attila |
2011-04-19 22:37 |
يىللار تۇيغۇسى (ئاتتىلا)
«ئىككىمىڭ ئون» ناملىق كونا يىل قاغجىرىغان چىغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى مەندىن يىراقلاپ، مەندىن ئەمەس بىزدىن يىراقلاپ. مۇڭغا تولغان كۆزىنى ياشلاپ، كونىرىغان دۇنيانى باشلاپ. غېرىپلاشقان ئېشەك ھارۋىس بوپ، ئۈچيۈز ئاتمىش بوپا ھاپاشلاپ.
«ئىككىمىڭ ئونبىر» ناملىق چەۋەنداز كۈلۈپ كەلدى يېنىمغا مېنىڭ. مېنىڭلا ئەمەس سېنىڭ ۋە ئۇنىڭ. سۇندى تىزىپ نۇردىن گۈلدەستە.
كونا يىلدا نېمىلەر قىلدىم؟ قىلالايمەن يەنە نېمىنى؟ دېيەلىسەڭ ئاڭا قاراپ كۈل. ئەجىر بىلەن قالسا ئىزلىرىڭ، شان-شەرەپتىن گۈللەنسە ئېلىڭ، مىللەت روھى قۇتاتسا ئەبەد يىللار بولار كېلىپ ساڭا قۇل. يىلغا جاېاب بېرەلمىسەڭ سەن ئاڭا قىسىپ ئېگىسەن بويون.
مەنبە: ئىجادىيىتىم |
|