查看完整版本: [-- دۇنياۋى كىرزىسنىڭ ئۇيغۇرلار بۇلغان تەسىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> دۇنياۋى كىرزىسنىڭ ئۇيغۇرلار بۇلغان تەسىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2011-05-17 10:34
ئىككى قېتىملىق دۇنياۋى كىرزىسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بۇلغان تەسىرى
مەمەتئابدۇللا غۇجابدۇللا
1 – زامانىمىزدىكى خەلقئارالىق نۇتۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىگە بۇلغان تەسىرى
2008 – يىلى سىنتەبردە تۇلۇق3-يىللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارمەندىن: بۇ يىل پاختا باھاسى داۋاملىق ئۈسەمدۇ ياكى چۈشەمدۇ؟ – دەپ سۇرىدى. مەن ئامېرىكا بىلەن ئىران رەھبەرلىرى بۇش بىلەن ئەھمەدى نىجاتنىڭ گەپ -سۆزلىرىگە باغلىق دىدىم.
-مۇئەللىم نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدۇ؟نىمىشقا ئۇلارنىڭ سۆزى تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇلارنىڭ پاختا كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ؟كۇنكىرتنى سۆزلەپ بەرگەن بۇلسىلا،- دىدى.
مەن 2-يىللىقتا ساۋاقداشلارغا دۇنيا ئىقتسادىنىڭ ئاساسى يۈزلىنىشىنى سۆزلىگەن يەنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ رايۇنلىشىشى… . دىمەك نىفىت باھاسى ئۆسكەندە نىلۇن رەخت باھاسى ئۈسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاختا رەختكە بۇلغان ئىھتىياج ئېشىپ ،پاختا رەخت باھاسى ئۈسۈپ پاختىغا بۇلغان ئىھتىياج تىز ئاشىدۇ.ئەكسىچە بۇلغاندا،پاختا رەخت باھاسى چۇشىدۇ ھازىرچە رايۇنىمىزدا پاختا باھاسى چۇشىدۇ،ئەھمەدى نىجات<>دىگەن گىپىگە قارىتا بوشنىڭ سۆزلىرى … ئامرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپلا قالماي ،خەلقئارا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى.شۇڭا دۇنيادا نىفىت باھاسى تىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،ئەمما خەلقئارا ئاتۇم ئىنىرگىيىسى ئاپپاراتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ماسلاشتۇرىشى ھەم ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق يامانلىشىپ كىتىشىنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىشىدىن، خەلققە ئاپەت ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا تىرىشقانلىغى ئۈچۈن نىفىت باھاسى چۈشتى.ئەگەر 2008 -يىلى 7-ئايدىكى نىفىت باھاسى بۇيىچە بۇلغان بۇلسا، پاختا باھاسى يۇقىرى بۇلغان بۇلاتتى ئەمما ھازىر مەلۇم نىسبەتتە چۈشىشى مۇمكىن دىگەن ئىدىم .
2-دۇنياۋىيلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرزىسنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە ئىككى قېتىملىق دۇنياۋى كىرزىس .
بىز تارىخنى ۋاراقلايدىغان بۇلساق يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشىدىن باشلانغان يەرشارىلىشىش دۇلقۇنى ئىنسانىيەت جەمىيىتىنى بىرگەۋدىلىشىشكە قاراپ يۈزلەندۈردى.يىڭى دېڭىز يۈلىنى ئاچقۇچىلاردىن بۇلغان ياۋرۇپالىقلار ھەرقايسى قىتئە،ئەل ۋە مىللەت ئارا ئالاقىدە باشلامچى بۇلدى .دۇنياۋى چۈشەنچىسى ئاشتى دۇنياۋى كىڭەيمىچىلىك باشلاندى،غايەت زۇر ماددىۋى بايلىق تۇپلاپ قالماستىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇرغا ئىرىشتى.يىڭىدىن شەكىللەنگەن بۇرزۇئازىيە تىز باش كۈتۈرۈپ ئىنسانلار ئارىسىدىكى يىڭى بايلار تۇپى رەھبىرى كۈچ بۇلۇپ قالدى.دۇنيانى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدىكى ئاساسى تۇغچى (بايراقدار)بۇلدى.ئۇيغۇر دىيارىمىز دەل يىڭى دېڭىز يۇلى ئېچىلغان دۇنياۋىيلىشىش شامىلى كۈتىرىلگەندە قەدىمىقى يىپەك يۇلىنىڭ مەركىزى ،ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى تۈگۈن. يەنى قەدىمقى شەرقتىكى ئۇتتۇرا تۈزلەڭلىك، غەربتىكى ئىران يىراقتىكى يۇنان، جەنۇپتىكى ھىندى ۋادىسى ۋە شىمالنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان خاسىيەتلىك ئالتۇن دىيار .
كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇچراشقان،سىڭىشىشكەن،تەسىر كۆرسەتكەن ،مەدەنىيەت قان تۇمۇرلىرى نۇقتىسى يۈرەكتەك ياۋرۇ-ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك تۈگىنى،قەلبى ئىدى.قەدىمقى دىيارىمىزھەرخىل مەدەنىيەت تىپلىرىنى ئۈزىگە سىڭدۈرگەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت پۇرىقى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ قەلبى ھىسابلاشقا تىگىشلىك گۈھەر زىمىن، ھەر خىل كۈچلەرنىڭ تالىشىش نىشانى ئىدى.16-ئەسىردىكى سۇدا،ئىقتىساد يۇلى يەر (قۇرۇقلۇق)نى مەركەز قىلىشتىن، دېڭىز-ئۇكيان(سۇنى)نى مەركەز قىلىشقا باشلىشى بىلەن مەركەزدىن قاچقان ،يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئايلاندى.خەلقئارامۇناسىۋەتلەردىن ياتلىشىش،بىكىنمە،تۇرغۇن،ئىقتىساد ۋەسۇدىنى مەھەللىدىن چىقماي بىجىرىش،زامانىۋى مەدەنىيەتنى پىنھان ھىس قىلىش ۋە بىلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنى ساقلىدى. دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر تەسىرىنى دىيارىمىزغا كىرگۈزەلمەيدىغان، يىگانە،بىكىك ،ئۇنتۇلغان ،ئاسىيانىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپمۇ ئالەمنىڭ چىتى،مەركەزدىن يىراق بۇلۇڭغا ئايلاندى.
ئۇتتۇرا ئەسىردىكى قاراڭغۇلوق يۇقالغان ، ھەتتا قاراڭغۇلوق سايىسى باشقا جايلاردا ئاللىقاچان قۇغلانغاندا ئۇيغۇر دىيارى كىچىكىپ بۇلسىمۇ يەرشارىلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ياۋرۇپالىق باشلامچىلار دىيارىمىزغا كىلىشكە باشلىدى.شۇنداقتىمۇ دۇنياۋى دۇلقۇنغا كۆپ ئۇچرىمىدۇق. داغدۇغىسى زۇر بۇرزۇئا ئىنقىلابلىرى ،مىللى ئازاتلىق كۈرەشلىرى ياكى ئەقىلنىڭ ئاجايىپ پارتلىشى بۇلغان ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقلابىنى كىچىكىپ ئاڭلىدۇق.دۇنيا زۇمىگەرلىك تالىشىشىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلىنىشى بۇلغان 1-جاھان ئۇرىشى بۇلغان دەۋرىدىمۇ ئارۇن 6كۈنلۈك پادىشاھ راخمان گۇگۇتتەكلەر چىقتى. راخمان گۇگۇتنىڭ تىنى تىتما-تىتما بۇلغاندا ھەر ھالدا پارچە بۇلۇپ كەتكەن تەننى يىغىپ دەپنە قىلدۇق.يەرشارىدىكى كىشىلەر تۇپى بەرىبىر ،يەرشارى ئاتلىق ئالەمدە بىر ھارۋا ياكى كېمىگە چىققان سەپەرداشلار بۇلغاچقا مۇقەررەر باغلىنىش ئارقىلىق ئالغا ماڭدۇق. دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ھالىدىن كەتكەن ياۋرۇپانىڭ ئۇرنىنى ئېلىپ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ھۇقۇقىنى ئىگەللىدى،نيۇيوركمۇ دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى .ئەمىلى كۈچىگە تايىنىپ ئامرىكا پۇل دىپلۇماتىيىسىنى يۇلغا قۇيدى،گۈللىنىۋاتقان ئىقتىساد مۇددەتكە بۆلۈپ پول تۆلەش ۋە بانكا ئىناۋەتلىك قەرزى(كرېدىتى) ۋاقىتلىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈردى. پاي چېكى باھاسىمۇ داۋاملىق ئۆستى. <> مانا بۇ ،تۇلۇق ئۇتتۇرا تارىخ دەرسىدىكى 1929 – يىلىدىن 1933 -يىلىغىچە بۇلغان ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ باشلىنىشى ھەققىدىكى بايان . ئامېرىكىدا 1850-يىلى قۇرۇلغان ،ھازىر ئامېرىكا ۋە دۇنيادىمۇ زۇر تەسىرگە ئىگە چۇڭ بانكا <> 2008-يىلى 16-سىنتەبر دەل شۇ نيۇيۇركتىكى ۋال كۇچىسىدا ۋەيران بۇلغانلىغىنى جاكارلىدى. 2008-يىلى ،ياز پەسلىدىكى بانكىلارنىڭ ۋەيران بۇلىشى بىلەن قۇشۇلۇپ تىزلىك بىلەن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.يەرشارىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى رادىئۇ-تىلىۋىزىيە،گېزىت-ژۇرنال،ئىنتىرنىت تۇرى ھەتتا<> مۇ يېنىدىكى ئادەملەرگە كىرزىس تۇغرىسىدا بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى .ئۆزىگە نىسبەتەن ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابلاردىن ،قىزىقىشى بۇيىچە سۇئال سۇراپ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ،زىيان ۋە تەسىرىنى بىلگۈسى كەلدى ھەم … .
ياپۇنىيە باش ۋەزىرى تارائاسۇ<> ،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى كۇمتىتىنىڭ رەئىسى گېرنىس فاننىڭ سۈزى بۇيىچە ئېيىتقاندا <> بۇ خەۋەرلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق مىسلىسىز كرىزىسنىڭ ئاپىتىنىڭ دەھشەتلىك تەسىرىنىڭ ۋەھىمىسىنى ھەم ئىنكاسىنى ئىپادىلەيدۇ. يەرشارى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ يۈرىكى بۇلغان ۋال كۇچىسىدىن باشلانغان ئىسنى ئاسىيانىڭ كىندىكى تەڭرىتاغ بۇيىدا تۇمان پەيدا قىلمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ. زامانىمىز تەكلىماكاندا باشلانغان شامال، سەھرايى كەبردە بۇران، چىلى قۇملۇقىدا قۇيون.سىبىرىيىدە چىققان شامال ھىندۇنىزىيىدە قاريامغۇر ،ئاۋستىرالىيىدە سىم-سىم يامغۇر ياغىدىغان دەۋرىدە تۇرىۋاتىمىز. شۇڭا مۇھىت تۈزەشتىمۇ بىر،ئىككى رايۇندا ئەمەس بەلكى ،مۇھىتنى يەرشارى خاراكتىرلىق تۈزەيدىغان ئىكىلۇگىيىلىك سىستىماقارىشىنى تۇرغۇزدۇق.ئەمدىلا پارتلىغان ئىقتىسادى كىرزىس، ئامېرىكىدىلا ئەمەس يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى ئاپەتكە ئايلاندى.پىلانىتىمىز ئىقتىسادى ، ئىكىلۇگىيىسىگىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالدى.تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا پەيدا بۇلغان تۇمان بىرقېتىملىق يامغۇر ياغسىلا تۈگەيدىغان بۇلۇت ئەمەس .بىز ئالدى بىلەن ئىككى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ پارتلاش سەۋەبى ،تەسىرى بۇلۇپمۇجۇڭگۇ ۋە ئۇيغۇر دىيارىمىزغا كەلتۈرىدىغان تەسىرى ئايرىم-ئايرىم قانداق بۇلدى ۋە بۇلىدۇ؟ نۆۋەتتە رايۇنىمىزقانداق تەدبىر قۇللىنىش لازىم؟…قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە قارىشىمنى بايان قىلىمەن.
يەرشارىلىشىش ماھىيەتتە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى بۇلوپ بازار ئېچىش ۋە خام-ئەشىيا مەنبەسى ئىگەللەش ئاساسى مەقسەت ئىدى. سىياسىدا مۇستەملىكىچىلىك ۋە جاھانگىرلىك شەكلىدە ئىپادىلەندى .سىياسىنىڭ جىددى ۋە كەسكىن ئىپادىلىنىشى بۇلغان خەلقئارالىق ئۇرۇش ھەم تەڭسىز شەرتنامىلەر نامىدىكى رەڭلەردە بىزەلدى. يەرشارىلىشىش تىگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئەڭ ئاساسلىغى ئىقتىسادى بۇشلۇققا ئىگە بۇلۇش ۋە ئىزدەشتۇر. ئىقتىسادى بۇشلوق ئىزدەش ،پەن- تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى،ئىنسانىيەتنىڭ ھەمكارلىغىنى قۇيۇقلاشتۇردى.
يەرشارىلىشىشنى ئامەت بىلەن ئاپەتنىڭ بىرلىگى دىسەكمۇ بۇلىدۇ.
يەرشارىلىشىش دۇلقىنىنىڭ پايدىلىق تەرىپىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان زىددىيەتلەر كىلىشتۈرگىلى بۇلمايدىغان دەرىجىگە يەتتى ،ئۇرۇش ئىقتىسادنى ۋەيران قىلغىنى بىلەن يىڭى ئىقتىسادى بۇشلىقنى تەبئىي شەكىللەندۈردى.ئەمما ئۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى بۇشلوق يارىتىش يۇلى ياخشى يول ئەمەس، ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمى ئارقىلىق ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئىقتىساد تەرەققىيات (بوشلۇق يولى)ئۇسۇلىنى تېپىشىمىز كىرەك.
1 -جاھان ئۇرۇشى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ھالىنى كەتكۈزىۋىتىپ<>دەپ ئاتالغان ئەنگلىيىنى ئاجىزلىتىپ بۇشىرنى قىرانلىقىدىن كەتكۈزىۋەتتى .ۋاشىنگتۇن يىغىنى ئارقىلىق ئامېرىكا ،ئەركەك شىرنى ئەمدى ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۈركۈتكە يۇل قۇيۇشقا مەجبۇرلاشقا باشلىدى .دېڭىز شىرى سىلكىنسە سۇ شارى دۇلقۇنلاشتىن شىربىلەن بۈركۈت ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرىغان ھەم بىرلىكتە دەۋران سۈرىدىغان دەۋر يىتىپ كىلىشكە باشلىدى.بىز بۇنى <> دەپ ئاتىدۇق. قانات قۇيرىقى يىتىلىۋاتقان بۈركۈتمۇ، شىربىلەن تۇتىشماي يەرشارىنى <>غا ئېلىش ئۈچۈن يۈرەك (ئىقتىساد) نى كۈچەيتىشكە تىرىشتى .دىققىتىنى ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتتى .بۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادى تىزيۈكسەلدى، بىراق ئۇنىڭغا ئېغىر كىرزىس يۇشۇرۇنغان ئىدى.
كىرزىسنىڭ پارتلاش سەۋەبى ۋە جەريانى تۇغرىسىدا : بىرىنچىدىن ئىككى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ پارتلاشتىكى تۈپ سەۋەبى ئۇخشاش يەنى كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ئاساسى زىددىيىتى بۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىغا خۇسۇسىيلارئىگىدارچىلىق قىلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى ئۇتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر.ئىككىنچىدىن يەرشارى بۇيىچە پارتلىغان ئىككى قېتىملىق كىرزىس پۇل –مۇئامىلە ساھەسىدىن باشلانغان ئۇت پىلتىسى تۇتاشقان ئۇرۇنمۇ ئۇخشاش ۋال كۇچىسى .
ئىككى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنى مېنىڭچە ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى يەنى ۋاكىئۇم ئىقتىساد ئىلمى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ياخشى دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى دىگەن نىمە؟
ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى دىگىنىمىز : ئىقتىسادنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى كىڭىيىشى،تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشى ۋە تۇرغۇنلۇق ،چېكىنىش ھەمدە باشقا شەكىلدە تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر.
ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمىنىڭ ئاساسى تۈرلىرى ئاساسى ئىقتىساد شۇناسلىق ، ئۇچۇر بۇشلىقى ئىقتىساد شۇناسلىغى، مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى ،كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغى قاتارلىق تۈرلىرى بار .ئىقتىساد بۇشلىقى ئىلمىغا ئاددى مىسال كەلتۈرسەك : يەرشارىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ئاتمۇسفىرانىڭ يۇقىرى قاتلىمىغىچە،ئىنسان مەنىۋى بۇشلىغىدىن تاكى ئالەم بۇشلىغىدىكى ئىقتىساد تەرەققىياتىغا پايدىلىق بۇشلىقلارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئىككى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ پارتلاش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىش(گۈللىنىش) ئەھۋالىنى ئاساسى ئىقتىساد شۇناسلىق بىلەن چۈشەندۇرگىلى بۇلسىمۇ ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن كىرزىسنى ئىقتىسادى ئۇچۇر بۇلۇپمۇ مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى ،كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغى قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ چۈشەندۇرۇش مۇمكىن.ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىقتىسادى گۈللىنىش بۇشلىغىنى ئامېرىكا،ياۋرۇپا،لاتىن ئامېرىكىسى،يىراق شەرق،كانادا،ئۇتتۇرا شەرق،جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئۇكىئانىيە ، ئۇتتۇرا ۋە جەنۇبى ئافرىقائەللىرى، سۇۋىت ئىتتىپاقى قاتارلىق 9 بۇشلۇققا ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرسەك بۇلىدۇ(1-بۇشلۇق ئامېرىكىنىڭ ئۈزى).1-دۇنيا ئۇرۇشى ئالدى بىلەن ئۈزىنىڭ بازىرىنى رىقابەتسىز ئىگەللەشكە شارائىت ياراتتى. ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق سانائىتى تەرەققى قىلغان ئەللەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ياۋرۇپادىكى ئىقتىسادى تەسىرىنى ئاشۇردى. بۇلۇپمۇ گىرمانىيىدىكى تەسىرى ئاشتى ،ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن قەرزىنى قايتۇرىۋىلىش بىلەن بىرگە تاۋاركىرگۈزدى .پۈتكۈل ياۋرۇپا بازارلىرىنى قىسقا مەزگىللىك ئىگەللىدى ياكى تەسىرى كېڭەيدى.يىراق شەرقتىن باشقا رايۇنلاردا ئامرىكا كۈچلۈك رىقابەتچىگە ئۇچرىماي تىزلىك بىلەن كېڭەيدى.يىراق شەرقتە ئۇرۇشنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بۇلمىدى .تىز باش كۈتۈرگەن ياپۇنىيە بىلەن جۇڭگۇ قاتارلىق رايۇنلارنىڭ بازىرىنى تالاشتى .شۇنداقتىمۇ ياۋرۇپانىڭ تەسىرى ئاجىزلاشقان شارائىتتا بازارنى كىڭەيىتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تەرەققى قىلىشقا باشلىغان لاتىن ئامېرىكىسى،يىراق شەرق،كانادا،ئۇتتۇرا شەرق،جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئۇكىئانىيە ، ئۇتتۇرا ۋە جەنۇبى ئافرىقا ئەللىرىدىكى مىللى كاپىتالىزىمى 1-جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كىيىن قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى . ئۇلار ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشەلمەيىتتى ،ئامېرىكا ياخشى خەلقئارالىق بازارغا ئىرىشتى .سوۋىت رۇسىيىسى يۇلغا قۇيغان يىڭى ئىقتىسادى سىياسەت(دىڭ شياۋ فىڭ يۇلغا قۇيغان ئىسلاھاتقا بىرئاز ئۇخشاپ كىتىدۇ.ھەتتا جۇڭگۇ رۇسلارنىڭ سۇتسىيالىزم قۇرۇش بۇخىل چارىسىدىن ئۆرنەك ئالغان) خەلق ئىگىلىكىدە كاپىتالىزم ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇت بۇلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇلغا قويۇپ سوۋىت ئىتتىپاقى ئىگىلىكى تەرەققى قىلىپلا قالماستىن ئامرىكىنىڭ تەسىرىمۇ كېڭەيگەن ئىدى. (ئەلۋەتتە ئىنتايىن كىچىك ئىقتىسادى بۇشلوق) ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر سوۋىت ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىدى.شۇڭا ئامېرىكىنى بازار بۇشلىغى بىلەن تەمىنلىدى،يۇقارقى خەلقئارالىق ئامىللار قۇشۇلوپ ئامېرىكىنى پايدىلىق خەلقئارالىق گۈللىنىش بۇشلىغى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئامېرىكىدىكى مەشھۇر <>(2) نى شەكىللەندۇردى. سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى بۇلوپمۇ سىتالىن تەختكە چىقىپ كۇللىكتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بىرىپ يىڭى ئىقتىسادى سىياسەت ئەمەلدىن قالدى .ئامېرىكا كىچىك بۇلسىمۇ بىر بازاردىن (9-بازىرىدىن)ئايرىلىپ قالدى.
ئالدى بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىش بىلەن بۇ غايەت زۇر بازاردىن ئايرىلىپ قالدى ياكى تارايدى. دىمەك ،بازار بۇشلىغى ئىلمى بۇيىچە تۇرغۇنلۇق ياۋرۇپا بازىرىدا باشلاندى .
ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كانادا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زىمىنى ،ياخشى بازىرى بۇلسا، جەنۇبىدىكى لاتىن ئامرىكىسى ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تاۋار بازىرى ئىدى.1-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ بۇ رايۇننىڭ مىللى كاپىتالىزىمى مەلۇم تەرەققىياتقا ئىرىشتى. بۇ ئامىرىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى بازىرىنى ئېچىشقا پايدىلىق بۇلغاندەك قىلسىمۇ ئەمىلىيەتتە چەكلىدى . مىكسىكابۇرزۇئا ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش يۇلىغا مېڭىپ ئامېرىكىنى چەكلەشتە ئەڭ گەۋدىلىك بۇلدى.ئامېرىكا بۇ رايۇندا باش كۈتۈرگەن مىللى بۇرزۇئازىينىڭ چەكلىشىگە ئۇچراش بىلەن ئۇرۇشتىن كىيىن كۇنا بازىرىنى ئىگەللەشكە ئالدىرىغان ياۋرۇپا ئەللىرى بىلەن بازار تالاشتى، بازىرى تارىيىپ قۇشنا بازارلىرىدا تۇرغۇنلوق باشلاندى.دىمەك بازار كېڭىيىشىدىكى 2-،3-بۇشلوق كىچىكلىدى .
يىراق شەرق رايۇنى (بۇماقالىدە ئاساسەن شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا رايۇنى كۆرسىتىدۇ.)دا ئامېرىكا فىللىفىننى (3)بازا قىلىپ ئىقتىسادى تەسىرىنى كېڭەيىتكەن .بۇ رايۇندا ياپۇنىيە بىلەن بازار تالاشقاندىن باشقا يىڭىدىن باش كۈتۈرگەن مىللى بۇرزۇئازىيە بىلەنمۇ دۇقۇرۇشۇپ قالدى. يەنى جۇڭگۇ ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا بۇرزۇئازىيىسى مەلۇم بازار ئىگەللىدى.بىراق ئەڭ يامان بۇلغىنى 1-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يۇپۇرلوپ كەلگەن ،ياۋرۇپا بىلەن بازار تالاشتى شۇنىڭ بىلەن بۇ رايۇندىكى سۇدىسى تار كۇچىغا كىرىپ قالدى.گۈللىنىشتىكى 4-بۇشلۇق كىچىكلىدى.
ئۇتتۇرا شەرق،جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئۇكىئانىيە ، ئۇتتۇرا ۋە جەنۇبى ئافرىقا ئەللىرىدىكى بۇلۇپمۇ ئاۋستىرالىيە،ھىندىستان،تۈركىيە،مىسىر،يىڭى زىللاندىيە ،جەنۇبى ئاقرىقا ۋە ئىرانلاردىكى مىللى بۇرزۇئازىينىڭ باش كۈتىرىشى ،مىللى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئامېرىكىنى مەلۇم چەكلىدى .بىراق بۇ، رايۇنلار ئاساسەن ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىسى بۇلغاچقا، ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇلارنىڭ بازار ئىگەللىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇ جايلاردىكى بازارلىرىدىن زۇر دەرىجىدە ئايرىلدى.
ئامېرىكا1-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ بەش ،ئالتە يىل يۇقارقى9چۇڭ بازاردا كۈچلۈك رىقابەتكە ئۇچۇرمىدى.بىراق ئامېرىكا غايەت زۇر بازارغا ئىرىشىپ ئىقتىساد ئىزچىل ئاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بازىرى (1-بازىرى) بۇلغان ئامېرىكا قۇشما شىتاتلىرىدا پاي بازىرى ئاجايىپ جاللاندى.تازا گۈللىنىۋاتقان ئىقتىساد يەنە ئىككى،ئۈچ يىل گۈللىنىش دەۋرىدىكى تۇرغۇنلىقنى باشلىدى . ھەتتا ياۋرۇپا تاۋارلىرىمۇ ئامېرىكا بازارلىرىغا زۇر كۈلەمدە كىردى.ئامېرىكىلىقلارمۇ ئۇخشىمىغان ئەللەر تاۋارلىرىنى ئېلىش ئىستىكىدە چەتئەل تاۋارلىرىنى قىزىقىش شەكلىدە ئالدى .تۇرغۇنلۇقنىڭ داۋاملىشىشى چىكىنىشنى كەلتۈردى.كاپىتالىسىتلار پايدا ئالدى ،ئىشچىلارنىڭ كىرىمى ماس قەدەمدە ئۆسمىدى،نۇرمال ئىقتىسادى ئايلىنىش بۇلمىدى.بۇنى بىز كىرزىسنىڭ تۈپ سەۋەبى دەيمىز.
مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى يەنى ئىقتىسادنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش جەھەتتىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم .بۇ ئىلىم نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا مەلوم ئىقتىساد گەۋدىنىڭ تاۋارلىرى كۈپەيدى دىگەنلىك شۇخىل مەدەنىيەتنىڭ كېڭىيىشىدىن دىرەك بىرىدۇ.ئەكسىچە يەنە بىرخىل ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ تەسىرى تارىيىدۇ.ئەركىن مال ئېلىشتىمۇ مەلۇم مەدەنىيەت ئامىلى يوشۇرۇنغان بۇلىدۇ.ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئىدىيىۋى ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
(1) يىڭىلىققا ئىنتىلىش ئامىلى .ياۋرۇپا ماللىرىغا كۈنۈپ كەتكەن يەرشارى ئەھلى ،1-جاھان ئۇرۇشىدا ھالىدىن كەتكەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ماللىرىنى ئېلىشتىن،يەنى<> مالنى ئېلىشتىن، يىڭىدىن باش كۈتۈرگەن ئامېرىكا ماللىرىنى ئېلىشقا ئىنتىلدى.بۇ<>نىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىدى.
(2) نارازى بۇلۇش ئامىلى.ياۋرۇپا ماللىرىنى ئالدىن تاللاپ ئالمىدى ،چۈنكى ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تاجاۋۇزى نۇرغۇن ئەل خەلقىنىڭ قەلبىدە مەلۇم ئۆچمەنلىك قۇزغىغان .
(3) ئەڭ كۈچلۈككە زەربە بىرىش ئامىلى.دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئەنگلىيە،فرانسىيىلەرنىڭ ماللىرى ئالماسلىق ياكى ئاز ئېلىش ئارقىلىق ،نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ،دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ ، ئولارنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ئارزۇ قىلدى.
(4)ئۇدۇل كەلگەننى سېتىۋېلىش ئامىلى. بىرقىسىملار ئەنئەنە جەھەتتىن ياۋرۇپا ماللىرىنى ئېلىپ كۆنگەن بۇلسىمۇ،ياۋرۇپا ئەللىرى ئۇرۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ تاۋار چىقىرىشنى بۇشاشتۇرۇپ قۇيدى.ئولارنىڭ تاۋارلىرى بازاردا ئازايدى.ئەكىسىچە ئامېرىكا تاۋارلىرى شىددەت بىلەن بازارغا كىرىپ ،مالنى ئانچە تاللاپ ئۇلتۇرمايىدىغان ياكى غاچچىدە ئېلىپ بازار ئارىلاپ يۈرۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەر بار .بۇ، دەل بۇ خىلدىكى مال سېتىۋىلىش رۇھىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ سېتىۋېلىشىغا پايدىلىق بولدى.
مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ بازاردا تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە چۈشۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى
(1) يۇقارقى 1-،4-ئامىلىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئامېرىكىدا تەكرارلىنىشى .چۈنكى 1-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىغان،دۆلەتلەر ئامېرىكىغا مال كىرگۈزگىلى تۇردى. ئامېرىكىلىقلار مال سېتىۋالغاندا ئۈزىنىڭ ماللىرىنى ئەمەس چەتئەل ماللىرىنى <>،<> دەپ قاراپ سېتىۋالدى .ئامېرىكا ماللىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئامېرىكىدا ئىنتايىن تۈۋەن نىسبەتتە بازىرى تارايغان بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ قايتىدىن بازىرىنى كېڭەيتىشى مۇھىم سەۋەب بۇلدى.
(2) ئۆزلىرىنىڭكىنى ئالدىن تاللاش ئامىلى.يەنى يىڭىلىققا ئىنتىلىش ھەم پايدىنىڭ قىززىقتۇرىشى بۇلۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەرقايسى ئەللەردە مىللى سانائەت تىزباش كۈتەردى.خەلقىئارا بازاردا ھەرقايىسى ئەل خەلقى ئۆزلىرىنىڭكىنى ئالدىن سېتىۋالدى.چەتئەل ماللىرى مەلۇم مىقداردىكى بازار بۇشلىغىدىن ئايرىلدى.
ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يۈزبىرىشىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى ،ئۇچۇر بۇشلىقى ئىقتىساد شۇناسلىغى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. ئالدى بىلەن بۇخىل نەزىرىيىگە تەبىر بىرەي يەنى ئىقتىسادنىڭ كېڭىيىش ۋە تارىيىش جەريانىدىكى ئۇچۇر سىستىمىسىنى ئىگەللەپ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى زىيان سەۋەبىنى ئىگەللەپ يىڭىدىن ئالغا بېسىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇچۇر بۇشلىقى جەھەتتىن ئالغاندا دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە ئۇرۇشتىن كىيىنكى ۋاقىتلىق بازارنىڭ نىسبى بۇشلىغى ئامرىكا كارخانىلىرىغا غايەت زۇر كېڭىيىش ئوچۇرلىرىنى ئېلىپ كەلدى. كاپىتالىستلار پايدىنىڭ تۈرىتكىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنى زۇر دەرىجىدە كېڭەيىتتى تەلەپ بىلەن تەمىنلەش ئوتتورىسىدا زىددىيەت كۈرۈلدى.ئادەت خارەكتېردىكى مال زاكاس ئۇچۇرلىرى مىڭىسىگە قاچىلانغان كارخانچىلار داۋاملىق تاۋارنى ئىشلەشنى بىلىپ ،تارىيىۋاتقان ئۇچۇرغا دىققەت قىلمىدى،كىرزىس يېقىنلاپ كەلدى.ئەمما كاپىتالىستلار پايدا قۇغلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيىتمىدى .
ئىقتىساد بۇشلىغى ئىلمى بۇيىچە بۇلغاندائىقتىساد بۇلىدىكەن ئۇنىڭدا خۇراش بۇلىدۇ ياكى تەرەققىيات بۇلىدىكەن ئۇنىڭغا كىرزىس يۇشۇرۇلغان بۇلىدۇ.
يەرشارىلاشتۇرۇش كىرزىسنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىدۇر. يەرشارىلاشتۇرۇش ئىككى قەدەم ماڭسا كىرزىس بىر قەدەم ئىلگىرلەيدۇ.ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاچچىق سايىسى ھەم زەھەرلىك دۇرىسى ئىقتىسادى بۆھراندۇر.
كىرزىس چۇقۇم قانۇنىيەتلىك بۇلىدۇ. ئەمما ئاساسى مەسىلە بىزنىڭ ئۇنى ۋاقتىدا بايقىمىغانلىمىزدىن تۇيۇقسىز ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەندەك ھىسىياتتا ھەم تۇنۇشتا بۇلغانلىغىمىز ئۈچۈن ھەيران قالىمىز،ئازاپلىنىمىز،دۈشمەنلىرىمىز بۇلسا خۇشال … .
بىز كىرزىسنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغى بىلىشىمىز لازىم.
كىرزىس بۇشلۇقى ئىقتىساد شۇناسلىغى دىگىنىمىز: ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ بۇشلىغى تارىيىپ كۆپلىگەن تۇرغۇنلۇق ئامىلىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىنىشى ھەم ئالاھىدە ئاپەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادنىڭ ۋاقىتلىق چىكىنىش ھادىسىنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىل قاراش ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ چىكىنىش ۋە تەرەققىياتىنى نۇرمال ئىزغا سېلىشنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاساسى جەھەتتىن ئۆز بازىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتايىن چۇڭ بازار چەتئەللەردىكى بازىرى ئىنتايىن كىچىك ھىسابلىنىدۇ(ھازىرمۇ % 70 ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ئۆز بازىرىدا سېتىلىدۇ). ئامېرىكا ئىقتىسادى راۋاجلانغان ۋاقىتتا پاي چېكى بازىرىغا كىرگەنلەر زۇر پايدىغا ئىرىشتى.تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مەبلەغنى بۇ، ساھەگە ھەسىلەپ سالدى .<> ،(4)يوقارقىلاردىن پاي ساھەسىگە سېلىنغان ئىقتىسادنىڭ كۆپلىكىدىن مەۋھۇم بۇشلىققا ئىلگىرلىگەن بايلىقنىڭ كىرزىسقا يېقىنلاشقانلىغىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.<>(5) يۇقارقىلاردىن پول-مۇئامىلە ساھەسىگە داۋاملىق مەبلەغ سېلىنىپ ئىلگىرلەش مۇمكىنلىگى قالمىغان تەكرار مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاپەت بۇشلىقىغا ئىلگىرلىگەنلىگىنى بىلىمىز. <>(6) يۇقارقىدىن <> پول سۇدىسىنىڭ سىرىتقى كۈرىنىشتە گۈللىنىش ئەمىلىيەتتە ئىقتىسادنىڭ تىز ئاشمىغانلىغىنى بىلەلەيمىز.ماھىيەتتە ئىقتىساد بوشلىغى كەڭ ئامېرىكا پول –مۇئامىلە ساھەسىگە ئاققان مەبلەغ تۈپەيلىدىن بوشلۇق تارىيىپ ،ئۈنۈمسىز مەبلەغ زىچلىغى كۆرىلىپ كىرزىس يېقىنلاپ كىلىپ قالغان ئىدى.كىشىلەر ئادەت خاراكتىرلىق پايدا تەپەككۇرى بىلەن بېيىش،<>بولۇشقا ئالدىرايىتتى. ئەكسىچە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بازىرى تارىيىپ تۇرغۇنلۇق باشلانغان بۇلغاچقا پايدا تۈۋەنلەپ كەتتى. داۋاملاشقان تۇرغۇنلۇق دەۋرىدە كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئەركىن بازار ئىگىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ، يىڭى ئىقتىسادى بۇشلۇق ياكى تەرەققىيات بۇشلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمىدى ،كىشلەر سالغان مەبلەغنى ئازساندىكى كاپىتالىستلار داۋاملىق تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا سالدى ئاخىرى زىيان ئاۋۇپ يەنى كىرزىسنى كەلتۈردى .
دۇنيا بۇيىچە ئىقتىساد تەرەققى قىلغان ياكى تۇرغۇنلۇق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا يىڭى بۇشلۇق ئېچىلمىسا ،كىرزىس يېقىنلاپ داۋالغۇش كۈرىلىشى تەبىئدۇر. مانا بۇ دۇنياۋىيلىشىشنىڭ ئاپەت تەرىپىدۇر.
بۇ قېتىمقى كىرزىسنىڭ ئاساسلىق تەسىرى ھەرقايىسى ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كىرزىسىنى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ياۋرۇپادا گىرمانىيە فاشىزمى باش كۈتۈرۈپ ،ئىتالىيە فاشىزىمى كۈچەيدى ،ئىسپانىيىدە ئىنقلاب پارتلىدى ،ئارقىدىن ھۇقۇق فاشىسىت كۈچلەرنىڭ قۇلىغا ئۆتتى باشقا دۇلەتلەردە زىددىيەت كەسكىنلەشتى. ئاسىيادا ياپۇنىيە فاشىزم باش كۈتۈردى،رايۇن ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى .ئافرىقا يەنىمۇئىلگىرلەپ تاجاۋۇزغا ئۇچۇردى. بىرقەدەر تىنچ لاتىن ئامرىكىسىدا چاكۇ(7)ئۇرۇشى پارتلىدى.
بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس جۇڭگۇغىمۇ زۇر تەسىر كۆرسەتتى .1-دۇنيا ئۇرۇشى ئالدى-كەينىدە <> كۆرۈلگەن .جۇڭگۇ پاختا تۇقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ 1925 -يىلى ئىكىسپۇرت مىقدارى%20بۇلۇپ ،جۇڭگۇلۇقلارنى خۇشال قىلغان ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇرۇشتىن كىيىن ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلگەن تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك ئەللەر( 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بۇلغان ئەنگلىيە،فرانسىيىنىڭ1924 -يىلى ئىگىلىكى ئەسلىگە كەلدى.)جۇڭگۇغا بۇلغان ئىقتىسادى تاجاۋۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەم كۈچەيىتكەن ئىدى.گەرچە نەنجىڭ مىللى ھۆكۈمىتى <> نى قانات يايدۇرغان بۇلسىمۇ،ئىقتىسادى كىرزىس زەربىسى تۈپەيلىدىن تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك ئەللەر جۇڭگۇغا بۇلغان ئىقتىسادى تاجاۋۇزىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى، ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتتى. 1931-يىلى جۇڭگۇنىڭ پاختا تۇقۇلما بۇيۇملىرى ئىكىسپۇرتى تۈۋەنلەپ %1،2ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.ئەكسىچە پاختىنىڭ ئىكىسپۇرت مىقدارى ئاشقان،نۇرغۇن كارخانىلار تاقالغان ياكى ۋەيران بۇلۇشقا يۈزلەنگەن ئىدى .<>(8) يۇقارقىلار1929-1933-يىللاردىكى كىرزىسنىڭ جۇڭگۇ جەمىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنىڭ ئىسپاتى. بىراق بىكىنمە جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات بۇشلىغى بار.ئىگىلىك باشقۇرۇش ياخشى بۇلسىلا،ئىقتىساد بۇشلىغى كەڭرى ئىدى. خەلقئارا نۇقتىدىن ياپۇنىيە دۆلەت ئىچىدىكى كىرزسنى ھەل قىلىش ھەم تاجاۋۇزچىلىق قارانىيىتىنى ئاشكارىلاپ<>نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ شەرقى شىمالنى بىسىۋالدى. كىيىنكى يىلى مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇردى،مانا بۇلار كىرزىسنىڭ رىئال ئىپادىسىدۇر.ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ جۇڭگۇدىكى تەسىرى، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇبى جۇڭگۇدا قىزىل ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلىشى ئۇچۇن، سىنىپى ئىتتىپاقچى كۈچلەرنى كۈپەيىتتى ھەم گۇمىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچرىشى ئىنقىلابى تايانىچ بازىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغىمۇ پايدىلىق بۇلدى.ئەلۋەتتە جۇڭگۇ كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ تۇغرا رەھبەرلىكى، گۇمىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر ئىنقىلابى تايانىچ بازىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغىمۇ پايدىلىق بۇلدى . قانداق بۇلمىسىۇن ئىقتىسادى كىرزىس جۇڭگۇغا تەسىر كۆرسەتتى.خۇش ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىغا تەسىر بۇلغانمۇ؟ئىپادىسىچۇ؟ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
3-يەرشارىلىشىشنىڭ تەسىرىگە كىچىكىپ،ئاران ئۇچرىغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كىرزىسكىمۇ ئاستا ،ئاجىز ئۇچرىشى
يەرشارى بۇيىچە ئەڭ بىكىنمە ئۇيغۇر دىيارى ئىقتىسادى كىرزىس زەربىسىگە كىچىكىپ ھەم ۋاستىلىق ئۇچۇردى . جۇڭگۇ ئىقتىسادى زەربىگە ئۇچراشقا باشلاپ دىيارىمىزغا تەسىر كۆرسەتتى، ئىقتىسادى كىرزىس زەربىسىگە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى دىيارىمىزغا كىرىدى ،نامرات رايۇنىمىز يەنىمۇ ئىلگىرلەپ زەربىگە ئۇچرىدى،خەلىقنىڭ ھالى خارابلاشتى. ئەكسىيەتچى كۈچلەر خەلقنى شىلىشنى ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى تىزلەتتى.غەزەپلەنگەن خەلق ئارقا-ئارقىدىن قۇزغالدى ، ئالدى بىلەن كىرزىسنىڭ كىرىش ئىشىكى بۇلغان ئۇيغۇر دىيارلىرىدىن بىرى بۇلغان قۇمۇلدا 1931-يىلى خۇجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىگىدە قۇزغىلاڭ پارتلىدى.ئارقىدىنلا تۇرپاندا مەھمۇت مۇئىتى رەھبەرلىگىدە قۇزغىلاڭ باشلاندى ،ئۇلارغا جۈر بۇلۇپ قاراقاش خەلقىمۇ قۇزغىلاڭ كۆتۈردى. ئىقتىسادى كىرزىس ياپۇنىيىنىڭ جۇڭگۇغا قىلغان تاجاۋۇزىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .شەرقى شىمالدىن چىكىنگەن بىرقىسىم قۇشۇن سۇۋىت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كەلدى .بۇ قۇشۇن مىللىتارىست شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت ئىگەللىشىگە مەلۇم پايدىلىق ررۇل ئۇينىغان.
خەلق ئىنقىلابىدىن پايدىلانغان جاھانگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇلغان يەرلىك ئەكسىيەتچىلەر ۋەتەننى پارچىلايدىغان بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت <> نى قۇردى.دىمەك ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ كىچىكىپ كەلگەن تەسىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرىشى ھامان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.يۇقارقىدەك بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلىشى بىر مىسال بۇلىدۇ .
4- 21 -ئەسىر بۇسوغىسىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادى كىرزىس ۋە ئونىڭ زەربىسىگە ئوچراۋاتقان جۇڭگۇنىڭ چىقىش يولى
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى تەرەققىيات ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامېرىكىدا پارتلىغان،بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس. 21-ئەسىر كىرىپ ئوزاق ئۆتمەي ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ چۇڭ ئىقتىسادى ئاپەت بۇلدى.
ئىقتىساد بوشلىغى ئىلمى بۇيىچە 2008-يىلى باشلانغان دۇنياۋى كىرزىس پارتلاش سەۋەبىدىن قارىغاندا، ئاۋالقى كىرزىسنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبلىرى بىلەن ئوخشاش .بىراق كۇنكىرىتنى سەۋەبلىرى پەرقلىنىدۇ ھەم بۇ قېتىمى كىرزىسىنىڭ سەۋەبى بىرقەدەر مۇرەككەپتۇر.
تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بۇلساق ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋرۇپانى 1-جاھان ئۇرۇشىدىنمۇ بەكرەك ھالىدىن كەتكۈزدى.ئامېرىكا كاپىتالىزم دۇنياسىدىكى سىياسى ،ئىقتىسادى ۋە ھەربى ئىشلار جەھەتتە ئەمىلى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئاتوم بۇمبىسىغا ئىگە دۇنيادىكى بىردىن بىر دۆلەت بۇلوش سۈپىتى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چۇڭ دۆلەت بۇلوپ قالدى.
ھازىر قانات قۇيرۇقى يىتىلىۋاتقان بۈركۈت ئەمدى قىرانلىقىغا يەتكەن دەۋرىگە كىردى. شىمالى قۇتۇپ ئېيىقى بىلەن دۇنيادا زۇمىگەرلىك تالاشتى .سىياسى جەھەتتە <>(9) شەكىللەندى مانا بۇ يالتا سىستىمىسىدۇر .ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتە ئەينەك پەردە شەكىللەندى.
ئىقتىساد بوشلىغى ئىلمى بويىچە ئەينەك پەردە دىگىنىمىز: يەرشارى نۇقتىسىدىن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە قانۇنى بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلىغىنى چەكلىشى، ئىگەللىشى،ياكى ئالدىن مەنپەتلىنىش،تەرەققى قىلدۇرش نامى بىلەن مەلوم جۇغراپىيىلىك رايۇننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن،رايۇنلار ئارا شەكىللەنگەن ئىقتىسادى پەرق چىگرىسىنى كۆرسىتىدۇ.ئەڭ قىسقىسى قارىماققا ئىقتىسادى ئالاقە قىلىۋاتقان تۇسۇق يۇقتەك (يۇرۇق، ئەينەكتەك )بىراق ئەمىلىيەتتە تۇسۇق ۋە پەرق ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ رايۇن ۋە دۆلەتلەر شەكىللەنگەن ئىقتىسادى چىگرا،كۈرۈنمەس پەردىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەينەك پەردە ئوقۇمى يەنە مەلوم بىر دۆلەت چىگرىسى ئىچىدىكى ئىقتىسادنى رايۇنلار ئارا باسقۇچقا ئايرىپ تەرەققى قىلدۇرۇش (نىسبى چىگرىسىنى )ئىقتىسادى ھەركىتىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەينەك پەردە ئۆز ئىچىدىن كۈمۈش پەردە ۋە ئالتۇن پەردە قاتارلىقلارغىمۇ بۆلىنىدۇ .
سۇغۇق ئورۇشى مەزگىلدىكى ياۋروپا ، شۇنداقلا ھازىرقى زاماندىكى ئىقتىسادنىڭ رايۇنلىشىشى ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ،تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر بىلەن تەرەققى قىلغان ئەللەر يەنى جەنۇپ بىلەن شىمال سۆھبىتى چىگرىسىمۇ ئەينەك پەردىنىڭ چۈشۇرىلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. جۇڭگۇ چۇڭ قورۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا شونداقلا جۇڭگۇ چۇڭ قورۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادى پەرق تۈپەيلىدىن شەرقى قىسىم ،ئوتتۇرا ۋە غەربى قىسىم ئايرىلىشىمۇ يەنى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ نىسبى چىگرىسىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئەينەك پەردىنىڭ چۈشۈرىلىشىدۇر.سىياسى ،ھەربى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئەينەك پەردە تېخىمۇ قاتتىقلىشىپ كۈمۈش پەردىگە ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار بار .بۇنداق ئاتىشىمىزدىكى سەۋەپ ،كۈمۈش تارىختا ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئەتىۋارلىنىپ پول قاتارىدا ئىشلىتىلگەن .ئىقتىسادى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بۇلسىمۇ ، زامانىمىزدا تەرەپلەرنىڭ قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ،ئىمبارگۇ يۈرگىزىشى ياكى ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ مەلۇم رايۇن،ساھەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆز مەنپئەتى ئۈچۈن پايدىسىزلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن چەكلىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئايرىم ئىقتىسادى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۇرمال تەرەققىياتىنى ساقلاپ ئىگىلىك ھۇقۇقىنى قۇغداش ئىشلىرى كۈمۈش قالقان دىيىش كىرەك. مىساللار: 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن يېقىنقى يىللارغىچە شىمالى – جەنۇبى كورىيە(چاۋشىيەن)،20-ئەسىرنىڭ 50-80-يىللىرىغىچە بولغان چۇڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ،ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادى ئىمبارگۇ يۈرگىزىۋاتقان كوبا قاتارلىق دۆلەتلەر.مەلۇم دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم رايۇن ،مەلۇم ساھەنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئالاھىدە سىياسەت بەلگىلەشمۇ كۈمۈش پەردە ئىچىدىكى رايۇنلاردۇر. مىسال : دېڭىز بۇيىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادى رايۇنلار،ئېچىۋىتىلگەن شەھەرلەركىرىدۇ.
ئىقتىساد بۇشلىغى نەزىرىيىسى بۇيىچە ئىقتىسادى ساھەدىكى بۇ قېتىمقى كىرزىس ياكى ئاۋالقى كىرزىس بۇلسۇن بىۋاستە سەۋەبى ئالتۇن پەردىدىن چاتاق چىقتى. ئالتۇن پەردە ئۇقۇمى : ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش،ئۈنچە-مەرۋايىت، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى قۇغداش ،تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مالىيە سىياسىتى ھەم ئۇرگانلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇساھەدىكى كىشىلەر ئالتۇن پەردە ئىچىدىكىلەردۇر.
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ سىياسى جەھەتتە <> ئېچىلدى ،ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا ئاخىرلاشتى . ئەمىلىيەتتە دۇنيا <> ،ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدە بۇلدى . دۇنيانى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا(ھېچ بولمىغاندا بو قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس دەۋرىگىچە شۇنداق بۇلدى دىسەكمو بولىدۇ)دەۋرى باشلاندى.ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتە كۆپ قوتوپ ۋەزىيىتى شەكىللەندى.ئالدى بىلەن ياۋروپادىكى ئەينەك پەردە ئېچىلدى .كۈمۈش پەردە يۇقىتىلدى .ئەمما تەرەققى قىلغان ئەللەر بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى نىسبى پەرق چىگرىسى بۇلغان ئەينەك پەردە نىسبى ئېچىلغان بولسىمۇ ،ئاساسى جەھەتتىن چۈشۈرۈلۈپ توردى.غەرب ئەللىرىنى مەركەز قىلغان ئەينەك پەردىنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ئۇ تەرىپىنىڭ چىگرىسىدىكى مۇۋاپىق بۇلمىغان ئىقتىساد ،سۇدا مۇناسىۋىتى يەنى ئادىل ،مۇۋاپىق خەلقئارا ئىقتىسادى سىستىمىنىڭ ئورنىتىلمىغانلىغى .غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنياۋىيلىشىش بايرىغىنى كۆتىرىۋېلىپ،ئوچۇق بازار،ئەركىن رىقابەت شۇئارى -ئەمىلىيەتتە پەن- تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچ ئارقىلىق تەدبىر قۇللىنىپ ئەمىلى كىرىمگە ئىگە بولىۋېلىپ ئەينەك پەردە بىلەن ئۆز مەنپئەتىنى ئاساس قىلغانلىغى كىرزىسنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
ئىقتىسادى تەرەققىياتتا مەبلەغنىڭ ھەددىدىن زىيادە پۇل موئامىلىسىگە ئېقىپ كىرىپ زىچلىق كۈرىلىپ ، ئامېرىكىدا ئىككىلەمچى قەرىز شەكلى ئارقىلىق بازارغا كىرىپ تەرەققىيات بوشلىغى تارىيىپ ،ئۈنۈملىك ئەمىلى قىممەت يارىتىش تۈۋەن بولۇش .
ئىسلاھ قىلىنمىغان ياكى ئوزاق موددەت تەرەققىيات بوشلىغى دائىرىسىدە چۇڭ ئۆز گىرىش بولمىغان دۇنيا بانكىسى ،خەلقئارا پۇل فۇندى تەشكىلاتى قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى پۇل-موئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى تورغۇنلوق ياكى ھاياتى كۈچىنىڭ كەمچىل بولىشى،پول سىستىمىسى نازارەتچىلىكنىڭ يىتەرلىك بولماسلىغى قاتارلىق 3خىل سەۋەب كىرزىسنىڭ بىۋاستە سەۋەبىدۇر.
مۇھىتنىڭ ناچارلىششى،ئاشلىق ،ئالتون ،نىفىت باھاسىدىكى ئىگىز- پەسلىك ،ئەتكەسچىلىك ۋە زەھەرلىك چىكىملىك(بىرقىسىم پۇلنىڭ يۇقارقى 2 قار ئۆڭكىرگە ئېقىپ كىتىشى) سۇدىسىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنىڭ يىغىندا تەسىرى قاتارلىقلارمۇ بۇ قېتىمقى دۇنياۋى كىرزىسنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بۇلدى.
ھەرقايسى ئەللەر بولۇپمۇ 2-ئورۇشىدىن كىيىنكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك ئەللەردە يولغا قويولغان دۆلەت مۇنوپۇل كاپىتالىزمى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئىقتىسادتىكى داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،دەپ قارىغان ئەللەر رۇزۋىلىتچە ئىقتىسادقا ئارىلىشىشتىن ،نۆۋەتتىكى ئۈنىمىدىن گۇمانلاندى. شوڭا ھەرقايسى ئەللەر ئىقتىسادقا ئارىلىشىشنى تارايتىپ، ئاخىرى بېرىپ ،ئەركىن قۇيىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قۇيدى پاراۋانلىقنى مەلوم جەھەتتە قىسقارىتتى . ھۆكۈمەتنىڭ پىلان،كۆرسەتكۈچ ياكى ئىقتىسادى مىخاينىزىمنىڭ ئايلىنىشىنى نازارەت قىلىش ۋە پول باشقۇرۇش نازارەتچىلىگىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىغى .
ئامېرىكىنىڭ ئىراق،ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىشى،ئىران -ئامېرىكا موناسىۋىتىنىڭ داۋالغۇشى. تىرۇرلوقنىڭ يامرىشى ،روسىيە-گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ،شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى .ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، كەشمىر مەسىلىسى زىددىيىتىنىڭ بېسىقماسلىغى قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن ھەربى خىراجەت ئېشىپ كەتتى .خەلقئارادا ئامېرىكىنى مەركەزقىلغان بىر قوتۇپلۇق دۇنياغا بولغان نارازىلىقنى كەلتۈروپ چىقاردى. مەدەنىيەت كېڭىيىش ئىقتىساد شۇناسلىغى بۇيىچە ھەتتا ئامېرىكىنىڭ زۇراۋانلىقىغا ئوچرىغان ھەم ئوچرىغانلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغانلار ئامېرىكا ماللىرىنى ئالماسلىق ياكى ئاز مىقداردا سېتىۋالىدىغان سىلىق قارشىلىشىش كەيپىياتى مەۋجۇت بۇلدى.گەرچە ئامېرىكا%70تاۋارلىرى ئۆز بازىرىدا سېتىلىپ خەلقئارا بازارغا تايىنىشچانلىقى تۈۋەن بولسىمۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى .ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەسىرى داۋاملىق كۈچەيدى ،بولۇپمۇ ھەربى ھەركىتى كۆپىيىپ باردى .شۇڭلاشقا قۇرال-ياراق سۇدىسى ،بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋەزىيىتى شەكىللەنگەندىن بويانقى پەسىيىشتىن يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندى،مۇداپىيە چىقىمىنىڭ ئېشىپ كىتىشى گەۋدىلىك بولدى .چىگرا مەسىلىسى،مىللەت ،دىن ،ئىدئىولۇگىيە،سىياسى تۈزۈم، قىممەت قارىشى قاتارلىق مەنپئەت جەھەتتىكى زىددىيەتنىڭ گەۋدىلىنىشى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى.1 -،2-،3-كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىغى ،زەھەرلىك چىكىملىك،ئەتكەسچىلىك ،باج ئوغرىلاش ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى باجدىن قېچىش ۋە سىياسىنىڭ چىرىكلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بو قېتىمقى خەلقئار كىرزىسنىڭ يۈزبىرىشىگە مەلوم تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.مەن بۇ يەردە ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىس سەۋەبىگە ئۇخشاش ئامېرىكىنىڭ بازاردىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى ئايرىم تەھلىل قىلمىساقمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن يىڭى مۇستەقىل بۇلغان ئەللەر بېقىندىلىقتىن ئۇزاق مۇددەت قۇتىلالمىغان بۇلسىمۇ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا باشلىدى .دۇنيا بازارىغا 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى قېتىلدى. دىمەك ئامېرىكىنىڭ بازار بۇشلىغى داۋاملىق كېڭىيىپ باردى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىدىكى يىتەكچى دۆلەت ئامېرىكىغا داۋاملىق پايدىلىق بۇلدى.ئەمما ھەرقايسى ئەللەر ئىقتىسادىنىڭ يۈكسېلىشى ئامېرىكىنىڭ كىچىك رىقابەتچىلىرىنى كۈپەيىتتى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى يىتەكچى دۆلەت ئامېرىكا يەنى بىرقۇتۇپلۇق دۇنيانى شەكىللەندۈرگەن بۇلسا، رايۇنلىشىشىى يەنى ئىقتىسادى قۇتۇپلارنىڭ (گەۋدىلەرنىڭ )كۈچىيىشى سىياسىدىكى بىرقوتۇپلۇق دۇنياغا تەھدىت ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.ئىقتىسادى رىقابەت،سىياسى جەھەتتە بىردۆلەتنىڭ دىگىنى، دىگەن بۇلوشقا قارشى تورۇش ساداسىغا ئوخشاش خەلقئارا سىياسىدىكى كۇرەشلەر بىلەن قوشۇلۇپ،مۇۋاپىق بۇلمىغان ئىقتىسادى قورۇلما تۈپەيلىدىن يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقتىسادى كىرزىس پارتلاپ، دۇنياغا زۇر تەسىر كۆرسەتتى. دىمەك ئىقتىسادى مەسىلىلەر يىغىلىپ لاي –لاتقىلار چۇڭقۇر دېڭىز قاتلىمىدىن ئۆرلەپ چىققاندەك ،سۇ يۈزىگە چىقتى.ئىنسانىيەتنىڭ ئانچە گۈزەل دەپ كەتكىلى بۇلمايدىغان تۇرمۇشى يەنە دەھشەتلىك كىرزىسنىڭ قاينىمىغا ئوچرىدى.ئىقتىسادى گەۋدىلەر پارچىلىنىشقا يۈزلىنىش،كارخانىلار ۋەيران بولۇش،زاۋۇتلارتاقىلىپ قېلىش،باھا قالايمىقانچىلىقى كۆرىلىپ ،ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى تىزلىشىپ ،تۈرلىك زىددىيەت ئەۋىج ئالدى.ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش ساداسى جاھاندا ياڭرىدى.باھا چۇشۇرۇش شامىلى بىلەن سودا قۇرۇقچىلىقى دۇنيانى قاپلىدى.دۇنياۋىيلىشىش دۇلقۇنىدىكى سۇدا قۇرۇقچىلىقى ئەمىلىيەتتە يەرشارى مىقياسىدا ئەينەك پەردىنىڭ چۈشۈرىلىشىدۇر.دۇنياۋىيلىشىشتىكى چىكىنىش ،رايۇنلار ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشتىكى بۆلىنىشتۇر.كىرزىس تەسىرىدە ئىشسىزلىق كۆپىيىپ ،ئىجتىمائى زىدىيەت كەسكىنلەشتى، ھۆكۈمەتلەرگە بولغان بىسىم كۆپەيدى.ئىسلاندىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى،ھۆكۈمەت غۇلاپ چۈشتى .ياپونىيىگە ئوخشاش سىرتقا تايىنىشچانلىغى كۈچلۇك ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى تىز چېكىندى.يەرشارى ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاستىلاش ،تۇرغۇنلۇق ۋە چىكىنىشكە دۇچ كەلدى.ياپۇن تاقىم ئاراللىرىدىن-ئىران ئىگىزلىگىگىچە ئورۇش ھىدى پوراشقا باشلىدى،ئىران ئىگىزلىگىدىن –سىپىرۇس(قىبرىس) ئارىلىغىقىچە ئورۇش ئۆكسىمىدى،ھەربى زۇراۋانلىق، تىرۇرلوق بىسىقمىدى.يەرشارى تىنچلىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراشقا باشلىدى. بىر قوتۇپتىن ،كۆپ قوتۇپلىشىشقا يۈزلىنىش گەۋدىلىك كۈرىلىشكە باشلىدى.
مىنىڭ مۆلچەرىمگە ئاساسەن ئەگەر دۇنيا ئىقتىسادىدا 2010-يىلى، ئاخىرىغىچە ياخشىلىنىش بولمىسا ،كىرزىس 2014-يىلىغىچە ئوزىراپ كىتىشى ئىقتىسادى زىيان كۆپىيىپ ئىقتىسادى ئاپەت 2-دۇنيا ئورىشىدىن 9ھەسسە ئېشىپ كىتىشى مومكىن.ب
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 16 May 2011
ئاپتۇر: Alnoor024

tawpek 2011-07-22 16:37
مۇشۇ تەھلىل تەسەۋۋۇرچىلارنىڭ ئاچقان  پالى  قانچىلىك راست چىقار.


查看完整版本: [-- دۇنياۋى كىرزىسنىڭ ئۇيغۇرلار بۇلغان تەسىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.027427 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us