查看完整版本: [-- مېنىڭ تەكشۈرۈشنامەم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مېنىڭ تەكشۈرۈشنامەم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2011-05-10 11:59
مېنىڭ  تەكشۈرۈشنامەم




               "تەكشۈرۈش" "ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش" ئۇزۇندىن تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئۆزىنى بىلىشتىكى ئۇسۇل. لېكىن بىز دائىم ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى خاتالىق ئۆتكۈزگىچىلەرگە قارىتىپ كەلگەچكە ئېڭىمىزدا پەقەت خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارلا ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللەنگەن. ئەمىليەتتە چوڭ ھالقا ئوتتۇرانچى ھالقىنى ،ئوتتۇرانچى ھالقا كىچىك ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلۇم مەسلىدە مېنىڭ ھېچ قانداق مەسئۇليىتىم يوق دەپ قاراش "قارا يۈزلۈك"

"قارا يۈزلۈك "دىگەن نىمە؟

          بۇرۇنقى زاماندا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن ئېكەن. بىر بالا تەنتەكلىك قىلىپ تونۇر بېشىغا سېيىپ قويۇپتۇ. بىر ئاقىل بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ئۇ يىگىتنى يۈزىگە قارا سۈركەپ خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ؛-بەزىلەر پاھىشىۋازلىق قىلسا،ئادەم ئۆلتۈرۈپ جىنايەت سادىر قىلسا يۈزىگە قارا سۈركىلىپ "قارا يۈز" بولمايدىكەنيۇ ؟ نېمە ئۈچۈن يېگىت "قارا يۈز" بولىدۇ؟ -دەپ ھەيران بولۇشۇپتۇ.

           ئاقىل؛ ئىشنىڭ كىچىكى ،چوڭىنى بۇزار .بەزى كىچىك ئىشلار بار جاننى سېلىپ بېرىپ قىلىدىغان ،بەزى چوڭ ئىشلار بار پۇل بەرسىمۇ قىلمايدىغان. ناننى خام يېگىلى بولمايدۇ تۇنۇر ناننى پۇشۇرىدۇ. دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ...

*************************************************************************

شۇنداق قىلىپ مەن تەكشۈرۈشنامەمنى باشلىۋەتتىم. ياخشى كۆرسىڭىزمۇ كۆرمىسىڭىزمۇ ئوقۇپ قويۇڭ!


تەكشۈرۈشنامە1-."مەن ۋە ئائىلە"


          ئائىلە بىر- كىتاب ،ئۇنى ئوقۇش، ئۆگۈنىش، ئاسراش ئۇسۇلى بولىدۇ.ئائىلىگە تەكشۈرۈشنامە تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ "ئائىلە"ناملىق كىتابىدىكى ھېكىمەتلەرنى دېققىتىڭىزگە سۇنماقچىمەن.

          "ئائىلە بىلەن كىشلىك،ئائىلە بىلەن مىللەت ئىنتايىن يېقىن بىر جۈپ مەدەنىي ئۇقۇم. ئائىلە ئىنسان ماددى تۇرمۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئىندىۋۇدالى ئۈچۈن ئاساسلىق ئىجتىمائىي بىرلىك قاتلىمى.ئائىلە -نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قوشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپ قالماي،ئۇ يەنە ،ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇتگاھى، مېھىر-شەپقەت، ئەقىل-ئېدىراك، ئەخلاق- ئادەت، بىلىم مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرىدىغان تۇنجى مەكتىپى:قوشنىلارغا، ئىلىم ئوچاقلىرىغا، جەمىيەتكە، كىشلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغىسى: ئۆمۈر ئەجدادلىرىنىڭ ئەڭ مۇمەسسەل مۇزېيى: كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شىپاخانىسى؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى: ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىز ۋە شېخى؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ.

        "پەرزەنت-ئاتا -ئانىنىڭ قايتا دۇنياغا كەلگەن ئوبرازى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى بىر تارىخىي بوغۇمى، جاھان تارىخنىڭ داۋامى."

"ئانا-زىمىندىكى يېگانە خۇدادۇر."---لېگويىف

"ئانا-ئادىمىزاتنىڭ بىرىنچى تەربىيچىسى.----گولدسىمىت

مىللەت تەغدىرى ئانىلار قولىدا----بالزاك"

          "ئەر-ئاتا،بوۋا، مۇرۇۋەتلىك پىشقەدەم .ئاتا- مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى. ئاڭلىق ۋە ۋىژدانلىق ئەركەك مىللەتكە جەمىيەتكە ، تەرەقىياتقا كەينىنى قىلىۋالغان ئەر بولماستىن ،ئۇ ئائىلە ھۈجەيرىسىدە جەمىيەت بەختىنى ،پەرزەنت گەۋدىسىدە مىللەت كېلەچىكىنى ئۆستۈرگۈچى باغۋەندۇر.ئۇ ئەمگىكى،ئىجادىيىتى ،جەڭلەردىكى جاسارىتى،ئەقىل -ھېسىياتى، تەدبىر-چارە ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ ئىنسانپەرۋەرلىكىنى بىجا كەلتۈرىدۇ."

          ئەمدى تەكشۈرۈشنامەمنى ئېلىپ ئائىلە ئالدىغا قاراپ ماڭدىم.مەن بارغاندا ئائىلە بىز كىچىك چېغىمىزدا ئاڭلىغان ئەمما ئانچە تېگىگە يېتىپ بولالمىغان ھېلىقى، غاز ئاسمانغا، پاقا قۇدۇققا، يەنى چۈمىلىغۇ دەيمەن قۇرۇق يولغا تارتىدىغان ھارۋىنىڭ ئىچىدە ئۇياققا بۇياققا تەۋرىنىپ ئولتۇرۇپ تەكشۈرۈشنامەمنى ئوقۇشقا ئىجازەت بەردى. ئوقۇشنى باشلىدىم ؛

تىزلىنىمەن ئالدىڭدا كەچۈرۋەتكىن بىر نۆۋەت،

ئەمدى بىلدىم ئۆزەمنى قورغان بولغىن بىرنۆۋەت.

          تەكشۈرۈشنامەمنىڭ باش قىسمىنى ئاڭلاپلا ئۇ باش چايقىدى ."بىر نۆۋەت" نىمانچە قورقۇنۇچلۇق ....ھەر قېتىملىق بىر نۆۋەتنى قوشساق سېنىڭ سەۋەنلىكىڭدىن بۇغدا چوققىسىنىڭ ئاپئاق بېشىغا كۆكتىن قارا قۇم ياققاندەك، "مەن ئاق بايراق ئەمەس " دىيەلىگەن يۈرىكىگە خەنجەر ئۇرغاندەك پاجە توپلىنىدۇ...قۇرۇسۇن بىر نۆۋەت! قارا ئائىلەڭگە بىر نۆۋەت ھاراق ئىچسەم نېمە بولۇپتۇ؟ بىر نۆۋەت قاتار چاي ئوينىسام نېمە بولۇپتۇ؟ بىر نۆۋەت تاپشۇرۇق يازمىسا نېمە بولۇپتۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نۆۋەت ،بۇ بىر نۆۋەت نۆۋىتىدە ئەقلىڭنى يەپ ،جىسمىڭنى خورىتىپ پەرزەنتىڭنى خامۇش، ئۆزەڭنى دەرت مۇش، ساقىلىڭنى پوق مۇش، كەلگۈسىڭنى يە مۇشقا ئايلاندۇرىدۇ مەن قايىل ئەمەس......تەكشۈرۈشنامىنى قايتا يازدىم؛

ئىدىيەنىڭ بىرلىكى ئائىلىدە سېلىنۇر،

      تۇخۇم، قۇشقاچ، بۈركۈتلەر ئائىلىدە ئەي بۇلۇر.مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇدۇم..

             ئائىلە بېشىنى لىڭشىتتى. لېكىن ئۇنىڭ بېشى ئۈچ بولۇپ كۆرۈندى . ، مەسئوليەتچان ئانا، مەسئوليەتسىز دادا، ئۇماق پەرزەنت  مەسئوليەتچان ئانا،...ھەي قارىغاندا تەكشۈرۈشنامەمنىڭ ئايىقى چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ . مېنىڭ ئويۇمنى بىلگەندەك ئائىلە ئېغىز ئېچىپ قالدى؛- ياخشى ،لېكىنزە ئىنسان ئۆزىنى شەكىلگىلا قايتا-قايتا تەكشۈرۈشتىن چىن يۈرىكى بىلەن بىر قېتىم تەكشۈرگىنى ياخشىراق .تەكشۈرۈشنامەڭ يۈرىكىڭنىڭ قېنى، روھىڭنىڭ ئويغۇنىشى بولغۇسى. خەير يەنى كۆرۈشەرمىز....
(ئۇزچاق خاتىرسىدىن يەنى بىر نەچچىلىگەن تەكشۈرۈشنامىلىرىم بار. قىزىقسىڭىز ۋاقىت چىقسىلا يەنە يوللايمەن .خوش)

koksangun 2011-05-12 01:17
ئۇزچاقنىڭ بۇ يوللىمىسى مېنى بەك قىزىقتۇردى ، يەنە بولسا ئۆزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭ ...

ozqan 2011-05-13 00:09
تولىمۇ  ئۆزگىچە  ئەسەر بوپتۇ ،  داۋامىغا  تەشنامەن ...

tawpek 2011-05-13 10:19
،جىسمىڭنى خورىتىپ پەرزەنتىڭنى خامۇش، ئۆزەڭنى دەرت مۇش، ساقىلىڭنى پوق مۇش، كەلگۈسىڭنى يە مۇشقا ئايلاندۇرىدۇ


نەقەدەر ئۆزگىچە قۇرلار بۇ.


ئۇخلاشتىن بۇرۇن 2 مىنۇت بىر كۈنلۈكىمىز ئۈستىدە ئويلانساق، ئويغىنىپ تۇرۇپ كىتىشتىن بۇرۇن 2 مىنۇت بۇ بىر كۈندە قىلىدىغانلىرىمىز ئۈستىدە پىلان تۈزىۋالساق تەكشۈرۈشنامىللىرىمىز كۈندىن كۈنگە سەرخىل چىققۇسى.

ak gul 2011-08-27 01:19
نىمىدىگەن ئۇزگىچە تەكشۈرۈشنامە بۇ.
بەك قىزىقارلىقكەن،داۋامىغا تەشنا بولدۇم.

uzqak 2011-09-04 22:00
كەسىپ ۋە مەن
كەسپىم ئالدىغا تەكشۈرۈشنامەمنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى مەكتىۋىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى دىققىتىڭىزگە سۇنماقچىمەن.  
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مەكتىۋىمىزگە مەركىزى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن بىر تەتقىقاتچى تەكلىپ قىلىندى. سۆزلەنگەن لېكسىيە" ھېسىيات ئادەمنى تاۋلايدۇ، دەرسخانە ھىسىيات ئالماشتۇرۇش سورىنى"2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن بىر مۇتەخىەسسىس لېكسىيە سۆزلىدى مەزمونى" ئومۇم تەكرار دەرسىنى قانداق لايىھىلەش ۋە ئۆتۈش"2010-يىلى 4-ئاينىڭ 21- كۈنى ئاپتۇنومدىن يەنە بىر مۇتەخەسىس لېكسىيە سۆزلىدى مەزمونى"تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدىكى يورۇق نۇقتىلار" 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 26 -كۈنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن لېكسىيە سوزلىدى مەزمونى " ئۇمۇم تەكرار دەرسىنى ئۆتۈش ۋە باھالاش" 2010 -يىلى 5-ئاينىڭ 12- كۈنى يەنى بىر مۇتەخەسىس كەلدى .لېكسىيە مەزمونى" كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلاردىكى قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش" 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ئائىلە تەتقىقات مەركىزىدىن مۇتەخەسىس كېلىپ لېكسىيە سۆزلىدى مەزمونى" پەرزەنتلەر ئۇچۇرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى "(بۇ ئاتا-ئانىلار مەكتىۋىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئاتا-ئانىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئۆگىنىش، مەنمۇ شۇ ئاتا-ئانىلارغا قوشۇلۇپ ئاڭلاپ باقتىم. بۇنداق ئۆگۈنۈشلەر يەنە بار)مانا بۇ بىزنىڭ مەكتەپ ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنى ئۆگۈنۈش ۋە كۈچەيتىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر. مەن يالغۇز، ئەمما نۇرغۇن خىياللارنىڭ جور بولۇشى بىلەن بۇ لېكسىيەلەرنى ئاڭلىدىم. ... يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋامنىڭ ئىت ۋە ئارسلاننىڭ باشچىلىقى توغۇرسىدا يازغان  قۇرلىرى كۆز ئالدىمدىن يالت قىلىپ ئۆتتى .ئۆزەممۇ بىلمىگەن ئاساستا ئاھ! دەپ تولغىنىپ سالدىم .مۇنۇ سۇڭ فامىلىلىك مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ كاللىسىنى كېلونلاپ كۆپەيتكىلى بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى. .ئۇ يېقىندا مەكتەپ دەرىسى قىلىپ كۇڭزى تەلىماتلىرىدىن "ئۇستاز شاگىرت قىبلىنامىسى"نى تۈزۈپ كېلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى...يۇقارقى ئۆگۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپ ئۆزى تەشكىللىگەن .... l  
مەن تەكشۈرۈشنامەمنى كۈتۈرىپ كەسپىم ئالدىغا كەلدىم.مەن بارغاندا ئۇ قولىغا  مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدىكى كىتابنى ئېلىپ ئولتۇراتتى. ئۆي ئىچىگە بىر قۇر نەزەر سالدىم .ئۇ تاملىرىغا "بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن.""مائارىپ ھەر بىر ئەقىل ئېگىسى ئۆمۈرۋايەت مۇھاكىمە قىلىشقا تىگىشلىك مەڭگۈلۈك تېما" " مائارىپ ئۆز نادانلىقىمىزنى ئىلگىرلىگەن ھالدا بايقاپ چىقىش دېمەكتۇر " "جاپالىق يولدىن ئۆزىنى قاچۇرغان تەربىيە ھەقىقى ،قەيسەر ، باتۇر ئادەملەرنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ" دېگەندەك ئۈزۈندىلەرنى چاپلىۋالغان ئىدى. كىتاب تۇتقان قوللىرى كىتابنىڭ ۋەزىنىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقاندەك تىترەپ تۇراتتى . يېزىلغان لوزىنكىلار بولسا دەرىزىلەردىن كىرگەن سوغۇق شامالدا قالايماقان ئۇچۇپ ،تولغىناتتى...ئۇ تىترەك قولىنى ماڭا سۇندى سېنى بەك ئۇزاق كۈتتۈم كەلمىدىڭ، ھېچ كەلمىدىڭ...بوپتۇ ئەمدى بولسىمۇ تەكشۈرۈشنامەڭنى ئوقۇ دىدى.مەن ئوقۇشنى باشلىدىم.... 6 Y_O^f  
j /dE6d  
كەسىپ مېنى كەچۈرۋەتكىن بىر نۆۋەت، < ivqe"m  
C:GHP$/}  
بىر نۆۋەتتە كەتتى تۈمەن بىر نۆۋەت. N!Wq}#&l  
5 (21gW9  
ئاغرىنمايمەن ، كەلمىسىمۇ بىر نۆۋەت، .1}rzh}8  
r5!x,{E6  
ئوقۇتقۇچى بولۇپ ياشاي ھەر نۆۋەت. /=YqjZTCq  
a j@C0  
مەن كەسىپ ئالدىدا تىزلاندىم.ئۈمچىيىپ پوتلامنى ئېقىتىپ تازا بىر يىغلاي دىدىم-يۇ ، كۆزلىرىمدىن ياش تۆكىلمىدى . تارىمنىڭ قاغجىرغان ۋۇجىدىدەك، لوپنۇرنىڭ سۇسىز جىسمىدەك، توغراقنىڭ قاغجىراشتىن يېرىلغان قوۋزاقلىرىدەك سۇسىز جىسمىمدىن ئۆز ئەھۋالىمغا ئىچىنغۇدەك چىن پۇشايماندىن پۈتكەن چىن ياشمۇ چىقمىدى..... /x:(SR2,  
  
كەسىپ ماڭا سىنچىلاپ قاراپ؛ سۆزىنى داۋام قىلدى؛i  
-سەن كەسىپ ھەققىدە قانداق كىتاپ ئوقىغان ؟ I  
- مەن كەسىپ ھەققىدە لىياڭچىچاۋنىڭ "كەسىپنى قەدىرلەش" نامىدىكى ئەسىرىنى ئوقىغان.  
ھىم ياخشى ھە نېمە بولسا شۇنى بولسىمۇ ئوقۇپسەن .ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ھېكىمەتنى مەن ساڭا ئېيتىپ بېرەي؛ كەسىپ قانداق تاۋاققا ئىگە بولغىنىڭ بىلەن ئەمەس قانداق ئىشتىياق قىلىپ ئىشلىگىنىڭ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. كەسىپ ھەقىقى كەسىپ مۇقامىغا يېتىش ئۈچۈن  تەتقىق قىلىنىشى ، ئۆگۈنۈشى، يەنە ئۆگۈنۈلىشى كېرەك.ئەڭ مۇھىمى لىياڭچىچاۋ ئەينى ۋاقىتتا كەسىپ ئىگەللەش، كەسىپ ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەت يەتكۈزۈش، كەسىپ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، كەسىپ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قۇيالىغان. سەنچۇ تەييار كەسىپنىمۇ نېمە قىلىۋەتتىڭ ئەمدى..... )"  
يۈزلىرىمنىڭ قىزارغىنىنىمۇ بىلمىدىم. قىيدىغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇنىڭ تىترەك قوللىرىغا سەل كۈچ كىرىپ قالغاندەك ئىدى.سەن ئوقۇتقۇچۇلۇق كەسىپ توغۇرىسىدا نەچچە كىتاپ ئوقۇدۇڭ؟ مەن ساناشقا باشلىدىم " يېڭى دەرسكە يۈرۈش"'ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل سەنئىتى" " ئىجادىي تەپەككۈرۋە ئوقۇتۇش"."مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار" سانىغان كىتابلىرىم 20 مىگىمۇ يەتمىدى...ئۇ ئەمدى ماڭا ھۇمۇيىپ قارىدى.ئۇنداقتا تۈۋەندىكى تەكشۈرۈش گىراپىسىنى توشقۇزۇپ كۆر. مەن گىرافىنى قۇلۇمغا ئالدىم .سىز كۈندە كەسپىڭىزگە دائىر ماتىرىيال كۆرەمىسىز؟ شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى ياكى مائارىپ ژورنىلى كۆرەمسىز؟ توردا كەسىپداشلىرىڭىز بىلەن كەسىپ توغرىسىدا داۋاملىق پىكىرلىشەمسىز؟ ئۆزلىگىڭىزدىن ئۆگىنىش ۋاقتىڭىز قانچىلىك ؟ ھەر سائەتلىك دەرسنى ئوچۇق دەرس قىلىدىغاندەك ھالەتتە ئۆتەلەمسىز؟ بالىلارنىڭ پېسخىكىلىق ئاجىزلىقىنى يېڭىشنى دەرس لايىھىڭىزگە كىرگۈزەمسىز؟ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ ....  
  
مەن جاۋاپ يېزىپ بولدۇم ئۇ بېشىنى چايقىدى. ئۇنىڭ بېشى،ئكلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بېشى قىلىچ بىلەن كېسىلىپ تېنىدىن جۇدا بولۇشقا ئاز قالغان باشتەك ، بويۇن كونتۇروللىقىنى يوقاتقاندەك كۆرۈندى...  
`
-ئەپسۇس تۇلىمۇ ئەپسۇس سېنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىڭ توردىكى بىھۇدە ئويۇنلارغا كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟!
ئۇ يىراقلارغا تىكىلدى ...
ئاستا مۇنۇ مىسرالارنى ئوقۇشقا باشلىدى؛
ئاڭلاڭ قەنى،ئاڭلاڭ قەنى.  
\تەۋپىق بوۋام ئۈنىنى.
ئەسلەپ قويۇڭ  
,مائارىپچۈن تۆككەن قىزىل قېنىنى.  
|fتىڭلاڭ ،تىڭلاڭ،تىڭلاڭ يەنە تىۋىشلار،  
ئۈزۈپ قويدۇق ئاشۇ ئاۋاز سېھرىنى.  

مەن تەكشۈرۈشنامەمنى قايتا يېزىشقا كىرىشتىم.  
ئاھ! كەسىپ سېنى شۇنداق سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن بەزىدە ماگمىدەك ئېرىپ،بەزىدە ئوتتەك يېنىپ، بەزىدە قامغاقتەك ئۇچۇپ ،بەزىدە قارىغايدەك تىك تۇرۇپ ياشاشقا مەجبۇرمەن.لېكىن سېنى قانداق سۆيۈشنى بىلمىگەنلىكىم ، سېنى قانداق تەتقىق قېلىشنى ،ئىلمىي، نەزىريىچانلىق، ئەمىليەتچانلىق ،ئىجادچانلىق دېگەنلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سېھىرلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ،سېستىمىلىق ئوقۇتۇش كۆز قارىشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالدىڭدا تىزلاندىم...
ئويلاپ بېقىڭ ئەجدادىمىز روھىنى،  
ئاڭلاپ بېقىڭ يۈرەكلەرنىڭ سۆزىنى.  
قالدۇرۇپتۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ،
كىتاب،ئەسەر،تالاي مېھنەت-تەرىنى.
:ئوقۇتقۇچى ئۆتۈڭ دەرس،دەرسلەر.  

پاك قەلىبدىن ياڭرىسۇن پاك سادالار.  
|ئەۋلاد ئۈچۈن سوقسۇن ھەممە يۈرەكلەر،
lپارازىتلار سۈپۈرىلسۇن مۇنبەردىن.
ئۆگەن،ئۆگەن تىرش تىرماش مەڭگۈگە، l
تالاي ئەۋلاد يەنە باقار ئىزلارگە،  
بۈگۈن كەتسە،قۇرۇق پېتى مەنىسىز،
ئەتە قالماس بىزدىن بىرەر نەتىجە.  
ئۆگەن،ئۆگەن تىرش تىرماش مەڭگۈگە،  
تالاي مۈشكۈل تالاي ئىشلار ئالدىڭدا.
بۈگۈن ئەتە، بۈگۈن ھەممە ئەمەسمۇ؟  
>ئۆگەن دوستۇم جان تەسەددۇق بولغىچە....

uzqak 2011-09-04 22:01
مەن ۋە كىتاب mV0u:ws  
DVt^O [  
مەن كىتابقا تەكشۈرۈشنامەمنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن مەكتىۋىمىزنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان كىتاب ئوقۇشقا دائىر تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى دىقىتىڭىزگە سۇنماقچى؛ NiMsAI@j  
fWf't2H&  
مەكتىۋىمىزدە ئىشلىگىنىگە ئون يىل بولغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە تۇلۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بۇ  قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ئوبىكتىلىرى ئىدى. تەكشۈرۈش نەتىيجىسىنى مەكتەپتە ئېلان قىلغاندىن كېيىن،  ھېلىمۇ مەن قاتناشماپتىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم.( مەن مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگىلى 8 يىل بولدى) [_`@ V4  
>S8 n 8U  
ئەڭ كۆپ كىتاپ ئوقىغىنى مەكتەپ مۇدىرىمىز بۇلۇپ ،بىر تۈمەن توت مىڭ 325، ئەڭ ئاز كىتاب ئوقىغىنى دەرۋازىۋەن بەي گو رۇڭ .يەنى 425پارچە كىتاب ئوقۇغان ئىدى.. بۇ سانلارنى كۆرگەندە كۆپ سانلىق كىشلىرىمىز كۈنۈككەن پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بۇ يالغان ياكى بولمىسا شۇنداق يازسىمۇ بۇلىدۇ دەپ ئويلايدۇ...مەكتەپ مۇدىرىمىز مائارىپ تەتقىقات نەتىيجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە كىتاب تۈزۈشتىن باشقا،نۇرغۇن ماقال -ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپتۇ، ھەتتا دەرۋازىۋەن يولداشمۇ بىر نەچچە پارچە ئامانلىق قوغداشقا دائىر ماقاللىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپتۇ. (مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا سەككىز تۈمەن كىتاب بار)ئۆزەمگە بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۇم .ئادەتتە مائارىپ ژورنىلى،  مائارىپ گېزىتى، شىنجياڭ مەدەنىيىتى ، تارىم ۋە بىرنەچچە خەنزۇچە ژورناللارغا مۇشتەرىي بولغاندىن سىرت ئائىيلىمىزدىكى نەچچە يۈز كىتابتىن سۆيىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ بۇ سېلىشتۇرما سانلارنى كۆرىۋېتىپ قايسى بىر كۆڭۈلدىكى سۆز پراگگىراممىسىدا سوزلەنگەن مۇنۇ سۆزلەر نى ئەسلەپ قالدىم؛ يەھۇدىلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 64 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. خەنزۇلار ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 50 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن ، ئويغۇرلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 يۈئەنلىك كىتاب ئوقۇيدىكەن ...ھەي 8 يۈئەن تەرەقىي قىلىپ 28، 58 ،108دېگەندەك "بايلىق ئىلاھى "سانلىرىغا ئايلىنىپ كەتسەڭچۇ...بۇ تەكشۈرۈش پائاليىتىدىن كېيىن مەكتەپتە قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بېرەي ئەتىسىدىن باشلاپلا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا ھەر خىل كىتابلارنى ئېلىپ دەرۋازىدىن كىردى...بۇ ئىشلار قانات قۇيرىقىنى كېرىپ تۇرغان توزدەك مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى...بۇ شەكىل كەينىگە يۇشۇرۇنغان  مەزمون ،بۇ سانلار ئارقىغا يۇشۇرۇنغان تەشۋىقات ،بۇ سانلار ئارقىغا يۇشۇرۇنغان مەقسەت ،بۇ سانلار ئارقىغا يۇشۇرۇنغان ... مەن  قانداقمۇ كىتاب ئالدىدا تەكشۈرۈشنامە يازماي تۇرالايمەن؟ &fsk ESV0  
`dWnu3r;  
مەن تەكشۈرۈشنامەمنى ئېلىپ كىتاب ئالدىغا قاراپ ماڭدىم. مەن بارغاندا ئۇ گەۋدىسى بار بېشى يوق ،بېشى بار ،يۈرىكى يوق، يۈرىكى بار بېشى يوق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماجراسى نى ھەل قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن . ، بەزىلىرى... يۈرىكىنى ئىزدىسە ،بەزىلىرى بېشىنى ئىزدەپ يەنە بەزىلىرى نېمىسى يوقىغانلىقىنىمۇ بىلمەي توپلىشۋالغان بۇ ئادەملەرگە قىزىقىش ئىچىدە ئاغزىلىرىنى كامادەك ئېچىپ، قاراپ تۇرشاتتى . مەن بۇ سورۇندىكى ئاجايىپ دە -تالاشلارغا قاراپ بۇ ھەقسىز كىينونى كۆرۈش ئۈچۈن  بوينىمنى سوزدۇم . كۆرە، بۇ قىزىقچىلىقنى كىتاب بىردەم بېشى يوق ئادەم يېنىغا  بېرىپ بىر نەرسىلەرنى دىسە ،بىردەم يۈرىكى يوق ئادەم يېنىغا بېرىپ بىر نەرسىلەرنى دەيتتى .يەنە بىر تۇرۇپ ئۆزئارا ئىتتىرشىپ  قىقاس -چوقان سېلىۋاتقان كىشىلەرنى تىنىچلىنىشقا ئۈندەيتتى ...ئۇنىڭ مۇقاۋا كىيىملىرى يىرتىلىپ ۋاراق پەردازلىرى بۇزۇلۇپ ، يۈز-كۆزى قاپ-قارا بۇيالغان بۇلۇپ ئەسلى ھالىتىنى تۇنىغىلى بولمايدىغان ھالغا كىرگەن ئىدى. مېنىڭمۇ سىزنىڭمۇ ، قارىمۇ ،ئاقمۇ... ئىچىمدە بىچارە دەپ قويدۇم. ..ئۇ كىشلەر ئوتتۇرسىدا يۈگرەپ ھالىدىن كەتتى. مەن يەنە نېمە قىزىقچىلىقلار بۇلار دېگەن ئوي بىلەن بۇلۇپ كېتىپ قۇلۇمدىكى تەكشۈرۈشنامەمنىڭ كىشلەر ئايىقىدا دەسسىلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.. . تەكشۈرۈشنامەم ھەسرەتلىك كۆزلىرىنى ماڭا تېكىپ ، قاتتىق چىقىرغاندىلا  ئىسىمگە كەلدىم... OdO n wY  
]E)D})r`#  
لېكىن كىتاب يەنىلا شۇ كىشلەر ئارسىدا ئۇياققا بۇياققا تىنماي چىپىپ يۈرەتتى. +~|Jn_:A f  
1!yd(p=cL  
ئۇ، ^ Nu j/  
o2;Eti  
ئۇھ ،دېگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭ  چىرايى ئۇزۇن يىل سىل كېسىلى تاتقاندەك سارغىيىپ . ئۈمۈتسىز كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە تۈۋەندىكى مىسرالارنى زىكرى قىلىشقا باشلىدى؛ "Pu917_P  
.Yvy37n((  
ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر، $Ld-lQsL  
(N/-b lto  
ئۇقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشقىنىمىز باردۇر . zqURnsJ  
s Ytn'&$\  
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە،ئۇزەر  سۇدا، -x:7K\=$SX  
atW^^4 :  
تاپالماي مىنگىلى ئېشەك، ياياق قالغىنىمىز باردۇر. =M9R~J!  
,7 m33Pv*  
.ئۇنىڭ ئاۋازى بىر پەسلەپ ،بىر كۈتۈرنىلىپ ئۇپۇق بويلاپ كېتىۋاتاتتى.كىشىلەر ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۇپۇققا قاراشتى شۇ چاغدىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەتىگەندىن تا ھازىرغىچە مۇشۇ يەردە دە-تالاش قىلىشقانلىقىنى بىلىشىپ ئالدىراپ ئۆيلىرىگە قاراپ مېڭىشتى..مەن  پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ھېلىلا كىشلەر ئايىقىدىن تېرىۋالغان تەكشۈرۈشنامەمنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئۇ جانسىز قوللىرىنى ماڭا سۇندى. ..تەكشۈرۈشنامەڭنى ئوقىغىن! >rSCf=  
N"tX K  
مەن ئوقۇشقا باشلىدىم .كىتاب سەن روھى تولغاقلارنىڭ پۈتمىسى . روھى تولغاقلىنمىغان ئادەم سېنى كۆرەلمەيدۇ ھەم سۆيەلمەيدۇ... xwW(WHdC]  
#xq3 )B  
توختا!- دەپ مۇراجەت قىلدى ئۇ.. مەن مۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغان نېمە قىلىدىغىنىڭنى قانداق قىلىدىغىنىڭنى سۆزلە .. تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم...ئۆزەمچە كىتابنى سۆيىمەن دەپتىمەن . ئۇنى سۆيەلگەنلىكىم ئۈچۈنلا مانا ھازىر ئوقۇتقۇچى بولدىمگۇ؟بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆز -ئۆزەمگە ؛ t:P7ah  
WnU2.:  
راست مەن نىمە قىلىدىغىنىمنى ، نىمە قىلالايدىغانلىقىمنى بىلمەپتىمەن دەپ سالدىم. نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق...مەن كىتاب ئالدىغا تىزلاندىم... S,ud pQ7  
Z0O0Q=e\Y  
ئاھ كىتاب! مېنى كەچۈرگىن .مەن ۋە مەن قاتارلىقلار سېنى بىر ۋاقلىق ئېسىل تاماققا، بىر پوتۇلكا ھاراققا، ھەتتا  بوۋاقلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىدىغان بوۋاقلار زاكىسىغىمۇ تەڭ قىلمىدۇق.ئۇلارنى ئېلىشقا كۈچىمىز يەتتىيۇ سەن كۆزلىرىڭنى مۆلدىرتىپ، مۇڭلىنىپ تۇرۇپ قالدىڭ.سېنىڭ جىسمىڭ بىزنىڭ كىتاب ئىشكاۋىمىزدا ئەزىزلەنسە، روھىڭ چۈشىنىشىمىز ،ئىشلىتىشىمىز، ھەقدارلىقىمىز، تەلەپچانلىقىمىزبىلەن كۆكىرىپ،پاكلىنىپ ،كۈچىيىپ روھلىنىپ ماڭىدۇ ئەمەسمۇ....مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇدۇم كىتاب ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئىجازەت بەردى...مەن ئاستا-ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم... c6=XJvz  
XR p60i6f  
;CoD5F!  
_VM}]A  
جان بولغاندا جاھان سېنىڭ بولمامدۇ؟ ! ,{N>{I  
aIr"!. 4  
قازان بولسا ئاش سىنىڭكى بولمامدۇ؟ ?' mP`9I  
+W$uHQq  
نادانلىقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلساق، #6mw CA|  
0r[a$p>`  
كۈلكە بىزنىڭ ، ئۈمۈد بىزنىڭ بولمامدۇ؟ 7L6^IK  
N6T  
>HzTaXCR[  
%U .x9UL  
7fd ,I%v  
(JE&1 @  
مەھمۇد بوۋام روھى تۇرساتەلمۈرۈپ، gdh|X[d  
C\;%IGn  
يۈسۈپ بوۋام روھى تۇرسا،نۇر چېچىپ. kFT*So`'  
lQ t,(@7]  
ئەمدى بىزگە كېرەك يەنە قانداق روھ، mZ3Z8q}%P  
:; La V  
كىتاب كۆرگىن يوللىرىڭغا يول تېپىپ ... #"H0&Iu+hv  

uzqak 2011-09-04 22:03
خۇلاسە p0zC(v0*  
Y2.zT6i  
ئەسلى ،مەن ۋە تور دۇنياسى ، مەن ۋە دەۋر دېگەندەك نۇرغۇن تەكشۈرۈشنامىلىرىم بار ئىدى. سىزنى ئوقۇپ زېرىكىپ قالمىسۇن دىدىم. تۆۋەندە ماۋزولار ئىچىدىكى ئانا تىل ۋە تور دۇنياسىغا ئېلىنغان مىساللارنى دىققىتىڭىزگە سۇنماقچىمەن. Ny/eYF#  
6مېسال: =QtFJ9\  
2Z uo).2a.  
ئانا تىلغا نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن . تېلىفۇن نومۇرىنى ئۇيغۇرچە دىيەلەيمەن.چ چ نومۇرىنى ئويغۇرچە ئېيتالايمەن.يەر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە دىسەم بولىدۇ.كىشى ئىسىملىرى،ھوقوق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىسام بولىدۇ. كۆكتات ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئېيتسام بولىدۇ. تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە ئېيتسام بولىدۇ. كىيىم -كېچەك نامىنى ئۇيغۇرچە ئاتالايمەن. ئوقۇش قوراللىرىنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە ئېيتالايمەن.....ۋاھاكازالار ئەمىليەتتە قىلالايدىغان ئىشلىرىم بەك كۆپكەن لېكىن كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان ئەسكى مىجەزىم باردە مېنىڭ. .. @d 7V@F0d  
3Xd:LDZ{  
تور دۇنياسىغا ئېلىنغان مېسال: $S?gQN.e  
HNBmq>XDc  
ئائىلە تەتقىقاتچىسى لى خېنىم ئۆز بىلوگى ئارقىلىق نۇرغۇن ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۋالغان، مەكتىۋىمىزنىڭ سىياسى ئىشلار باشقارما باشلىقى جىڭ ئېچىۋىتىلگەن خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ ئۆگۈنۈش، تۇرمۇش ،پىسخىكا جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ قۇتقۇزۇپ قالغان.. m<>BxX  
-/{FGbpR;  
خۇلاسەم؛ zEW+1-=)+7  
2 Kjd!~Z$  
مەن ئىشلاۋاتقىنىمنى بىلىمەن. ئىدارەمگە ئۇچقاندەك بارىمەن. لېكىن قانداق ئىشلەش ئۆلچىمىم يېتىلمىگەن .مەن دەۋرنىڭ تېخىمۇ كۆپ  بىلىم ئىگەللەش تەلىۋىنى بەزىدە قاخشاپ تۇرۇپ ،بەزىدە يىغلاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدىم .خوشاللىق بىلەن سېنى قارشى ئالىمەن دىگەن ۋاقتىم بەك ئاز.... H2Wlgt  
3l pxh_  
خاتىرەمگە شۇنداق يېزىپ قويدۇم.ئۇزچاق: b=:ud[h  
a0sz$u  
ئەمىليەتتە سەن ھېچنىمىنى ،ھېچكىمنى ئۆزگەرتەلمەيسەن. ئۈزلۈكسىز ئۆگەرتەلەيدىغىنىڭ سەن ئۆزۈڭ.بەزىدە سەن ئۇمۇ ئوخشاشلا مائاش ئالىدىكەنغۇ؟ مەن بۇنداق جاپا تارتىپ نېمە قىلاتتىم دەپ ئويلايسەن .بەزىدە يەنە ئۇ قىلمىغاننى نېمە ئۈچۈن مەن قىلغۇدەكمەن دەپ ئويلايسەن . ئەمىليەتتە سېنىڭ ئۆزەڭنى سېلىشتۇرغىنىڭ پاسسىپ گەۋدە . پاسسىپلىق - روھ مىتىسى. بۇ مىتە يەنە بىر مۇنچە پاسسىپ گەۋدىلەرنىڭ قوشۇلمىسى بىلەن يۈرۈكۈڭگە خوجايىن بولىدۇ. ئۇ يۈرۈكۈڭنى ،تەپەككۈرۈڭنى، ئەقلى كۆزىڭنى قامال قىلىپ سېنى ھەزىلكەش، ھاراقكەش، شەكىلۋاز، ھەتتا پوق باش قىلىۋىتىدۇ... Ta?}n^V?;  
w($a'&d`0  
شۇڭا  نېمىنى نېمىگە سېلىشتۇرۇش مەسلىسىدە سەزگۈر بولغىن.... پەقەت ئۆزىنى ئۆزگەرتىش يۇلىدا تىنىمسىزلىشىشلا ئەڭ ئاقىللىق...ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بەك كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ .دەرىسىڭنى بالىلار ياخشى كۆرمىسە ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ لاھىلەشكە تىرىشىپ باق ...ھەممە ئادەم ئۆز ئەمگىگىدىن باشقىلار رازى بولىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىش ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتۇر...ئۇنىڭ ئۆلچىمى خەلق رازى بولۇش، سەندىن تەسىرلىنىش... G|1.qHP[F  
#d\&6'O  
ئۇزچاق: 9c)#j&2?H  
A<)n H=G&  
ئۆزەڭنى ئۆزگەرتىشتە ئاناڭنىڭ ئائىلە ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەن روھىنى قېزىشىڭ زۆرۈردۇر. چۈنكى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد بىزنىڭ نەزىرىمىزدە قالاق ئارقىدا قالغان دىگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئانىلار يەر تېرىپ ، سۈت سېتىپ، نان يېقىپ دېگەندەك نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى كەسىپسىزلىكتىن كەسىپكە ، مەرىپەتسىزلىكتىن مەرىپەتكە ئىگە قىلدى .بۇ قاتاردا دادىلارمۇ ھەم شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ..ئىشەنمىسەڭ داداڭنىڭ قاداقلىق قوللىرى بىلەن ، يول -يول قورۇقلار بىلەن تولغان يۈزىگە سىنچىلاپ قاراپ باق...سىلاپ باققىن شۇ چاغدىلا نەقەدەر چوڭ بەدەل بېرىش بەدىلىگە ئۆزەڭنىڭ نانغا ، بۈگۈنكى كۈنگە ئىگە بولغانلىقىڭنى بىلىسەن ،شۇ ئەجىر-مېھنەت ئالدىدا قەزدارلىقىڭنى بىلىسەن . ئۇلارنىڭ ئەجرىگە ئەجىر ،ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قوشالمايدىغان نائەھلى تۇزكورلاردىن بولۇپ قالمىغىن!ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى قوغلىشىپ پەرزەنتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پۇرسىتىنى نۇرغۇن بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن تەڭ قىممەتداش قىلىشقا ئۈندەيدىغان سېھىرلىك دۇنيانىڭ ئىشىكىنى چىڭ ئېتىۋەتكىندە ئارقاڭغىمۇ قارىماي يۈرۈپ كەت! ئالدىڭغا قارا ،ئۇنىڭغا قاراپ تىرناقلىرىڭدىن قان تامچىپ ،پۇتلىرىڭنى قاداق باسسۇنكى ، ئەۋلادىڭ ئالدىدا قەزدار، ئەجدادىڭ ئالدىدا جاۋابكار، ئۆزەڭ ئالدىدا خىيانەتكار بولۇپ قالما! LPt9+sauf1  
%CiF;wJ  
مەن خاتىرەمگە يەنە مۇنداق يازدىم: 0x-g0]  
66eJp-5e8  
مەۋجۈتلىقىڭ ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بالىدەك يىغلا! ئۈچ ياشلىق بالىدەك قىزىققاق، ئالتە ياشلىق بالىدەك تۇرمۇشنى سۆي! a#r{FoU{M8  

koksangun 2011-09-05 15:05
قاراڭ بۇ ئۆزچاقنى ، ئايرىم - ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسىڭىز بولمامدۇ ؟


查看完整版本: [-- مېنىڭ تەكشۈرۈشنامەم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.086688 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us