查看完整版本: [-- قىزلار(شىئىر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> قىزلار(شىئىر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yarimas 2011-04-10 12:54
قىزلار




قىزلار ئوخشار تاڭ ساباسىغا،
تاڭدىكى بۇلبۇل ناۋاسىغا .
قىزلار ئوخشار ئوخشايدۇ يەنە،
تاڭ سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىغا.



قىزلار دىمەك پەرىشتە دىمەك،
ئورنى ئۇلۇغ ئەرىشتە دىمەك.
قىزلار دىمەك ھاياتلىق دىمەك،
كۆكلەر شۇڭا پەرۋىشتە دىمەك.



شۇنداق قىزلار باركى ھاياتتا ،
مىڭ ئەركەكتىن ئەۋزەل سىناقتا.
شۇنداق قىزلار مەۋجۇتتۇر يەنە،
ئەسلى ھايۋان ئادەم سىياقتا .



مەيلى ئايال ياكى قىز بولۇڭ ،
ئەدەپ-ئەخلاق،ئىپپەتكە تولۇڭ.
قورۇنمىسۇن ئانىلار روھى ،
ئۆزىڭىزگە بىر قاراپ قويۇڭ .




مەنبە:ئىجادىيەت


tawpek 2011-04-10 13:27
قىزلار دىمەك پەرىشتە دىمەك،
ئورنى ئۇلۇغ ئەرىشتە دىمەك.
قىزلار دىمەك ھاياتلىق دىمەك،
كۆكلەر شۇڭا پەرۋىشتە دىمەك.


شۇنداق يىنىك، لەرزان بىر كۈيگە ئوخشاپتۇ، مانداق قىسقا بوغوملۇق شىئىرلىرىڭىزمۇ ئۆزگىچە چىقىپتۇ.

ئاز، ساز، مىغىزلىق شىئىر بوپتۇ.
يوقاپ كەتمەي يىزىپ تۇرۇڭ.

perixte 2011-04-11 20:55
     شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ خوش بولدۇم،  مېنىڭچە  ھەربىر  ئەقىل  ئىگىسى  مەيلى  قىز (ئايال)،  يىگىت (ئەر ) بولسۇن  ،      ئۆزلىكىدىن  ئاڭلىق بولالىسا  (نىيىتى  دۇرۇس بولسا )  ، مەسئۇلىيەتچان بۇلالىسا بۇ ھاياتنى  ھەقىقىي  ئۇنتۇلماس ،  گۈزەل  مەنىلەرنى بىلەن بىزىگىلى بولىدۇ .


查看完整版本: [-- قىزلار(شىئىر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.024266 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us