查看完整版本: [-- بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-19 14:57
بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا
 
ئاپتۇرى:ئەخمەت ئىمىن
ئورمان
ئورمان. ئايدىڭ كېچە. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاندا – مۇندا ئەسكەنشامالدىن شىرىقشىپ قويىدۇ. ئاي نۇرى ئالدىمدىكى بىر پارچە چىملىقنى سۇسيورۇتۇپ تۇرىدۇ. بىر يەرلەردە ئالا سايە، نېرىسى سۇس قاراڭغۇچىلىق؛ بىريەرلەردە قارا سايە، نېرىسى قاپقاراڭغۇچىلىق.
«ھۇۋ » تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇ نېمە ئاۋازدۇ؟

بوراننىڭ ھۇۋۇلدىشىمۇ؟ ياق، ئوخشىمايدۇ! پىلنىڭ ۋارقىرىشىمىدۇ؟ ياق، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ!
«ھۇۋ »، «ھۇۋ » ئاۋاز كۈچەيدى.
توۋا، خۇددى جىن – ئالۋاستىلار دەل – دەرەخلەرنىڭ كەينىگە مۆكۈپتۇرغاندەك، ھېلىلا ئۇياقتىن – بۇياققا يۈگۈرىدىغاندەك ياكى ئاقۇش بەستىبىلەن سۈرلۈك سايە تاشلاپ يوپۇرۇلۇپ ئۇچىدىغاندەك، بىر بولسا شامالداقالغان ئىنچىكە شاخلاردەك ئىرغاڭشىپ، بىر بولسا كارىكاتورىلاردىكى مەستبولغان پىل سىياق تولغىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغاندەك بىر كۆرۈنۈش كۆزئالدىمغا كېلىۋالدىغۇ!؟
مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم، كۈچەپ چايقىدىم، كۆز ئالدىمدىكى خىيالىيمەنزىرە يوقالدى، لېكىن ئەتراپىمدا شىپىرلىغان بىر خىل ئاۋاز پەيدا بولدى. مەن ئەتراپىمغا قارىدىم، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قارىدىم، ھېچ نەرسە يوق؛ كەينىمگە قارىدىم، ئوخشاش، ئالدىمغا قارىدىم، يەنە ھېچ نەرسە يوق، سوليېنىمدىمۇ شۇ. ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم، چاتقاللىق ئىچىدىن كۆزۈمگەپىلىلدىغان بىر نەرسە كۆرۈندى. مەن ئۇ نەرسىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ چوغدەكيېنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ تېنىم جۇغۇلدىدى، تەرلىدىم. مەندە ئۇنىڭ نېمىنىڭ كۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشقۇدەك جۈرئەتقالمىغانىدى. دەرھال ئۆزۈمنى چېدىرىمغا ئالدىم، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىشىكنىمەھكەم ئېتىپ ئىچىدىن تاقاق سېلىپ قويدۇم. نېمىلا دېگەن بىلەن ھوشياربولغان يەردە بالا يوق – دە!
چېدىر ئىچىدە
چېدىر ئىچى. چاڭغىراققا تىكىلگىنىمچە كۆككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. كۆكتىكى ئاي پەرىشان ھالىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك، ماڭا مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. يۇڭ – كاشايىپلار چېدىرنىڭ كەرەگە – ئوۋۇقلىرىنى مەھكەم چىرماپ تۇرغاندەك، مېنىڭ كاللامنىمۇ ھەر خىل خىياللار چىرمىۋالغان. قانداق قىلساممۇ ھېلىقى بىرجۈپ كۆز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. نېمىدېگەن سۈرلۈك كۆزلەر – ھە! چوغدەكيېنىپ تۇرۇشلىرىچۇ!
كۆزلەر! كۆزلەر !
تەڭرىم، مەن كۆزلەردىن: سۈر يېغىپ تۇرغان كۆزلەردىن، مەككارلىق، پىتنىخورلۇق چاقناپ تۇرغان كۆزلەردىن، نەپسانىيەت، شۇملۇق تۆكۈلۈپ تۇرغانكۆزلەردىن، ھەسەت ۋە ۋەھشىيەت ئويناپ تۇرغان كۆزلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، بۇ ئادەمسىز دالىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمىدىم؟! راست، مەن بايامقى كۆزدىنسۈردىن بۆلەك نەرسە ھېس قىلمىدىم، لېكىن كۆز مۇھەببەت ھېس قىلدۇرالمىغانكۆز نەئۈچۈنكى ساڭا باشقا كۆزلەرنىمۇ ئەسلىتىپ قويىدىكەن.
مەن جىق ئويلىدىم، ئۆزۈم ياشىغان، مەن بىزار بولغان مۇھىتنى ئويلىدىم، ئەمدى مەن ياشايمەن دەپ كەلگەن بۇ مۇھىتنى ئويلىدىم. خىيالىم يەنە بايامقىبىر جۈپ كۆزگە مەركەزلەشتى.
ئۇ ئەتراپىمدا نېمە قىلىدىكىنە؟
بۇ سوئالىمغا جاۋاب ئىزدەپ چېدىر ئىچىگە ئەلەڭلەپ قارىدىم، تۈڭلۈككەقارىدىم. ئاي ماڭا يەنە مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. كىچىك يۇلتۇزلار كۆزىنىچىمچىقلىتىپ ھەيران، چوڭ يۇلتۇزلار يەنە ھېلىقى كۆزلەرنى ئەسلەتكەندەكيېنىپ تۇرىدۇ خىيال دولقۇنلىرىدا تولا تاسقىلىپ ھارغان بولسام كېرەك، ئاخىركۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندى.
تاڭ
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئويغاندىم، تۈڭلۈككە قارىسام، تاڭ گىرىمسەن سۈزۈلۈپتۇ. سۈبھى چېغى دەپ ئويلاپتۇرۇۋېدىم، چاڭغىراق چېتىدىن كۈچلۈك بىر نۇر ۋاللىدە چاقنىدى، ھەش – پەشدېگۈچە ئۆينى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن كۈچلۈك نۇردىن قاماشقان كۆزلىرىمئىختىيارسىز يۇمۇلدى، كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ زورىغا ئاچتىم. ھويكۆزلىرىمنى جامدەك ئېچىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم. ئالدىمدا نۇر قوتىنىنىڭئىچىدە كۆك ياللىق بىر بۆرە تۇراتتى. قېتىپلا قاپتىمەن، قانچىلىك ۋاقىتقېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر ئاۋازدىن ئېسىمگە كەلدىم، بۇ ئاۋاز دەلئالدىمدىكى بۆرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ ھۇۋلىغانىدى. بۇ ھۇۋلاش ئاخشاميىراقتىن ئاڭلانغان ھېلىقى ھۇۋلاش ئاۋازىنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىگەقارىدىم، ئۇنىڭ كۆزى يېنىپ تۇراتتى. بۇ ئاخشام چاتقاللىقتا كۆرۈنگەنھېلىقى كۆزنىڭ ئۆزى ئىدى، لېكىن سۈرلۈك ئەمەس ئىدى. توۋا، ئۇنىڭكۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك چىقمايدىغۇ؟ مۆلىلدەپ تۇرغىنى ئۇنىڭدىكىسەمىمىيلىكمىدۇ؟ كۆزلەرنىڭ دەقىقىلىك ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇ كۆزىنىمەندىن ئەپقاچتى، نېمىشقىدۇر، بىلمىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆزۈمگەئىسسىققىنا كۆرۈندى. توۋا، بۇ «قۇياش بولۇپ كىرگەن، كۆك بۆرە بولۇپ چىققانئىشق»نىڭ مۇھەببەتنىڭ كارامىتىمىدۇ؟ مەن يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قارىمىدى. بۇ ئۇنىڭ «سەمىمىيلىكنى كۆزلىرىمدىنئەمەس، ھەرىكىتىمدىن كۆر» دېگىنىمىدۇ ياكى ئىنساننىڭ سىنچى كۆزلىرىنىنەزىرىگە ئىلمىغىنىمىدۇ؟!
ئۇ مېنى كەينىدىن مېڭىشقا ئىشارە قىلدى. تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ھېلىقىنۇرنىڭ خاسىيىتىدىن بولۇۋاتامدۇ ياكى ئۇنىڭ كۆزىدىكى نۇر مېنى سېھىرلەپقويدىمۇ، بىلمىدىم، ئىشقىلىپ، ئىختىيارلىق چۇلۋۇرۇمنى ئۇ بۆرىنىڭ قولىغاتۇتقۇزدۇم.
بۆرە كەينىدىن
كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپكېتىۋاتىمەن. ئورمانلىقتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ قىرغا قاراپ ماڭدى. مەنئۆزۈمچە توختاپ قالدىم، كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك مېنىڭ پىكىر دائىرەمنىئېچىۋەتكەندەك قىلاتتى. مەن نەگە كېتىۋاتىمەن؟ نېمىنىڭ كەينىدىنكېتىۋاتىمەن؟
مەن ئۇ بۆرىگە كەينىدىن قارىدىم. ئۇنىڭ كۆك رەڭگى ئاسمان ئېتىكىدەخۇددى كۆك بايراقتەك كۆزۈمگە تاشلاندى. نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن، تەسەۋۋۇر ئېكرانىمدا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر تېز – تېز ئالمىشاتتى. يۈزىكۆپكۆك تۇغۇلغان بوۋاق ئورمانغا چۈشكەن كۆك نۇر دەرەخ كاۋىكىدا پەيدابولغان پەرىزات، ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى كەڭرى كەتكەن كۆكلىمەيدان كۆك ئاسمانكۆك تەڭرى مەن خىيال قۇچىقىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ ئالدىمغا قارىغىنىمدا، ھېلىقى «بايراق»نىڭ خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆك تەڭرىنىڭقۇدرىتىدىنمۇ، بىلمىدىم، دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. مەن ئۇنىڭغايېتىشىۋالغىنىمدا، ئۇ بىر بۆرە ئەمەس، بەلكى بىر توپ بۆرە سۈپىتىدەكۆزۈمگە تاشلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، ئاستا ئېچىپ قاراپباقتىم، ئۇۋىلىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم، ھەتتا بېشىمنى سىلكىۋېتىپمۇ قاراپباقتىم. ئالدىمدا ھەقىقەتەن بىر توپ بۆرە تۇراتتى. توۋا، بۇ نېمە ئىش؟ ئادەملەر توپىدىن قېچىپ چىققانىدىم، ئەمدى كېلىپ بۆرە توپىغا كىرىپقالغىنىم نېمىسى؟
بۆرىلەر بىلەن ئويناش
بىر چاغدا ئۆزۈمنى بىر توپ بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆردۈم، ئۇلار مېنىئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، تاقلايتتى، بەزىدە تېخى يۇمۇلاپمۇ قوياتتى. مەنبولسام، چەمبەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدەك قېتىپلا تۇراتتىم.
ھېلىقى بۆرە ماڭا ئىشارە قىلدى. مەن ئۇنىڭ قۇدرەتلىك سېھرى بىلەنئويۇنغا چۈشتۈم: قاتارغا كىرىپ چۆرگىلىدىم، سەكرىدىم، موللاق ئېتىپمۇقويدۇم، لېكىن ئۇلار مېنى پات – پات مەركىزىي نۇقتىغا چىقىرىپ قوياتتى. مەنجايىمدا پىرقىرىغىنىمچە، بىلەكلىرىمنى ئوينىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، تۇرۇپ – تۇرۇپ بارماقلىرىمدىن قاس چىقىرىپمۇ قويىمەن ئويۇننىڭ قىزىقى ئاجايىپبولىدىكەن، بىرئازدىن كېيىن مەندىكى قورقۇنچمۇ، ئەندىشىمۇ، ئىككىلىنىشمۇ، ياتسىراشمۇ يوقىلىپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئەزادەكلا ھېسقىلىپ قالدىم.
بىرئازدىن كېيىن مېنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقى بۆرە ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا بۆرىلەر بىر سۇر بۆرىنىڭ كەينىگە تىزىلدى. ئىككى بۆرە ئاللىقانداقبىر ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ئىككىسى بىر – بىرىگە ئۇدۇل ھالدا بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا تاشلىنىشتى؛ سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرمۇ ئالدىدىكى بۆرەقاياققا تاشلانسا، شۇ ياققا تاشلىناتتى. بۇ ماڭا «قارا – قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئەسلەتتى. مەنمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇۋالدىم، مەنئۇياققا – بۇياققا سەكرەپ تۇرۇپ ئىچىمدە ئوقۇيتتىم:
ئاللا – ئاللا، قۇشناچىم
ئارقىڭدىكى نېمىلەرىڭ؟
قارا – قارا قۇشلارىم.
ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ،
كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ.
قوشاق ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەپنىڭ سىلجىش دائىرىسىدىن چەتتەقالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مېنى ئەكەلگەن بۆرە ئۇدۇل ماڭا تاشلاندى. «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دېگەن ماقال گۈپپىدە ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر بۇبۆرىنىڭ ماڭا دوستانىلىقى بولمىغان بولسا، بۇ ماقال مېنىڭ شۇم قىسمىتىمدەئۆز ئىسپاتىنى تاپقان بولماسمىدى!؟ خەيرىيەت، ئۇ بۆرە مېنى يەۋەتمىدى، بەلكى كەينىگە قوشۇۋالدى.
ئويۇن خېلى داۋاملاشتى، سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرنىڭ بىرسىمۇسەپتىن بۆلۈنۈپ كەتمىدى، مېنىڭ كەينىمگىمۇ يېڭى ئەسىر قوشۇلمىدى. ئويلاپباقسام، بۇ بۆرىلەرنىڭ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بۆلۈنۈپ كەتمەسلىك، ھەرقانداق چاغدا كوللېكتىپنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنقىلىۋاتقان مەشىقى ئىكەن. بۆرىلەر بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىردەكلىكىنىنامايان قىلدى، مەن بولسام ئىنسانلىقىمنى قىلدىم.
ھۇجۇم
مەن بۆرىلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە، ھەممىگە زەن سېلىپكېتىۋاتىمەن. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىر توپ كالىغا ئۇچراشتى. مەن ئۇلارنى «كالىلارغا ھازىرلا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇنداقبولمىدى. ئۇلار پايلاپ يېتىشتى. مەن بىر دەرەخنىڭ دالدىسىدا تاماشا كۆرۈپئولتۇردۇم. كالىلار بۆرىنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالغان بولسا كېرەك، دەرھال بىريەرگە غۇژمەكلەشتى. بۆرىلەر ئۇلارنى قورشاپ كەلدى، كالىلار قېچىپ كېتىشكەكۆزى يەتمىگەنمۇ قانداق، دەرھال بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا ئۇدۇل يۈزلەندى: ھەممىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپى بىر يەردە، مۈڭگۈزلىرى بۆرىلەر تەرەپكە نەيزىدەكچىقىپ تۇراتتى. بۆرىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى، بىرەرسىمۇھۇجۇمغا ئۆتمىدى، ئايلىنىۋەردى. مەن بۆرىلەردىكى سەۋرچانلىققا ھەيرانقالدىم. كالىلار بولسا تۇياقلىرى بىلەن يەرنى چاپچىپ، بۆرىلەرگە ھوشيارلىقبىلەن تىكىلەتتى. بۆرىلەرمۇ ئۇلاردىن كۆز ئۈزمەيتتى. ئاخىر بۆرىلەركالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم ئېتىلىپ باردى، لېكىن كالىلار سېپىنى بۇزمىدى، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئېتىلىپ باردى، كالىلار يەنىلا غۇژمەك ھالىتىنى ساقلىدىبۇ خىل ئەھۋال يەتتە – سەككىز قېتىم داۋاملاشتى. بۆرىلەر يەنىلا نەتىجىگەئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۆرىلەر كەينىگە چېكىنىپ ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپكەتتى. مەن بۆرىلەرنى «مەغلۇبىيىتىگە تەن بەردى» دەپ ئويلىدىم. كالىلارمۇشۇنداق ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزلىرىنىڭ ھالقىسىمان مۇداپىئە ھالىتىنىبۇزۇپ بەھۇزۇر يايلاشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا ئىككى بۆرە چېچىلىپ يۈرگەنكالىلارنىڭ ئارىسىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن كالىلارچۆچۈپ كەتتى. مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇلار ئۆز ئالدىغا قېچىشقا باشلىدى، باشقا بۆرىلەرمۇ تەرەپ – تەرەپتىن ئۇلارغا يوپۇرۇلدى. شۇ قاچ – قاچتا مەنكالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ پۇتى ئاقساق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۆرىلەر قېچىۋاتقان باشقا كالىلارغا يول بېرىپ، ھۇجۇم نىشانىنى ھېلىقىئاقساق كالىغا مەركەزلەشتۈردى. بىر بۆرە ئۇ كالىنى كەينىدىن چىشلىدى، كالائېچىنىشلىق مۆرىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، يەنە بىر بۆرە كېلىپ ئۇنىڭبوينىنى قاسىۋەتتى، كالا بوينىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، ئۈچىنچى بۆرە كېلىپ ئۇنىكەينى پۇتىدىن چىشلەپ يىقىتتى، شۇنىڭ بىلەن باشقا بۆرىلەرمۇ بىراقلايوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
مەن بۆرىلەرنى قەيسەر ئىكەن، دەپ قارىدىم. يەتتە – سەككىز قېتىملىقئۇرۇنۇشتىمۇ ئۇتۇقلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، مەن قانداق قىلار ئىدىم؟ جەزمەن نىيىتىمدىن يانغان بولاتتىم، لېكىن بۆرىلەر ئۇنداق قىلمىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگۈچە زادى بولدى قىلمىدى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتىكى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە ماسلىشىشىچۇ تېخى، ئۈنسىز – داۋراڭسىز، ھەربىرى بۇ ھۇجۇمدا قانداق رول ئويناشنى، قايسى نۇقتىدىن ئۆزكۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلدى.
ئۇيۇشقان كۈچ چېچىلاڭغۇ كۈچنى يەڭدى. ھۇجۇمدا بىرەر بۆرىمۇ ئۆزۈمچىلىكقىلمىدى، غەلىبىدىن كېيىن بىرەرسىمۇ شۆھرەت دەۋاسى قىلمىدى، ئۆزىگەتەمەننا قويمىدى، ھەربىرى «مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك» دەپ قارىدى. مەنئويلىنىپ قالدىم: ئەگەر مەنمۇ ئۆز جامائىتىم ئىچىدە ئاشۇنداق ئۈنسىزماسلىشىشنى بىلگەن بولسام، باشقىلارمۇ شۇنى بىلگەن بولسا، ئۇ چاغدائىنساننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان مەقسىتى بولماس ئىدى چوقۇم!
پاتقاقلىقتا
مەن يەنە بۆرىلەر توپىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە زەن سېلىپ، زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن.
بىر چاغدا بىر پاتقاقلىققا كىرىپ قالدۇق. پاتقاق يولدا مېڭىشھەقىقەتەن قىيىن، بولۇپمۇ ئالدىدا ماڭغۇچى ئۈچۈن نەقەدەر تەسلىكى كۆزگەكۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش. ئەڭ ئالدىدا بۆرىلەرنىڭ سەردارى يول ئېچىپ ماڭدى، خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ھارغان بولسا كېرەك، سەپتىن چەتكە چىقىپ تۇردى. ئۇنىڭ كەينىدىكى بۆرە توپىنى باشلاپ كېتىۋەردى. سەردار بۆرە مەن ئۇنىڭئالدىغا يېقىنلاشقاندا مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدى. ئەمدى ئۇ بىر بۆرىنىڭمۇسەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگەئالغانىدى. بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن سەپتىن يانغا چىقىپ، بالا بۆرىلەر يېقىنلاشقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ ماڭدى. ئەمدى بېشىداكېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىگە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپھەممىسى نۆۋەت بىلەن يول ئېچىپ ماڭدى، كۈچ كۈچكە ئۇلىنىپ تۇردى، يولمۇناھايىتى ئاۋۇشلۇق بولدى. دېمەك، بۆرىلەر توپىدا جاپانى بىرىگىلا ئىتتىرىپقويىدىغان، ھەممىدە بىرىگىلا ئارتىلىۋالىدىغان ئىش يوق ئىكەن. ئۇلار بىر – بىرىگە تايىنىدىكەن، ماسلىشىدىكەن، ھەمكارلىشىدىكەن. مانا سادىقلىق دېگەن! بۆرە بىزچە ئاڭسىز ھايۋان ئىدى، خوش، ئۇنداقتا، ئۇلاردىكى بۇ ئاڭ نەدىنكەلدى؟ ئىنسان ئاڭلىق ھايۋان ئىدى، لېكىن ئىنسان كوللېكتىپىنىڭ ھەممەئەزاسىدىلا ئاشۇ ئاڭ بارمۇ؟
مەن بۆرىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن، سەردار بۆرە مېنىڭ ئىزىمنىبېسىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن خۇددى بۆرىدەك، ياكى بولمىسا، ئۇلار خۇددى ئادەمدەك، تولىمۇ ئىناق كېتىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈمنى بۆرىگە ئوخشاتقىنىمدا، بۇئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى مۇشۇ سەپەردىن تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىئادەمگە ئوخشاتقىنىمدا ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى تولۇق دېگىلى بولارمۇ؟ بۆرىلەرنىڭ بۇ توپىدا سۇر رەڭلىكلىرىمۇ، قوڭۇر رەڭلىكلىرىمۇ، كۈمۈشرەڭلىكلىرىمۇ، ئوچۇق سېرىق، ھەتتا قىزىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، لېكىنرەڭلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن، ئىنسانلاردىچۇ؟ ئۆڭىنىڭ ئاق، قارا، سېرىق دېگەندەك بىرنەچچە خىلغابۆلۈنگەنلىكىمۇ خېلى بىر يىللارغىچە ئۇلارنىڭ ئىناقسىزلىقىنىڭ سەۋەبچىسىبولۇپ كەلگەنىدىغۇ!؟
ۋاي، بۇ نېمە ئىش؟
بۆرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر بۆرە خېلىدىن بۇيان مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپتۇراتتى. ئۇ تۇرۇپ – تۇرۇپ توپتىن قېپقالاتتى. باشتا بۆرىلەر ئۇنى ساقلاپتۇرۇپ ياكى يېنىغا بېرىپ، ئۇنى تۇمشۇقلىرى بىلەن پۇرايتتى، يالايتتى، پەنجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ياللىرىنى سىلاپ قوياتتى، ئاخىر ئۇنى قاتارغا ئېلىپماڭاتتى.
پاتقاقلىقتىن ئۆتۈپ خېلى بىر مۇساپىدىن كېيىن بىر چاتقاللىقتاتوختىدۇق. دەل مۇشۇ چاغدا مەن ئۇ بۆرىنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغانلىقىنىسەزدىم. مەن باشقا بۆرىلەرنىڭ ھەتتا مېنى تۇنجى كۆرگەندىمۇ ماڭا بۇنچىلىكتىكىلىپ قارىغانلىقىنى بايقىمىغانىدىم. تۇيۇقسىز، ئۇ بۆرە ماڭا قاراپخىرقىرىدى، يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى. ئۇ ماڭا ئۇشتۇمتۇت تاشلاندى، قانداقلارچە ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىمنى سەزمەي قاپتىمەن. كۆز ئالدىمدائۇ بۆرىنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشلىرى، ساڭگىلىغان تىلى، قان تولغانكۆزلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە يوق ئىدى. شۇ ئارىدا يۈز – كۆزلىرىمگە، باش – بويۇنلىرىمغا قۇيرۇق، يۇڭ – مويلارنىڭ قالايمىقان تېگىۋاتقىنىدەك بىرئەھۋالنى سەزدىم بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بۆرىلەر بىر چەتتە ئوپۇر – توپۇر بولۇپ كېتىپتۇ. زەن سېلىپ قارىسام، ھېلىقى بۆرىگە ھەممە بۆرە تەڭلايوپۇرۇلغانىكەن. بىر چاغدا ھېلىقى بۆرە يارىلانغان ھالدا دالىغا قاراپقاچتى. ئۇنىڭ يۈگۈرگەن چاغدىكى قىسىلغان قۇيرۇقىلا كۆز ئالدىمدا قاپتۇ. مەنئورنۇمدىن تۇردۇم. ھېلىقى بۆرە مېنى قاساشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. مەن ئەمدىباشقا بۆرىلەردىنمۇ خەۋپسىرەپ تۇرۇۋېدىم، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭشىتىپئەتراپىمدا ئايلانغىلى تۇردى. ئۇلار ماڭا قارىمايتتى، باشلىرىنى يەرگەقاراتقان ھالدا مېنى ئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، چۆرگىلەيتتى. مەن بۇنى «ئۇلارنىڭ خىجالەت بولۇۋاتقىنى» دەپ ھېسابلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئويلاپباقسام، ھېلىقى بۆرە ئەسلىي كېسەل ئىكەن. كېسەل قاتتىق تۇتقاندا، ئۇتەبىئىتىدىن ئاينىپ ماڭا ھۇجۇم قىلغان. دېمەك، بۆرە تەبىئىتى بويىچەئادەمگە چېقىلمايدىكەن، چېقىلمىغان ئادەمگە ھەرگىز چېقىلمايدىكەن، لېكىنبىزچۇ؟
گۈلخان ئەتراپىدا زۇلمەت
يىراقتىن گۈلخان يورۇقى كۆرۈندى. قاراڭغۇلۇقتىكى بۇ نۇرلۇق شولا مەندىنشۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر تۇيغۇغا چۆمدۈردى. مەنگۈلخانغا قاراپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. بۆرىلەرمۇ مېڭىشىنى ئىتتىكلىتىپيەڭگىل يورغىغا چۈشتى. ئەمدى ئۇلارغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈمگەتوغرا كەلدى. گۈلخانغا يېقىنلاشقاندا بۆرىلەر يورغىسىنى شاپپىدە توختاتتى. مەنمۇ يۈگۈرۈشتىن توختىدىم. ئۇلار گۈلخانغا بىر قىسمىلا قارايتتى، كۆزلىرىئوت يورۇقىدا خۇددى يېنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۆرىلەر گۈلخاندىن يىگىرمە – ئوتتۇز قەدەمچە نېرىدا يېرىم ھالقىسىمان پىرقىراشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادائاسماندا ھىلال ئاي پەيدا بولدى. بۆرىلەر كەينىگە داجىغان ھالدا ئايغاقاراپ تەلمۈردى. ئۇلار دەم ئوتقا، دەم ئايغا قارايتتى. بىر بۆرە ھۇۋلىدى، كەينىدىنلا ئۇنىڭغا يەنە بىرى، ئۇلىشىپلا يەنە بىرى، ئارقىدىن ھەممىسىقوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى. ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس ئاۋاز، لېكىن ھەممىسىلا بىرئاھاڭدا ھۇۋلايتتى. ئۇلارنىڭ ئاھاڭى ماڭا تولىمۇ مۇڭلۇق بىلىندى. ئۇلارنېمىشقا مۇڭلىنىۋاتقاندۇ؟ ئاينىڭ مۇڭلۇق ھالىتىگە قاراپمۇ؟
بىرئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۇۋلىشى ماڭا ئەنسىز بىلىندى. ئۇلارغا نېمەئەنسىز تۇيۇلۇۋاتقاندۇ؟ ئوتمۇ؟ كۆكتىن چۈشكەن چېقىن، كۆيگەن ئورمان، كۈلبولغان ئىن – ئۇۋا، بىخسىپ كۆيگەن تاپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغاكېلىۋالغانمىدۇ؟ ياكى
«پاڭ – پۇڭ » تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرى خىيالىمنى چورتتىدەبەلدىن ئۈزۈۋەتتى. ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە، يېنىمدىكى بىر بۆرىنىڭ گۈپپىدەيەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىختىيارسىز كەينىمگە داجىدىم. داجىغاندىمۇ خېلى داجىدىم. كەينىمگە بۇرۇلمىغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغىنىمدا، «داجىدىم» دېگەندىن كۆرە «قاچتىم» دېگىنىم تۈزۈك ئىدى. لېكىن، بىر بۆرەئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ھېلىقى يىقىلغان بۆرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. «پاڭ – پۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن ئۇ بۆرىمۇ قەددىنى رۇسلىيالماي يېتىپقالدى. كەينىدىن يەنە بىر بۆرە يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا قاراپيۈگۈردى. مەن شۇ چاغدىلا چۈشەندىم: بۆرىلەر ئوق تەگكەن قېرىنداشلىرىنىقۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇرۇۋاتاتتى. مەن كەينىمگەداجىغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم – دە، ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈردۈم، ئەپسۇس، مەن بېرىپ بولغۇچە ئۈچىنچى بۆرىمۇ ئوق يەپ يىقىلدى. مەن يىقىلغانبۆرىلەر بىلەن يۈگۈرۈپ كەلمەكچى بولغان بۆرىلەرنىڭ ئارىلىقىغا كىرىپتۇرۇۋالدىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا تىرىك بۆرىلەرگە گويا: «سىلەر ئۆلۈمئارقىلىق ئار – نومۇسسىز مەلئۇنلارنى نىيىتىدىن ياندۇرالمايسىلەر. قۇربانبېرىش پەقەت ۋاپا – ساداقەت ئەقىدىسى ئالدىدا تەسىرلىنىشنى بىلىدىغانلارغىلائۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ» دەۋاتاتتىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا قوراللىقلارغا: «ئاتساڭلار مانا مېنى ئېتىڭلار. نەزىرىڭلاردا مەن بىر ئەرزىمەس ئادەمقاتارىدا ئۆلسەممۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئەسلىي بۆرە قاتارىدا ئۆلدۈم، دەپھېسابلايمەن» دەۋاتاتتىم. قوراللىقلار ماڭا پوپوزا قىلىپ ئاسمانغا قارىتىپبىرنەچچە پاي ئوق ئاتتى. مەن جايىمدىن مىدىرلىمىدىم. بۆرىلەر مەقسىتىمنىچۈشەنگەن بولسا كېرەك، كەينىگە داجىپ – داجىپ تۈن قاراڭغۇلۇقىدا غايىببولدى. مەن بۆرىلەرنى قاچۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ھاياجاندا قىزىغان قانلىرىمئاستا – ئاستا سوۋۇدى. قانداقتۇر بىر ئادەملەرنىڭ چۇقانلىرى، دەرەخلەرنىڭقايرىلىپ سوقۇلۇشلىرىدىن چىقىۋاتقان پاراس – پۇرۇسلار، يارىلانغانبۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى، گۈلخان ئوتىنىڭ چاراسلاشلىرى كاللامدائەكس ئەتتى. مەن ئەسلىمگە كەلگەندە، بىرنەچچە قوراللىق ئادەم يىقىلغانبۆرىلەرنىڭ تېرىلىرىنى تېنىدىن ئايرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇكەلمىدى. كۆزۈم پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈنى ئۆچكەن مىلتىقىدا، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭقېنىغا بويالغان پىچىقىدىلا ئىدى. مىلتىقلىرىنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇلارنىئېتىۋەتكۈم كەلدى، پىچاقلىرىنى تارتىۋېلىپ قانلىرىنى بۆرە قانلىرىغاقوشۇۋەتكۈم كەلدى. لېكىن مەن ئاجىز ئىدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا نېمىلەرنىدېگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، بىلگۈممۇ كەلمىدى. قاچان كەتتى، قانداق كەتتى، قارىغۇممۇ كەلمىدى. بىر چاغدا قارىسام، گۈلخان ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. قانداق قىلساممۇ ئىللىيالمىدىم، مۇزلىغان قەلبنى ھەرقانداق ئوتمۇئىللىتالمايدىكەن. يېنىۋاتقان ئوتقا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپتىمەن، ئولتۇرۇپتىمەن، ئاخىر لاۋۇلدىغان ئوتلارمۇ ئۆچۈپتۇ، كۈل ئاستىداپىلىلداۋاتقان چوغدىن كۆزۈمنى يۆتكەپ قارىسام، شەرق تەرەپ چوغ قىزىللىقىغاچۆمكەلگەنىكەن.
مۇقەددەس ئەستىلىك
ئورنۇمدىن تۇردۇم، تېرىسى سويۇپ تاشلىۋېتىلگەن بۆرىلەرنىڭ قىپقىزىلتېنىگە قاراپ ئۆزۈمنى خۇددى قان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. گويا پۈتۈنئەتراپ قىزىللىق ئىچىدە، ھاۋادىنمۇ پەقەت قان ھىدى كېلىۋاتقاندەك. مەن شۇتاپتا ئاللىقانداق بىرسىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەپىلەشمەكچى بولغانجەرراھمۇ ياكى گۆشنى ئېپى – جېپى بىلەن پارچىلىماقچى بولغان قاسساپمۇ ۋەياكى ئەسەبىيلىشىۋاتقان جاللاتمۇ، بىلمىدىم، يانچۇقىمدىن كىچىككىنە بەكەمنىچىقاردىم. بېرىپ بىر بۆرىنىڭ پېيىدىن ئازراق كېسىۋالدىم، ئوشۇقىنىمۇئەپچىللىك بىلەن چىقىرىپ، شوينىغا چىگىپ بوينۇمغا ئاستىم، ئاندىن نەمخۇشيەرنى قوللىرىم بىلەن كولاپ ئازگال ئېچىپ، بۆرىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆمدۈم. بۆرىدىن ئالغان مۇقەددەس ئەستىلىكنىڭ ئورنىغا بەكەمنى دۆۋىلەنگەنتۇپراقنىڭ ئۈستىگە سانچىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ كۆككە قاراپدۇئا قىلدىم، كۆزۈمدىن ياش ئاقتى، بۇ ياش تىرناقلىرىمدىكى قاننى يۇيۇپئاقتى. قان – ياشلىرىم تۇپراققا چۈشتى. مەن كۆك تەڭرىدىن تىلىدىم: ئەيقۇدرەت ئىگىسى، مېنىڭ مۇشۇ قان – ياشلىرىمدىن گۈل – چېچەكلەر ئۈنگەي، مۇشۇناتىۋان، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قەبرىسىنى مەڭگۈ – مەڭگۈ گۈلگە پۈركىگەي!
قانغا پاتقان قىشلاق
كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن، ئوڭ – تەتۈر دەسسەپ كېتىۋاتىمەن. نېمەئويلاۋاتىمەن، قەيەرنى نىشان قىلىپ كېتىۋاتىمەن، بىلمەيمەن. كەينىمدەيېشىلچىلىقلار قالدى، چۆل – جەزىرىلەرمۇ قالدى، يەنە ئالدىمدا يېشىلچىلىقبىر چاغدا «كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەندەك بىر سادا زاھىر بولدى، ئوچۇق كۆزلىرىمنىھەقىقىي تۈردە ئاچتىم. قارىسام، كۆز ئالدىمدا بىر دەھشەتلىك مەنزىرە: كەپىلەر بىلەن چاتقال دەرەخلەر كۆيۈۋاتقان، كالىلار ئېچىنىشلىق مۆرەۋاتقان، قويلار مەرىشىپ ئۇياق – بۇياققا قېچىۋاتقان، ئۇ – بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدائادەم جەسەتلىرى سۇنايلىنىپ ياتقان بۇ پاجىئەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئىس – تۈتەكلەر كۆزلىرىمنى، قان – ھىدلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇردى. كۆزلىرىمنىئۇۋۇلۇۋېتىپ جەسەتلەرگە يېقىنلاشتىم. ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى يىرتقۇچھايۋانلار ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىكەن. ھەممىسىنىڭلا بەدىنىدە ئوق ئىزلىرىتۇراتتى. مەن جەسەتلەرگە قاراپ پېشانەمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ۋەھشىيلىك، ئاھ ۋەھشىيلىك! بۆرىلەر ئىچىدىمۇ مۇنچىلىك ۋەھشىيلىك يوقئىدىغۇ. ئادەملەرگە نېمە بولغان؟ ئادەملەر، ئەي ئادەملەر! سىلەر ئەسلىنىسۈرۈشتۈرگەندە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدىڭلار. قابىلبىلەن ھابىلدىن قالغان ئۆچمەنلىك ئۇدۇمى پات – پات سىلەرنى قىر – چاپقاقۇترىتىپ تۇردى. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئاقلايدىغان باھانە – سەۋەبىڭلارناھايىتى كۆپ. زېمىن ئەسلىي سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ ھەممىمىزنىڭ، شۇنداقلابارلىق جانلىقلارنىڭ ماكانى ئىدى، لېكىن سىلەر «مەن»نىلا ئويلىدىڭلار، «مەن»نى قۇدرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە «مەن»نى «بىز» دەۋالدىڭلار. بۇ «بىز» قانداقتۇر بىرقانچە يۈز، مىڭ، يۈز مىڭ، ھەتتا مىليونلارغا ۋەكىلبولۇۋالدى. ئۇنىڭغا قارىمۇقارشى ياكى تەڭ تۇرىدىغان ئاشۇنداق «بىز»لەر بۇزېمىننىڭ ھەممە يېرىدە خۇددى ياۋا ئوتقا، ئازغانغا ئوخشاش پەيدا بولۇشقاباشلىدى. بۇ «بىز» ۋاقتى كەلگەندە باشقا «بىز»لەرنى، بارلىق جانلىقلارنىئەرزىمەس نەرسە قاتارىدا كۆردى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتتى
كېچە ئۆلتۈرۈلگەن بۆرىلەر ئالدىمدا سۇنايلىنىپ ياتقان جەسەتلەر قان – ياش ئىچىدە قالغان قىشلاق كۆز ئالدىمدا تېز – تېز ئالمىشاتتى. بۇكۆرۈنۈشلەرنى كۆيۈۋاتقان دەل – دەرەخلەردىن بۇقسۇپ چىققان ئىس – تۈتەكلەرپات – پات سۈرەتسىز قارا كارتىنا بىلەن يېپىپ تۇراتتى.
كۆزلىرىمدىكى ئاچچىق، بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق، يۈرىكىمدىكى ئاچچىق ھەممىسىبىرلىشىپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. مەن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم، ئۆز ئەسلىدىنئاينىغان، ئادەملىك تەبىئىتىنى يوقاتقان ئاچ مەلئۇنلاردىن ئۆچ ئالماقچىبولدۇم. يانچۇقۇمدىن بۆرىنىڭ سىڭىرىنى ئالدىم – دە، چوغنىڭ ئۈستىگەقويدۇم. سىڭىر پىژىلداپ سۈيى قېچىپ، ئاندىن تارتىلىپ قورۇلۇشقا باشلىدى. «مەن ئۇدۇم قىلدىم، دېدىم ئىچىمدە، بۇ شۇملۇقنى قىلغان قولۇڭلار چوقۇم مۇشۇسىڭىردەك كىرىشىپ – تارتىشىپ قالىدۇ، مېڭەڭلار مۇشۇ سۈيى قاچقان سىڭىر كەبىقۇرۇيدۇ، پۈتۈن ئۈگەڭلاردىكى پەي – مۇسكۇللار ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ». مەن بۆرىگە تېۋىنىۋاتاتتىم، كۆك بۆرىنىڭ قۇدرىتىگە تېۋىنىۋاتاتتىم.
 

 

جاھان مەنزىلىدە
  
مەن ئاجايىپ بىر روھىي يۆلەكنىڭ مەدىتى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. قان – ياش، ئىس – تۈتەك قاپلىغان قىشلاقنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، سەپىرىمنىداۋاملاشتۇردۇم. مەن قاچۇرۇۋەتكەن ھېلىقى بۆرىلەرنى ئىزدەپ تېپىش نىيىتىگەكەلدىم. مەن كونا – يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ خېلى جايلىرىنى ئارىلىدىم، قەدىمكىئۆڭكۈرلەرگە كىردىم، ئۇلارنىڭ تاشقا ئويۇلغان مۇبارەك سۈرەتلىرىنى كۆردۈم ، كۆزۈمگە سۈرتتۈم. توقىسىغا ئىنسان بالىلىرىنىڭ بۆرىنى ئېمىۋاتقانكۆرۈنۈشلىرى چۈشۈرۈلگەن كەمەرنى  بېلىمگە باغلىدىم. بۇ ئىرادە كەمىرىئىدى. دەستىسىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قامچىنى  قولۇمغا ئالدىم. بۇ مېنىھەرگىز بوشاشتۇرمايدىغان ھەيدەكچى ئىدى. ئىگىرىگە بۆرە سىماسىچۈشۈرۈلگەن  كۆك تۇلپارنى مىندىم. بۇ ئەركەكنىڭ قانىتى ئىدى. تېبىردەرياسىنىڭ تىررىن دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايىدا ئىنسان بالىلىرىنىئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆردۈم. بۇ كەمىرىمدىكىئويمىنىڭ چوڭايتىلغان ھەم مۇكەممەل شەكلى ئىدى. مەن بۇ ھەيكەل ھەققىدىكىھېكايىنى ئاڭلىدىم: قەدىم – قەدىم زامانلاردا دەل مۇشۇ دەريا ساھىلىدا بىردۆلەت بار ئىكەن. ئۇكىسى پادىشاھ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاجۇ – تەختىنىتارتىۋاپتۇ، ئاندىن ئاكىسىنىڭ ئۇرۇق – جەمەتىنى قىرىپتۇ. پەقەت بىر جيەنقىزلا ئامان قاپتۇ. جيەن قىز ئۆمۈر بويى توي قىلمايدىغان موناخ بولۇشقامەجبۇر قىلىنىپتۇ. لېكىن، ئويلىمىغان يەردە بۇ موناخ قىز قوشكېزەك پەرزەنتتۇغۇپتۇ. غەزەپلەنگەن پادىشاھ موناخ قىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى بالىنى دەرياغاتاشلىۋېتىپتۇ. بۇ بالىلارنى بىر چىشى بۆرە قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، ئۆز سۈتى بىلەنبېقىپ چوڭ قىپتۇ  بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋەبۆرە ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان جايدا بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. كېيىن ئاكا – ئۇكا ئىككىسى بۇ شەھەرنى قايسىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش مەسىلىسىدەئارازلىشىپ قېلىپ ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ نامىبىلەن «رۇم» دەپ ئاتاپتۇ. كېيىن ئۇ، خوتۇن – قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈشمەقسىتىدە قوشنا قەبىلە بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇش گىردابىغا كېلىپقالغاندا، ئارىغا بىرنەچچە ئانا بۆرە كىرىپ ئۇلارنى ياراشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭبىلەن شەھەردە تىنچلىق ئورنىتىلىپ، بۇ شەھەر بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىلىپتۇ .
بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيكەلگە قاراپ خىيالغا چۆمدۈم. «قۇرئان»دىكى ھابىل – قابىل  ئاكا – ئۇكا ھېكايىسى، ئىنسانىيەتتىكى تۇنجىقاتىللىق ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغان ھوقۇق ۋەسۋەسىسى ۋە قىز ( ئىقلىمە) كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. ھۇن، ئۇسۇن، قاڭقىل، تۈركلەر ئېلىدىمۇ، ئەرگىنە قۇندىمۇ، ئوغۇزخان مەنزىلىدىمۇ، موڭغۇل زېمىنىدىمۇ، مىسىر ۋە فارسدىياردىمۇ، فېن، گېرمان ۋە سلاۋىيان ئەللىرىدىمۇ، ھەتتا ئىندىئانلاردىمۇ ھەرقېتىملىق قېرىنداشلار قەتلىئامىدا بۆرىنىڭ يا ئانىلىق، يا ئاتىلىق ياكىيولباشچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسانغا نىجاتلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىماڭا بىر ئىلاھىي قۇدرەتنى ئەسلەتتى. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگەيوشۇرۇنغان يىرتقۇچ  قاتىللىق خۇسۇسىيەت ھەربىر قېتىم پارتلىغاندا، ئۇنىڭغا بەرھەم بەرگۈچى، ئۇنى چەكلىگۈچى، ئۇنى تىنچلىققا يېتەكلىگۈچى نېمەئۈچۈن ھەر قېتىم بۆرە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداقيىرتقۇچلۇقنى چەكلىگۈچى، ئىنسان نەزىرىدە ھەم نىجاتكار، ھەم يىرتقۇچھېسابلىنىدۇ؟
دەرھەقىقەت، كۈچ – قۇدرەت، قۇدرەت ئىگىسى ئۈچۈنمۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەن؛ خۇددى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، ياخشىلىقبىلەن يامانلىق، ئۆزىنى كۆزلەش بىلەن ئۆزگىگە بېغىشلاش روھى ھەربىر ئىنسانئۈچۈن مۇكەممەل ھەمجەھەتلىك بولغانغا ئوخشاش.
مەن جاھان مەنزىلىدە ئۇلارنىڭ ئىز – نىشانلىرىنى تاپتىم. بۆرە بېشىنىڭسۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ – ئەلەملەر ، ياغاچ ئويمىلار؛ بۆرە سىماسىچۈشۈرۈلگەن قېيىق ۋە تۈۋرۈكلەر، كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئارىسىدا يۈرگەن بۆرىنىڭسۈرىتى كەشتىلەنگەن رەخت ، ئىندىئانلار قالدۇرغان ئۇچار بۆرە رەسىملىرى ، بۆرە بىلەن ئىلاھ نامى تەڭ قوشۇلۇپ ئاتالغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىلار ۋەبايراملار   ماڭا ئۇلارنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن دېرەك بەردى. مەن يىراق – يىراق ئۆتمۈشلەردىكى ئانىلىق – ئاتىلىق ئەجدادلىرىمنىڭ ئىزناسىنىتاپقاندەك بولدۇم، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، مېھرىبانلىق، ھەمدەملىك، قان – قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەسلىي يىلتىزىنى، ئىلھامچىسىنىتاپقاندەك بولدۇم. يىلتىزداشلىق، زېمىنداشلىق، تەقدىرداشلىق بۇرچىقانلىرىمنى ئۇرغۇتتى.
مەن قۇياشقا قارىدىم، ئاق تەنلىك قوۋملارنىڭ قۇياش ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەنقوشۇپ ئاتىغانلىقى  ئېسىمگە چۈشتى، قۇياش ماڭا تېخىمۇ ھارارەتلىك بىلىندى. مەن يېيىلىپ ياتقان ئوتلاق، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئورمانلارغا قارىدىم، بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىلاھىنىمۇ بۆرە نامى بىلەن ئۇلۇغلىغانلىقى  نەزىرىمنىتېخىمۇ كەڭلىككە تاراتتى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئاسمان ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەنئاتىغانلىقى  كۆك بۆرە تەسەۋۋۇرۇمنى تېخىمۇ بۈيۈكلۈكلەردە پەرۋازقىلدۇردى. ئەقىل – پاراسەت ئىلاھى مىركورى بىلەن «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغانبۆرە يۇلتۇزى ھەققىدىكى ئوخشاشلىق مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈردى. ئاجايىپ بىر تۇيغۇ مېنى ئەسىر قىلىۋالدى. ئىنساننى قاراڭغۇلۇقتىنيورۇقلۇققا، ھالاكەتتىن نىجاتكارلىققا، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدۋارلىققا، چۈشكۈنلۈكتىن جۇشقۇنلۇققا باشلىغان شۇ ئۇزاق دەۋرلەردىكى قۇدرەتلىكروھ  بۆرە روھى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمدۈردى.
بوينۇمغا ئېسىۋالغان بۆرە ئوشۇقىنى ھۆرمەت بىلەن سۆيدۈم، ماڭا كۈچ كىردى. بۇ ماڭا بۆرە روھىدىن كىرگەن كۈچ ئىدى.
  
ئوۋچىنى قاچۇرۇش
  
مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرىلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن  تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىرئوۋچى ئۇچراشتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا بۆرە تېرىسى بارئىدى. نېرى – بېرىسىنى ئويلىمايلا، ئۇنىڭ قولىدىكى بۆرە تېرىسىنىتارتىۋالدىم. ئۇ ماڭا مىلتىقىنى تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بۆرەتېرىسىنى يېپىندىم. مەن شۇ تاپتا ئۆزۈمچە بۆرە قىياپىتىگە كىرگەنىدىم. ئۇماڭا پوپوزا قىلدى، مەن ئۇنىڭغا بۆرىلەرچە خىرىس قىلدىم؛ ئۇ مېنىمەنسىتمەي كۈلدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى ساراڭغا چىقاردىم. مەن ئۆزۈمنى گوياسىرتاردۇشلارنى ھالاكەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۆتۈكەن بۆرىسىھېسابلايتتىم. مەن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم: «سەن  سەنلەر ھالاك بولۇش خەۋپىدەتۇرۇۋاتىسىلەر!» ئۇ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ مېنى ساراڭغا چىقاردىمۇ ياكىئاللىقانداق ۋەھىمىگە چۆمدىمۇ، بىلمىدىم، مىلتىقىنى ماڭا تەڭلىگىنىچە، كەينىگە داجىپ – داجىپ بىرئاز يىراقلىشىۋالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتتى.
  
ئېگىز چوققىدىكى بۆرە
  
مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرە تېرىسىنى يېپىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئۆزۈمنى بۆرە چاغلاپ، بۆرە جامائىتىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىسامپۇرىدىم، تىكەنلەرگە ئىلىنىپ قالغان يۇڭلىرىنى بايقىسام كۆزلىرىمگەسۈرتتۈم. ئۇلارنى ئەنە شۇنداق سېغىنىش ئىچىدە كېتىۋاتىمەن. ناھايەت بىركۈنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. گويا بىر ۋەھىي ئاڭلانغاندەك ۋۇجۇدۇم لەرزىگەكەلدى. يۈگۈردۈم، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چاتقاللارپەشلىرىمگە ئېسىلدى، پەرۋا قىلمىدىم؛ ئۇچلۇق تاشلار چاپۇتلىدى، پىسەنتقىلمىدىم، يۈگۈردۈم، قۇلىقىم تۈۋىدە پەقەت بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىلا!
ئاخىر مەن ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ناھايىتى تىك بىر چوققىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. چوققىغا ياماشتىم، سېرىلدىم، يەنە ياماشتىم، يەنە سېرىلدىم، قانچەقىلساممۇ بولمىدى. ئاياغلىرىم يىرتىلدى، قوللىرىم قانىدى، كىيىملىرىمجۇلجۇل بولدى، لېكىن مەن ئۇ تۇرغان يۈكسەكلىككە چىقالمىدىم. ئاخىر مەن ئۇتۇرغان چوققىنى مەركەز قىلىپ پەستە ئايلىنىشقا باشلىدىم، خۇددى بۆرىلەربىر چاغلاردا مېنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندەك ئايلاندىم، كۆزۈم ھامان ئۇتۇرغان نۇقتىدا ئىدى. مەن چۆرگىلەيتتىم، كاللامدىمۇ ئاجايىپ خىياللارچۆرگىلەيتتى.
«ئەي بۆرە،  دەيتتىم ئىچىمدە،  سەن ئاشۇ يۈكسەكلىككە، ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىيۈكسەكلىككە مەنسۇپ. سېنىڭ روھىڭ تاغ – ئورمانلارغا، ئاسمان، يۇلتۇزلارغاسىڭگەن. يىراق ئۆتمۈشلەردە ئاتا – بوۋام ساڭا سېغىنغان، مەن ھېلىھەم ساڭاسېغىنىمەن. مەن سەن بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم، ئىچىمدىكىنى ئېيتقىلى كەلدىم »
  
ھۇۋلاش
  
تۇيۇقسىز، بۆرە ھۇۋلىدى. ئۇنىڭ ھۇۋلىشى تولىمۇ مۇڭلۇق ئىدى. ئۇنىڭ مەنبىلەن ھال – مۇڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. «سەن مۇڭلىنىشقاھەقلىق،  دېدىم ئىچىمدە،  دۇنيادا قايسى بىر جان ئىگىسى ساڭا ئوخشاشئاۋۋال شۇنچە زامان ئۇلۇغلىنىپ، كېيىن مۇشۇنداق قارىلانغان ھاقارەتلىكتارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؟!»
بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا بىرنەچچە بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىقوشۇلدى. مەن بۇ ئاۋازلاردىن داد – پەرياد ھېس قىلدىم. شۇنداق، ئۇئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىدىن پەرياد ئۇرۇۋاتاتتى. قەدىمدە ئىنسان بىلەن بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا تەڭ ياشاپ، ئىنسانغا روھىيمەدەت ۋە ئۇلۇغۋارلىق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەمدىلىكتە قىرغىن قىلىنىش «مۇكاپاتىغا سازاۋەر»مۇ؟ مەن ئۇنىڭ داد – پەريادىنىڭ تېگىنىچۈشىنىۋاتىمەن: تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنساندىن ماكان تالىشىدىغان، ئىنسانغاھۇجۇم قىلىدىغان غالجىر تەبىئەتنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرگەنمۇ ئەسلىيئىنسان ئىدى. «نەسلىنى ياخشىلاش» دەيدىغان قانداقتۇر بىر غەلىتە ئىستەكنىڭقۇترىتىشى بىلەن ئىتنى ئۇنىڭ بىلەن چېتىشتۇرمىغان بولسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدائىنسانغا ئۆچمەنلىك پەيدا بولارمىدى!؟»
تۇيۇقسىز، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىدا بىر سۈر ئەكس ئەتتى. مەن قانداقتۇر بىرۋەھىمە ئىچىدە قالدىم. ناھەق قارىلانغان، ناھەق جازالانغان بۆرىلەر ئەمدىئىسيان كۆتۈرمەكچىمىدۇ، ئىنساندىن قىساس ئالماقچىمىدۇ؟  لېكىن بۆرىلەرماڭا يوپۇرۇلۇپ كەلمىدى. دېمەك، بۇ ۋەھىمە ئىچىدە تۇرغان بۆرىلەرنىڭساداسى. ئۇلار ئىنساندىن ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتىدۇ.
مەن ئەمدى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلدىم. ئۇلار ئۆزىدىنئەنسىرەۋاتاتتى، ئىنساندىن ئەنسىرەۋاتاتتى. راست، بۆرىنىڭ نەسلىنىئۆزگەرتىۋەتكەن ئىنسان ئەمدى ئۆز نەسلىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىۋاتىدۇ. ئىككىجىنستىن ئەمەس، بەلكى تاق بىر جىنستىن پەيدا بولىدىغان (ياكى بولغان؟) ئىنسان ئىنساننى نېمە كويغا سالار؟ تەبىئەتنى نېمە كويغا سالار؟
بىر چاغدا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى كۈچەيدى، ئۇلارغا نۇرغۇن – نۇرغۇنبۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى قوشۇلغانىدى. تىلسىز تاغۇ – تاشلار خۇددى زۇۋانغاكەلگەندەك ئەكس سادا چىقاردى، بوران پەيدا بولدى. دەل – دەرەخلەر خۇددىئۇلارنىڭ ئىسيانكار چۇقانىنى چاۋاك بىلەن ئالقىشلاۋاتقاندەك شالدىرلاشقاباشلىدى. گۈل – گىياھلار خۇددى ئۇلارنىڭ خىتابىنى تەستىقلاپ باش لىڭشىتىپئۈلگۈرەلمەيۋاتقاندەك؛ بۇلاق سۇلىرى شىرىلداۋاتقاندەك ئەمەس، خۇددىتوختىماي پىچىرلىشىۋاتقاندەك. كۆل سۇلىرى دەيدىغىنىنى ئەمدى ئىچىدە بىلىپياتماي، بىر ھەق گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەۋاتقاندەك، دەريا – دېڭىزلار تاشقىنلاپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ سۆزلەۋاتقاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. مېنىڭ قېنىممۇ ئۇرغۇدى. مەنمۇ بۆرە بىلەن، بوران بىلەن، تەبىئەت بىلەنقوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدىم. مېنىڭ ھۇۋلاشلىرىمدا ھاياجانغا كەلگەن تەبىئەتبىلەن ئويغانغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھەمجەھەتلىكى ئەكس ئېتەتتى. مەن بۇھۇۋلاشلىرىمدا دۇنياغا خىتاب ياڭرىتىۋاتاتتىم: «بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئىنسانلار، قۇلاق سېلىڭلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلىي بىرمەنبەدىن كەلگەن قان – قېرىنداش ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇئۆزلىرىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ بىر ماكانداش، كائىناتتابىرلا ماكانداش  بىرلا يەرشارىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىنىڭ ھەممىگە، ھەممىگە ئورتاقئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ قىرغىن قىلىشمايلى دەۋاتىدۇ، قىرغىنقىلىشماڭلار دەۋاتىدۇ؛ ئۇ بۇ جاھاننى جەننەت قىلىدىغانمۇ ئىنسان، دوزاخقىلىدىغانمۇ ئىنسان، دەۋاتىدۇ؛ ئۇ مەن بىر چاغدا مۇقەددەسلىكنىڭ ساھىبىئىدىم، ئەمدى قارىلىنىپ ۋەھشىيلىكنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ قالدىم. ئىنسانھېلىھەم ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ساھىبى، لېكىن ئاينىۋاتقان تەبىئىتى تۈپەيلىبەلكىم بىر كۈنى غالجىرلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەۋاتىدۇ.
بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئەي ئىنسانلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ھەربىر بۆرەئۆزىگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، لېكىن بىر خىل ئاھاڭدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، مەنمۇئۆزۈمگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىمەن، تەبىئەت قۇلاق سېلىۋاتىدۇ، سىلەرمۇ قۇلاقسېلىڭلار، ئەي ئىنسانلار »
  
ئويغىنىش
 
  
ئويغاندىم، قارىسام چېدىر ئىچىدە يېتىپتىمەن. مېنى بۆرىلەر چېدىر ئىچىگەئەكىلىپ قويدىمۇ ياكى ئەسلىدىمۇ چېدىردىن چىقماي چۈش كۆردۈممۇ، بىلەلمىدىم. چاڭغىراقتىن كۆككە قارىغىنىمدا چېدىر ماڭا كومزەكتەك، خۇددىجەسەت كۈلى قاچىلانغان كومزەكتەك  بىلىندى. مەن ئېڭەك، بوينۇمدىكى تەرلەرنىسۈرتۈۋېتىپ سىرتقا چىقتىم. كۆككە تىكىلدىم، يىراق – يىراقلارغا قارىدىم. بۇچاغدا ئاسمان زېمىننى ئوراپ تۇرغان ئايلانما ئېتىكى بىلەن ماڭا ئىنتايىنزور چېدىردەك بىلىندى. «مەن چېدىر ئىچىدە ياشاۋاتىمەن  بىز چېدىر ئىچىدەياشاۋاتىمىز» دېدىم ئۆز – ئۆزۈمگە پىچىرلاپ. مەن گەپ قىلغاندەك تۇراتتىم، لېكىن ئاۋازىم قۇلىقىمغا ھۇۋلىغاندەك بىلىندى. مەن كىم ئىدىم؟ كىم بولدۇم؟ كىم بولىمەن؟  بىز كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولىمىز؟  قاتمۇ – قاتسوئاللار ئىچىدە بېشىم ئېسەنگىرەپلا قالدى. مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم. ئۆزۈمنى سەل ئازادىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ناخشا توۋلاشقا باشلىدىم:
  
يۇرتۇمنىڭ خەۋىرىنى بىلەمسەن، ئېيتقىن ماڭا
قارا باشىم قۇربان بولسۇن بۆرەم ساڭا
  
ناخشام چەكسىزلىكلەردە پەرۋاز قىلدى، قۇشلار چۇرۇقلاشلىرى بىلەن تەڭكەشبولدى؛ ناخشام كەڭلىكلەرگە تارىلىشقا باشلىدى، تاغۇ – تاشلار ئەكس ساداياندۇردى  
مەن خىيالدىن ئويغاندىم، مەن ئويغاندىم، ئەي ئىنسانلار  
مەنبە: بىلىك كولۇبى
 



saydul 2011-11-25 11:07
بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا

ئەخمەت ئىمىن 

ئورمان
  ئورمان. ئايدىڭ كېچە. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاندا - مۇندا ئەسكەن شامالدىن شىرىقشىپ قويىدۇ. ئاي نۇرى ئالدىمدىكى بىر پارچەچىملىقنى سۇس يورۇتۇپ تۇرىدۇ. بىر يەرلەردە ئالا سايە، نېرىسى سۇس قاراڭغۇچىلىق؛ بىر يەرلەردە قارا سايە، نېرىسى قاپقاراڭغۇچىلىق.«ھۇۋ ... » تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
  بۇ نېمە ئاۋازدۇ؟
  بوراننىڭ ھۇۋۇلدىشىمۇ؟ ياق، ئوخشىمايدۇ! پىلنىڭ ۋارقىرىشىمىدۇ؟ ياق، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ!
  «ھۇۋ ... »، «ھۇۋ ...» ئاۋاز كۈچەيدى.
  توۋا، خۇددى جىن - ئالۋاستىلار دەل - دەرەخلەرنىڭ كەينىگە مۆكۈپ تۇرغاندەك، ھېلىلا ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرىدىغاندەك ياكى ئاقۇش بەستى بىلەن سۈرلۈك سايە تاشلاپ يوپۇرۇلۇپ ئۇچىدىغاندەك، بىر بولساشامالدا قالغان ئىنچىكە شاخلاردەك ئىرغاڭشىپ، بىر بولسا كارىكاتورىلاردىكى مەستبولغان پىل سىياق تولغىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغاندەك بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمغاكېلىۋالدىغۇ؟
  مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم، كۈچەپ چايقىدىم، كۆز ئالدىمدىكى خىيالىي مەنزىرە يوقالدى، لېكىن ئەتراپىمدا شىپىرلىغان بىر خىلئاۋاز پەيدا بولدى. مەن ئەتراپىمغا قارىدىم، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قارىدىم، ھېچنەرسە يوق؛ كەينىمگە قارىدىم، ئوخشاش، ئالدىمغا قارىدىم، يەنە ھېچ نەرسە يوق، سول يېنىمدىمۇ شۇ. ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم، چاتقاللىق ئىچىدىن كۆزۈمگە پىلىلدىغان بىرنەرسە كۆرۈندى. مەن ئۇ نەرسىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ چوغدەك يېنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ تېنىم جۇغۇلدىدى، تەرلىدىم. مەندە ئۇنىڭ نېمىنىڭ كۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشقۇدەك جۈرئەت قالمىغانىدى. دەرھال ئۆزۈمنى چېدىرىمغائالدىم، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ ئىچىدىن تاقاق سېلىپ قويدۇم. نېمىلا دېگەن بىلەن ھوشيار بولغان يەردە بالا يوق - دە !
  چېدىر ئىچىدە
  چېدىر ئىچى. چاڭغىراققا تىكىلگىنىمچە كۆككەتەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. كۆكتىكى ئاي پەرىشان ھالىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك، ماڭا مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. يۇڭ - كاشايىپلار چېدىرنىڭ كەرەگە - ئوۋۇقلىرىنى مەھكەم چىرماپ تۇرغاندەك، مېنىڭ كاللامنىمۇ ھەر خىل خىياللار چىرمىۋالغان. قانداق قىلساممۇھېلىقى بىر جۈپ كۆز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. نېمىدېگەن سۈرلۈك كۆزلەر - ھە ! چوغدەك يېنىپ تۇرۇشلىرىچۇ !
  كۆزلەر! كۆزلەر ! ...
  تەڭرىم، مەن كۆزلەردىن: سۈر يېغىپ تۇرغان كۆزلەردىن، مەككارلىق، پىتنىخورلۇق چاقناپ تۇرغان كۆزلەردىن، نەپسانىيەت، شۇملۇق تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلەردىن، ھەسەت ۋە ۋەھشىيەت ئويناپ تۇرغان كۆزلەردىن ئۆزۈمنىقاچۇرۇپ، بۇ ئادەمسىز دالىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمىدىم؟! راست، مەن بايامقى كۆزدىنسۈردىن بۆلەك نەرسە ھېس قىلمىدىم، لېكىن كۆز _ مۇھەببەت ھېس قىلدۇرالمىغان كۆز نەئۈچۈنكى ساڭا باشقا كۆزلەرنىمۇ ئەسلىتىپ قويىدىكەن.مەن جىق ئويلىدىم، ئۆزۈم ياشىغان، مەن بىزار بولغان مۇھىتنى ئويلىدىم، ئەمدى مەن ياشايمەن دەپ كەلگەن بۇمۇھىتنى ئويلىدىم. خىيالىم يەنە بايامقى بىر جۈپ كۆزگە مەركەزلەشتى. ئۇ ئەتراپىمدا نېمە قىلىدىكىنە؟
  بۇ سوئالىمغا جاۋاب ئىزدەپ چېدىر ئىچىگەئەلەڭلەپ قارىدىم، تۈڭلۈككە قارىدىم. ئاي ماڭا يەنە مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. كىچىكيۇلتۇزلار كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ھەيران، چوڭ يۇلتۇزلار يەنە ھېلىقى كۆزلەرنىئەسلەتكەندەك يېنىپ تۇرىدۇ … خىيال دولقۇنلىرىدا تولا تاسقىلىپ ھارغان بولسام كېرەك، ئاخىر كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندى.
  تاڭ
  ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بىرچاغدا ئويغاندىم، تۈڭلۈككە قارىسام، تاڭ گىرىمسەن سۈزۈلۈپتۇ. سۈبھى چېغى دەپ ئويلاپ تۇرۇۋېدىم، چاڭغىراق چېتىدىن كۈچلۈك بىر نۇر ۋاللىدە چاقنىدى، ھەش - پەش دېگۈچە ئۆينى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن كۈچلۈك نۇردىن قاماشقان كۆزلىرىم ئىختىيارسىزيۇمۇلدى، كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ زورىغا ئاچتىم. ھوي ... كۆزلىرىمنى جامدەك ئېچىپئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم. ئالدىمدا _ نۇر قوتىنىنىڭ ئىچىدە كۆك ياللىق بىر بۆرە تۇراتتى. قېتىپلا قاپتىمەن، قانچىلىك ۋاقىت قېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىرئاۋازدىن ئېسىمگە كەلدىم، بۇ ئاۋاز دەل ئالدىمدىكى بۆرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇھۇۋلىغانىدى. بۇ ھۇۋلاش ئاخشام يىراقتىن ئاڭلانغان ھېلىقى ھۇۋلاش ئاۋازىنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزى يېنىپ تۇراتتى. بۇ ئاخشام چاتقاللىقتاكۆرۈنگەن ھېلىقى كۆزنىڭ ئۆزى ئىدى، لېكىن سۈرلۈك ئەمەس ئىدى. توۋا، ئۇنىڭكۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك چىقمايدىغۇ؟ مۆلىلدەپ تۇرغىنى ئۇنىڭدىكى سەمىمىيلىكمىدۇ؟ كۆزلەرنىڭ دەقىقىلىك ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇ كۆزىنى مەندىن ئەپقاچتى، نېمىشقىدۇر، بىلمىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆزۈمگە ئىسسىققىنا كۆرۈندى. توۋا، بۇ «قۇياش بولۇپ كىرگەن، كۆك بۆرە بولۇپ چىققان ئىشق»نىڭ _ مۇھەببەتنىڭ كارامىتىمىدۇ؟ مەن يەنەئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قارىمىدى. بۇ ئۇنىڭ «سەمىمىيلىكنى كۆزلىرىمدىن ئەمەس، ھەرىكىتىمدىن كۆر» دېگىنىمىدۇ ياكى ئىنساننىڭسىنچى كۆزلىرىنى نەزىرىگە ئىلمىغىنىمىدۇ؟ !
  ئۇ مېنى كەينىدىن مېڭىشقا ئىشارە قىلدى. تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ھېلىقى نۇرنىڭ خاسىيىتىدىن بولۇۋاتامدۇ ياكى ئۇنىڭ كۆزىدىكى نۇر مېنى سېھىرلەپ قويدىمۇ، بىلمىدىم، ئىشقىلىپ، ئىختىيارلىق چۇلۋۇرۇمنى ئۇ بۆرىنىڭقولىغا تۇتقۇزدۇم.
  بۆرە كەينىدىن
  كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن. ئورمانلىقتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ قىرغا قاراپ ماڭدى. مەن ئۆزۈمچە توختاپ قالدىم، كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك مېنىڭ پىكىر دائىرەمنىئېچىۋەتكەندەك قىلاتتى. مەن نەگە كېتىۋاتىمەن؟ نېمىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن؟
  مەن ئۇ بۆرىگە كەينىدىن قارىدىم. ئۇنىڭ كۆك رەڭگى ئاسمان ئېتىكىدە خۇددى كۆك بايراقتەك كۆزۈمگە تاشلاندى. نېمىلەرنىئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن، تەسەۋۋۇر ئېكرانىمدا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر تېز - تېزئالمىشاتتى. يۈزى كۆپكۆك تۇغۇلغان بوۋاق ... ئورمانغا چۈشكەن كۆك نۇر _ دەرەخ كاۋىكىدا پەيدا بولغان پەرىزات، ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى ... كەڭرى كەتكەن كۆكلىمەيدان … كۆك ئاسمان ... كۆك تەڭرى ... مەن خىيال قۇچىقىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ ئالدىمغاقارىغىنىمدا، ھېلىقى «بايراق»نىڭ خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆك تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ، بىلمىدىم، دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. مەن ئۇنىڭغايېتىشىۋالغىنىمدا، ئۇ بىر بۆرە ئەمەس، بەلكى بىر توپ بۆرە سۈپىتىدە كۆزۈمگەتاشلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، ئاستا ئېچىپ قاراپ باقتىم، ئۇۋىلىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم، ھەتتا بېشىمنى سىلكىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم. ئالدىمدا ھەقىقەتەن بىر توپ بۆرە تۇراتتى. توۋا، بۇ نېمە ئىش؟ ئادەملەر توپىدىن قېچىپچىققانىدىم، ئەمدى كېلىپ بۆرە توپىغا كىرىپ قالغىنىم نېمىسى؟
  بۆرىلەر بىلەن ئويناش
  بىر چاغدا ئۆزۈمنى بىر توپ بۆرىنىڭئوتتۇرىسىدا كۆردۈم، ئۇلار مېنى ئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، تاقلايتتى، بەزىدە تېخىيۇمۇلاپمۇ قوياتتى. مەن بولسام، چەمبەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدەك قېتىپلا تۇراتتىم.
  ھېلىقى بۆرە ماڭا ئىشارە قىلدى. مەن ئۇنىڭقۇدرەتلىك سېھرى بىلەن ئويۇنغا چۈشتۈم: قاتارغا كىرىپ چۆرگىلىدىم، سەكرىدىم، موللاق ئېتىپمۇ قويدۇم، لېكىن ئۇلار مېنى پات - پات مەركىزىي نۇقتىغا چىقىرىپقوياتتى. مەن جايىمدا پىرقىرىغىنىمچە، بىلەكلىرىمنى ئوينىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، تۇرۇپ - تۇرۇپ بارماقلىرىمدىن قاس چىقىرىپمۇ قويىمەن ... ئويۇننىڭ قىزىقى ئاجايىپبولىدىكەن، بىرئازدىن كېيىن مەندىكى قورقۇنچمۇ، ئەندىشىمۇ، ئىككىلىنىشمۇ، ياتسىراشمۇ يوقىلىپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئەزادەكلا ھېس قىلىپقالدىم.
  بىرئازدىن كېيىن مېنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقىبۆرە ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا بۆرىلەر بىر سۇر بۆرىنىڭ كەينىگە تىزىلدى. ئىككى بۆرە ئاللىقانداق بىر ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ئىككىسى بىر - بىرىگە ئۇدۇل ھالدا بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا تاشلىنىشتى؛ سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرمۇ ئالدىدىكى بۆرە قاياققا تاشلانسا، شۇ ياققا تاشلىناتتى. بۇ ماڭا »قارا - قارا قۇشلارىم« ئويۇنىنىئەسلەتتى. مەنمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇۋالدىم، مەن ئۇياققا - بۇياققاسەكرەپ تۇرۇپ ئىچىمدە ئوقۇيتتىم: _ ئاللا - ئاللا، قۇشناچىم ئارقىڭدىكى نېمىلەرىڭ؟
   _ قارا - قارا قۇشلارىم.
 _ ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ،
 _ كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ.
   ...
  قوشاق ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەپنىڭسىلجىش دائىرىسىدىن چەتتە قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مېنى ئەكەلگەن بۆرە ئۇدۇل ماڭا تاشلاندى. «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دېگەن ماقال گۈپپىدە ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر بۇ بۆرىنىڭ ماڭا دوستانىلىقى بولمىغان بولسا، بۇ ماقال مېنىڭ شۇم قىسمىتىمدە ئۆز ئىسپاتىنى تاپقان بولماسمىدى؟ خەيرىيەت، ئۇ بۆرە مېنى يەۋەتمىدى، بەلكى كەينىگەقوشۇۋالدى.ئويۇن خېلى داۋاملاشتى، سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرنىڭ بىرسىمۇسەپتىن بۆلۈنۈپ كەتمىدى، مېنىڭ كەينىمگىمۇ يېڭى ئەسىر قوشۇلمىدى. ئويلاپ باقسام، بۇ بۆرىلەرنىڭ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بۆلۈنۈپ كەتمەسلىك، ھەرقانداق چاغدا كوللېكتىپنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەشىقى ئىكەن. بۆرىلەر بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىردەكلىكىنى نامايان قىلدى، مەن بولسام ئىنسانلىقىمنىقىلدىم.
  ھۇجۇم
  مەن بۆرىلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە، ھەممىگە زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىر توپ كالىغا ئۇچراشتى. مەن ئۇلارنى «كالىلارغا ھازىرلا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىنئۇنداق بولمىدى. ئۇلار پايلاپ يېتىشتى. مەن بىر دەرەخنىڭ دالدىسىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇم. كالىلار بۆرىنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالغان بولسا كېرەك، دەرھال بىر يەرگەغۇژمەكلەشتى. بۆرىلەر ئۇلارنى قورشاپ كەلدى، كالىلار قېچىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەنمۇ قانداق، دەرھال بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا ئۇدۇل يۈزلەندى: ھەممىسىنىڭقۇيرۇق تەرىپى بىر يەردە، مۈڭگۈزلىرى بۆرىلەر تەرەپكە نەيزىدەك چىقىپ تۇراتتى. بۆرىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى، بىرەرسىمۇ ھۇجۇمغا ئۆتمىدى، ئايلىنىۋەردى. مەن بۆرىلەردىكى سەۋرچانلىققا ھەيران قالدىم. كالىلار بولساتۇياقلىرى بىلەن يەرنى چاپچىپ، بۆرىلەرگە ھوشيارلىق بىلەن تىكىلەتتى. بۆرىلەرمۇئۇلاردىن كۆز ئۈزمەيتتى. ئاخىر بۆرىلەر كالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم ئېتىلىپباردى، لېكىن كالىلار سېپىنى بۇزمىدى، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئېتىلىپ باردى، كالىلار يەنىلا غۇژمەك ھالىتىنى ساقلىدى … بۇ خىل ئەھۋال يەتتە - سەككىز قېتىم داۋاملاشتى. بۆرىلەر يەنىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۆرىلەر كەينىگە چېكىنىپئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەن بۆرىلەرنى «مەغلۇبىيىتىگە تەن بەردى» دەپ ئويلىدىم. كالىلارمۇ شۇنداق ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزلىرىنىڭ ھالقىسىمان مۇداپىئەھالىتىنى بۇزۇپ بەھۇزۇر يايلاشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا ئىككى بۆرە چېچىلىپ يۈرگەن كالىلارنىڭ ئارىسىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن كالىلار چۆچۈپ كەتتى. مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇلار ئۆز ئالدىغا قېچىشقا باشلىدى، باشقا بۆرىلەرمۇتەرەپ - تەرەپتىن ئۇلارغا يوپۇرۇلدى. شۇ قاچ - قاچتا مەن كالىلارنىڭ ئارىسىدىكىبىرسىنىڭ پۇتى ئاقساق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۆرىلەر قېچىۋاتقان باشقاكالىلارغا يول بېرىپ، ھۇجۇم نىشانىنى ھېلىقى ئاقساق كالىغا مەركەزلەشتۈردى. بىربۆرە ئۇ كالىنى كەينىدىن چىشلىدى، كالا ئېچىنىشلىق مۆرىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، يەنە بىر بۆرە كېلىپ ئۇنىڭ بوينىنى قاسىۋەتتى، كالا بوينىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، ئۈچىنچى بۆرە كېلىپ ئۇنى كەينى پۇتىدىن چىشلەپ يىقىتتى، شۇنىڭ بىلەن باشقابۆرىلەرمۇ بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
  مەن بۆرىلەرنى قەيسەر ئىكەن، دەپ قارىدىم. يەتتە - سەككىز قېتىملىق ئۇرۇنۇشتىمۇ ئۇتۇقلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، مەن قانداق قىلار ئىدىم؟ جەزمەن نىيىتىمدىن يانغان بولاتتىم، لېكىن بۆرىلەر ئۇنداق قىلمىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگۈچە زادى بولدى قىلمىدى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتىكى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە ماسلىشىشىچۇ تېخى، ئۈنسىز - داۋراڭسىز، ھەربىرى بۇ ھۇجۇمدا قانداق رول ئويناشنى، قايسى نۇقتىدىن ئۆز كۈچىنىجارى قىلدۇرۇشنى بىلدى.
  ئۇيۇشقان كۈچ چېچىلاڭغۇ كۈچنى يەڭدى. ھۇجۇمدا بىرەر بۆرىمۇ ئۆزۈمچىلىك قىلمىدى، غەلىبىدىن كېيىن بىرەرسىمۇ شۆھرەت دەۋاسىقىلمىدى، ئۆزىگە تەمەننا قويمىدى، ھەربىرى «مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك»دەپ قارىدى. مەن ئويلىنىپ قالدىم: ئەگەر مەنمۇ ئۆز جامائىتىم ئىچىدە ئاشۇنداق ئۈنسىزماسلىشىشنى بىلگەن بولسام، باشقىلارمۇ شۇنى بىلگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئىنساننىڭئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان مەقسىتى بولماس ئىدى چوقۇم!
  پاتقاقلىقتا
  مەن يەنە بۆرىلەر توپىنىڭ كەينىدىنكېتىۋاتىمەن، ھەممىگە زەن سېلىپ، زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن.
  بىر چاغدا بىر پاتقاقلىققا كىرىپ قالدۇق. پاتقاق يولدا مېڭىش ھەقىقەتەن قىيىن، بولۇپمۇ ئالدىدا ماڭغۇچى ئۈچۈن نەقەدەر تەسلىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش. ئەڭ ئالدىدا بۆرىلەرنىڭ سەردارى يول ئېچىپماڭدى، خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ھارغان بولسا كېرەك، سەپتىن چەتكە چىقىپ تۇردى. ئۇنىڭ كەينىدىكى بۆرە توپىنى باشلاپ كېتىۋەردى. سەردار بۆرە مەن ئۇنىڭ ئالدىغايېقىنلاشقاندا مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدى. ئەمدى ئۇ بىر بۆرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغانىدى. بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن سەپتىن يانغا چىقىپ، بالا بۆرىلەر يېقىنلاشقاندا ئۇلارنىڭئالدىغا كىرىپ ماڭدى. ئەمدى بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭكەينىگە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ھەممىسى نۆۋەت بىلەن يول ئېچىپ ماڭدى، كۈچ كۈچكەئۇلىنىپ تۇردى، يولمۇ ناھايىتى ئاۋۇشلۇق بولدى. دېمەك، بۆرىلەر توپىدا جاپانىبىرىگىلا ئىتتىرىپ قويىدىغان، ھەممىدە بىرىگىلا ئارتىلىۋالىدىغان ئىش يوق ئىكەن. ئۇلار بىر - بىرىگە تايىنىدىكەن، ماسلىشىدىكەن، ھەمكارلىشىدىكەن. مانا سادىقلىق دېگەن! بۆرە بىزچە ئاڭسىز ھايۋان ئىدى، خوش، ئۇنداقتا، ئۇلاردىكى بۇ ئاڭ نەدىنكەلدى؟ ئىنسان ئاڭلىق ھايۋان ئىدى، لېكىن ئىنسان كوللېكتىپىنىڭ ھەممە ئەزاسىدىلا ئاشۇ ئاڭ بارمۇ؟ مەن بۆرىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن، سەردار بۆرە مېنىڭئىزىمنى بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن خۇددى بۆرىدەك، ياكى بولمىسا، ئۇلار خۇددى ئادەمدەك، تولىمۇ ئىناق كېتىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈمنى بۆرىگە ئوخشاتقىنىمدا، بۇئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى مۇشۇ سەپەردىن تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئادەمگەئوخشاتقىنىمدا ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى تولۇق دېگىلى بولارمۇ؟ بۆرىلەرنىڭ بۇ توپىدا سۇر رەڭلىكلىرىمۇ، قوڭۇر رەڭلىكلىرىمۇ، كۈمۈش رەڭلىكلىرىمۇ، ئوچۇق سېرىق، ھەتتاقىزىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، لېكىن رەڭلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىغاتەسىر يەتكۈزەلمىگەن، ئىنسانلاردىچۇ؟ ئۆڭىنىڭ ئاق، قارا، سېرىق دېگەندەك بىرنەچچەخىلغا بۆلۈنگەنلىكىمۇ خېلى بىر يىللارغىچە ئۇلارنىڭ ئىناقسىزلىقىنىڭ سەۋەبچىسىبولۇپ كەلگەنىدىغۇ !؟
  ۋاي، بۇ نېمە ئىش ؟
  بۆرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر بۆرە خېلىدىن بۇيان مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ تۇراتتى. ئۇ تۇرۇپ - تۇرۇپ توپتىن قېپقالاتتى. باشتابۆرىلەر ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ ياكى يېنىغا بېرىپ، ئۇنى تۇمشۇقلىرى بىلەن پۇرايتتى، يالايتتى، پەنجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ياللىرىنى سىلاپ قوياتتى، ئاخىر ئۇنى قاتارغائېلىپ ماڭاتتى.پاتقاقلىقتىن ئۆتۈپ خېلى بىر مۇساپىدىن كېيىن بىر چاتقاللىقتاتوختىدۇق. دەل مۇشۇ چاغدا مەن ئۇ بۆرىنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغانلىقىنى سەزدىم. مەن باشقا بۆرىلەرنىڭ ھەتتا مېنى تۇنجى كۆرگەندىمۇ ماڭا بۇنچىلىك تىكىلىپقارىغانلىقىنى بايقىمىغانىدىم. تۇيۇقسىز، ئۇ بۆرە ماڭا قاراپ خىرقىرىدى، يۈرىكىمقارتتىدە قىلدى. ئۇ ماڭا ئۇشتۇمتۇت تاشلاندى، قانداقلارچە ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىمنى سەزمەي قاپتىمەن. كۆز ئالدىمدا ئۇ بۆرىنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشلىرى، ساڭگىلىغان تىلى، قان تولغان كۆزلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە يوق ئىدى. شۇ ئارىدا يۈز - كۆزلىرىمگە، باش - بويۇنلىرىمغا قۇيرۇق، يۇڭ - مويلارنىڭ قالايمىقان تېگىۋاتقىنىدەك بىر ئەھۋالنى سەزدىم ... بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بۆرىلەر بىر چەتتە ئوپۇر - توپۇر بولۇپ كېتىپتۇ. زەن سېلىپ قارىسام، ھېلىقى بۆرىگە ھەممە بۆرە تەڭلا يوپۇرۇلغانىكەن. بىر چاغدا ھېلىقى بۆرە يارىلانغان ھالدا دالىغا قاراپ قاچتى. ئۇنىڭ يۈگۈرگەن چاغدىكى قىسىلغان قۇيرۇقىلا كۆز ئالدىمدا قاپتۇ. مەن ئورنۇمدىنتۇردۇم. ھېلىقى بۆرە مېنى قاساشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. مەن ئەمدى باشقا بۆرىلەردىنمۇخەۋپسىرەپ تۇرۇۋېدىم، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭشىتىپ ئەتراپىمدا ئايلانغىلى تۇردى. ئۇلار ماڭا قارىمايتتى، باشلىرىنى يەرگە قاراتقان ھالدا مېنى ئۆزەك قىلىپچۆرگىلەيتتى، چۆرگىلەيتتى. مەن بۇنى »ئۇلارنىڭ خىجالەت بولۇۋاتقىنى« دەپ ھېسابلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئويلاپ باقسام، ھېلىقى بۆرە ئەسلىي كېسەل ئىكەن. كېسەل قاتتىق تۇتقاندا، ئۇ تەبىئىتىدىن ئاينىپ ماڭا ھۇجۇم قىلغان. دېمەك، بۆرە تەبىئىتىبويىچە ئادەمگە چېقىلمايدىكەن، چېقىلمىغان ئادەمگە ھەرگىز چېقىلمايدىكەن، لېكىنبىزچۇ؟ ...
  گۈلخان ئەتراپىدا زۇلمەت
  يىراقتىن گۈلخان يورۇقى كۆرۈندى. قاراڭغۇلۇقتىكى بۇ نۇرلۇق شولا مەندىن شۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدۇمنىئىللىق بىر تۇيغۇغا چۆمدۈردى. مەن گۈلخانغا قاراپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. بۆرىلەرمۇمېڭىشىنى ئىتتىكلىتىپ يەڭگىل يورغىغا چۈشتى. ئەمدى ئۇلارغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈمگە توغرا كەلدى. گۈلخانغا يېقىنلاشقاندا بۆرىلەر يورغىسىنى شاپپىدە توختاتتى. مەنمۇ يۈگۈرۈشتىن توختىدىم. ئۇلار گۈلخانغا بىر قىسمىلا قارايتتى، كۆزلىرى ئوت يورۇقىدا خۇددى يېنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۆرىلەر گۈلخاندىن يىگىرمە - ئوتتۇز قەدەمچە نېرىدا يېرىم ھالقىسىمان پىرقىراشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا ئاسماندا ھىلال ئاي پەيدا بولدى. بۆرىلەر كەينىگە داجىغان ھالدا ئايغا قاراپ تەلمۈردى. ئۇلار دەم ئوتقا، دەم ئايغا قارايتتى. بىر بۆرە ھۇۋلىدى، كەينىدىنلا ئۇنىڭغا يەنەبىرى، ئۇلىشىپلا يەنە بىرى، ئارقىدىن ھەممىسى قوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى. ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس ئاۋاز، لېكىن ھەممىسىلا بىر ئاھاڭدا ھۇۋلايتتى. ئۇلارنىڭ ئاھاڭى ماڭاتولىمۇ مۇڭلۇق بىلىندى. ئۇلار نېمىشقا مۇڭلىنىۋاتقاندۇ؟ ئاينىڭ مۇڭلۇق ھالىتىگەقاراپمۇ؟ ...بىرئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۇۋلىشى ماڭا ئەنسىز بىلىندى. ئۇلارغا نېمەئەنسىز تۇيۇلۇۋاتقاندۇ؟ ئوتمۇ؟ كۆكتىن چۈشكەن چېقىن، كۆيگەن ئورمان، كۈل بولغان ئىن - ئۇۋا، بىخسىپ كۆيگەن تاپ ... ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالغانمىدۇ؟ ياكى ... «پاڭ - پۇڭ ... » تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرى خىيالىمنى چورتتىدە بەلدىنئۈزۈۋەتتى. ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە، يېنىمدىكى بىر بۆرىنىڭ گۈپپىدە يەرگەيىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىختىيارسىز كەينىمگە داجىدىم. داجىغاندىمۇ خېلى داجىدىم. كەينىمگە بۇرۇلمىغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغىنىمدا، «داجىدىم» دېگەندىن كۆرە «قاچتىم» دېگىنىم تۈزۈك ئىدى. لېكىن، بىر بۆرە ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ھېلىقىيىقىلغان بۆرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. «پاڭ - پۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن ئۇبۆرىمۇ قەددىنى رۇسلىيالماي يېتىپ قالدى. كەينىدىن يەنە بىر بۆرە يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى. مەن شۇ چاغدىلا چۈشەندىم: بۆرىلەر ئوق تەگكەن قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇرۇۋاتاتتى. مەن كەينىمگە داجىغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم - دە، ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈردۈم، ئەپسۇس، مەن بېرىپ بولغۇچە ئۈچىنچى بۆرىمۇ ئوق يەپ يىقىلدى. مەن يىقىلغان بۆرىلەر بىلەن يۈگۈرۈپ كەلمەكچى بولغان بۆرىلەرنىڭ ئارىلىقىغا كىرىپ تۇرۇۋالدىم. مەن شۇتۇرۇشۇمدا تىرىك بۆرىلەرگە گويا: «سىلەر ئۆلۈم ئارقىلىق ئار - نومۇسسىزمەلئۇنلارنى نىيىتىدىن ياندۇرالمايسىلەر. قۇربان بېرىش پەقەت ۋاپا - ساداقەت ئەقىدىسى ئالدىدا تەسىرلىنىشنى بىلىدىغانلارغىلا ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ» دەۋاتاتتىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا قوراللىقلارغا: «ئاتساڭلار مانا مېنى ئېتىڭلار. نەزىرىڭلاردا مەن بىر ئەرزىمەس ئادەم قاتارىدا ئۆلسەممۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئەسلىيبۆرە قاتارىدا ئۆلدۈم، دەپ ھېسابلايمەن» دەۋاتاتتىم. قوراللىقلار ماڭا پوپوزا قىلىپ ئاسمانغا قارىتىپ بىرنەچچە پاي ئوق ئاتتى. مەن جايىمدىن مىدىرلىمىدىم. بۆرىلەر مەقسىتىمنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك، كەينىگە داجىپ - داجىپ تۈن قاراڭغۇلۇقىدا غايىب بولدى. مەن بۆرىلەرنى قاچۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ھاياجاندا قىزىغان قانلىرىم ئاستا - ئاستا سوۋۇدى. قانداقتۇر بىر ئادەملەرنىڭ چۇقانلىرى، دەرەخلەرنىڭ قايرىلىپ سوقۇلۇشلىرىدىن چىقىۋاتقان پاراس - پۇرۇسلار، يارىلانغان بۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى، گۈلخان ئوتىنىڭ چاراسلاشلىرى كاللامدا ئەكسئەتتى. مەن ئەسلىمگە كەلگەندە، بىرنەچچە قوراللىق ئادەم يىقىلغان بۆرىلەرنىڭتېرىلىرىنى تېنىدىن ئايرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇ كەلمىدى. كۆزۈم پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈنى ئۆچكەن مىلتىقىدا، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قېنىغا بويالغان پىچىقىدىلا ئىدى. مىلتىقلىرىنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئېتىۋەتكۈم كەلدى، پىچاقلىرىنى تارتىۋېلىپقانلىرىنى بۆرە قانلىرىغا قوشۇۋەتكۈم كەلدى. لېكىن مەن ئاجىز ئىدىم. ئۇلارنىڭ ماڭانېمىلەرنى دېگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، بىلگۈممۇ كەلمىدى. قاچان كەتتى، قانداق كەتتى، قارىغۇممۇ كەلمىدى. بىر چاغدا قارىسام، گۈلخان ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. قانداق قىلساممۇ ئىللىيالمىدىم، مۇزلىغان قەلبنى ھەرقانداق ئوتمۇ ئىللىتالمايدىكەن. يېنىۋاتقان ئوتقا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپتىمەن، ئولتۇرۇپتىمەن، ئاخىر لاۋۇلدىغان ئوتلارمۇ ئۆچۈپتۇ، كۈل ئاستىدا پىلىلداۋاتقان چوغدىن كۆزۈمنى يۆتكەپ قارىسام، شەرق تەرەپ چوغ قىزىللىقىغا چۆمكەلگەنىكەن.
  مۇقەددەس ئەستىلىك
  ئورنۇمدىن تۇردۇم، تېرىسى سويۇپ تاشلىۋېتىلگەن بۆرىلەرنىڭ قىپقىزىل تېنىگە قاراپ ئۆزۈمنى خۇددى قان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. گويا پۈتۈن ئەتراپ قىزىللىق ئىچىدە، ھاۋادىنمۇ پەقەت قان ھىدى كېلىۋاتقاندەك. مەن شۇ تاپتا ئاللىقانداق بىرسىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەپىلەشمەكچى بولغان جەرراھمۇ ياكى گۆشنى ئېپى - جېپى بىلەن پارچىلىماقچى بولغان قاسساپمۇ ۋە ياكى ئەسەبىيلىشىۋاتقان جاللاتمۇ، بىلمىدىم، يانچۇقىمدىن كىچىككىنە بەكەمنىچىقاردىم. بېرىپ بىر بۆرىنىڭ پېيىدىن ئازراق كېسىۋالدىم، ئوشۇقىنىمۇ ئەپچىللىكبىلەن چىقىرىپ، شوينىغا چىگىپ بوينۇمغا ئاستىم، ئاندىن نەمخۇش يەرنى قوللىرىمبىلەن كولاپ ئازگال ئېچىپ، بۆرىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆمدۈم. بۆرىدىن ئالغان مۇقەددەس ئەستىلىكنىڭ ئورنىغا بەكەمنى دۆۋىلەنگەن تۇپراقنىڭ ئۈستىگە سانچىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ كۆككە قاراپ دۇئا قىلدىم، كۆزۈمدىن ياش ئاقتى، بۇ ياش تىرناقلىرىمدىكى قاننى يۇيۇپ ئاقتى. قان - ياشلىرىم تۇپراققا چۈشتى. مەن كۆك تەڭرىدىن تىلىدىم: ئەي قۇدرەت ئىگىسى، مېنىڭ مۇشۇ قان - ياشلىرىمدىن گۈل - چېچەكلەر ئۈنگەي، مۇشۇ ناتىۋان، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قەبرىسىنى مەڭگۈ - مەڭگۈگۈلگە پۈركىگەي!
  قانغا پاتقان قىشلاق
  كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن، ئوڭ - تەتۈر دەسسەپ كېتىۋاتىمەن. نېمە ئويلاۋاتىمەن، قەيەرنى نىشان قىلىپ كېتىۋاتىمەن، بىلمەيمەن. كەينىمدە يېشىلچىلىقلار قالدى، چۆل - جەزىرىلەرمۇ قالدى، يەنە ئالدىمدا يېشىلچىلىق ... بىر چاغدا «كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەندەك بىر سادا زاھىر بولدى، ئوچۇق كۆزلىرىمنى ھەقىقىي تۈردە ئاچتىم. قارىسام، كۆز ئالدىمدا بىر دەھشەتلىك مەنزىرە: كەپىلەر بىلەن چاتقال دەرەخلەر كۆيۈۋاتقان، كالىلار ئېچىنىشلىق مۆرەۋاتقان، قويلار مەرىشىپ ئۇياق - بۇياققا قېچىۋاتقان، ئۇ - بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ئادەم جەسەتلىرى سۇنايلىنىپ ياتقان ... بۇ پاجىئەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئىس - تۈتەكلەر كۆزلىرىمنى، قان - ھىدلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇردى. كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلۇۋېتىپجەسەتلەرگە يېقىنلاشتىم. ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىكەن. ھەممىسىنىڭلا بەدىنىدە ئوق ئىزلىرى تۇراتتى. مەن جەسەتلەرگەقاراپ پېشانەمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ۋەھشىيلىك، ئاھ ۋەھشىيلىك! بۆرىلەر ئىچىدىمۇ مۇنچىلىك ۋەھشىيلىك يوق ئىدىغۇ. ئادەملەرگە نېمە بولغان؟ ئادەملەر، ئەي ئادەملەر! سىلەر ئەسلىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدىڭلار. قابىل بىلەن ھابىلدىن قالغان ئۆچمەنلىك ئۇدۇمى پات - پات سىلەرنى قىر - چاپقا قۇترىتىپ تۇردى. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئاقلايدىغان باھانە - سەۋەبىڭلار ناھايىتى كۆپ. زېمىن ئەسلىي سىلەرنىڭ ! ھەممىڭلارنىڭ ! ھەممىمىزنىڭ، شۇنداقلا بارلىق جانلىقلارنىڭ ماكانى ئىدى، لېكىن سىلەر «مەن» نىلا ئويلىدىڭلار، «مەن» نىقۇدرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە «مەن»نى «بىز» دەۋالدىڭلار. بۇ «بىز»قانداقتۇر بىرقانچە يۈز، مىڭ، يۈز مىڭ، ھەتتا مىليونلارغا ۋەكىل بولۇۋالدى. ئۇنىڭغاقارىمۇقارشى ياكى تەڭ تۇرىدىغان ئاشۇنداق «بىز»لەر بۇ زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە خۇددى ياۋا ئوتقا، ئازغانغا ئوخشاش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ «بىز» ۋاقتى كەلگەندە باشقا «بىز»لەرنى، بارلىق جانلىقلارنى ئەرزىمەس نەرسە قاتارىدا كۆردى، بەزىلەرنىڭھەتتا نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتتى ...
  كېچە ئۆلتۈرۈلگەن بۆرىلەر ... ئالدىمدا سۇنايلىنىپياتقان جەسەتلەر ... قان - ياش ئىچىدە قالغان قىشلاق ... كۆز ئالدىمدا تېز - تېزئالمىشاتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆيۈۋاتقان دەل - دەرەخلەردىن بۇقسۇپ چىققان ئىس - تۈتەكلەر پات - پات سۈرەتسىز قارا كارتىنا بىلەن يېپىپ تۇراتتى.
  كۆزلىرىمدىكى ئاچچىق، بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق، يۈرىكىمدىكى ئاچچىق ھەممىسى بىرلىشىپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. مەن ئۆچ ئالماقچىبولدۇم، ئۆز ئەسلىدىن ئاينىغان، ئادەملىك تەبىئىتىنى يوقاتقان ئاچ مەلئۇنلاردىنئۆچ ئالماقچى بولدۇم. يانچۇقۇمدىن بۆرىنىڭ سىڭىرىنى ئالدىم - دە، چوغنىڭ ئۈستىگەقويدۇم. سىڭىر پىژىلداپ سۈيى قېچىپ، ئاندىن تارتىلىپ قورۇلۇشقا باشلىدى. «مەن ئۇدۇم قىلدىم، _ دېدىم ئىچىمدە،_ بۇ شۇملۇقنى قىلغان قولۇڭلار چوقۇم مۇشۇ سىڭىردەك كىرىشىپ - تارتىشىپ قالىدۇ، مېڭەڭلار مۇشۇ سۈيى قاچقان سىڭىر كەبى قۇرۇيدۇ، پۈتۈن ئۈگەڭلاردىكى پەي - مۇسكۇللار ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ». مەن بۆرىگەتېۋىنىۋاتاتتىم، كۆك بۆرىنىڭ قۇدرىتىگە تېۋىنىۋاتاتتىم.

جاھان مەنزىلىدە
  مەن ئاجايىپ بىر روھىي يۆلەكنىڭ مەدىتى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. قان - ياش، ئىس - تۈتەك قاپلىغان قىشلاقنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. مەن قاچۇرۇۋەتكەن ھېلىقى بۆرىلەرنى ئىزدەپ تېپىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن كونا - يېڭىقۇرۇقلۇقنىڭ خېلى جايلىرىنى ئارىلىدىم، قەدىمكى ئۆڭكۈرلەرگە كىردىم، ئۇلارنىڭتاشقا ئويۇلغان مۇبارەك سۈرەتلىرىنى كۆردۈم ①، كۆزۈمگە سۈرتتۈم. توقىسىغا ئىنسان بالىلىرىنىڭ بۆرىنى ئېمىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى چۈشۈرۈلگەن كەمەرنى ② بېلىمگەباغلىدىم. بۇ ئىرادە كەمىرى ئىدى. دەستىسىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قامچىنى ③ قولۇمغا ئالدىم. بۇ مېنى ھەرگىز بوشاشتۇرمايدىغان ھەيدەكچى ئىدى. ئىگىرىگە بۆرە سىماسى چۈشۈرۈلگەن ④ كۆك تۇلپارنى مىندىم. بۇ ئەركەكنىڭ قانىتى ئىدى. تېبىر دەرياسىنىڭ تىررىن دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايىدا ئىنسان بالىلىرىنى ئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆردۈم. بۇ كەمىرىمدىكى ئويمىنىڭ چوڭايتىلغان ھەم مۇكەممەل شەكلى ئىدى. مەن بۇ ھەيكەل ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىدىم: قەدىم - قەدىم زامانلاردا مۇشۇ دەريا ساھىلىدا بىر دۆلەت بار ئىكەن. ئۇكىسى پادىشاھ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاجۇ - تەختىنى تارتىۋاپتۇ، ئاندىن ئاكىسىنىڭ ئۇرۇق - جەمەتىنىقىرىپتۇ. پەقەت بىر جيەن قىزلا ئامان قاپتۇ. جيەن قىز ئۆمۈر بويى توي قىلمايدىغان موناخ بولۇشقا مەجبۇر قىلىنىپتۇ. لېكىن، ئويلىمىغان يەردە بۇ موناخ قىز قوشكېزەك پەرزەنت تۇغۇپتۇ. غەزەپلەنگەن پادىشاھ موناخ قىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى بالىنى دەرياغاتاشلىۋېتىپتۇ. بۇ بالىلارنى بىر چىشى بۆرە قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، ئۆز سۈتى بىلەن بېقىپچوڭ قىپتۇ … بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۆرە ئۆزلىرىنىقۇتۇلدۇرۇۋالغان جايدا بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. كېيىن ئاكا - ئۇكا ئىككىسى بۇشەھەرنى قايسىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش مەسىلىسىدە ئارازلىشىپ قېلىپ ئاكىسى ئۇكىسىنىئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «رۇم» دەپ ئاتاپتۇ. كېيىن ئۇ خوتۇن - قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە قوشنا قەبىلە بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، ئارىغا بىرنەچچە ئانا بۆرە كىرىپ ئۇلارنى ياراشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر تىنجىپ،بۇ شەھەر بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىلىپتۇ ⑤.
  بۇھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيكەلگە قاراپ خىيالغا چۆمدۈم. «قۇرئان»دىكى ھابىل - قابىل _ ئاكا - ئۇكا ھېكايىسى، ئىنسانىيەتتىكى تۇنجى قاتىللىق ۋەقەسىگە سەۋەبچىبولغان ھوقۇق ۋەسۋەسىسى ۋە قىز ( ئىقلىمە) كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. ھۇن، ئۇسۇن، قاڭقىل، تۈركلەر ئېلىدىمۇ، ئەرگىنە قۇندىمۇ، ئوغۇزخان مەنزىلىدىمۇ، موڭغۇل زېمىنىدىمۇ، مىسىر ۋە فارس دىياردىمۇ، فېن، گېرمان ۋە سلاۋىيان ئەللىرىدىمۇ، ھەتتائىندىئانلاردىمۇ ھەر قېتىملىق قېرىنداشلار قەتلىئامىدا بۆرىنىڭ يا ئانىلىق، يائاتىلىق ياكى يولباشچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسانغا نىجاتلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىماڭا بىر ئىلاھىي قۇدرەتنى ئەسلەتتى. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگەيوشۇرۇنغان يىرتقۇچ − قاتىللىق خۇسۇسىيەت ھەربىر قېتىم پارتلىغاندا، ئۇنىڭغابەرھەم بەرگۈچى، ئۇنى چەكلىگۈچى، ئۇنى تىنچلىققا يېتەكلىگۈچى نېمە ئۈچۈن ھەر قېتىمبۆرە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق يىرتقۇچلۇقنى چەكلىگۈچى، ئىنسان نەزىرىدە ھەم نىجاتكار، ھەم يىرتقۇچ ھېسابلىنىدۇ؟
  دەرھەقىقەت، كۈچ - قۇدرەت، قۇدرەت ئىگىسى ئۈچۈنمۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇ ئىككى تەرەپلىمىلىككەئىگە ئىكەن؛ خۇددى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئۆزىنى كۆزلەش بىلەن ئۆزگىگە بېغىشلاش روھى ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن مۇكەممەل ھەمجەھەتلىك بولغانغائوخشاش.
  مەن جاھان مەنزىلىدە ئۇلارنىڭ ئىز - نىشانلىرىنى تاپتىم. بۆرە بېشىنىڭ سۈرىتىچۈشۈرۈلگەن تۇغ - ئەلەملەر ⑥، ياغاچ ئويمىلار؛ بۆرە سىماسى چۈشۈرۈلگەن قېيىق ۋە تۈۋرۈكلەر، كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئارىسىدا يۈرگەن بۆرىنىڭ سۈرىتى كەشتىلەنگەن رەخت ⑦، ئىندىئانلار قالدۇرغان ئۇچار بۆرە رەسىملىرى ⑧، بۆرە بىلەن ئىلاھ نامى تەڭ قوشۇلۇپ ئاتالغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىلار ۋە بايراملار ... ⑨ ماڭا ئۇلارنىڭ شانلىقئۆتمۈشىدىن دېرەك بەردى. مەن يىراق - يىراق ئۆتمۈشلەردىكى ئانىلىق - ئاتىلىقئەجدادلىرىمنىڭ ئىزناسىنى تاپقاندەك بولدۇم، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، مېھرىبانلىق، ھەمدەملىك، قان - قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەسلىييىلتىزىنى، ئىلھامچىسىنى تاپقاندەك بولدۇم. يىلتىزداشلىق، زېمىنداشلىق، تەقدىرداشلىق بۇرچى قانلىرىمنى ئۇرغۇتتى.
  مەن قۇياشقا قارىدىم، ئاق تەنلىك قوۋملارنىڭ قۇياش ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەن قوشۇپ ئاتىغانلىقى ئېسىمگە چۈشتى، قۇياش ماڭا تېخىمۇ ھارارەتلىك بىلىندى. مەن يېيىلىپياتقان ئوتلاق، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئورمانلارغا قارىدىم، بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىلاھىنىمۇبۆرە نامى بىلەن ئۇلۇغلىغانلىقى نەزىرىمنى تېخىمۇ كەڭلىككە تاراتتى. يەنەبەزىلەرنىڭ ئاسمان ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەن ئاتىغانلىقى كۆك بۆرە تەسەۋۋۇرۇمنىتېخىمۇ بۈيۈكلۈكلەردە پەرۋاز قىلدۇردى. ئەقىل - پاراسەت ئىلاھى مىركورى بىلەن «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغان بۆرە يۇلتۇزى ھەققىدىكى ئوخشاشلىق مېنىڭ تەپەككۇرۇمنىتېخىمۇ يۈكسەلدۈردى. ئاجايىپ بىر تۇيغۇ مېنى ئەسىر قىلىۋالدى. ئىنساننىقاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ھالاكەتتىن نىجاتكارلىققا، ئۈمىدسىزلىكتىنئۈمىدۋارلىققا، چۈشكۈنلۈكتىن جۇشقۇنلۇققا باشلىغان شۇ ئۇزاق دەۋرلەردىكى قۇدرەتلىك روھ _ بۆرە روھى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمدۈردى.
  بوينۇمغائېسىۋالغان بۆرە ئوشۇقىنى ھۆرمەت بىلەن سۆيدۈم، ماڭا كۈچ كىردى. بۇ ماڭا بۆرە روھىدىن كىرگەن كۈچ ئىدى.
  ئوۋچىنىقاچۇرۇش
  مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرىلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن ... تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىر ئوۋچىئۇچراشتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا بۆرە تېرىسى بار ئىدى. نېرى - بېرىسىنى ئويلىمايلا، ئۇنىڭ قولىدىكى بۆرە تېرىسىنى تارتىۋالدىم. ئۇ ماڭامىلتىقىنى تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بۆرە تېرىسىنى يېپىندىم. مەن شۇتاپتا ئۆزۈمچە بۆرە قىياپىتىگە كىرگەنىدىم. ئۇ ماڭا پوپوزا قىلدى، مەن ئۇنىڭغابۆرىلەرچە خىرىس قىلدىم؛ ئۇ مېنى مەنسىتمەي كۈلدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى ساراڭغاچىقاردىم. مەن ئۆزۈمنى گويا سىرتاردۇشلارنى ھالاكەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۆتۈكەن بۆرىسى ھېسابلايتتىم. مەن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم: »سەن ... سەنلەر ھالاك بولۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىسىلەر! « ئۇ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ مېنى ساراڭغا چىقاردىمۇ ياكىئاللىقانداق ۋەھىمىگە چۆمدىمۇ، بىلمىدىم، مىلتىقىنى ماڭا تەڭلىگىنىچە، كەينىگە داجىپ - داجىپ بىرئاز يىراقلىشىۋالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتتى.
  ئېگىزچوققىدىكى بۆرە
  مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرە تېرىسىنى يېپىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئۆزۈمنى بۆرە چاغلاپ، بۆرە جامائىتىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىسام پۇرىدىم، تىكەنلەرگەئىلىنىپ قالغان يۇڭلىرىنى بايقىسام كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم. ئۇلارنى ئەنە شۇنداق سېغىنىش ئىچىدە كېتىۋاتىمەن. ناھايەت بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. گويا بىر ۋەھىي ئاڭلانغاندەك ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. يۈگۈردۈم، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چاتقاللار پەشلىرىمگە ئېسىلدى، پەرۋا قىلمىدىم؛ ئۇچلۇق تاشلار چاپۇتلىدى، پىسەنت قىلمىدىم، يۈگۈردۈم، قۇلىقىم تۈۋىدە پەقەت بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىلا ! ئاخىر مەن ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ناھايىتى تىك بىر چوققىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. چوققىغا ياماشتىم، سېرىلدىم، يەنە ياماشتىم، يەنە سېرىلدىم، قانچە قىلساممۇ بولمىدى. ئاياغلىرىميىرتىلدى، قوللىرىم قانىدى، كىيىملىرىم جۇلجۇل بولدى، لېكىن مەن ئۇ تۇرغان يۈكسەكلىككە چىقالمىدىم. ئاخىر مەن ئۇ تۇرغان چوققىنى مەركەز قىلىپ پەستەئايلىنىشقا باشلىدىم، خۇددى بۆرىلەر بىر چاغلاردا مېنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندەك ئايلاندىم، كۆزۈم ھامان ئۇ تۇرغان نۇقتىدا ئىدى. مەن چۆرگىلەيتتىم، كاللامدىمۇئاجايىپ خىياللار چۆرگىلەيتتى. «ئەي بۆرە، _ دەيتتىم ئىچىمدە، _ سەن ئاشۇيۈكسەكلىككە، ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىككە مەنسۇپ. سېنىڭ روھىڭ تاغ - ئورمانلارغا، ئاسمان، يۇلتۇزلارغا سىڭگەن. يىراق ئۆتمۈشلەردە ئاتا - بوۋام ساڭاسېغىنغان، مەن ھېلىھەم ساڭا سېغىنىمەن. مەن سەن بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم، ئىچىمدىكىنى ئېيتقىلى كەلدىم »
  ھۇۋلاش
  تۇيۇقسىز، بۆرە ھۇۋلىدى. ئۇنىڭ ھۇۋلىشى تولىمۇ مۇڭلۇق ئىدى. ئۇنىڭ مەن بىلەن ھال - مۇڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. «سەن مۇڭلىنىشقا ھەقلىق، _ دېدىم ئىچىمدە، __ دۇنيادا قايسى بىر جان ئىگىسى ساڭا ئوخشاش ئاۋۋال شۇنچە زامان ئۇلۇغلىنىپ، كېيىن مۇشۇنداق قارىلانغان ھاقارەتلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؟ !»
  بۆرىنىڭھۇۋلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا بىرنەچچە بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى قوشۇلدى. مەن بۇئاۋازلاردىن داد - پەرياد ھېس قىلدىم. شۇنداق، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىدىن پەرياد ئۇرۇۋاتاتتى. قەدىمدە ئىنسان بىلەن بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا تەڭ ياشاپ، ئىنسانغا روھىي مەدەت ۋە ئۇلۇغۋارلىق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەمدىلىكتە قىرغىن قىلىنىش «مۇكاپاتىغا سازاۋەر»مۇ؟ مەن ئۇنىڭ داد - پەريادىنىڭتېگىنى چۈشىنىۋاتىمەن: تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنساندىن ماكان تالىشىدىغان، ئىنسانغاھۇجۇم قىلىدىغان غالجىر تەبىئەتنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرگەنمۇ ئەسلىي ئىنسان ئىدى. «نەسلىنى ياخشىلاش» دەيدىغان قانداقتۇر بىر غەلىتە ئىستەكنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئىتنىئۇنىڭ بىلەن چېتىشتۇرمىغان بولسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانغا ئۆچمەنلىك پەيدا بولارمىدى!؟ تۇيۇقسىز، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىدا بىر سۈر ئەكس ئەتتى. مەن قانداقتۇر بىر ۋەھىمە ئىچىدە قالدىم. ناھەق قارىلانغان، ناھەق جازالانغان بۆرىلەر ئەمدى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمىدۇ، ئىنساندىن قىساس ئالماقچىمىدۇ؟ ... لېكىن بۆرىلەر ماڭايوپۇرۇلۇپ كەلمىدى. دېمەك، بۇ ۋەھىمە ئىچىدە تۇرغان بۆرىلەرنىڭ ساداسى. ئۇلار ئىنساندىن ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتىدۇ.
  مەن ئەمدى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلدىم. ئۇلار ئۆزىدىنئەنسىرەۋاتاتتى، ئىنساندىن ئەنسىرەۋاتاتتى. راست، بۆرىنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىنسان ئەمدى ئۆز نەسلىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىۋاتىدۇ. ئىككى جىنستىن ئەمەس، بەلكىتاق بىر جىنستىن پەيدا بولىدىغان(ياكى بولغان؟) ئىنسان ئىنساننى نېمە كويغا سالار؟ تەبىئەتنى نېمە كويغا سالار؟
  بىرچاغدا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى كۈچەيدى، ئۇلارغا نۇرغۇن - نۇرغۇن بۆرىلەرنىڭھۇۋلاشلىرى قوشۇلغانىدى. تىلسىز تاغۇ - تاشلار خۇددى زۇۋانغا كەلگەندەك ئەكس سادا چىقاردى، بوران پەيدا بولدى. دەل - دەرەخلەر خۇددى ئۇلارنىڭ ئىسيانكار چۇقانىنىچاۋاك بىلەن ئالقىشلاۋاتقاندەك شالدىرلاشقا باشلىدى. گۈل - گىياھلار خۇددى ئۇلارنىڭ خىتابىنى تەستىقلاپ باش لىڭشىتىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقاندەك؛ بۇلاق سۇلىرى شىرىلداۋاتقاندەك ئەمەس، خۇددى توختىماي پىچىرلىشىۋاتقاندەك. كۆل سۇلىرى دەيدىغىنىنى ئەمدى ئىچىدە بىلىپ ياتماي، بىر ھەق گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەۋاتقاندەك، دەريا - دېڭىزلار تاشقىنلاپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ سۆزلەۋاتقاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. مېنىڭ قېنىممۇ ئۇرغۇدى. مەنمۇ بۆرە بىلەن، بوران بىلەن، تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدىم. مېنىڭ ھۇۋلاشلىرىمدا ھاياجانغا كەلگەن تەبىئەت بىلەن ئويغانغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھەمجەھەتلىكى ئەكس ئېتەتتى. مەن بۇ ھۇۋلاشلىرىمدا دۇنياغا خىتاب ياڭرىتىۋاتاتتىم: »بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئىنسانلار، قۇلاق سېلىڭلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلىي بىر مەنبەدىن كەلگەن قان - قېرىنداش ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزلىرىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ بىرماكانداش، كائىناتتا بىرلا ماكانداش __ بىرلا يەرشارىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنىجاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىنىڭ ھەممىگە، ھەممىگە ئورتاق ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ قىرغىن قىلىشمايلى دەۋاتىدۇ، قىرغىن قىلىشماڭلار دەۋاتىدۇ؛ ئۇ بۇ جاھاننى جەننەت قىلىدىغانمۇ ئىنسان، دوزاخ قىلىدىغانمۇ ئىنسان، دەۋاتىدۇ؛ ئۇ مەن بىر چاغدا مۇقەددەسلىكنىڭ ساھىبى ئىدىم، ئەمدى قارىلىنىپ ۋەھشىيلىكنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ قالدىم. ئىنسان ھېلىھەم ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ساھىبى، لېكىن ئاينىۋاتقان تەبىئىتى تۈپەيلى بەلكىم بىر كۈنى غالجىرلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەۋاتىدۇ.
  بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئەي ئىنسانلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ھەربىر بۆرە ئۆزىگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، لېكىن بىر خىل ئاھاڭدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىمەن، تەبىئەت قۇلاق سېلىۋاتىدۇ، سىلەرمۇ قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئىنسانلار ... »
  ئويغىنىش
  ئويغاندىم، قارىسام چېدىر ئىچىدە يېتىپتىمەن. مېنى بۆرىلەر چېدىر ئىچىگە ئەكىلىپ قويدىمۇ ياكىئەسلىدىمۇ چېدىردىن چىقماي چۈش كۆردۈممۇ، بىلەلمىدىم. چاڭغىراقتىن كۆككە قارىغىنىمدا چېدىر ماڭا كومزەكتەك، خۇددى جەسەت كۈلى قاچىلانغان كومزەكتەك بىلىندى. مەن ئېڭەك، بوينۇمدىكى تەرلەرنى سۈرتۈۋېتىپ سىرتقا چىقتىم. كۆككە تىكىلدىم، يىراق - يىراقلارغا قارىدىم. بۇ چاغدا ئاسمان زېمىننى ئوراپ تۇرغان ئايلانما ئېتىكى بىلەن ماڭا ئىنتايىن زور چېدىردەك بىلىندى. «مەن چېدىر ئىچىدە ياشاۋاتىمەن ... بىز چېدىرئىچىدە ياشاۋاتىمىز» دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاپ. مەن گەپ قىلغاندەك تۇراتتىم، لېكىن ئاۋازىم قۇلىقىمغا ھۇۋلىغاندەك بىلىندى. مەن كىم ئىدىم؟ كىم بولدۇم؟ كىمبولىمەن؟ ... بىز كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولىمىز؟ ... قاتمۇ - قات سوئاللار ئىچىدە بېشىم ئېسەنگىرەپلا قالدى. مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم. ئۆزۈمنى سەل ئازادىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ناخشا توۋلاشقا باشلىدىم:
  يۇرتۇمنىڭخەۋىرىنى بىلەمسەن، ئېيتقىن ماڭا
قارا باشىم قۇربان بولسۇن بۆرەم ساڭا...
  ناخشام چەكسىزلىكلەردە پەرۋاز قىلدى، قۇشلار چۇرۇقلاشلىرى بىلەن تەڭكەش بولدى؛ ناخشام كەڭلىكلەرگە تارىلىشقا باشلىدى، تاغۇ - تاشلار ئەكس سادا ياندۇردى ...
  مەن خىيالدىن ئويغاندىم، مەن ئويغاندىم، ئەي ئىنسانلار ...
  ئىزاھات
  بۇمۇھاكىمىلىق نەسرنى يېزىشتا، دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئامېرىكىلىق تۋىمان. ل. توۋېرسنىڭ «بۆرىنىڭ پاراسىتى» ناملىقئەسىرىدىن ئالغان يىپ ئۇچى ۋە ئىلھاملىرىم ئاز بولمىدى. مەن بۇ يەردە ئۇ ئىككىئاپتورغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى ئىزاھاتلارنىكۆپرەك «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»دىن ئالغانلىقىمنى ھەم شۇ كىتابتا كۆرسىتىلگەن مەنبە بويىچە تىركىگەنلىكىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قويماقچىمەن.
  ① «فرانسىيىنىڭ دوردوگنې ۋە ئىسپانىيىنىڭ ئالتامىرا خارابىلىرىدىن تېپىلغان ھايۋانات رەسىملىرى ئىچىدە، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغىنى بۆرە ئوبرازى ئىدى»، «ئۇنىڭدىنباشقا، لاما دېلېنې ۋە گوردان ئۆڭكۈرلىرى خارابىلىرىدىمۇ بۆرە سۈرىتى ئاساسىيسالماقنى ئىگىلىگەن»(سېن جياۋۇ: «توتېم سەنئەت تارىخى»، 1987 - يىل، خەنزۇچەنەشرى، 52 -، 53 -، 57 - بەتلەر).
  «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابنىڭ 210 -، 211 -، 213 - بەتلىرىدە باركۆل تەۋەسىدىن بايقالغان قىيا تاش رەسىملىرىدىكى بۆرە ئوبرازلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بېرىلگەن.
  ② «سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرى موڭغۇلىيە تەۋەسىدىن بىر ئىبادەتخانا خارابىسىنىقازغاندا بىر كەمەر تېپىلغان. كەمەر توقىسىغا بىر ئانا بۆرىنى تۆت تۈرك ئوغۇل بالا ئېمىپ تۇرغان كۆرۈنۈش چۈشۈرۈلگەن» (ئابدۇكېرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان»، 462 - بەت).
  ③«ئالتاي تاغلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا تەۋە قىسمىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 6 -، 7 - ئەسىرلەرگە تەئەللۇق تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت بىر قورغان تېپىلغان. قورغاندىنچىققان بىر قامچا دەستىسىگە ئۈچ بۆرە بېشى ئويۇلغان» («مىراس» ژۇرنىلى 1993 - يىللىق 1 - سان، 62 - بەت؛ ئەسلىي مەنبە «سوۋېت تۈركلوگىيىسى» ژۇرنىلى (رۇسچە)، 1987 - يىللىق سانلىرى، 68 - بەت).
  ④«ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابنىڭ 203 - بېتىگە ئالتاي ۋە مىنىسكىي ئويمانلىقىدىنتېپىلغان ئات جابدۇقلىرىغا ئويۇلغان بۆرە بېشىنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن سۈرەت بېرىلگەن.
  ⑤ «توتېم مەدەنىيىتىگە دائىر100 ھېكايە»، خۇنەن نەشرىياتى، 1991 - يىل خەنزۇچەنەشرى، 43 __ 45 - بەتلەر. M. H. باتۋىننىك قاتارلىقلار: «ئەپسانىلەر لۇغىتى»، 188 __ 190 - بەتلەر، M. بېسسون: «توتېمىزم»، كەيمېڭ كىتابخانىسى، 1932 - يىل، خەنزۇچە نەشرى، 75 - بەت.
  ⑥ «تۈركلەر ئۆزىنىڭ نەسلىنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، بايرىقىغائالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرگەن». («جۇنامە. يات ئەللەر تەزكىرىسى. تۈركلەر ھەققىدە قىسسە»، 50 - جىلد). «رىملىقلار ئىشلەتكەن بەش خىل ھەربىيبايراقنىڭ بىرىنچىسىگە بۆرە بېشى رەسىمى، قالغانلىرىغا ئات، ياۋا توڭگۇز، بۈركۈت ۋە كالا باشلىق، ئادەم تەنلىك غەيرىي مەخلۇقلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن» (سېنجياۋۇ: «توتېم سەنئىتى تارىخى»، 7 - بەت).
  ⑦ «ھون دەۋرىگە ئائىت مۇقەددەس بۆرە كۆكتە ۋە يۇلتۇزلار ئارىسىدا. ئاستى رەخت، ئۈستىكەشتە بىلەن زىننەتلەنگەن يەنە بىر بۆرە ئوبرازى» (ئە. سۇلايمان: «ئۇيغۇر توتېممەدەنىيىتى»، 206 - بەت. 22 - رەسىم).
  ⑧ «كۋاكىنتال ئىندىئانلىرى سەنئىتىدە تەسۋىرلەنگەن ئۇچار بۆرە» (ئە. سۇلايمان: «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»228 - بەت، 32 - رەسىم).
  M . H. باتۋىننىك قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ 1985 - يىلى بېيجىڭدا خەنزۇچە نەشر قىلىنغان «ئەپسانىلەر لۇغىتى»نىڭ 188 - بېتىدە، ئافېنا شەھەر ئەتراپىدا ئاپوللو لۇكېيوس ئىبادەتخانىسى بار. لۇكېيوس (بۆرىدىنتۇغۇلغان) دېگەن بۇ ئاتاق ئاپوللوغىلا ئەمەس، زېۋىسكىمۇ ئىشلىتىلگەن. ئاركادىيىدە زېۋىس لۇكېيوسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام «لۇكېيوس بايرىمى» («بۆرە بايرىمى» دېيىلىدۇ. بۇنداق بايرام ئارگېس ۋە تېسالىيىلەردىمۇ بار، دەپ كۆرسىتىلگەن.
  ⑩ «يۇنان ۋە رىم ئەدەبىياتىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭباشقىچە ئاتىلىشى (بۆرە) بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە (بۆرىدىن تۇغۇلغان)، (بۆرە سۈپەتلىكئاپوللو) دېگەن ناملىرى بار»(«دىن ئېنسىكلوپېدىيىسى»، نيۇ - يورك ماكمىللان نەشرىياتى، 1987 - يىل، ئىنگلىزچە نەشرى، 15 - توم، 431 -، 432 - بەتلەر).
  «قەدىمكى رىمدىكى ئورمان ۋە ئوتلاق ئىلاھى فائۇنۇسنىڭ يەنە بىر ئىسمى لۇپېركۇس بولۇپ، ئۇنىڭ لاتىن تىلىدىكى مەنىسى (بۆرە) ئىدى» (M. H. باتۋىننىك: «ئەپسانىلەر لۇغىتى»، سودا نەشرىياتى، 1985 - يىل، خەنزۇچە نەشرى 189 - بەت).
  «قەدىمكى رىمدىكى سىگنا بۆرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاسمان ۋە زېمىن ئىلاھى ئىدى» («دىنئېنسىكلوپېدىيىسى»، 15 - توم، 431 -، 432 - بەتلەر) (10 -، 11 -، 12 - ئىزاھلار ئە. سۇلايماننىڭ «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىنىڭ 29 - بېتىدىن ئېلىندى).
  «قەدىمكىئۇيغۇر تىلىدا(چېدىر) سۆزى(دۈم كۆمتۈرۈلگەن كومزەك)مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ... قەدىمكىئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزم ئەسەرلىرىدە بۇ سۆز(كومزەككە قاچىلانغان جەسەت كۈلى) دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن ... چېدىر ئۆيلەر قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆك تەڭرىگەئېتىقاد قىلغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتنىتولۇقلاش ئاساسىدىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادىدىلا كۆك -(ئاسمان)نى گوياكى دۈم كۆمتۈرۈلگەن كومزەكتەك يەرنى قاپساپ تۇرغان ئىلاھىي كۈچ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى» (ئا. راخمان، ر. ھەمدۇللا، ش. خۇشتار: «ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى»، 57 - بەت).
  «دەدە قۇرقۇت داستانى»دىن ئېلىندى.


saydul 2011-11-25 11:41
«بۆرە»نىڭ توققۇز خىل خاراكتىرى

1.پۇرسەت كۈتۈش: «بۆرە» ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمىش غورۇر ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ .

2.ئۆملۈك : «بۆرە» ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا،چوقۇم كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

3.ئۆزىنى بىلىش: «بۆرە»نىڭمۇ ھايۋاناتلار پادىشاھى بولۇش خىيالى بار ئەلۋەتتە.لېكىن «بۆرە» ئۆزىنىڭ بەرىبىر شىر ئەمەس بەلكى «بۆرە» ئىكەنلىكىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ .

4.سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇش : «بۆرە» قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ .

5.تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چېكىنىش: «بۆرە» گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتتىپاق .«بۆرە» ئەزەلدىن يارىلانغان سەبدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمەيدۇ .

6.ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش: «بۆرە» ھەرقانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ.ھەر قېتىملىق ھۈجۇمدىن بۇرۇن رەقىبىنى ياخشى چۈشىنىدۇ،رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ.شۇڭا «بۆرە» ئۆز ھەركىتىدە ئاساسەن غەلىبە قىلىدۇ .

7.كۆيۈمچانلىق: ئەركەك «بۆرە» چىشى«بۆرە» ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىن تارتىپ «بۆرە»كۈچۈگى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەركەت قىلغۇچە ئانا-بالىنى قوغدايدۇ.

8.پەرزەنت تەربىيسى: «بۆرە» بالىسى مۇستەققىل ھەركەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى«بۆرە»نىڭ پەلسەپەسى بولسا:ياكى «بۆرە» بول، بولمىسا قوي بولۇپ يەم بولدىن ئىبارەت !

9.ئەركىنلىكنى سۆيۈش: «بۆرە» ئەركىن،تەنھا يۈرۈپ ئاشلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى بىر پارچە تەييار لوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ.

ozqan 2011-11-25 14:51
  بەك ئېسىل  تېمىنى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىز ئۈچۈن  كۆپ تەشەككۈر  ئېيتىمەن ، تەۋپىق  مۇنبىرىمىز ئۈچۈن  داۋاملىق ھەسسە قوشقايسىز ...

abdumijit 2011-11-25 18:30
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

saydul 2011-12-01 13:38
  <<بۆرە تۇتېمى>> زادى قانداق تۇتېم
        يى خۇي
        ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمىسى
        ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە ھەتتا غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەش خاھىشىم  بويىچە<<بۆرە تۇتېمى>> ناملىق   ” ئاجايىپ ۋەقە “ ۋە ” غەلىتە تەپەككۇر “ لەرگە تويۇنغان بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققانلىقىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن.ئاپتور كىشىلىك خاراكتىر ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى  مۇرەككەپ روھى ھالەتلەرنى تېما قىلىپ ”ئالەمنىڭ جەۋھىرى“، ” پۈتكۈل كائىناتنىڭ روھى “ بولغان ئادەمنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بېلەن تەسۋىرلەشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، تەبىەت دۇنياسىدىكى سىرلىق ھەم يىرىتقۇچ مەخلۇق بولغان بۆرىنى قەلەمگە ئېلىپ بۇ ھەقتە ئەپسانە توقۇپ چىقىشقا ئورۇنغان. دەب-دەبە بېلەن تولغان 500 مىڭ خەتلىك بۇروماندا بۆرە باش قەھرىمان قىلىنىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش ھالىتى، خۇسۇسىيىتى ھەم ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىش جەريانى ئاساسلىق تەسۋىرلەش ئوبىيېكتى قىلىنغان. ۋەھالەنكى،روماندىكى ئادەملەر بولسا پەقەت كۈزەتكۈچى ۋە شەرھىلىگۈچى سۈپىتىدىلا ئوتتۇرغا چىققان.گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيىتقاندا ، بۇ روماننى پەقەت پەننى ئومۇمىلاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى دىيىشكىلا بولىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ  ئادەتتىكى  ھايۋانات ھەققىدە يېزىلغان رومان بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدۇ.    
        ئەسەردە ئاپتور باش قەھرىماننى كۈچەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بۆرىدىن قورقۇش، بۆرىنى يوقۇتۇشتىن تارتىپ بۆرە بېقىش، بۆرىنى ئاسراش، بۆرىنى چوڭ بىلىش، ئەڭ ئاخىردا بۆرىگە مەدھىيە ئوقۇشتىكى ھېسىيات ھەم تونۇش جەريانىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ مەقسىدى بۆرە بېلەن مۇناسىۋەت باغلاش، بۆرىنىڭ ھاياتلىق  ئېكىلوگىيىسى ، خۇسۇسىيىتىنى  بايان قىلىش ھەم شەرھىلەش جەريانىدا بۆرە روھىدىن ئىبارەت بىر خىل روھ (”بۆرىلىك خۇسۇسىيەت“، ”بۆرە تۇتېمى“) نى چەككىلەپ ئېلىپ، ئۇنى بولۇشىغا پەردازلاپ كۆككە كۆتۈرسە ئەكسىچە ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىنى چۆكۈرۈپ ئۇلارنى بۆرە روھىنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە چوقۇنغۇچىلىرى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇ ئادەم، ئىنسانلار تارىخى ۋە ئىنسانلار جەئىيىتىنى كونىلىققا قايتۇرۇشقا ئورۇنغان. ئاپتور بۆرىنىڭ قېنىنى ئادەملەرنىڭ قېنىغا كىرگۈزۈپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ۋەھشى، كۈچلۈك، شىددەتلىك بۆرە خارەكتىرى ۋە بۇ بۆرە خارەكتىرلىرىنى روھى تۈبرۈك قىلغان يايلاق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلىرىنىڭ روھىنى ئاجىز، بېكىنمە ھالەتتىكى جوڭخۇا تېرىم مىللەتلىرىنىڭ روھىغا بىر-بىرلەپ كۆچۈرۈپ ”روھ ئارقىلىق قان يەتكۈزۈش “ تارىخىنى نامايەن قىلغان.                                                                        
        مۇشۇنداق غەلىتە، غەيرى روماننىڭ بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە  بازار تېپىپ كەتكىنى ھەقىقەتەن ئەقىلغە سىغمايدۇ. دەرۋەقە بۇ       كىتابتا خۇددى پىلانلىغۇچى ئېيىتقاندەك ”مۇھەببەت، جىنىس سۆزلەنمىگەن“لىكى بەك قىزىق. ئەڭ قىزىقارلىقى بىزنى كىتابتا سۆزلەنگەن بۆرە ھېكايىسى ---بۆرە بېلەن يايلاق، بۆرە بېلەن ئادەم ۋە بۆرە بېلەن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھېكايىسى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. بىز كىتابتىن بۆرىنىڭ خاراكتىرى (خاراكتىر دېگەن بۇ سۆزنى ھايۋاناتلارغا ئىشلەتكىلى بولسىلا)بۆرىنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتىشى ھەم بۆرىلەرنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىشتىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ؛ بۆرە بېلەن يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەم دۈشمەنلىشىش ھەم ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك غەلىتە مۇناسىۋىتىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە شۇنچە كۈچەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ؛ يەنە ھېكايىلارگە نۇرغۇن ئېكىولوگىيىلىك بىلىملەر ۋە ساياھەتچى - ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئجايىپ-غارايىپ مەنزىرە ۋە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى قوشۇمچە قىلغانلىقىنى بىلەلەيسىز. ئەشۇ خەتەرلىك ھەم رەڭگارەڭ ئەپسانىلەر ، ساۋادلار،مەنزىرىلەر ھەم ئۆرىپ-ئادەتلەر كىشىلەردە تەبىي ھالدا شۇ يەرلەرگە بېرىش ئىستىكىنى قوزغىماي قالمايدۇ. مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئوقۇرمەنلەر---بولۇپمۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان، ئاتالمىش زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ يېڭىلىق تۇيىلىدۇ. ئەيتاۋۇر قاچانلاردىن باشلاندىكىن تاڭ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز دا شەخىسلەرنىڭ كۈندىلىك تەجىربىلىرىنى ۋە ھېسىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىپادىلەش يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغىلى قوپتى.ئوقۇرمەنلەر شەھەرلەردىكى مۇھەببەت، سودا جېڭىدىكى لەيلەش-چۆكۈشلەر ياكى بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى جان ساقلاشتىن ھېس قىلغان ئاچچىق-چۈچۈك يۇمشاق يازمىلار بېلەن كۆمۈلۈپ قېلىپ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئۆزلىرىگە يارىشا ھېكايىلەرنىلا ئوقۇيدىغان بولۇشتى. مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا <<بۆرە تۇتېمى>> كىشىلەرنىڭ ياقا يۇرىتلارغا بولغان ئىنتىلىش جەھەتتىكى ھېسىياتىنى تەڭشەش تەسەۋۇرى ۋە غەلىتە نەرسىلەرگە تەلپۈنۈش جەھەتتىكى ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدىغان يېڭى ئوقۇشلۇققا ئايلىنىپ قالدى.                                            
        بۆرىگە ئائىت ھېكايىلەر نوقۇل بايان قىلىش بېلەنلا چەكلەنگەن بولسا << بۆرە تۇتېمى >> نى رومان دېگەندىن كۆرە ئۇنى <<ھايۋانات دۇنياسى>> دېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولار ئىدى.شۇنداق بولغىنىدا ئوقۇرمەنلەر ئارىلاشماسلىق(كارى بولماسلىق)ھەققىدىكى بەزى ئىلىملەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالغان بولاتتى.ئاپتور بۆرىنى تەسۋىرلەش ھەم سۆرەتلەشتە ھەممە تەرەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم چوقۇنغان مەيداندا تۇرۇپ بۆرىگە كۈچلۈكلۈك،ئىنتىلىشچانلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك،قۇدرەتلىك، ئومۇمىيلىق ۋە كوللىكتىپلىق روھىنى يۈكلىگەن....ئىش قىلىپ بارلىق ئىجابي ئالاھىدىلىكلەر ئۇ تىكلەپ بەرگەن بۆرىنىڭ ”يايلاق قەھرىمانى“ ، تەبىەت ئاپرىدە قىلغان (كىتابتا ئېيتىلغان”تەڭرى ئاتىسى “) روھ ئەركىسى، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ”ئۇلۇغ ھەم كەم تېپىلىدىغان لەشكىرىي مۇشاۋۇرى“ دېگەندەك ئوبرازلارغا مۇجەسسەملەشكەن.ئۆزىنىڭ سۆزى بېلەن ئېيىتقاندا بۇ بىولوگىيىلىك نامايەندە ۋە تەسۋىر بولۇپ ،ئۆز خاھىشى بويىچە ئىپادىلىگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇق توقۇلمىغىمۇ يەتمەيدۇ.كىتابنى ئوقۇسىڭىز ئاپتورنىڭ بۆرە تەسۋىرىدىن تەبىئىيلىك ۋە ماھىيەتلىك مەسىلىلەردە كەڭلىك ئالىمىدە ئەركىن قەلەم چاپتۇرغانلىقىنى ، بۆرىگە ئالاقىداربارلىق سەلبى قىممەت ئامىللىرى(مەسىلەن ۋەھشىيلىك، قانخورلۇق، ئاجىزلىرى كۈچلۈكلىرىگە يەم بولۇشتەك ھايۋان خاراكتىرى)نى ماددىنىڭ تەبىئىيلىكى دەپ قاراپ ئۇنى سۇسلاشتۇرۇش ياكى سەل قاراش تۈگۈل ئاتالمىش ئىجابىي ئالاھىدىلىك دەپ قاراپ، ئۇنى جېنىنىڭ بارىچە كۈچەپ كۆككە كۆتۈرۈپ ، مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۇنى بىر خىل ئادىمىيلىك روھ، بىر خىل مەدەنىي تەرەققىيات مۇساپىسى  ئارقا كۆرىنىشىدىكى زامانىۋى تۇتېم دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز.                              
              ئەمەلىيەتتە بىزلەرگە شۇنىسى ئايانكى،بۆرە دېگەن بۆرە، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسى خالاس.بۆرىلەردىكى ئەشۇ ئاتالمىش ”روھ“ۋە ئەقىل-پاراسەت جانلىقلار تەبىئىتىدىكى مۇقەررەر تاللاش پىرىنسىپى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ھايۋانلاردىكى بىر خىل ماھارەت بولۇپ ئۇقانداقتۇر تەبىئەتتىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرى ۋە جانلىقلار قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى پەيدا بولغان تەبىئەتتىن ئايرىلغان ھالەتتىكى تاللاش ئەمەس.ئۆز تەقدىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان كۈچ پەقەت ئىنسانىيەتكىلا خاس بولۇپ پەقەت ئىنسانلارلا بۇ خىل سوبىيېكتىپ ئاڭ ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلارلا ھەقىقى يوسۇندىكى ئۆز تەقدىرىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىلاردۇر.                                                  
              ئەمما، ئادىمىيلىك مەنىۋىيلىك خاراكتىرگە ئىگە بۆرىلەر  تەبىئەتنىڭ ئەركىسى، زېمىننىڭ قەھرىمانى قىلىپ تەسۋىرلىنىپلا قالماي يەنە ”بۆرىلىك خاراكتىر“مۇ ئادەم تەبىئىتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھەتتا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ كېلىش ۋە جارىي قىلدۇرۇش زۆرۈر بولغان نۇرلۇق ئېلمىنت قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇ ھەتتا بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك ئاممىۋى ھاياتلىق پەلىسەپىسى --- سېپى ئۆزىدىن دارۋىنىزم: شەخىسنى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ھەركەت ۋە قىممەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قىلىش ،ئەركىن رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققانلارنى ئۇلۇغلاش، بۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئېرىشكەن ۋاقىتتا مەلۇم مەنىدىن بىزنىڭ جانلىقلار تەبىئىي تاللايدىغان ، ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدىغان تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىشىمىزنى تەشەببۇس قىلىدۇ.شۇڭا كىشىلەر ئۆ-ئۆزىنى تاللىشى ، ئۆزلىردە دەۋىرگە ماسلىشالايدىغان”يېڭى ئادىمىيلىك خاراكتىر“يارىتىش ئاپتورنىڭ قايتا ئېنىقلىما بېرىشى ،”بۆرە خارەكتىرى“ ىنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئۆز-ۆزىنى تاللاش ، ئۆزئۆزىنى قايتا يارىتىشنىڭ قىممەت سىستېمىسىغا ئايلانغان.      
        تېخىمۇ قىزىقارلىقى ، بىز ئىككى خىل ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشتىن <<بۆرە تۇتېمى>>  نىڭ نېمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بىرى جاڭ رۇيمىن --- زامانىمىزدىكى سودا قەھرىمانى --- نىڭ بۇ كىتابىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يازغان تەۋىسىيە سۆزىدە ”بۆرە خاراكتىرى“دىكى ئەقىل-پاراسەت، ئەقلىي بىلىش ۋە كوللىكتىپ روھنى كۈچەپ تەكىتلىگەنلىكى روشەنكى، بىر سودا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بېلەن ئاپتورنىڭ ”بۆرە خارەكتىرى“گە قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سودا نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان ۋە تەكىتلىگەن.يەنە بىر خىلى ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر بولۇپ ، كىتابنىڭ قىممىتى ۋە ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى ئىنكاسنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن پىلانلىغۇچى بىزگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ :                                              
                مېترودا ئۈچ ياشنىڭ مۇشۇ ئەسەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىرى ھازىرقى جەمئىيەتتە بۆرە كۆپ دېسە، يەنە بىرى قوي كۆپ دەيىتتى.يەنە بىرى بىز زادى بۆرە بولىشىمىز كېرەكمۇ ياكى قويمۇ؟ دەيىتتى.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۈچ ياشنىڭ مۇھاكىمىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ”بۆرە خاراكتىر“بېلەن” قويخاراكتىر“ ، ”بۆرە تىپى “بېلەن ”قوي تىپى“ئۈستىدىلا مەنا تاپماقتا ئىدى. ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىمۇ ئاددىي بولىدۇ.ئۇلار بۆرىنى بۆرە دەپلا چۈشىنىدۇ.ئۇلار ئاپتور، پىلانلىغۇچى ۋە شەرھىچىلەرنىڭ نىقابىنى، كۈچەپ چالۋاقاشلىرىنى ، چىلتەك توپ ئويناشلىرىنى چۈشەنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ بىۋاستە سورىغان مەسىلىلىرىنىڭ نېگىزى بۇ خىل نىقاب ۋە چىلتەك توپ ئويۇنىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە گۇمرانلىق بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ خالاس.                      
        مۇبادا مانا بۇلار <<بۆرە تۇتېمى>>مەزمۇن تېمىسىنىڭ ھەممىسى بولىدىغانلا ئىش بولسا ئۇ ئورمانلىققا تولغان ھېكايە بولۇپلا قالماي يەنە بازىرى ئىتتىك كىتابقا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى؛ كىشىلەرنىڭ ياقا يۇرىتلار ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر –ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئەدەبىيات مۇزىي كىتابى بولۇپ قالغان بولاتتى ؛ھەتتا ئەشۇ بىر قىسىم ”بۆرە ئادەم“لەرگە، ”بۆرە كۈچىكى“گە چوقۇنىدىغانلارنىڭ ”مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى“بولۇش سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشنىڭ دەرىسلىكىگە ئايلىنىپ مۇشۇ يىللاردا مودا بولىۋاتقان <<رەزىللەر دەستۇرى>>ۋە <<كىلاسسىزمغا پەشۋا>>غا ئوخشاش ئەسەرلەر تائىپىسىگە مەنسۇپ بولغان بولار ئىدى.ھېچ بولمىغابدا ئالىملىق سالاھىيىتىگە ئاپتورمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمايىتتى.                                    
        ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ”بۆرە“،”بۆرە خارەكتىرى“،”بۆرە ئەخلاقى“نى مەدەنىيەت، ئانتورپولوگىيەنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ تارىخ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن شەرھىلەيدۇ.”خۇاشىيا مىللىتىنىڭ تېرىم مەدەنىيىتى ۋە خۇاشىيا مىللىتىنىڭ مىللىيلىق خاراكتىرىدىكى كېسەللىكنىڭ يىلتىزى“ ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ.ھەم كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى نەچچە ئون بەتتە ئاتالمىش”بۆرە تۇتېمى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش ۋە دىئالوگ“ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قېچىرچە ”ئىدراكى ئىزدىنىش“ئېلىپ بارىدۇ.ئەشۇ لېكسىيە ۋە دېئالوگلار(ئەمەلىيەتتە ئاپتور ئۆزىنى ئىككىگە پارچىلاپ توسالغۇسىز ھالدا ئۆز-ئۆزى بېلەن ئەركىن پىكىر ئېلىپ بارىدۇ)دا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان ئىككى نەپەر ئالىم سىياقىدىكى زىيالىي ياش ئەترەت ئەزالىرىنى كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىدەك بىرى بىرىگە شۇنداق ماس كەلگەن قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ.ئۇلار ئاپتور ئۆز خاھىشى بويىچە پەيدا قىلغان، تۈس بەرگەن ياكى ھېسىيات كىرگۈزگەن بايانلار بولۇپ پۈتكۈل مەزمۇننىڭ خېلى زور سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ.بۇ ئىككى ھەزلىكەشنىڭ دىئالوگلىرىدا خەنزۇلار بېلەن شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر بىرىگە سېلىشتۇرۇلۇپ ، خەنزۇلار ئاجىز، كونسېرۋاتىپ” قوي“ غا  ،شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا كۈچلۈك، چەبدەس ”بۆرە“ گە سىمۋول قىلىنغان. تارىختا بۇ خىل ھالەت قىسقارتىلىپ ئىستىلا قىلغۇچى ياكى ”قان ئالغۇچى“؛ئىستىلا قىلىنغۇچى ياكى ”قان بەرگۈچى“لەر تارىخى دەپ ئاتالغانمىش. ئاپتور بۇ يەردە خەنزۇ مىللىتى ۋە خۇشىيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بوشلۇقى ، بولۇمسىزلىقىدىن ئېچىنىپ ، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان ئاتاۋىزىمچە باش ئۇرۇش ۋە بەيئەت قىلىشىدىن كىشىنى چۆچىتىدىغان مۇنداق بىمەنە خۇلاسىنى چىقارغان  :                                                  
        جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدىھا تۇتېمى يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بۆرە تۇتېمىدىن كەلگەن.خۇاشىيا مىللەتلىرىنىڭ< تەڭرى ئېتىقادچىلىقى> نى يەن-خۇاڭنىڭ 2-خاقانى يايلاق ۋە كۆچمەن چارۋىچى ئەجدادلىرىدىن خۇاشىياغا ئېلىپ كەلگەن.جۇڭخۇا زېمىنىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ۋە تېرىم مىللەتلىرى تەڭرى ئاتا ۋە يايلاق ئانىدىن تۇغۇلغان قان قېرىنداشلار بولۇپ يايلاق مىللەتلىرى ئاكىسى، خۇاشىيا مىللەتلىرى ئىنىسىدۇر.خۇاشىيا مىللىتى تېرىم مۇھىتى ئىچىدە ئاجىزلاپ كەتكەندە قەھىرلىك ھەم ساخاۋەتلىك تەڭرىم بۆرىگە خاس كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى ئوتتۇرا ئىقلىمغا ئەۋەتىپ ، قويلىشىپ كەتكەن تېرىم مىللەتلىرىگە قان بېرىپ ئۇلارغا كۆپ قېتىم يېڭىدىن گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەن. كېيىنچە زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىنىسى پەقەت قەددىنى كۆتىرەلمىگەن چاغدا ئاكىسى ئوتتۇرا ئىقلىمغا كىرىپ خۇاشىيا مەدەنىيىتىگە يانتاياق بولۇپ ئۇنى غەرىب مەدەنىيىتى بېلەن ئۇچراشتۇرغان.                          
        <<بۆرە تۇتېمى>> ئاپتور 30 يىلدىن ئارتۇق تەتقىق قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا تالاي قان-تەر بەدىلىگە يېزىپ چىققان ئەسەر بولۇپ سودا جەھەتتىن ھەل بېرىش، داغ-دۇغا بېلەن تەشۋىق قىلىش نەتىجىسىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىتاب بازىرىدىمۇ كاتتا شۆھرەتلەرگە نائىل بولماي قالمىدى. مەسىلەن ئوبزورچى لى جىڭزى ئېيىتقاندەك:”ئۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇشى ئۈستىدىكى ئەندىكىشلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈردى.ئەگەر سىز كىتابنى ئوقۇسىڭىز <بۆرە>گە يەتمەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلماي قالمايسىز. مانا بۇ ئاپتورنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىدۇر.“ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ئاپتور ئۆز ئىدىيىسىنى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ زەر تون بېلەن قانچىلىك نىقابلاشقا كۈچىمىسۇن بەرىبىر باش تېمىدىن چەتنەش سەۋەنلىكىنى ،كۆز قاراش جەھەتتىكى چولتا ھۆكۈمىنى ،لوگىكا جەھەتتىكى زىتلىقىنى، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش جەھەتتىكى بوشاڭلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئاپتورنىڭ بىمەھەل سۆرەن- شاۋقۇن پەيدا قىلغان بۇ كىتابى پەقەت ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپلا قالماي بەلكى نەشىرىيات سودىگەرلىرى ئۈمىد قىلغاندەك ئىنتايىن زور مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ، ئۇزۇن مەزگىل بازار تاپىدىغان كىلاسسىك ئەسەر دېگەن ھۆكۈمى ۋە بازار جەھەتتىكى پەرەزلىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.              
        (خەنزۇچە«جۇڭگۇەن كەنتى»ژۇرنىلىنىڭ2004-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى )

saydul 2011-12-01 13:40
يىلان ۋە بۆرە
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن

    قايسى كۈنى باغچىغا كىرگىنىمدە ئىككى نەرسە مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.
    ئۇنىڭ بىرى يىلان. لەغمەننىڭ پىلتىسىدەك تۈگۈلۈۋالغان بىر يىلان قاتمۇقات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى. كىشلەرنىڭ ئۇنى  بەس - بەستە كۆرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىمۇ شۇ بولسا كېرەك. يىلاننىڭ زەھەرلىك مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرگە قويۇلۇشىنى  ھايۋانات باغچىسىنىڭ رەڭدارلىقىدىن ئىبارەت ئېھتىياج كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. يىلان قاتمۇقات كۆرپىدە ياتىدۇ. كىشىلەر شۇڭا ئۇنى ھەۋەس بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بېلەت ئېلىپ باغچىغا كىرىدۇ. يىلاننىڭ كۆرپىدە يېتىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم مۇشۇلىمىدۇ؟

    مېنى ھەيران قلدۇرغان يەنە بىرنەرسە بۆرە بولدى. قاتمۇقات تۈمۈر رىشاتكىغا سولانغان بۆرە زۇلمەت كېچىدىكى چوغدەك يېنىپ تۇرغان كۆزىنى ھەر تەرەپكە تىكىپ، قانداقتۇر بىرنەرسىدىن چۆچۈگەندەك ۋە ياكى بىرەر ئولجىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىشقا تەييارلانغاندەك  رىشاتكىنى ئايلىنىپ ھەر تەرەپكە تىت - تىتلىق بىلەن يۈگۈرەيتتى.
    ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىتى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. يىلاننىڭ تەبىئىتى چېقىش. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ نېمىشقا كۆرپىگە نائىل بولدى؟ بۇ يەردە «چېقىش» دېگەن ئاتالغۇ يىلانغا نىسبەتەن يات ئۇقۇم. چۈنكى يىلان چاققۇدەك نەرسە بۇ يەردە تېپىلمايدۇ. شۇڭا كۆرپە يىلاننى جەلپ قىلىدىغان بىردىنبىر نەرسە بولغان بولۇشى، يىلانمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. باغچا خادىملىرى  يىلاننى خەق كۆرىدىغان يەرگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ياخىشراق ئامال تاپالمىغان بولۇشى ئېھتىمال.
    ئەمما، بۆرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ يېمەكلىرى مول بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەجدادىدىن باشلاپ دالادا خالىغانچە ياشاپ كۆنۈپ قالغاچقا، رىشاتكا ئىچىدە ياشاشقا كۆنمىگەندەك، ھەر سائەت يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھوشيار تۇرۇۋاتقاندەك، پۇرسەت تاپسىلا ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياسىغا كېتىدىغاندەك  قىلاتتى. رىشاتكىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئۆي ياساپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا رىشاتكىلىق ھويلىدا گويا قورشاۋدا قالغان گېنېرال نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تىنماستىن تىپىرلاۋاتقاندەك تۆت تەرەپكە يۈگۈرەيتتى. قارىغاندا بۆرە بۇ باغچىغا ئېلىپ كېلىنگىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىن ۋاز كەچمىگەندەك قىلاتتى.

    شۇنداق، دۇنيادا ئازراق مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا تەبىئىتىدىن ياتلىشىپ، ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغان مىجەز يالغۇز ئادەملەردىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلاردىمۇ ئۇچرايدىكەن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، تەبىئەتكە (قانۇنىيەتكە) خىلاپ ھەرقانداق ئىشنىڭ توغرا نەتىجە بەرمەيدىغىنى بەرھەق. بۇنداق قىلىش ھامان ئەسلىدىكى مەۋجۇتلۇق  ۋە ئېقىمغا تەتۈر تاناسىپ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ تراگېدىيسىگە ئەسلىدىكىدىنمۇ تېز ھامىلىدار بولماي قالمايدۇ

saydul 2011-12-01 13:51
«بۆرە تۇتىمى» دېگەن كىتابتىن ئۈزۈندىلەر
<ئاچىل> بىلوگىدىن ئېلىندى

(1) تەڭرى قورقۇمسىز ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ.(454)

(2) ئادەملەرنىڭ كۆڭۈل بىرلىكى بۆرىلەرنىڭ كۆڭۈل بىرلىكىگە يەتمەيدۇ.(500)

(3) تاماق يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ جەڭ.(534)

(4) قورسىقى تويغاندا ئاچ قالغان چاغلىرىنى ئېسىدىن چىقارمايدىغان بۆرىلەرلا قەيسەرلىك بىلەن ياشىيالايدۇ.(536)

(5) ھاياتلىقنىڭ ھەقىيقىتى ھەرىكەتتە ئەمەس،كۆرەشتە.(543)

(6) ئىت دېگەن نىجاسەت يەيدىغان ھايۋان،بۆرە دېگەن ئادەمنى يەۋېتىدىغان ھايۋان.(548)

(7) جەڭ دېگەن بېرىگە ھاياتلىق بەرسە،بىرىگە ئۆلۈم بېرىدۇ.(586)

(8) جان پىدا قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆلگەندىن ئۆمىلەپ يۈرۈپ جان باققان ياخشى.(590)

(9) جەڭگىۋارلىقى يوق ئەمگەكچى پەقەت قارا ئىشلەمچى.(624)

(10) تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەت دېڭىزلار قۇرۇپ،تاغۇ-تاشلار چىرىپ كەتمىگۈچە،ھەممە نەرسە ۋەيران بولمىغۇچە ياش ئېقىتمايدىغان مىللەت.(651)

(11) يايلاق قويلىرى جان چىقىۋاتسىمۇ مەرەشكە پېتىنالمايدىغان تۆەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردىن ئىدى.(661)

(12) يايلاقتا ۋاقىت دېمەك گۆش دېمەك ئىدى.(662)

(13) بۆرىنىڭ قوينى يەۋېتىشى ئەلۋەتتە ئىپلاسلىق،لېكىن قويغا ئوخشاش،ئائىلە ھايۋانلىرىغا ئوخشاش شەخسىيەتچى،تەپسە تەۋرىمەيدىغان،قورقۇنچاق ئادەملەر تېخىمۇ مۇدھىش ئىدى،ئۇلار ئادەملەرنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزىپ پارە-پارە قىلىۋېتەتتى.(664)

(14) كىمكى ئازراقلا بىخەستەلىك قىلسا،ئازارقلا ئىكىلەنسە،شەپقەتسىزلىك ئىچىدە شاللىنىپ كېتىدۇ.(668)

(15) نۇپۇس ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتكەن مىللەت جان بېقىشنى ھەممىدىن ئەلا بېلىدۇ،ئۇلاردا ئۆزىنىڭ سەنئەت ھۈجەيرىسىنى تەمىنلەيدىغان ئارتۇقچە قۇۋۋەت ھەرگىز بولمايدۇ.(710)

(16) ئىنسانلارنىڭ تارىخى ماھىيەت جەھەتتە مەۋجۇدلۇق ماكانىنى تالىشىش بىلەن قوغداشنىڭ تارىخى.(734)

(17) ئىتنىڭ ھەيۋىسى ئىگىسىگە قاراپ كۈچىيىدۇ.(750)

(18) ناۋادا بىرە مىللەتنىڭ ئىقتىدارى يوقىرى بولمىسا،مىجەزىدە قەيسەرلىك بولمىسا،ئۇلارنىڭ مۇستەقىل،ئەركىن،دېموكراتىك ۋە كۈچلۈك مىللەت بۇلۇشىمۇ خام خىيال.(762)

(19) ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر،دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۆتىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۆرە روھى بىلەن قۇراللانغان مىللەت ئىدى.(895)

(20) ئات ئۈستىدىكى مىللەت موتسىلىت ئۈستىدىكى مىللەتكە ئايلانغاندىن كېيىن،بىر كۈنلەر كەلگەندە ئېكولوگىيىلىك مۇساپىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ….(1120)

(21) مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى مىللەتنىڭ خارەكتېرىنى بەلگىلەيدۇ،مىللەتنىڭ خاراكتېرى شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.(1150)

(22) پەقەت كۈچلۈك مىللەتلەرلا كۈچلۈك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ.(1151)

(23) ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلغان مېڭىسى بىلەن قولىلا بولۇپ،تاشتە ئۇيۇل ئومۇرتقىسى بولمىسا،ئۇنداق مىللەت جىمىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئومۇرتقىسى يوق،يۇمشاق تەنلىك ھايۋان بوپ قالىدۇ.(1227)

(24) ئەگەر بىر مىللەت شاللىنىپ كېتىش تەقدىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دېسە،ئۇ چۇقۇم قەيسەر مىللىي خاراكتېرنى يېتىشتۈرىدىغان ئىشلەپ چىقىرىش شەكلى بىلەن شۇ خىلدىكى مىللىي مەۋجۇدلۇقنى ئاز بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشى كېرەك ياكى يارىتىشى كېرەك.(1234)

(25) بىر مىللەت پەقەت ئۆزىدە مۇستەھكەم،قەيسەر مىللىي خاراكتېرنى يىتىشتۈرەلىگەندىلا،ئاندىن ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە ئېگە بۇلالايدۇ.(1234)

(26) دۇنيادا قەدىمدىن بۈگۈنگىچە ئاساسەن ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، سودىگەرچىلىك، دېڭىز سەپىرى، سانائەتتىن ئىبارەت ئالتە خىل كەسىپ ۋە شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئالتە مىللەت بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى تېرىقچىلىق. چۈنكى، تېرىقچىلىق قىلغانلار ئۆزىنى ئۆزى باقالايدۇ، ئۆزىنى ئۆزى قامال قىلالايدۇ، ئۆزى بىلەن ئۆزى چاڭلىشالايدۇ، ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ كېتەلەيدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ رىقابەتكە، ئالماشتۇرۇشقا، شالغۇتلىشىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. تېرىقچىلىقتىن باشقا بەش خىل كەسىپنىڭ ھېچقايسىسى ”تىنچ“ كەسىپ ئەمەس، ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالمايدۇ، رىقابەت قىلمىسا، ئالماشتۇرمىسا، بىر-بىرىنى قىرمىسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ ھەمدە تەرەققىي قىلالمايدۇ. بۇ بەش خىل كەسىپنىڭ ھەممىسى رىقابەت كەسكىن، خەۋپ-خەتەر ئەڭ زور، شارائىتى قەبىھ، يا ئۆلۈم-يا كۆرۈم دەيدىغان كەسىپ. ناۋادا بۇ بەش خىل مىللەتتە بۆرىگە ئوخشاش ۋەھشىيلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان خاراكتېر بولمىسا مەۋجۇت بولمايدۇ.شۇڭا، بۇ ئالتە خىل كەسىپتىن بارلىققا كەلگەن ئالتە مىللەت ئىچىدە تېرىقچىلىق مىللىتىدىن باشقىلىرى، يەنى ئوۋچىلىق مىللىتى، كۆچمەن چارۋىچى مىللەت، سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەت، دېڭىز سەپىرى بىلەن بولىدىغان مىللەت ۋە سانائەت مىللىتى دۇنيادىكى تىنىمىسىز ئالغا باسىدىغان قەيسەر مىللەت قاتارىغا كىرىدۇ.(1151-بەت)

(27) خاراكتېر شەخىس ئۈچۈن ئالغاندا ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىدكى، تەرەققىي قىلىش-قىلالماسلىقىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. مىللەت ئۈچۈن ئالغاندا، مىللەتنىڭ خاراكتېرى شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىدىكى ھايات-ماماتلىقنى بەلگىلەيدىغان چوڭ ئىش. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش،ھالاك بولۇش، روناق تېپىش،خارابلىشىش تارىخىدىن قارىغاندا، مىللەت خاراكتېرى مىللەتنىڭ ئۇمۇرتقىسىغا تەئەللۇق مەسىلە. تارىخ بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرى قەيسەر، ئىلگىرلەش روھىغا باي بولسا، شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ ھەم كۆپ، ھەم زور بولىدىغانلىقىنى؛ بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرى ئاجىز بولسا، بۇ مىللەتنىڭ شاللىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورىيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئەسلىي مەۋجۇت بۇلۇپ ىدىن قارىغاندا، مىللەتنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىق شۇ مىللەتتىكى ئەڭ ئەجەللىك نوقسان. چۈنكى، مىللەتنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىق جىمىكى بالا-قازانىڭ مەنبەسى، ئۇ شۇ مىللەتنى ئەڭ نومۇسلۇق، پەقەت ئەپۇ قىلىشقا بولمايدىغان بىر مۇنچە جىنايى ئىللەتكە، ئالايلۇق، ئىلگىرلەش ئۈستىدە باش قاتۇرماسلىق، قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئالەمنى كۆزىتىش، ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇپ، دۆلەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرۈش، ئاسىيلىق قىلىپ تەسلىم بولۇش، بوينىنى قىسىپ قول قوۋۇشتۇرۇش قاتارلىقلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. خەلق قىرغىن قىلىنىدۇ، سېتىلىدۇ، قۇل قىلىنىدۇ،كەمسىتىلىدۇ، مىللەتنىڭ ئىرقى،يېزىقى، فامىلىسى، كىملىكى قاتارلىقلار ئۆزگەرتىلىدۇ. دۇنيادىكى سان-ساناقسىز قەدىمىي تېرىقچىلىق مىللىتى دەل خاراكتېرى ئاجىز بولغانلىقى تۈپەيلى شەپقەتسىز دۇنيادىن رەھىمسىزلەرچە شاللىۋېتىلگەن. دۇنيا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نوپۇس شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ھاياتلىق ماكانى بىلەن بايلىق مەنبەسى كۈنسايىن ئازىيىپ، مىللەتنىڭ خاراكتېر مەسىلىسى بارغانسىرى گەۋدىلەنگىلى تۇردى. شۇڭا، مىللەتنىڭ خاراكتېر مەسىلىسىگە تېخىمۇ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىش-تەرەققىي قىلىش تارىخىغا چوقۇم مىللەتنىڭ خاراكتېرى نۇقتىسىدىن قايتا نەزەر سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.(1179-بەت

saydul 2011-12-01 13:57
بىز توتېمنى قانداق چۈشەندۇق
(بالىلار ھېكايىسى)
      چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا يېنىمدىن ئايرىماي ئىزچىل ئوقۇيد ىغان ‹‹كۈل قىز›› دېگەن كىتابىمنى قۇچاقلىغان پېتىم مەكتەپكە كەلدىم.چۈشلۈك ئارام ۋاقتى تېخى توشمىغاچقا كۆپىنچە بالىلار سىنىپتا ئىختىيارى ئويناۋاتاتتى.
   ­­­ـــ ئەي بالىلار،مەن سىلەرگە تەتىلدە ئاپام بىلەن ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ ئاۋازىنى دوراپ بېرەي ھە!،-ئەكرەم شۇنداق دېگىنىچە ئالدىغا چىقىپ ھۇۋ ...ھۇۋ...دەپ ھۇۋلىدى،ئاڭغىچە ئىقبال:
  ـــ ئەكرەم،سەن ئايروپىلاننى دوراۋاتامسەن ياكى بۆرىنىمۇ؟-دەپ سورىدى.
   ئەكرەم ئاسمانغا قاراپ ھۇۋ... دېگەچكە ئاۋازى ھەقىقەتەن بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاپ قالغانىدى.
   ـــ مەن بۆرىنى دورىمىدىم،مېنىڭ بۆرە بىلەن خوشۇم يوق،ئۇ بەك قەبىھ،-دېدى ئەكرەم شۈركەنگەن قىياپەتتە.
   ـــ ئەكرەم،سەن بۆرىنى ياقتۇرمامسەن؟بۆرە دېگەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمى جۇمۇ،-دېدى سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ئەخلاقلىق قىز دىلرەبا ئەدەپ بىلەن سىلىق ئاۋازدا.
   نېمە ئۇ توتېم دېگەن؟مەن ئۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان.
   ـــ ئەكرەم،ئۇنداق دېمىگىن،توتېم دېگەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئېتىقاد دىنى.
   ـــ دىلرەبا،سەن بۇنى قانداق بىلىسەن؟-دەپ سورىدىم مەن قولۇمدىكى كىتابنى قويۇپ ئۇنىڭ گېپىگە قىزىقسىنغان ھالدا.  

   ـــ بۇنى ماڭا دادام دەپ بەرگەن،-دەپ گەپ باشلىدى دىلرەبا.ئەھمىيەتلىك بىر ھېكايىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ھەممىمىز دىلرەبانىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.
                  ـــ دادامنىڭ دېيىشىچە،توتېم بارلىق دىنلاردىن بۇرۇن پەيدا بولغان بىر خىل ئىپتىدائىي دىن ئىكەن.بۇ شىمالىي ئامرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ تىلى بولۇپ ‹‹ئەجدادى،يىلتىزى››دېگەن مەنىدە ئىكەن.مۇئەللىم بىزگە بېرىدىغان يىلتىزىمىزنى يېزىپ كېلىش تاپشۇرۇقىمۇ مۇشۇ ‹‹توتېم›› نىڭ مەنبەسى ئىكەن.بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز بۇرۇنقى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا ،بولۇپمۇ يايلاق تۇرمۇشىدا دائىم تەبىئىي،سۈنئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرغاچقا ئۆزلىرىنى خەتەردىن قوغدايدىغان بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولۇپ يايلاقتىكى بۆرىنى قوغدىنىش ئىلاھى قىلغانىكەن.ئۇيغۇر،موڭغۇل،قىرغىز،قازاق ۋە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى بۆرىنى قوغدىنىش ئىلاھى،يەنى ‹‹توتېم›› قىلغانىكەن.بۆرە قەبىھ كۆرۈنگىنى بىلەن بەك مۇلايىم ۋە ئەقىللىق،قورۇقماس.بۆرىنىڭ تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق ۋە باشقا ئادەملەرنى بېقىۋىلىپ ئۆزبالىسىدەك پەرۋىشتە چوڭ قىلغانلىقىنى ئوقىغان ئىدىم.    ـــ ھە! ئادەم بىقىۋالامدىكەن؟ـ ئەكرەم ھەيران بولۇپ سورىدى.
   ــ شۇنداق، بۇ توغرىلىق ھېكايە بىزنىڭ ئۆيدە كۆپ،كېيىن سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي،-دېدى دىلرەبا ئىللىق تەبەسسسۇمدا كۈلۈمسىرەپ.    ــ دادامنىڭ يەنە دېيىشىچە،‹‹ئوغۇزخان›› داستانىدىمۇ ئوغۇزخانغا بىر كۆك بۆرە يول باشلىغانمىش.ھەممە مىللەتنىڭ توتېم ھايۋىنى بولىدىكەن،مەسىلەن،خەنزۇلار ئاجدىھانى،تاجىكلار بۈركۈتنى توتېم قىلىدىكەن.ئىنسانلار ئۆزى توتېم قىلىپ،چوقۇنغان ھايۋاننى ئۆلتۈرمەيدىكەن،گۆشىنى يىمەيدىكەن.ئۆلتۈرۈشكە بەك مەجبۇر بولسا ئۆلتۈرگەندە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايدىكەن. بىرەر مۇراسىم ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنسا تەزىيە بىلدۈرىدىكەن.ھم شۇ ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئىسىم،تەخەللۇس قويۇش ئادىتى بولىدىكەن.بۇ ئادەتلەر ھېلىمۇ بىزدە بارغۇ.بىزدەك بۆرىنى توتېم قىلغان مىللەتلەردە بۆرە چىشى ،بۆرە سۆڭىكىدىن پۈتۈلگەن تۇمار ئېسىش ئادەتلىرى بار ئىكەن،مىسالەن،بۆرە ئوشۇقىنى ئېسىۋالسا ئامەتلىك بولىدىكەن،بوۋاقلارنىڭ بۆشۈكىگە بۆرە سۆڭىكىنى ئېسىپ قويسا جىن – ئەرۋاھلاردىن ساقلاپ خاتىرجەم،تېنىچ ئۇخلايدىكەن.ئاياللار تۇغقان چاغدا بۆرە تىرىسىگە ئورالسا ئۇ قۇتقۇزۈۇچى ئىلاھ بولىدىكەن،قىرغىزلاردا بۆرىنىڭ شۆلگىيىنى بوۋاقنىڭ ئېغىزىغا تېمىتسا تەڭداشسىز باتۇر بولىدىكەن،
   ھەممىمىز جىمجىت ھالدا دىلرەبانىڭ گېپىگە تېخىمۇ قىزىقسىندۇق.  

   ــ ئەمما،- دېدى دىلرەبا سەل ئەپسۇسلانغان ئاھاڭدا،-ھازىر بىزدە توتېم ئېتىقادى تۆۋەنلەپ كېتىپ بېرىپتۇ.بۆرىنىڭ يايلاقنى،ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدايدىغان سەركە ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ بۆرىنى ياۋۇز،قەبىھ دەپ قالايمىقان ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار ھازىرغىچە بار ئىكەن.ئويلاپ بىقىڭلار بالىلار،يايلاقنى ئېلىپ ئېيىتساق،يايلاقتا چاشقان كۆپ،بۆرە چاشقان يەيدۇ،چاشقانلار يوقۇتىلمىسا ئۇلار يايلاقتا كامار – كامار تۆشۈكلەرنى ئېچىپ يايلاقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.جەرەن – بۇغىلار بەك كۆپىيىپ كەتسە يايلاقنىڭ ئوت – چۆپى ئازلاپ قوي-كالىلارغا قالمايدىغان گەپ .قويلارنى ئانچە-مۇنچە قىرغىن قىلىپ،ھۈركىتىپ تۇرمىسا قويلار ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ،مانا مۇشۇلارنى بۆرە ئوڭشايدۇ ئەمەسمۇ.
   دىلرەبا گېپىنى تۈگەتكەندەك يەڭگىل تىنىپ قويدى.  

    ــ توغرا دېدىڭ دىلرەبا،ئاتا –بوۋىلىرىمىز ئۇلۇغلىغان توتېمنى بىزمۇ ئۇلۇغلىشىمىز كېرەك،-دېردى رازىيە مەمنۇنىيەت بىلەن، توتېمىمىزنى ئۇنۇتساق يىلتىزىمىزنى ئۇنۇتقان بىلەن باراۋەرمىز.ھەزىرقى بالىلار نېمىشقا يەتتە ئەۋلاد يىلتىزىمىزنى دەپ بېرەلمەيمىز،بۇمۇ سېنىڭ دېگىنىڭدەك توتېم ئېتىقادىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن بولغان.  

   ــ دىلرەبا،مېنى كەچۈر،-ئەكرەم ئۇيالغان ئىدى،-مەن بەكلا يۈزەكى قاراشتا ئىكەنمەن.بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ئاجىز روھىمنى ئۆزگەرتىپ توتېمىمىزنى ئۇلۇغلايمەن.سەن بۈگۈن بىزگە ئەھمىيەتلىك بىر سائەت دەرس ئۆتۈپ بەردىڭ،بىز توتېمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالدۇق،رەھمەت ساڭا! l
    سىنىپتىن ئون نەچچە بالىنىڭ چاۋاك ساداسى كۆتۈرۈلدى.
ئەلكىن تورىدىن يۆتكەلدى.

gulhan 2013-05-19 11:23
ئىسىل ماتىرياللار يىغىنچاقلانغان بۇ تېمىدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم.
ھەمدە مۇنبەر ئۈچۈنتەر تۈككەن بۇ ئەزىزلەرگە ئالەمچە تەشەككۈر.

ئەكبەرنىياز 2013-05-19 13:36
ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىلار ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

مەمەتئېلى 2013-05-29 19:14
«تاما- تاما كۆل تۇلار»دىگەن شۇدە.

13379705568 2013-06-08 00:46
تولمۇ ئسىل تىمىلار ئېكەن، قولىڭزغا دەرت بەرمىسۇن

tawpek 2013-08-05 18:04
ئەجەپ مول مەزمۇنلۇق تېما بوپتۇ بۇ.

تارىخ ئوقوغاندەك، جۇغراپىيە بىلىملىرى ئۈگەنگەندەك قىسقىسى بىر يارقىن خەرىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتىكى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمىدى.


查看完整版本: [-- بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us