ بەركىتى بولمايدۇ » دىگەن سۆزىنىمۇ ئەسلەپ قالدىم... ئەسلىملىرىم كۆپەيگەنچە مەرۋايىتىنى يۇقۇتقان قۇلىلىلەر شۇنچە بىچارە ،خار ،زەبون بىلىنىشكە باشلىدى... 2%fIe 2011 -يىلى 4-ئاينىڭ 14 -كۈنى كەچ |
|