查看完整版本: [-- يازما كۆرەلمىگەن ھەم يوللىيالمىغانلارغا! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> يازما كۆرەلمىگەن ھەم يوللىيالمىغانلارغا! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2011-04-02 20:08
مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇپ قوللىغۇچىللىرىمىزنىڭ مىننەتسىز ئەمگىكى بىلەن  ھازىرقىدەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئازراق بىر بوشلۇقنى  بولسىمۇ تولدۇرۇپ ئۆزگىچە خاسلىقى  بىلەن يوللىرىنى داۋام ئەتمەكتە.
لىكىن ئۇزۇندىن  بۇيان سالاھىيتى ئىنىق  بولمىغان غەلىتە ئىسىملىك نۇرغۇن  كىشىلەر مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ قانۇنسىز تىما يوللاپ ئاۋارە قىلدى،  شۇ  مۇناسىۋەت بىلەن  نازارەت قىلغۇچى  ئورونلار تەرپىدىن 2-3 قىتىم  قىسقا مۇددەتلىك تاقىلىپمۇ  قالدى، تىما تەستىقلاش تۈزىمىنى  يولغا قويساق ، ئىنكاس ئارقىلىق  ھۇجۇم  قىلىدىغان  بوپ كەتتى. ئاخىرى  ئامالسىز ئەزا تەستىقلاش تۈزىمىنى يولغا قويدۇق. ئەزا نامى، ياكى ئەزا بولوش سەۋەبىدىن بىز ئۆز قىرىندىشىمىز  ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمىساق شۇ ھامان  تەستىقلىماي ئۆچۆرىۋىتىمىز، ياكى تەستىقتىىن ئۆتكۆزمەيمىز. شۇنداقلا ئەزا پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ھەقىقى تەۋپىق روھىغا ئىگە مىھنەتكەشلىرىمىزنى توپلاش يۈزىسىدىن ئەزالىق سالاھىيتى  تەستىقلىنىپ بىر ئايغىچە مۇنبىرىمىزگە ئاياغ باسمىغان ھەمدە ھىچقانداق تىما ئىنكاس يوللىمىغانلارنىڭ ئەزالىق ئارخىۋى بىردەك ئۆچۆرلۆپ  مىڭىلىۋاتىدۇ.
ئەسلى بۇ تۈزۈمنى چىقارغىلى يىرىم  يىل  بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ بىز مەخسۇس تىما يوللاپ  ئۇقتۇرمىغان بولغاچقا ئالاھىدە ئەسكەرتىشنى توغرا تاپتىم.
شۇڭا مۇنبىرىمىزەە يىڭىدىن ئەزا بولغانلار تەستىقتىن ئۆتۆپ بولغۇچە تىما ،ئىنكاس يوللىيالمايدۇ، بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىڭى ئەزالارنى ۋە تىمىلارنى تەستىقلاشقا تىرىشىمىز.
ئەگەر ئەزا بولوپ ياكى تىما يوللاپ بولغاندىن كىيىن باشقۇرغۇچىلارغا خەۋەر قىلسىڭىز بىز شۇئان تەستىقلىۋىتىمىز.
يەنە بىر نوختىنى ئەسكەرتىمىزكى ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا ئەڭ ئىغىر بولىۋاتقان <<ھەممىگە ئورتاقلىشىش >> ئىللىتىنى  تۈگىتىپ ھەربىر بەتنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىش مەخسىتىدە مۇنبەرنىڭ تىما كۆچۆرۆشنى چەكلەش ئىقتىدارىنى ئىچىۋىتىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ لىكىن مۇنبىرىمىزدىكى تىمىلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ كۆرۆپ قويوشقا ئىستىتىك زوق  ئىلىشقا قارىغادا ئەمەلى پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ زور بولوشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنداق قىلمىدۇق، لىكىن شۇنداقتىمۇ تىما يوللىغۇچىلارنىڭ شۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ شۇ تىما ھەققىدىكى باھا، تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بىقىش مەخسىتىدە بەزىبىر يوشوروپ يوللىغان تىمىللىرىغا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلماي شاتۇتىدەك ئۈستىدىكى ئىنكاسنى كۆچۆرۆپ چاپلاپلا قويوپ ئىنكاس پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا.
شۇنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىزكى:
تىما ئىنكاس يوللىسا قانچىلىك ئالقىش، چاۋاك ، دوللار دىگەندەك شۆھرەتلەر بىرىلگەن بولسا ئۆچۆرۆلسە شۇنىڭ 2 ھەسسىسى بويچە تارتىلىدۇ.
مۇنبىرىمىزدىكى ئالاھىدە تۈرلەرگە تىما كۆرۆش شەرتى بەلگىلەنگەن.
شۇڭا   مۇنبەردىكى ماتىرىياللاردىن تولوق بەھىرلىنەي دىسەك ئازراق سەمىمى بولوشقا توغرا كىلىدۇ.
ئەگەر يىڭى ئەزا بولغانلار تىما ئىنكاس يوللىيالمىسىڭىز تەستىقلىنىشنى كۈتۈڭ.
تەستىقتىن ئۆتكەنلەر ھەممە تىمىلارنى تولوق كۆرەلمىسىڭىز سىزمۇ باشقىلاردەك مۇشۇنداق تۆھپە قوشوپ كۆرەلەيدىغان تىمىلارغا كۆز قارىشىڭىزنى قالدۇرۇپ ،ياكى ئۆزىڭىزدىكى ياخشى ماتىرىياللارنى ، ئىجاد ئەمگەكلىرىڭىزنى سۇنۇپ ئازراق شۆھرەتكە ئىرىشىڭ ،
پەقەت 50 تەۋپىق دوللىرىغا ئىرىشسىڭىزلا  بارلىق تىمىلاردىن بىمالال بەھرىمەن بولالايسىز.
تور بىكىتىمىزنىڭ شۆھرىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ شەرت قويولغان تۈرلەرنىڭ ۋە شەرت قويغان دوللارنىڭ سانىمۇ ئۆزلۆكسىز ئۆسۆپ ماڭىدۇ.

كامالى ئىھتىرام بىلەن تەۋپىق تور بىكىتى.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەزالىقتىن ئۆتمەكچى ياكى تېمىڭىزنى تەستىقتىن ئۆتكۆزمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن  ئالاقىلىشىڭ .

كىيۇ-كىيۇ توپ نومورىمىز:  33348904
كوكسانغۇن :
كوت-كوت:554717434    13999617436
تەۋپىق:   
تىلفۇن:13399792951     كوت-كوت :136257746                        

koksangun 2012-01-03 16:56
يازما يوللىيالمىغانلار بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ ، ئۆگىنىپ يوللىسا بولىدىكەنغۇ ...

tikan 2012-01-03 22:15
بۇ ئۇقتۇرۇشنى بۇرۇنلا يولغا قۇيۇش كېرەك ئىدى.بەزىلەر ئىنكاس پاخالىققى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.قاتتىق تۈزۈتۈپ تازىلاش كېرەك.

gulhan 2012-02-06 22:00
ھە ،ئەمدى بىلۋالدىم....

tawpek 2012-02-06 22:01
ھازىرقى چەك 60 دوللار بوپ  كەتتى، بارغانسىرى ئۆستۆرلىدۇ.

tunyukuk 2012-02-07 12:38
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان نۇرغۇن چۈشەنچىلەردىن  خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. 
كىچىككىنە تەكلىپىم:   1-قۇردىكى  «مېھنەتسىز»  دېگەن سۆز خاتا بولۇپ قالغانمۇ  قانداق؟   ئەسلىدە  «مىننەتسىز» دېيىلىىشى كېرەكمىكىن دەيمەن. 
«مېھنەت»  _ ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت، ئەمگەك، ئەجىر ...  ،   
«مىننەت»  _  قىلغان ياخشىلىقنى كۆز- كۆز قىلىش، داملاش، يۈزىگە سېلىش ياكى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش... 


koksangun 2012-02-07 14:10
ئىملادىكى سەۋەنلىكنى تۈزەتتىم ، تۇنيۇقۇق ئەپەندىنىڭ كۆرسەتمىسىگە كۆپ رەھمەت ...

tunyukuk 2012-03-29 20:52
كوت-كوت بىلەن كيۇ كيۇ  بىر خىل دېتالمۇ  ياكى باشقا باشقا دېتالمۇ؟ مەن تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بىرىدىن سورىسام باشقا دەيدۇ.  تەۋپىقداشلاردىن سوراپ ئېنىق بىلىۋالاي دەپ ئويلىغانتىم.  


查看完整版本: [-- يازما كۆرەلمىگەن ھەم يوللىيالمىغانلارغا! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.028874 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us