kokbilyartay |
2011-07-11 23:48 |
2. ئادەم بولۇش يارىلىشمۇ بەخت بۇ دۇنيادا نۇرغۇن جانلىقلار بار، ئاجايىپ چىرايلىق قىممەتلىك ماددىلار بار. ئادەمنى مەپتۇن قىلغۇدەك گۈزەل قۇشلار بار، مۆجىزىگە توشقان كائىنات ۋە تەبىئەت دۇنياسى بار، شېرىن مېۋىلەر بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىممەتلىك. بىراق، ئادەم دۇنيادىكى بارلىق ئېسىل شەيئىلەردىنمۇ ئالىي تەبىئەتلىك يارىتىلغان. پۈتۈن ئالەم ئۈزۈك قىلىنىپ ئۇنىڭ كۆزىگە ئادەم قويۇلغان، ئادەمنىڭ مەرتىۋىسى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن قىلىنغان، بۇ خىل مەنىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق بايان قىلغان: ياراتتى ۋە يۈكسەلدى تاللاپ ئادەم، بېرىپ ھوش - ئەقىل، پەزىل، ئىلىمنى ھەم. تىلىنى چىقارتىپ ئاڭا بەردى دىل، ئۇيات بەردى يەنە گۈزەل خۇش پېئىل
بىلىم بەردى، ئىنسان زورايدى بۇ كۈن، ئەقىل بەردى، شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن. دېمەك، ئادەم ئالەمدىكى باشقا شەيئىلەردىن يوقىرىقىدەك ئارتۇقچىلىقى ۋە شان - شەرىپى بىلەن ئۇلۇغ، ئادەم ئۆزىنىڭ تاغ جىنسلىرى، ھايۋان تۈركۈمى بولپ قالماي، ئادەم بولۇپ يارالغانلىقىدىن ئۆزىنى چەكسىز بەختلىك ھېسابلاشقا ھەقلىق. بىراق، بۇ يەنىلا ھەقىقىي بەختنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بەختكە ئىگە بولۇشنىڭ دەسمايىسى، ئۇنداقتا ھەقىقىي بەخت نەدە؟
|
|