查看完整版本: [-- مەدھىيە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> مەدھىيە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2011-06-28 22:12


                     مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن « قىزىل شام لوڭقىسى » ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى مەكتىۋىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى.10-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكا پەن تۈرى بويىچە ،28 -كۈنى مىللى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ  «خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى» ئۆتۈش مۇسابىقىسى بولدى.ساھىبخان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن قازاق ،ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىدۇق. دەرسلەر «قوش تىل» بويىچە خەنزۇچە ئۈتۈلدى. ھەر دەرىيجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇسابىقە دىگەننىڭ«جاپاسىنى » كۆپ تاتقانلىقىم ئۈچۈنمىكىن دەرىسنى يىنىكلىك بىلەن باھالاپ ئولتۇرغان كەسىپداشلىرىمغا «توۋا»دىيەلمەي «توۋا» دەپ ئولتاردىم. ..
               دەرسنى ئاڭلاۋاتىمەن....دەرسخانە  - ئادەمنىڭ ئىدىيەسى بىلەن كۈرەش قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى تۇنۇش، قىممىتىنى نامايەن قىلىش ،ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇتۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىيپىنى ئىجرا قىلىدىغان ،ھاياتى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ۋە ھاياتى كۈچ يارىتىدىغان مۇقەددەس ئورۇن. ئۇ يەر مەدەنىيەتنىڭ ئۇششاق بىخلىرىنى ئاينىتىپ غۇنچىلەرنىڭ قەلبىگە يىلتىز تارتتۇردىغان ،مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلەتنىڭ ئىزباسارلىرىنىڭ  روھى ئۇمۇرتقىسىنى  يېتىلدۈرىدىغان بۈشۈك. يەنى شۇنداق دىيەلەيمىزكى ئىسىل دەرسلىك.، يەتكىچە دەرس بايلىقى بۇلۇپ ئۇ دەرسخانىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمىسا  ،ئۇنى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلالايدىغان ھالەتتە لايھىلەش بولمىسا ،ئۇ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەت خالاس.
                قىسقىسى؛ دەرىسخانە بۈگۈننى يارىتىپ ئەتىگە جاۋاب بېرىدىغان ھالقا. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىنىڭ يىتەكلىگۈچىسى ،ئوخشاش بولمىغان بىلىش،ساپاغا ئىگە بولغان ئوقۇتقۇچى ئوخشاش بولمىغان ساپا قاتلىمىغا ئىگە بولغان ئادەمنى تەربىيلەپ چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا «قوش تىل ئوقۇتۇش» دەرىسخانىسى تىل ئۆگۈنۈش دەرسخانىسى بۇلۇپلا قالماي، بىلىم ،ئىقتىدار، ھېسىيات يېتىلدۈرۈشتىكى بازا بۇلۇشى كېرەكلىكى ھەممىمىزگە ئېنىقسىز بولمىسا كېرەك . دەرسنى ئاڭلاۋېتىپ يۇقۇرقىدەك ئويلار كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى....
نەەزىرىمنى دەرسخانىغا ئاغدۇردۇم ئۆزەمچىلا « مەن بۇ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرمايمەن؟»-دەپ ئويلاپ قالدىم..
                  قەدىرلىك «قوش تىل »ئوقۇتقۇچىلىرى؛ جاپا چەكتىڭلار! ئەمىليەتتە سىلەر بەك قالتىس، بىز ئىشىنىمىز، سىلەر دەرسخانىنى ھەقىيقى دەرسخانىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتىسىلەر ،ئىزدىنۋاتىسىلەر، خۇددى لۈشۈن ئېيتقاندەك «زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى» يولنى ماڭغۇچىلار ئىزدەنگۈچىلەر يارتىدۇ، سىلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتىشىدا بالىلىرىمىزغا ماس كېلىدىغان ئۇلارنى ھەقىيقى نەپكە ئىگە قىلىدىغان ئوقۇتۇش خاسلىقى يارتالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنمىز!
              ئەجرىڭلاردىن گۈل ئېچىلىپ ،ئەل -ئاۋام سىلەرگە قوش قوللاپ ھاردۇق چايلىرى تۇتقۇسى!

مەنبە: نەق مەيدان تەسراتىم

koksangun 2011-06-29 11:50
ئۇزچاقنىڭ قەلىمىگە بەرىكەتلەر بولغاي ، نەق مەيدان خاتىرىسىنى كۆرۈپ سىزنىڭ يېزىقچىلىقتىكى تىزلىكىڭىزگە ئاپىرىن ئېيتقۇم كەلدى ... مانا مۇشۇنداق قىسقا مۇلاھىزىلەر بىزدە نۇرغۇن ئويلىنىش ۋە ئويغىنىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ .

tawpek 2011-06-29 12:32
مەدھىيەنى ھاياجان ئىچىدە تۇرۇپ ئەمەس بىرخىل ئۈمۈت ۋە سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ ئوقوغاندەك قىلىسىزغۇ؟


查看完整版本: [-- مەدھىيە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.229102 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us