查看完整版本: [-- تىكەن كۆڭلى (يارىماس) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> تىكەن كۆڭلى (يارىماس) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yarimas 2011-04-21 13:20

تىكەن كۆڭلى




تىكەن ھالى بەكمۇ خاراپ ،
ئەسلى ئۇنىڭ باغرى كاۋاپ.
بىلىۋال تىكەننىڭ ئەسلى كۆڭلىنى،
چۆلدە ئۆسكەن يانتاققا قاراپ .



نە ئۈچۈن باغلاردا ئۆسمەيدۇ ئۇ ؟
نە ئۈچۈن دەردىنى تۆكمەيدۇ ئۇ؟
سورىساڭ بۇنىڭدا بىرلا سەۋەپ بار،
باغلاردا نامەردلەر ئارسىغا چۆكمەيدۇ ئۇ.



رازى ئۇ چۆللەردە ياشاشقا غېرىپ ،
سوراپ باق سەۋەبىن قېشىغا بېرىپ.
دەيدۇ ئۇ چارچىدىم پەسكە ئېچىلغان،
نائەھلى گۈللەرنى توسالماي ھېرىپ .



ياشايمەن چۆللەردە بولساممۇ تىكەن،
مەن ئۈچۈن ئۈلۈم رەقىپكە كۈلگەن .
مەيلى سەن بۇلبۇللار قونمىساڭ ماڭا ،
مەن شۇنداق ياشاشنى بوۋامدىن بىلگەن.




مەنبە:ئىجادىيەت


ozqut 2011-04-21 20:21
ياشايمەن چۆللەردە بولساممۇ تىكەن،
مەن ئۈچۈن ئۈلۈم رەقىپكە كۈلگەن .
مەيلى سەن بۇلبۇللار قونمىساڭ ماڭا ،
مەن شۇنداق ياشاشنى بوۋامدىن بىلگەن.

    بۇ بىر كوپلىت ماڭا بەكمۇ يارىدى.... ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن...

tawpek 2011-04-21 23:19
بۇ شىئىردىن بىز ئۆچ كۆرىدىغان تىكەنگە سىڭگەن ھايات ھىكمىتىنى چۈشىنىۋالدىم.

تەشەككۇر سىزگە.ياخشى يىزىپسىز،

ئالدىنقى 2 كۇبلىتتا ئاھاڭدارلىق سۇس، قىسقىسى بوغوم تەڭلەشمىگەن.


查看完整版本: [-- تىكەن كۆڭلى (يارىماس) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.022646 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us