查看完整版本: [-- مۇئەللىم (ئاتتىلا) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> مۇئەللىم (ئاتتىلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-04-15 01:44
مۇئەللىم
ئاتتىلا

ئىلىم- پەن، ھېكىمەت كانىدۇر مۇئەللىم،
ئالەمگە يېڭىلىق تاراتقان مۇئەللىم.
گۈزەللىك، پەزىلەت، ئەخلاق- دىيانەت،
ئادەملىك يولىنى بەرگەن مۇئەللىم.

مۇئەللىم ئۇ- مىسالى كۆكتىكى قۇياش،
مۇئەللىم ئۇ- مىسالى چۆلدىكى دەريا.
مۇئەللىم ئۇ- خۇشپۇراق چاچقان قىزىل گۈل،
مۇئەللىم ئۇ- تۈندىكى مەشئەلدۇر گويا.

مۇئەللىم ئۇ- جەڭگاھتا ئوت يۈرەك ئارسلان،
قەلەمنى نەيزە قىپ دۈشمەنگە ئۇرار.
قەلەمدىن تۆكۈلگەن ھەر زەررە سىياھ،
دۈشمەننىڭ كۆكسىگە ئوت بوپ چېچىلار.

ئۇ يازغان ھەر چېكىت ئەلنىڭ پىغانى،
ئۇ يازغان ھەر ئۈندەش ئەلنىڭ خىتابى.
ئۇ يازغان ھەر سىزىق، ھەرپ، فورمۇلا-
مەرىپەت ئاپتىپى، نۇرى- زىياسى.

مۇئەللىمنىڭ يىغىسى- ئەلنىڭ يىغىسى،
كىممۇ بار ئۇنىڭدەك بەرگەن قۇربانلىق.
ئۇنىڭدىن نۇر ئېلىپ سەبىيلەر قەلبى،
ئەتىگە باقىدۇ كۈلۈپ بىر تاتلىق.

شۇڭا بىز بۇ نامدىن پەخىرلىنەيلى،
بىر ئۆمۈر مۇئەللىم بوپ ئۆتسەكمۇ مەيلى.
ۋە لېكىن مۇئەللىمنىڭ باسقان ئىزىدىن
ئۈنگىنى ئازغانمۇ ۋە ياكى لەيلى.

ئەگەردە ئۈنگىنى ئازغان بوپ قالسا،
ئۆزىمىز ھەققىدى قايتا ئويلايلى.
بولسا گەر ئۈنگىنى گۈل- رەيھان لەيلى،
ئۇنىڭدىن زوقلىنىپ راسا كۈلەيلى.
مەنبە: ئىجادىيتىم

tawpek 2011-04-17 19:38
شەنىمىزگە ئوقولغان بۇ داستاندىن تولىمۇ سۆيۆندۈم.

ھىلىقى <<مۇئەللىمدىن رەنجىمە>>نى ئوقوغان ھەدىمىز بۇنىمۇ ئوقوۋەتسە بوپتىكەن.

gulnar 2011-04-28 15:37
مۇئەللىم ئۇ- مىسالى كۆكتىكى قۇياش،
مۇئەللىم ئۇ- مىسالى چۆلدىكى دەريا.
مۇئەللىم ئۇ- خۇشپۇراق چاچقان قىزىل گۈل،
مۇئەللىم ئۇ- تۈندىكى مەشئەلدۇر گويا .         بۇ كوپلېت  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.ماڭا بەك ياقتى .

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

tawpek 2011-08-15 11:25
ئاتتىلا مۇئەللىمنىڭ تەتىللىك ساياھىتى ئاخىرلاشمىغان ئوخشىمامدۇ،

ئىسىل ئىجادىيەتلىرىگە تەشنا بوپ كىتىپ بارىمىز.


查看完整版本: [-- مۇئەللىم (ئاتتىلا) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.023983 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us