uzqak |
2011-05-10 12:11 |
 |  |  |  | بوشاشماسلىق ، ئىزچىل ئۆگىنىش ،يېڭى تەپەككۈرنى ئۆزگە ھەمرا قىلغاندىلا ھەقىقىي بايراقتارغا ئايلانغىلى بولىدۇ .(خاتىرەمدىن) ئالدىنقى كۈنى تېلېۋىزوردىن ئىلھام مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا ئېرپان شېركىتىنىڭ ئاۋازلىق كىتاب تۈزۈپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆردۈم. ئاۋازلىق كىتابنى تۇنۇشتۇرىۋاتقان ئىلھام مۇھەممەت ئەپەندى ۋە شېركەتتىكى قابىل قېرىنداشلىرىمىزغا ئۈنسىز رەھمەتلەر ئېيتىپ ھاياجان بىلەن خەۋەرنى كۆرۈپ بولدۇم ...بەلكىم نۇرغۇن كۆرەرمەنلەردە مۇشۇنداق ھېسسىيات بولغان بولسا كېرەك ! تارىخ شۇنى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلىدى. بىر دولەتنىڭ روناق تېپىشى ، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە -ئۆزى خۇجا بولۇشى زور بىر تۈركۈم ئىجادچانلىققا ئىگە ئىختىساسلارنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قانداق قىلىپ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش خارابىسى ئۈستىگە ئىقتىساد ، تېخنىكاجەھەتتە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقالىدى؟ ئۇلار بىر تەرەپتىن تېخنىكا كىرگۈزۈپ ، چەتئەللەرنىڭ كەشپىياتلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش فاڭجىنىنى ئۇزاققىچە يولغا قويسا ، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى بىر ئەۋلاد كىشلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى ھەمدە مەملىكەت بويىچە كەشپىيات يارىتىش پائاليەتلىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئېلىپ باردى. بىرقانچە يىل ئىگىرى ئامېرىكىدا ئىككى كىچىك كەشپىياتچى چىققان ، بىرى 10 ياشلىق كېتىس لاۋسىن ، يەنە بىرى ، 14 ياشلىق لۇئىس باتتۇن ، ئۇلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تازىلاش ئەسۋابى ۋە ماشىنلاردا ئىشلىتىدىغان يېمەكلىك تەخسىسىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ ، ئامېرىكىدىكى 10 تۈرلۈك پاتېنىت ھوقوقىغا ئىگە ، يېشى ئەڭ كىچىك كەشپىياتچىلاردىن بولۇپ قالغان . ئۇلارنىڭ كەشپىياتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغا ئېرىشىپلا قالماي يەنە جەمئىيەتنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يازغۇچىلار ئۇلار توغرىسىدا كىتاب يازغان ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئۇلارنى تېلېۋىزوردا تۇنۇشتۇرغان . كەشپىياتچى جىچ « بۇ ئىككى بالا دۇنيانى تاڭ قالدۇرغىدەك نەرسىلەرنى كەشىپ قىلمىغان ، بىز ئۇلارنىڭ كەشپىياتىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى تەقدىرلىدۇق » دېگەن . قىسقىسى ، مىللىتىمىزگە نىسبەتەن بىزنىڭ ھەر بىر كەشپىياتچىمىز ، ھەر بىر كارخانا ئىگىسى ، ھەر بىر ئىزدەنگۈچى نىيوتوندەك ، ئېينىشتىيىندەك ، ۋاتتەك تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بارلىق كىشلىرىمىزدەكلا قىممەتلىك . .. ئۇلاردىكى تىنىمسىزلىق يۈرەكلەردىن يۈرەكلەرگە تۇتاشقىسى... بىز بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىدە تۇرماقتىمىز . بىلىم ئىگىلىكى بايلىقنى خورىتىشنى ئاساس قىلماستىن ، بەلكى بىلىمنىڭ تارقىلىشى ، قىممەت يارىتىلىشىنى ۋە ئىشلىتىلىنىشىنى ئاساسىي بەلگە قىلىدۇ ، ئۇ زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنى يادرو قىلغان ، بىلىم ھاسىل قىلىش ، تارقىتىش ، قوللىنىش ۋە ئىستىمال قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىقتىسادتۇر. قىسقىسى ، پۈتۈن بىر مىللەت ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى بىر-بىرىگە ياردەم قۇلىنى سوزالايدىغان ھەمكارلىشالايدىغان گەۋدىلەرنىڭ كۆپىيىشى نۇرغۇن كىشلىرىمىزگە چىقىش يولى تېپىپ بېرىش بىلەن بىرگە بىزنى روناق تاپقۇزىدىغان بىردىن بىر يول... ئىلىم ئىجتىھاتچىلىرىنى قوللاش ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى بالىلارنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈش ھەمكارلىقتىن ئىبارەت كۈچنى ئۇلارغا تۇنۇتۇش زۆرۈرىيەت . بۇ ئاجىز مىللىي ئىقتىسادنى كۈچۈيتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ... بەزىدە « تەلەي يۇلتۇزى پراگراممىسى » نۇرغۇن بالىلىرىمىزغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش ، ئۆزىنى قېزىش پۇرسىتى ياراتتى ، ئۇنىڭغا پەن-تېخنىكا يىڭىلىقلىرىنى قۇشۇپ بىرە يىلدا بىر قېتىم قول -ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى جەھەتتىكى باھالاشنى كىرىشتۈرۈپ باقسا بولمامدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن ،(گەرچە بۇ ئارتۇقچە بولسىمۇ.....) قىسقىسى ، رىقابەت رەھىمسىز ، رەھىمسىزلىككە يۈزلىنىپ ئۇنىڭغا ئوق ئاتالايدىغان كىشلىرىمىزنى قوللاش مەجبۇرىيەت . بۇ ئاۋازلىق كىتابلار تىلىمىزنىڭ ، يېزىقىمىزنىڭ « ھۈنەرەتلىك » قىممىتىنى يەنى بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈردى... قىسقىسى ، بىز ئىستىمالچى ئورنىدا تۇرۇپ ئۇلارنى قوللاشقا ھوقوقلۇق ، ئۇلار ھەر بىر كىچىك ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ قوشقان ئاز -ئازدىن مەبلىقىغە تايىنىپ تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ھوقوقلۇق ...ئۇلارنىڭ ئىلھاملاندۇرغۇچى ئاتا-ئانىلىرى دەل بىز خەلقى ، دەل بىز قېرىنداشلىرى ................مەن «قوللاش» دىگەن بۇ سۆزدىن بىر «تەبرىك كارتىسى» ياساپ ئۇلارغا سۇنماقچى بولدۇم ، سىز قانداق قارايسىز ؟
|
|
|