查看完整版本: [-- قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلېرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قانۇن-نىزاملار -> قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلېرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-09-04 14:51
قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلىرى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن  بارلىق پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قاتار ئالاھىدە خاس ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساسلىقى :
1. جازا كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى ؛
2. جىنايى جازاغا تارتىلغاندا يېنىك، يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىش ھوقۇقى؛
3. كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى ؛
4. مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسىنى داۋاملىق  ئېلىش ھوقۇقى ؛
5. ھۆكۈمنامە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ھوقۇقى ؛
6. مىراس تەقسىم قىلغاندا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى ؛
7. باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئالاھىدە قوغدىلىنىش ھوقۇقى ؛
8. سوراق قىلىنغاندا، گەپ سورىغاندا ۋەسىيىسى يېنىدا تۇرۇشقا ئۇقتۇرۇلۇش ھوقۇقى؛
9. ئوچۇق سوت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛
10. ئايرىپ قامىلىش ھوقۇقى ؛
11. نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلانماسلىق ھوقۇقى ؛
12. خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلانماسلىق ھوقۇقى ؛
13. جىنايەتكە دەۋەت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛
14. بالا ئىشچى بولماسلىق، تونۇشتۇرۇلماسلىق ھوقۇقى ؛
15. قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقى ؛
16. قان تەقدىم قىلىشقا دەۋەت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛
17. ئېلان ئارقىلىق زىيان يەتكۈزمەسلىك ھوقۇقى ؛
18. بېقىۋېلىشقا بېرىلىشتە ماقۇللۇقى بولۇش ھوقۇقى ؛
19. تۇغۇلۇپلا ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغائىگە بولۇش ھوقۇقى ؛
20. ئاتا – ئانىسى ئاجراشقاندا قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بەلگىلەش ھوقۇقى ؛
21. گۇۋاھلىق بېرىش ھوقۇقى ؛
22. سوتلانغاندا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى ؛
23. ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك ھوقۇقى ؛
24. ئالداپ ئائىلىسىدىن، ۋەسىيىسىدىن ئايرىۋېتىلمەسلىك ھوقۇقى؛
25. ئاتا – ئانىسىدىن بېقىش، تەربىيىلەش ھەققى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى .



مەنبە: پوسكام تورى

qartikin 2010-09-07 13:57
مۇنداق ساۋاتلارنى بالىلارغا كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كىرەك.

tawpek 2010-09-08 00:21
ئۇلارر كۆپ ئۇقۇپ كەتسە بىزنىڭ بوينىمىزغا مىنەرمىكى، ھىلىمۇ ئەنسىرەپ تۇرۇپ يوللىدىم.

tawpek 2011-07-14 15:23
4. مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسىنى داۋاملىق  ئېلىش ھوقۇقى ؛

بۇ  ھوقوقى باركەن، ھەتتا خوش ياقسا ئىلىش بولمىسا ئالماسلىقتىن ئىبارەت تاللاش ھوقوقىمۇ بارغۇ دەيمەن.

tawpek 2012-03-26 03:48
مەزكۇر تىما تۇرسۇن تەرپىدىن تەكرار يوللانغاچ كىيىنكىسى ئۆچۆرۆلدى.

تەكرار تىمىلارنى پاش قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.


查看完整版本: [-- قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلېرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.097871 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us