qartikin |
2011-05-11 22:39 |
قەشقەر
قەشقەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر،
تۇپرىقىڭ تۇتىيا تاشلىرىڭ گۈھەر.
باغرىڭغا باغرىمنى يېقىش غېمىدە،
سايرايمەن بۇلبۇلدەك ھەركۈن شام-سەھەر.
باغلىرىڭ ئەندازدۇر جەننەت تۈسىگە،
ھېچ بىر قىز يېتەلمەس قىزىڭ ھۆسنىگە.
تاش شېغىل تۇپىلىق يوللاردا مېڭىپ،
يەتسەمكىن تىلىگىم قەشقەر ۋەسلىڭگە.
كۆرمىگەن شەھەر يوق دۇنيانى كېزىپ،
لېكىن مەن غېرىپمەن يۇلۇمدىن ئېزىپ.
ئارزۇيۇم تىلىكىم ئەي ئېزىز قەشقەر،
ئۆلسەممەن باغرىڭدا بىر قېتىم كېزىپ.
مەنبە : چارتېكىن
|
|