查看完整版本: [-- ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nawbar 2011-05-28 18:54
ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ
ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ،
ئىزدىمەكچى ئېتقىن نىمىنى،
بەخىت سۈنغان قوللار بەركىتى،
بىرەر يەنە ئەركەكلىكىڭنى .

شۇلار بەخىت ، شۇلار تەسەللىي ،
ئەركەكلىكنىڭ باردۇر ماقامى..
پەقەت شۇلار يايسا ئىتەكنى ،
قۇت تاپىدۇ بەختىڭ پۈتۈمى.

كىمۇ ئۇ دەپ سورىما ئەسلا ،
يىراق دىسەڭ دۇنيا چىتىدە.
يېقىن دىسەڭ كۆز ئالدىڭدىلا.
ئۇ پەرىشتە گويا سۈپەتتە.

ئەركەكلىكنى بىرىدۇ شۇلار ،
مىھرى ۋاپا شۇلاردا تۇلۇق .
كىم ئەرلىككە يىتەلەر بىلسەڭ ،
شۇلارسىز بۇ دۇنياقۇپ - قۇرۇق.

ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ ؟
تاغ داۋانلار ئاشقان بىھۇدە.
سەن ئاھىڭنى باغلاپ كىرىستقا ،
ئەللەر ئۇچۇن قىلساڭ نەزىرە.

مەزمۇت شۇلا يەنە  سەن ئۇچۇن
ئوت بولسىمۇ تارتار ئىچىگە ،
سۇلار كەلسە مەزمۇت سۇمىرەر،
ئوقنى سالار يەنە كىرىچكە.

شۇنداق مەزمۇت بىر باغىڭ بۇلۇر .
سەن سۇ قۇيۇپ ئاينىتمايدىغان ،
قۇچىقىغا ئالار ھەر كۈنى،
ئۇ گۈلىستان ھىدلىرى بىلەن .

شۇلار ئۇچۇن قىلغىن ئەجرىنى ،
ئەركەكلىكىڭ كۈلگۈسى شۇندا.
ئەۋلاتلارغاتۆككىن بارىنى ،
ئۇ سەلتەنەت بەخىتتۇر گويا.

شۇنداق كەلىم باردۇر بىر زامان .
قىزلار بەخىت بۇلىقى بىلسەڭ .
خاھى ئانا بولسۇن يا ئايال .
تېرىغاننى ئالارسەن بىلسەڭ

ئانا ئوتلۇق تىلىكى بىلەن .
دۇنيا ئۇچۇن ساقلايدۇ بىر چوغ.
كۆكلەپ كىتەر بىلىكى بىلەن .
ئۇ ھەر زامان بولغۇسى ئۇپۇق .

ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ ؟
ئۇ سەيلىگە كىتەمدۇ گاھى .
كىملەر بىرۇر ئەركەكلىكئۇچۇن ،
خېمىرتۇرۇچ    بولغۇدەك زادى

زامان شۇنداق ، دەيمىز ئاغرىنىپ .
كىملەر بۇزار دۇنيانى تۈگەل .
ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ .
بۇ ھاياتقا  بولدى بىر سۆگەل
ئۇنتۇپ قالما ئەركەكلىك دىگەن
ئارىيەتلىك بۇيۇم ئەمەستۇر
ئۇنى قېنىڭ چىقىدۇ پۈركۈپ ،
ئۆگۈتۈشمۇ بولىدۇ مۈشكۈل  .
خۇددى ۋىژدان كەبى ئورنىنى
ئالالمايدۇ ھىچ نەرسە ئۇنىڭ
سەن تۈمەن يىل كەزگىن چوللەرنى ،
ياكى ئاققىن دەريادا مىڭ يىل .
يەنىلا سەن ، ئۆزگەرمەس دۇنيا ،
سۆزلىگىنىڭ يەنىلا شۇ تىل ..





koksangun 2011-05-28 21:57
مەزمۇنى تىرەن شېئىركەن ، شائىرنىڭ بەدىئىي تالانتىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ ، شېئىردىكى قاراش تولىمۇ ياڭراق ، كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىكەن ...

tawpek 2011-05-29 14:25
ئەدەبىياتىمىزدىكى  قىزىق نوختىلارغا قارىتا قارىشىسىدىن چىقىپ رەددىيە بىرىپ ئۆز گىچە تەپەككۇرىڭىز بىلەن ھەممىنى تاڭ قالدۇرىۋاتىسىز.

ئەركەكلىكنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بىرىپسىز.
بىلىۋالدۇق،

ئەركەكلىكىم كەتتى قاياققا

دىگەنلىرىمىز تۆگىگە مىنىپ تۆگە ئىزدىگەن ئوخشىمامدۇق.

nawbar 2011-05-30 17:18
سوتسىيالىزىم تەرەققى قىلىپ ئاياللارنىڭ ئورنى بۇرۇنقى مۇنپۇللۇقتىن ھازىرقىدەك ئۇچۇق ئاشكارلىققا ھەم ئۈزۈمچىلىككە يىتىپ كەلدى ھەقىقەتەن ، ھازىر مەدەنيەتنى ئارقا كۈرنۈش قىلغان سەپ - سەتىلەر ئەرلەرنىڭ ئىمتىيازىنى بۇغۇپ قۇيۋاتىدۇ ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئەركەكلىكىنى يوقۇتۇپ قويۇش بىرىنجىدىن ئۈزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ مەھسۇلى ، نۇقۇل ئەرلىكنى ئاياللارنى باشقۇرۇش ئۇچۇنلا يارلغان دىيىش ۋە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغاندىكى تۇيغۇنىڭ تۇرتكىسىدە ئۈزىنى غېرىپ ۋە يىگانە ھىس قىلىش بىلەن بىر قىسىم ئۈزىنى ئىزدەش تېمىسىدىكى يازمىلار چىقىپ قالدى تۇرمۇش دىگەندە نىمە يوق ، ھەممە بار ئەمما بىزنىڭ ئويغۇر ئەرلىرىمىزنىڭ ئۈزىنى ئىزدەپ ئۈزىنى تاپالماسلقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ ؟
ياشانىڭ ئۈزى بىر ئىزدەش بۇلۇپ بۇ ئىزدەش بىزنى ئوخشىمغان ساسلىقلارغا ياكى بىر گۈلىستان باغقا ئاپرىپ تاشلىشى مۈمكىن . شۇڭا ئاشۇ ئەركەكلىكنى ئىزدەۋاتقانلارغا مۇنداق دڭگۈم كېلىدۇ . كىيىنكى بىر ئەۋلات ئەرلىرىمىزنىڭ سەرسان بولماسلىقى ئۈچۈن قىزلىرىڭلارغا چۇقۇم ، ياخشى ئۇقۇ ، كەلگۈسىدە ئېرىڭنىڭ قۇلىغا قاراپ قالمايسەن دىگەن تەربىيەنى ئەمەس. بەلكى قىزىم بىر ئايالنى بىر ئەر باقالايدۇ ھەم بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، سەن ياخشى ئۇقۇساڭ كىيىنكى ئەۋلاتلانى ياخشى تەربىيەلىسەڭلا شۇ كۇپايە . دەپ تەربىيە قىلىڭ ھەم قىزىڭىزنى يۇقۇرى ئىستمالغا ئەمەس بەلكى سەۋرى تاقەت ھەم ئىقتىساتچانلىق تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇڭ شۇ چاغدا يەنە بىر ئوغلانمۇ شۇنداق مىھىربان ھەم ئىنساپ تەۋپىقلىق رەپىقىگە ئىگە بولسا ، شۇ ئايالمۇ ئۈزىدەك بىلىملىك . كەمتەر، تاقەتلىك قىزدىن بىرنى تەربىيەلىسە قاراڭ ئۇ چاغدا ئەرلىرىمىزنىڭمۇ ئۈزنى باشقىلارنىڭ كۈزىدىن ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

gulzat 2011-05-31 17:33
ھەققى ئەركەكتە  بولۇشقا  تېەگىشلىك  تەرەپلەرنى  كۆرسىتىپ  بېرىپسىز،  قايىل  بولدۇم .

tawpek 2011-05-31 18:50
ياخشى ئۇقۇ ، كەلگۈسىدە ئېرىڭنىڭ قۇلىغا قاراپ قالمايسەن دىگەن تەربىيەنى ئەمەس. بەلكى قىزىم بىر ئايالنى بىر ئەر باقالايدۇ ھەم بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، سەن ياخشى ئۇقۇساڭ كىيىنكى ئەۋلاتلانى ياخشى تەربىيەلىسەڭلا شۇ كۇپايە . دەپ تەربىيە قىلىڭ.


ماۋۇ مەن ئويلاپ يەتمىگەن بىر يىڭىلىقكەن.

nawbar 2011-05-31 20:06
بۇ يېڭلۇق ئەمەس بەلكى قۇلقىنى ئىتۋېلىپ قوڭغىراق ئوغىرلىغاندەك . ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىتراپ قىلنىمغاندەكلا بىر ئىش.ئەرنىڭ قۇلىغا قاراپ قېلىش يەنى باشقىلارغا بېقىنىش دەپ ئاتىلىدۇ ، بېقىندى بۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ياخشى ئۇقۇ دىيىش قايسى ئاىلىدە يوق . شۇڭا ئائىلىدىكى يۇقۇرى ئىستىمالغا كۆنگەن قىزنىڭ تەلەپلىرى يۇقۇرى بولىدۇ دە ياش يىگىتلەرنىڭ يانچۇقى ئۇلارنى قانائەت تاپتۇرمايدۇ بۇنىڭ بىلەن سىرىىتتىن كۈڭۈل ىخوشى ئىزدەپ قېلىشلار بىلەن يىگىتلەرنىڭ غۇرۇى ئازار يەيدۇ. ئەرنى ئەر قىلغانمۇ ئايال ، يەر قىلغانمۇ ئايال دىگەن گەپ نى كىم توغرا تەھلىل قىلالىغان ، ئەينى شۇنداق ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن جەميەتتىكى بۈزۈلۈشلار كوپيىپ كىتۋاتىدۇ ، بۇ ئىشلاردا گۇناھ كىمدە .... تەربىيىتىمىزدە، ، ئەر دىگەن ئۇقۇمنى ھۈكۈمرانلىق قىلغۇچى ئەمەس بەلكى باشپاناھ، ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى دەپ تەبىرلەش بىلەن قىزلارنى ئۇلار بىلەن ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرىدىغان قىلىپ ئەمەس بەلكى ئۇلارنى چۈشىنىدىغغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەشلا مىللىتىمىزنىڭ كېلەچەكىنى بىر ئۈمىتكە باشلىغۇسى

tawpek 2011-05-31 23:08
ئەرنىڭ قولىغا قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىش دىگەن سۆزنى يۇقارقى قارىشىڭىزنى ئوقومىغان بولسام مەن بولساممۇ قىزىمغا دەركەنمەن.

ھەقىقەتەن ئويلىنىپ بىقىشقا  تىگىشلىك تەربىيە ئادىتىكەن بۇ.

nawbar 2011-06-01 18:33
شۇنداق . ئىشەنمىسىڭىز قىزلىرى بار ئائىلىلەردىكى قىزلار تەربىيەسىگە زىھنىڭىزنى بۇراپ بېقىڭ .قىزلارنىڭ ئۆگنۈشى ، ئىستىمالى ، ھەم ئارزۇ ئىستەكلىرىدىكى نىشانلىرىغا نەزەر سالسىڭىز بىزنىڭ قايسى خاتاغا يول قۇيۋايقانلقىمىزنى بىلەلەيسىز ، ياپۇنلارنى بىر ئىستاكان سۈت قۇتقۇزۇپتىكەن . بۇيى پاكارلىقتىن .بىزنى نىمە قۇتقۇزار؟ئۆزىمزنى ئىنكار قىلىشلاردىن ،ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىكتىن ، ھەم ئۆزىمىزنى مەنسىتمەسلىكتىن كىلىپ چىققان باشقىلارنى دوراش پىسخىكىسىبىلەن ئۇنى يېڭىلىق دەپ تەبىرلىدۇق . مەدەنيەت دەپ ئىزاھلىدۇق ، ئەمما ئۆزىمىزنى يوقاتقان ئاشۇ دەقىقىدە نىمىلەرنى يوقاتقىنىمىزنى كىم بىلەلەيدۇ

tawpek 2011-06-01 19:22
لىكىن ياخشى ئوقوپ خىزمەت تاپسا ئىرىنىڭ قولىغا قاراپ قالمايدىغانلىقى بۇ بىر ئىجتىمائى ھەقىقەت.

تۇرمۇش سەۋىيمىز تۆۋەن، قىسقىسى نامرات. ماددى ئىھتىياج قانماي تۇرۇپ مەنىۋى بوشلۇقنىڭ تولىشى تەس جۇمۇ.

nawbar 2011-06-02 11:39
بۇ توغرا . شۇڭا ئەرلىرىمىز بۇنداق قىسىلىشلار بىلەن ئۈزىنىڭ ئىززەت غۇرۇرىنى يوقۇتۇپ قۇيۋاتىدۇ . غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ ئەرلەر توغىرسىدا يازغان شئىرلىرى بۇنى تۇلۇق ئىپادە قىلۋاتىدۇ ، ئەمما تولمىغان مەنىۋى ئىھتىياج بىلەن .يوقۇلۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق بارغانچە قىسقىرۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مىللەتنىڭ تۈۋرىكى بولغان ئۆزلۈكلىرىمىزنىڭ تۈكى يۇڭدالغان يالڭاچ تۇخۇدەك ھالىتى ھەممنى ئېچىندۇردۇ . راس تۇرمۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن  دىسەكمۇ ، تەرەقيات سەۋەبىدىن دىسەكمۇ سەۋەبلەر تۇلۇپ تۇرىدۇ ، قۇرۇق گەپكە قوساق توۇ\يمايدۇ ، ئەمما تۇرمۇش ئىھتىياجى ئۇچۇن ئۇقتايلى ، خاھى ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۇقۇتايلى ،،قىزلىرىمىزدىكى مىللىي ئاڭ بىلەن بىللىي غۇرۇرنىڭ كىيىنكى پەرزەنىتلىرىنىڭ ۋۇجىدا نامايەن بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا مىنىڭ تەكىتلىگىنىم ئامال بار قىزلار تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇش. ، ئۇلارغا بولغان تەربىيەنىڭ ئائىلىدىن باشلىنشىغا كاپالەتلك كىلالساق ئاندىن باشقا مەدىنيەتلەرنىڭ ئۇلارغا يۇقسىمۇ ئۆزلىكىنى ئۇنتۇمىغان ھالدا قۇبۇل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن

tawpek 2011-06-04 13:14
ئاتا-ئانا ئىتىزلىقتا تىنىم تاپمىغان، پەرزەنىت مەكتەپ جايلاشقان شەھەر بازاردا مودا ئىستىمال ئىقىمىغا بىلىپ-بىلمەي ئەگىشىپ كىتىۋاتقان، ئاتا-ئانا بۇ ئىھتىياجنى تولوق قاندۇرۇپ كىتىپ بولالمىغان، پەرزەنىت بۇنى چۈشەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا پەرزەنىت ئوتتورسىدىكى ياتسىراش، ئاتا-ئانا قاندۇرالمىغان ياكى ئاتا-ئانىنىڭ بەرگنىدىن قانائەت ھىس قىلالمايۋاتقاندا ئۇخىل ئىھتىياجىنى قاندۇراۇش ئۈچۈن لالما ئىتتەك تىمسىقلاپ پۇرسەت كۈتىۋاتقانلار نىڭ تەلىيى كەلدىدە پەرزەنىتنىڭ ئىھتىياجى قاندى. ئىرىشكىنى نىمە؟ يوقاتقىنىچۇ؟

پۇشايمان- كىچىككەن ئەقىل.


مۇشۇ سەۋەپلەردىنمىكىن مەكتىۋىمىزدە كۈندە بالامنى تىپىپ بەر ، يوقاپ كەتتى دەپ مۇئەللىملەرنىڭ ياقىسىدا ئىلەڭگۈچ ئۇچىدىغانلار كۆپىيىپ  كىتىپ بارىدۇ.


查看完整版本: [-- ئەركەكلىكنى ئىزدىگەن كىم ئۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.021760 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us