查看完整版本: [-- ئۈلگىلىك ماقالىلەر(3) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> ئۈلگىلىك ماقالىلەر(3) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-21 00:59
                                           چۈشنىڭ داۋامى

                                              فىروزە ئىمام 


ئوغلۇم ساداقتىن چىققان ئوقتەك يۈگۈرۈپ كەتتى.قارىسام ئۇ ئۉز مۇسابىقىداشلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى.لېكىن ئوغلۇم يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا يىقىلىپ چۈشتى.ئاندىن ناھايىتى تەستە ئورنىدىن تۇردىيۇ،يەردە چۈشۈپ كەتكەن چىمەن دوپپىنى ئالمايلا يۈگۈرۈپ كەتتى.مەن ئوغلۇمدىن ئەجەبلەندىم.ئۇنىڭ دوپپىسىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يۈگۈرۈپ كەتكىنىدىن ئەجەبلەندىم.ئۇ يۈگۈرۈش داۋامىدا دوپپىنى ئېسىگە ئالمىغانمىدۇ؟مەن ئۇنىڭغا قاراپ بار ئاۋازىم بىلەن :«ئوغلۇم،دوپپىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ!»دەپ ۋارقىرىدىم،لېكىن ئۇ ئاڭلىغاندەك قىلمايتتى.ئۇ مۇسابىقىداشلىرى بىلەن تەڭلا دىگۈدەك پەللىگە يېتىپ باردى،باشقا ماھىر قولىرىدىكى كالتەكلىرىنى نۆۋەتچىگە بەردى.ئوغلۇم ۋە بىر ياش نۆۋەتچى يىگىت بولسا بىر-بىرىگە ھاڭ-تاڭ بولغىنىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

يۈرىكىم قارت قىلىپ قالدى.چۆچۈپ كەتتى...ھەي!ئەسلىي چۈشۈم ئىكەن ئەمەسمۇ؟!تەنلىرىم ئاجايىپ بىر خىل ۋەھىمىدە جىغىلداپ كەتتى...


                                     گۈزەل قىش پەسلى 

                                           ئاينۇر ئابلىز


مەن تەبىئەت ئانامنىڭ ھەممىلا خۇلقلىرىنى،ھەممىلا پەسىللىرىنى ياخشى كۆرىمەن.بولۇپمۇ قىش پەسلىنى،چۈنكى قىش پەسلى ئاپئاق قارلارغا ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولغان بولىدۇ.قىش پەسلى يەنى پاكلىققا سىمۋول قىلىنغان.ئۇ كىشىلەرگە رومانتىك ھېسسىيات ئاتا قىلىدۇ.

قىش پەسلى گەرچە قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ،ئەمما مېنىڭ قەلبىمنى ھەر دائىم ناھايىتى ئىللىق تۇرىدۇ.چۈنكى مەن قىش پەسلىدە ئانامنىڭ ئىللىق باغرى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلىپ تۇرىمەن.«ھاۋا سوغۇق،تامىقىڭنى ئىسسىق يە».«سوغقېلىنراق كىيىن،بولمىسا ئاغرىپ قالىسەن»«بالام،قولۇڭ بەك توڭلاپ كېتىپتۇئەكىلە قوينۇمغا سېلىپ ئىسسىتىپ قۇياي»...ئېيتىڭا دوستۇم،قارغا تاشلانغان چوغ ئۇنى ئېرىتىپ تاشلايدىغاندۇ؟

مەن قىشتا تۇغۇلغان،شۇڭلاشقىمىكىن،قىشنىڭ گۈلى بولغان ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن،لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان،ئۇچقۇنداۋاتقان،چاقناۋاتقان ئاشۇ قار گۈللىرىدە مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم،خوشاللىقلىرىم باردەك ھېس قىلىمەن.بۇنداق چاغلاردا تەبىئەت ئانام ماڭا تېخىمۇ سالاپەتلىك،تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنمىدۇ.ھەممە ياق ئاپئاق لىباسقا ئورالغان،كىشىلەر قەلبىمۇ خۇددى ئاشۇ قارلاردەك ئاپئاق تۇيۇلىدۇ.

ئېيتىڭا دوستۇم،سىزمۇ ئاقلىقتىنمپاكلىقتىن ئالەمچە ھوزۇر ئالىدىغانسىز-ھە!نۇرغۇن كىشىلەر قىش پەسلىنى يىلنىڭ ئاخىرىمدەل-دەرەخلەر يالىڭاچلىنىپ،تابەئەت گۈزەللىكىنى يوقاتقان پەسىل،دەپ قارىشى مۇمكىن.بىراق مەن ئۇنداق قارىمايمەن.قىش پەسلى ماڭا خۇددى يېڭى تۇغۇلغان يۇمران بوۋاقتەك تۇيۇلىدۇ.دوستۇم،سىزمۇ شۇنداق ھېس قىلىغىقغانسىز-ھە؟

ۋاقىتنىڭ ئاقار يۇلتۇزدەك ئېقىشى بىلەن مانا مەن كۈتكەن قىش پەسلى كېلىپ قالدى.كېلىڭ دوستۇم،مېھىر ئاپتىپى بىزنى ئىللىتسۇن،پاكلىق،پارلاقلىق بىزگە قۇچاق ئاچسۇن،بالىلاردىكى غەمسىزلىك،بىغۇبارلىق بىزنى باغلىسۇن،چۈنكى بۇلار خاسىيەتلىك قىشنىڭ بىزگە بەرگەن ئىنئامى،سوۋغىسى.



                                                          قارىغاي

                                             نۇسرەتگۈل مەمتىمىن


قارىغاي قىشمۇ ياز تىك قىيالاردا ياپيېشىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان،ھەر ققانچە ناچار شارائىتتىمۇ يەنىلا تىك تۇرالايدىغان،ئادەمگە ئۈمىد،جاسارەت بەخش ئېتىدىغان دەرەخ.

مەن دائىم باتۇرلۇق ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىنى تىلغا ئالغىنىمدا،قارىغاينى ئەسكە ئالماي قويمايمەن.چۈنكى قارىغاي ياش كۈنلىرى سۈيى كەمچىل،قاقاس جايدا،قىش كۈنلىرى ئاپئاق قارلار بىلەن قاپلانغان،تېمپراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان جايلاردا ئۆسسىمۇ،ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ بۇنداق جايدا ئۆسۈپ قالغانلىقىدىن ۋايساپ،قورۇلۇپ،سارغىيىپ كەتكەن ئەمەس.ئۇنىڭ يىلتىلىرى ئەمدىلا بىخ تاتقاندا،ئالدىغا ئۇچرىغان،ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كاشىلا بولۇۋاتقان ئاشۇ قورام تاشلارنىڭ كىچىك-كىچىك يۇچۇقلىرىدىن ئۆزىگە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ،يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يىلتز تارتىدۇ.

مەن ئادەتتە ئۆگىنىش قىلىپ چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا دائىم چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەرگە ياكى ياپيېشىل دەل-دەرەخلەرگە قاراب كۆزۈمنى ئارام ئالدۇراتتىم.قىش پەسلى كەلگەندە يېشىل دەرەخ،پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۈلەرگە قاراي دېسەم،ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ،زىمىستان قىشتا ئۆز زىننەتلىرىدىن ئايرىلغان بۇ بىچارە دەرەخلارگە قاراپ،كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.ىىيالىدا خۇددى ھەممە نەرسە زىمىستانغا ۋە زۇلمەتكە يۈزلىنىدىۋاتقاندەك ئىدى،قورقۇنچ ئىچىدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قايتا نەزەر سالدقم.خۇددى يىراقتىن بىرى ماڭا قول پۇلاڭلىتىۋاتقاندەك،ئۈمىدسىز كۆزلىرىم تۇيۇقسىز يىراقتىكى يېشىل رەڭلىك بىر نەرسىگە چۈشتى.ئۇ نېمىدۇ؟دەرەخمىدۇ؟مۇشۇ قەھرىتان سوغۇقتا...ياق،ياق،مۇمكىن ئەمەسد،دەپ پىچىرلاۇتتىم ئۆز-ئۆزىمگە.

قەدەملىرىم تەلپۇنۈش ئىچىدە ئالغا سىلجىماقتا ئىدى.مانا ئارىلىقىمىز بارغانسېرى قېيىنلاشناقتا.كۆزلىرىم مېنى ئالدماپرۇ،ئۇ راستىنلا بىر جۈپ دەرەخ ئىكەن.يۇپۇرماقلىرى يىڭنىدەك،قاياپىتى ئۆزگىچە،مەيلى ياز ياكى قىش بولسۇن ياپيېشىل باشېرىق تۇرىدىغان،ئۆز ھۆسنىنى پەسىلنىڭ مەيلىگخە بەرمەيدىغانباتۇر،قەيسەر قارىغاي ئىكەن.قەلبىمدىكى ئېيتىپ تۈگەتكىسىز ھاياجان ۋە شادلىق بايىقى ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئورنىنى ئالدى.چۈنكى زىمىستاندىكى بۇ قاقاس شەھەردە مەن قارىغايدەك بىر قەيسەر روھنىڭ ئۈن-تىنىسىز ياشاۋاتقانبلىقىنى كۆردۈم.

قارىغاي ماڭا توختىماستىن ياردەم قىلىپ كەلدى.ئۇ ماڭا باتۇرلۇقنى،جاپا-مۇشەقەتتىن قورقماسلىقنى،مۇشەققەت ئالدىدا باش ئەگمەسلىكنى،باشقىلار ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۆگەتتى.قارىغاي  ___--مەڭگۈ مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەن.


                                                                                                     ئاتام ماڭا شۇنداق دەيدۇ 
 
                                        رەيھانگۈل ئەخەت


مېنىڭ پەرىشتە سۈپەت چىرايلىق قىزىم،ئاتا مىراس نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىڭ:

ئەدەب-ئەخلاقلىق، شەرم-ھايالىق بولۇڭ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەڭ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەڭ، سىز باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا، ئىززەت كۆرىسىز،


ھەر قانداق چاغدا باشقىلارغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىڭ.كۆڭلى سۇنۇقلار تەبەسسۇمىڭىزدىن تەسەللى تاپسۇن، كۆپچىلىك سىزدىن مەمنۇم بولسۇن.


باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈڭ، دۈشمەنلىشىپ قالماڭ، بىر دوستىڭىز كۆپەيسە كۆپەيسۇن، ھەرگىزمۇ دۈشمىنىڭىز كۆپەيمىسۇن. ئەپۇچان، كۆكسى-قارنى كەڭ، ئاقكۆڭۈل بولۇڭ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ، يامانلىق قىلماڭ. باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ھەقىقىي ئىنساننىڭ ئىشى. ياشاڭ، ئەھمىيەتلىك ياشاڭ.


كەچۈرۈڭ ۋە كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈش _ كەچۈرۈشنىڭ بېشى، كەچۈرگۈچىنى باشقىلارمۇ كەچۈرەلەيدۇ. باشقىلارغا قەتئىي يامانلىق قىلماڭ، باشقىلارغا قارا سانىغۇچىلارنى ھېچكىم كەچۈرمەيدۇ. ئۇنداقلار ھامان ۋىجدان سوتى ئالدىدا جىنايەتكار ھېسابلىنىدۇ.

يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ.غەيرىي ياسانماڭ،تەبىئىي گۈزەللىك ھەقىقىي گۈزەللىك،ئۇيغۇرۇمنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى سىزدىن باشلانسۇن.

ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىز پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.خۇمار كۆزلۈك چىرايلىق قىزم،ئاتا مىراس،تېپىلماس بايلىق بولغان بۇ نەسىھەتلەرنى يادىڭىزدا چىڭ ساقلاڭ،ئۇنى ئۆزىڭىزگە مەڭگۈلۈك ھەمرا قىلىڭ ھەمدى بىر ئۆمۈر مەنىلىك،ئەھمىيەتلىك ياشاڭ،ئىنساپ،ئاددىيلىق بىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن.سۆزلىرىم قەلبىڭىزگە مۆھۈردەك ئورناشسۇن،سىزدىن مۇشۇلارنى كۈتىمەن ئەقىللىق قىزىم.


                                   روھىم،ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەن

                                           ئابدۇللا ئابدۇرېھىم


كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە ئادەم نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ،بەزىلەر بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا تىز پۈكۈپ تەسلىم بولسىمۇ،يەنە بىر قىسم كىشىلەر قىيىنچىلىقنى بويسۇندۇرۇپ،شان-شەرەپكە نائىل بوللايدۇ.بۇنداق ئادەملەر روھ بىلەن تەننىڭ ئورگانىك بىرىكمە ئىكلەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن.روھنى تەننىڭ ئۈستىگە قويالىغان كىشىلەردۇر.دېمەك،روھ _ تەننىڭ قوماندانىدۇر.

روھىم،ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەن:كىشىلىك ھايات مۇساپەمدە مەڭگۈ تېنىمگە قوماندانلىق قىلغىن.مېنىڭ تېنىمدە ھەر خىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىن.ئەل ئارىسىدا ياىشى ئوبراز تىكلىشىم،ھەر خىل قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمگە قوماندانلىق قىلغىن.

روھىم،ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەن:مېنىڭ روھىم ۋە تېنىمنى ئىلغار،مەدەنىي ئىللەتلەردىن قوغداپ،مېنىڭ ئەجدادلار روھىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يەتكۈزگۈچىسى،ۋارىسى بولۇشۇمنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىن ئەتكەيسەن.ئەجداد روھى ۋە ئەجدادلار گۈزەل ئەخلاقلىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈشكە مەدەت بەرگەيسەن.روھىم،ساڭا شۇنداق خىتاب قىلىمەن:مېنىڭ جىگەرلىك،غورۇرلۇق،ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ چىقىشىمغا يول كۆرسەتكەيسەن.ئادىللىق،سەمىمىيلىك،ئادالەت دەپسەندە قىلىنىشقا ئۇچرىغاندا،مېنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەققانىيەتنى ياقلاپ،زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشىمغا مەدەت بەرگەيسەن.

روھىم،:مېنى ئات يېمى غېمىدىلا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈيدىغان،ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يوقاتقان،مەۋجۇتلۇقىنى دۇنيا ۋە باشقىلار بىلمەيدىغان كىشى بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغايسەن!مېنىڭ ئات تىن ھەقىقىي ئات مىنگەن كىشى گە ئايلىنىشىمغا يار-يۆلەك بولغايسەن!...


                                         ھاياتقا مۇھەببەت

                                            شائىرە باسىت


  دۇنيادا ھەددى-ھېسابسىز،ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇندىكى كىتابلار بار.بۇ كىتابلارنىڭ ھەجىمى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ،لېكىن ئىنسان تىرىشسىلا ئوقۇپ تۈگىتەلەيدۇ.لېكىن ھېچكىم،ھەر قانداق قىلىپمۇ ئوقۇپ ئاخىرىغا يېتەلمەيدىغان بىر كىتاب بار.ئۇ بولسىمۇ ھاياتلىق كىتابى.بۇ كىتاب ئالدىدا ھەر قانداق دانانىڭ يازغىنى دېڭىزنىڭ بىر تامچىسىدەك،مەزمۇنى يەر شارى ئورمانلىقىدىكى خالاس.بىز ھاياتلىقنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.لېكىن ئىنسان ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن:«ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدا قانچىلىك ئىشلارنى قىلالىدىم؟ھاياتىمغا قانچىلىك مۇھەببەت بېرەلىدىم؟ھاياتىمنى قانچىلىك قەدىرلىيەلىدىم؟»دەپ سوراپ باقايلى.
ھاياتقا بولغان مۇھەببەت تەڭداشسىز قۇدرەتكە ئىگە مەنىۋى كۈچتۇر.لىدىيە.م.جىلىد مۇنداق دېگەن:«ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا،مۇھەببەت _مۆجىزە يارىتىدىغان كۈچ مەنبەسى.» شۇنداق ، ھاياتىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قارىساق، ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر نەرسىگە، ھەر بىر ئادەمگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بىلەن نەزىرىمىز بىلەن قارىيالىساق، شۇندىلا ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايمىز. ناۋادا كىشىلىك ھاياتقا مەسخىرە بىلەن قارىسىڭىز،ئۇ چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.
 تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە قاراڭ:باھارنىڭ مەيىن شامىلى، كۈزنىڭ سىم-سىم يامغۇرى، قىشنىڭ غۇبارسىز قارلىرى سەزگۈ بۇلاقلىرىڭىزنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ. مەخمەلدەك ياپيېشىل دالا، ئاپئاق تون كىيگەن چوققىلار، يۇلتۇزلۇق ئاسمان، ئاققۇدەك كۆكتە ئۈزۈپ يۈرگەن ئەركىن-ئازادە بۇلۇتلارنى تەرىپلەشكە تىل ئاجىز.
 خېللىن كېللىر بىر ئەما، لېكىن ئۇ بەزى كۆزى ئوچۇق ئادەملەر ھېس قىلىپ باقمىغان ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ھېس قىلغان. چۈنكى ئۇ ئەما بولسىمۇ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى سۇسلىشىپ قالمىغان، ئەكسىچە ھاياتنى كۆزى ئوچۇق ئادەملەردىنمۇ بەكرەك سۆيگەن.

ھاياتلىق بىر تەڭگىگە ئوخشايدۇ.بەخت بىلەن ئازاب ئۇنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىدۇر. ئىللىق،خىسلەتلىك نۇرىنى زېمىنغا سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتقان قۇياشنىڭ تۇتۇلۇپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. ئوخشاشلا ھاياتتا ئوڭۇشسىزلىققا ماڭدامدا ئۇچراپ تۇرىمىز. رەقىبلەرگە، دۈشمەنلارگە ئۇچرايمىز. ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، ھاياتقا كۈلۈپ قاراڭ.سىز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپ بەختلىك.
 جەمئىيىتىمىزدە ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار خېلىلا كۆپ. ئۇلارنىڭ ئاز ساندىكىسى ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ياكى باشقا يوللارنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ قىسىملىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ياكى جەمئىيەتنتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە يەنىلا ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاز قالغان ئۆمرىنى مەنىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. ھاياتلىق بىر چوڭ كىتاب، ئىنسان ھاياتىنى كىچىك بىر كىتاب دەپ قارىساق، بىر ئۆمرىمىزنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى تۇنۇپ يەتكىنىمىزدە بۇ بىر پارچە كىتابنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىمۇ ئوقۇلۇپ بولغان بولىدۇ.گېئورگى سانتايانا مۇنداق دېگەن:«ھايات ۋە ماماتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
 بىز ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ ئارىلىقىدا ياشايمىز.ماماتلىقنىڭ قاراڭغۇ سايىسىدە ھاياتلىقنىڭ رەڭگى شۇنداق يېقىملىق، شۇنداق پاك كۆرۈنىدۇ.» قىسقىغىنە ھايات كارتىنىمىزنى گۈزەل ئارزۇ-غايىلىرىمىزنىڭ مېۋىسى بىلەن، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىمىز، مەنىلىك ئىشلار بىلەن بېزەيلى.ئوڭۇشسىزلىققا ئوچراپ قالساقمۇ، ھەر بىر كۈنىمىزگە كۈلۈپ باقايلى. ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر نەرسىگە مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن قارايلى. چۈنكى دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. ھاياتنى قەدىرلەيلى، ھاياتنى سۆيەيلى، مېھىر-مۇھەببەت گۈللىرى خۇش پۇراق چاچسۇم!

koksangun 2011-05-21 01:12
ئانايۇرت ، سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز كىشىنى قايل قىلىدۇ ، ماۋۇ يوللىمىلىرىڭىز بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى . بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولغانكەن ، مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپ قىلساق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كۈندىن - كۈنگە ئاشىدۇ .
رەھمەت سىزگە !

tawpek 2011-05-21 11:21
بۇلارنى ئوقوپ سەل خىجىللىق باستى، مەن دەرىس بەرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ قىسقىسى دىيارىمىزدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق سەۋىيسى بەك تۆۋەن.

8 سائەت تولوق دەرىس ئورونلاشتۇرۇلغان، مۇزاكىرە يوق،دەرىسمۇ ناھايتى زىچ ئورونلاشتۇرۇلغان بىر دەرىسنى 2 سائەتتىن ئارتۇق ئورونلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، يىزىقچىلىققا يىتەكلايدىغان دەرىسنى 1 سائەت ئاران ئورونلاشتۇرالايمىز.
بۇ ۋاقىتتا ئوقوغۇچىلار ئاساسەن تاپشۇرۇق ئىشلايدۇ.

مورتۇم شىركىتىنىڭ بىسىپ تارقاتقان دەرىسخانا مەشىقى بىزدە ئۆلچەملىك تاپشۇرۇق ، 3 سىنىپقا دەرىس ئۆتسەك ھەر 2 كۈندە 3 قىتىملىق تاپشۇرۇق چىقىدۇ.150 تال دەپتەر ، ھەر بىر قىتىملىق تاپشۇرۇق 4-5 بەت كىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يىزىقچىلىق تاپشۇرۇقلىرى ئاساسەن يوق دىيەرلىك، بولسىمۇ ئوقوغۇچىلارمۇ ئىشلەپ بولالمايدۇ، ئوقوتقۇچىلارمۇ تەكشۈرۈپ بولالمايدۇ.
بۈگۈن بىرىلگەن تاپشۇرۇق چوقوم ئەتىسى تەكشۈرلۈپ بولىشى كىرەك بولمىسا بىر قىتىملىق تاپشۇرۇق مانچە پۇل،

ھەي دەپ كەلسەك گەپ جىق،

ozqan 2011-06-13 13:23
  ئانا يۇرت :   ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ  ماقالىلىرىنى مۇنبەرگە يوللاپ  قويغانلىقىڭىز  ئۈچۈن  ئۇلارغا  ۋاكالەتەن سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن .

ozqan 2011-06-13 13:39
  تەۋپىق  ئىنىم  خىجىللىق  ھېس قىلماڭ  بۇ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىچىدە سىلەر  تەربىيەلىگەن  ئوقۇغۇچىلارمۇ   بولۇشى مۇمكىن  ،  بۇ  ئوقۇغۇچىلار  مەكتىپىمىزگە   ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ  ھەرقايسى  جايلىرىدىن  قوبۇل  قىلىنغان  «ئىرادىلىكلەر »سىنىپىمىزنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى  . بۇ  سىنىپىمىزدا  ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ، ئەمما  ئۆگىنىش ئىرادىسى كۈچلۈك  ، نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلار  ھەقسىز  ئوقۇيدۇ  .

tawpek 2011-07-04 12:46
ئوقوتقۇچىنى كۆزگە ئىلماي پۇلىغا ئىشىنىدىغانلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن ئوقىيالمىغان.

بىلىمى  بار ياخشى ئوقوغانلارنىڭ ئىختىسادى يار بەرمەي تىخى ئوقويالمىغان.


500 ئوقوغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرسە ئۆرلەپ ئوقويدىغىنى 10 غا ئاران يىتىدۇ.


查看完整版本: [-- ئۈلگىلىك ماقالىلەر(3) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.023794 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us