nasirdin |
2011-05-02 00:20 |
تۇپراق قەسىدىسى (مۇھەممەت ئىمىن قۇربان تۇغلۇق غەزىلىگە تەخمىس)
بېشىم گەر يەتسىمۇ كۆككە بولالماس ئەتىۋا سەنسىز، تېنىمدە كۈچ-مارادىم يوق، ئۆلۈك روھىم گويا سەنسىز، ئېچىلماس گۈل-چېچەك، بۇلبۇل كۈلەلمەس بىناۋا سەنسىز، ئانا تۇپراق، مېنى ھېچ يەر قىلالماس مەھلىيا سەنسىز، مەگەركىم چاچسىمۇ كۈلگەن قۇياشتەك نۇر-زىيا سەنسىز.
يېشىل ۋادا، چېچەكلىك باغ، جىمى ئەتراپ چىمەن، بوستان، كۈلۈپ باقسام سەھەر–ئاخشام ساڭا مەپتۇن بولۇپ ھەرئان، گۈزەل ھۆسنۈڭ، سىياقىڭدىن ۋۇجۇدۇمغا تېپىپ دەرمان، يانار ئىشقىڭ ئەبەد ئۆچمەي يۈرەكنىڭ تەكتىدە پىنھان، يارالماس چۈنكى پەيغەمبەر ۋە يا بىر ئەۋلىيا سەنسىز.
ئىلىمنىڭ خەزنىسى، كانى گويا پۇتمەس بۇلاق سەندە، مەرىپەتنىڭ نۇرى چاقنار ئەبەد ئۆچمەس ئوچاق سەندە، شۇڭا تارىختا ئەجدادىم قازانغان نام- ئاتاق سەندە، ئۆزۈڭسەن جەننىتىم،بەختىم كۈلۈپ ئاچقاي قۇچاق سەندە، يولۇققان تاجۇ دۆلەتلەر كى بولغاي بورىيا سەنسىز.
باغاشلاپ ئۆتسە بۇ ئۆمرۈم ئانا يەر باغرىنى شۇنداق، تېپىپ مەنا كۈلۈپ ئېزگۈ تىلەكلەر ھەر كۈنۈم خۇشۋاق، بۇنىڭدىن ئۆزگە لەززەت يوق جاھاندا، مەن ئاڭا مۇشتاق، سېنىڭدىن ئايرىلار بولسام (ئىلاھا بولمىسۇن ئۇنداق) بولالماس بارچە مەجۇدلۇق كۆزۈمگە تۇتىيا سەنسىز.
ئانا تۇپراق ساڭا مېھرىم يانار ئاتەش بولۇپ گۈلخان، لاۋا ئاتقاي دىلىمدا سۆيگۈدىن ماگما ۋە يا ۋۇلقان، سېنى گۈللەش، ياشارتماق بۇ ھاياتىمدا بۈيۈك ئارمان، بېھىشتەك گۈلئۇزار قوينۇڭ ۋۇجۇدۇمغا بېغىشلار جان، چاچالماس خۇشپۇراق تۇغلۇق كەبى يۇمران گىيا سەنسىز. |
|