attila |
2011-04-19 22:47 |
مۇئەلىم، بايرام، رېئاللىق (ئاتتىلا)
(ھەر يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەر يېزا-بازار، مەيدانلارنىڭ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىنى چاقىرىپ كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ. زىياپەتتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇتۇش ئۈچۈن خەجلەنمىگەن پۇللار خەجلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار كۈتكۈچىلىك قىلىشىدۇ. ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئەشۇ ئەمەلدارلارنىڭ «خوش كەتتى» ھارىقىنى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئامالسىز ھالدا ئىچىشىدۇ. ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ تانسىغا چۈشىدۇ. بۇ بىر «خىزمەت ۋەزىپىسى». بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلىپ ھاراق ئىچمەسلىككە، تانسا ئوينىماسلىققا رۇخسەت يوق. بۇ شېئېردا ئاشۇ رېئاللىق ئارقا كۆرۈنىش قىلىنغان.) مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، ئۈستىگە تۈگىمەس يۈكنى ئارتقۇچى. كەلگەندە بايرىمى يىلدا بىر نۆۋەت، كۈتۈلىش ئورنىغا مېھمان كۈتكۈچى.
مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، ھەر ساھە، ھەر سەپكە قۇۋۋەت قاتقۇچى. مۇئەللىمدىن بىخلانغان بايلار، تۆرىلەر، كۈن دىمەي، تۈن دىمەي قوشقا قاتقۇچى.
مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، شەرەپلىك شۆھرىتى دىل ئاقاتقۇچى. قېرىلىق يەتكەندە يوقلىماس ھېچكىم، شاللىنىپ سېپىدىن چەتتە ياتقۇچى.
مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، ۋەتەن-ئەل غېمىدە ئويغا پاتقۇچى. چۆپەي ھەم گادايغا چىقىرار ھەممە، كۆزىگە ئىلمايدۇ ماتا ساتقۇچى.
مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، قاراڭغۇ دىللاغا چىراق ياققۇچى. تەشۋىقتا، يىغىندا، گېزىت يۈزىدە، يالغاندىن ماختىلىپ كۆكە يەتكۈچى.
مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، شوئاردا پۈۋلىنىپ كۆكتە ئۇچقۇچى. «راست شۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ قالماڭ يەنە، ئەمەلدى بىر ئۆمۈر خارلىق تارتقۇچى.
مۇئەللىم-ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتقۇچى، دۈشمەنلەر روھىغا خەنجەر ئاتقۇچى. جەڭگاھتا يارلىنىپ بولغاندا بىتاپ، بولالماس ھەتتاكى بالا باققۇچى.
مۇئەللىم-ئۇ زاماننىڭ ئويغاق ئەۋلادى، بولدى بەس! تارتمىسۇن جاپا-مۇشەققەت. كۈتكۈچى ئەمەس، بولسۇن ئۇ مېھمان، كۈتۈلۈش ئۈچۈن كەلسۇن پەيت-نۆۋەت. ئەزىزلەپ، ھۆرمەتلەپ ئالساڭ بېشىڭغا، ئەل-ۋەتەن بېشىغا قۇنار سائادەت.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
|
|