查看完整版本: [-- ئايسىخاننىڭ ئوغلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> ئايسىخاننىڭ ئوغلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-02-28 19:55
ئايسىخاننىڭ ئوغلى
ھېكايە
ئامانگۈل ئېلى
(ئونسۇ ناھىيە 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)
 
ئوبۇلنىڭ مەھەلىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە تۆت كۈن بولدى.بۈگۈنمۇ ئايسىخان يارداڭلىق تۈۋىگە كېسەك بىلەن قوپال سېلىنغان كونا ئۆيىنىڭ توپا باسقان ھويلىسىدا ھۇ تارتىپ يىغلاپ، مەھەلىنى بېشىغا كىيگەنىدى.ئۇنىڭ سارغايتىپ، بۈدرە قىلدۇرغان پاخماق چاچلىرى چۇۋۇلۇپ، ئويما ياقىلىق كوپتىسىنىڭ ئۈستى تۈگمىسى ئۈزۈلۈپ، كىيىملىرى توپىغا نىلەنگەنىدى. ھويلىغا يىغىلغانلار ئۇنىڭ كۆكەمىلىگىدىن ئەنسىرەپمۇ، ياكى قايرىلىپ كەتكەن يوپكىسىدىن كۆرىنىپ قالغان پايپاقسىز يوتىسىغا قاراپ نومۇس قىلدىمۇ؟ ئۇنىڭغا يېقىنلاشماي ھويلا ئىشىكىدە قاراپ

بېقىپ كېتىپ قېلىشتى.

ئۇنىڭ يىغىسى پەسەيمەستىن بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقماقتا ئىدى،ئۇ ئۆزىنى كاچاتلايتى، كىملەرنىدۇ غايىۋىدىن تىللايتى:

  - ۋۇ پەسەندىلە، بىچارە بالام ئوبۇلنى مۈشۈك بالىسىنى يەپ كەتكەندەك يەپ كېتىشتى، ئىلاھىم جاجىسىنى بېرەر،..

     
ئۇنىڭ يىغىسىغا خوشنىلار چىدىمىدىمۇ، ياكى ئوبۇلنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئېچىندىمۇ بىرقانچەيلەن كىرىپ تەسەللى بېرىشكە باشلىدى:

 -ئايگۈل(ئۇ ئۆزىنى ئايگۈل دېمەي ئايسىخان دىگۈچىلەر بىلەن ئۇرىشاتتى) ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ،قانداق قىلىمىز ئەمدى، بۇمۇ كەگۈلىك ئوخشايدۇ.

  
-خۇدايىم بۇيرىسا بالا تېپىلىپمۇ قالار، كەچتىلا پەيدا بولۇپ قالامدۇ تېخى.

تەسەللىنى ئاڭلاپ ئايسىخان تېخىمۇ ھۇ تارتىپ يىغلاشقا باشلىدى:

  -ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن تۇرسا ۋاي ئىسىت بالام! قايسى نىجىسلار ئېپقاچقاندۇ ئۇنى،خەقنىڭ شۇملىرى ھىچنىم بومماي مېنىڭ بالامغا كەلگىنىنى بالا-قازانىڭ...

ئۇنىڭ يەنە خوشنىلارغا زەھىرىنى چېچىشقا باشلىغىنىنى بىلگەن مەھەللە ئىمامىنىڭ بىردىنلا قاپىقى تۈرۈلدى-دە

-ھاي-ھاي تۇققان، ئەتىراپقا قاراپراق سۆزلەيلى، مەھەللە-كوينى چىشلەپ تارتمايلى، ئۇلاردا نىمە گۇناھ؟-دېدى.

ئىمامدىن تەپ تارتتىمۇ، ياكى ھېرىپ قالدىمۇ ئايسىىخان ھەر ھالدا تىللاشتىن توختىدى.شۇ چاغدا خوشنىلاردىن بىرەيلەن ئېغىز ئېچىپ قالدى:

-ئەڭ ياخشىسى ساقچىغا مەلۇم قىلساڭلا بولامدىكىن، بۇ يەردە يىغلاپ يۈرگەن بىلەن بالا تېپىلمايدۇ.

باياتىن بېرى ھېچ ئىشنى پەرۋايىغا ئالماي
جىگگدە كۆتىكىدەك چوقچۇيۇپ، بارماقتەڭ يۆگەلگەن تاماكىسىدىن دۈتتەك ئىس چىقىرىپ،قانسىراتمىغان ئۆپكىدەك ئېسىلىپ ئولتۇرغان روزى بەڭگى ئېقى سارغىيىپ كەتكەن چېقىر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، مەسلىھەت بەرگۈچىگە شالىنى چاچتى:

-قويۇشە، ئۇ ساقچى دىگىنىڭنى! بىر تالاي پۇل كېتىدۇ ئۇنىڭغا، تاپالامدۇ شۇ...

-ماۋۇ بەڭگىنىڭ راستىنلا نەشە خۇمارى قورۇپتىمۇ نىمە؟ ئۆزىنىڭ بالىسى بولغىنىدا ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلماستى، ئايسەككىمۇ ئازلىق قىلىدۇ بۇ كەگۈلىك...

قوشنىلار ئەنە شۇنداق كۇس-كۇس پاراڭلار بىلەن توۋا دىيىشىپ، ئۆيلىرىگە تارقاشتى.

توپ-توغرا بىر ھەپتە بولغاندا مەھەلىدىكىلەر يەنە بىر توۋا دەپ ياقا تۇتۇشتى.شۇ كۈنى بىرنەچچەيلەن ئىشىك ئالدىدىكى يولدا ئۆتكەن-كەچكەن ئىشلارنىڭ گېپىنى قىلىشىپ تۇراتتى ئايسىخان بىلەن روزى ئويۇنچۇق ئالغان كىچىك بالىدەك ھويلىسىدىن چىقىپ قالدى.خوتۇن بولسا قورساق، ساغرىلىرى ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ھېسىپتەك تار ئىشتان، كۆكسى كۆرىنىپ قالغۇدەك دەرجىدە ئويما ياقىلىق كۆينەك كىيگەن، چاچلىرىنى بولۇشىچە سارغايتىپ،بۈدۈرە قىلدۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۇپا-ئەڭلىكنى بولۇشىچە سۈرتكەن يۈزلىرى خۇددى ئالا-پاساق ئاقارتىلغان تامغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. روزى بولسا دۈمبىسىدە ئالا-بۇلىماچ گۈللىرى بار چىپپار كۆينەكنىڭ ئالدىدىن مەيدىسىدىكى چەرەندە-پەرەندىلەر مانا مەن دەپلا كۆرىنىپ تۇراتتى.ئۇ  تاماكىنى قىڭغىر چىشلىەپ،قىزىرىپ،  ئېغىر كەيىپنىڭ ئىپادىلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن خۇددى نىجاسەت ئازگىلىدىن سۆڭەك ئىزدەۋاتقان ئىتتەك ئەتىراپقا ئالاڭلاپ كېتىۋاتاتتى. ئىككىسىنىڭ  خۇددى ھازىرلا يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ چىققاندەكلا ئەلپازىنى كۆرۈپ چوڭ ياشتىكىلەر كۆزلىرىنى ئېپقېچىشتى.ئۇلارنىڭ غەمسىز ھالەتتە ھىچ ئىش بولمىغاندەك كالچاراپ كېتىشۋاتقانلىقىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلغان ياشلاردىن بىرى ئەتەي سوراپ قويدى:

-بالا تېپىلغان ئوخشىمامدۇ خوشنا، شۇنچە خۇشھالغۇسىلە؟

-تېپىلدىغان ئىش نەدە؟نەدىكى سوئالنى سوراپ ئادەمنىڭ جىلىسىنى قاتۇرۇپ،-دىدى روزى شالىنى چېچىپ، كاكىراپ،-يىغلاپ- قاخشاپ يۈرەمدۇق ئۆلىدىغان جانغا؟

-ئوھوش بۇ خەققە نىمە قويدىكى  ئۆزىنىڭ بالىسىنى بىلىشمەي، تېپىلمىدى دەپ ئۆلۈپ بەرگىلى بوممايدۇ، ئادەمنى خوشال ماڭغىلىمۇ قويمىغان، ئىشى يوقمىكى خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشمىسا...

ئايسىخان بىلەن روزى ئەنە شۇنداق غوتۇلدىشىپ، كۇسۇككا كىرگەن لالما ئىتلاردەك كېتىپ قېلىشتى.

ىوشنىلار بۇ ساۋاتسىز نائىنساپ بەڭگىلەرگە نەپرەت ياغدۇرۇپ قېلىشتى:


-
مۇشۇنداق ناكەسلەرگە بالا بەرگۈچە ئىتنىڭ كۈچىگىنى بەرسە بولمامدۇ، بىچارە ئوبۇلنىڭ تارتمىغان كۈنى قالماي ئاخىرى يوقاپلا ئاراملىققا چىقتىمىكى دەيمەن.

-ئايسەككىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، بىرەر ئەر بىلەن بولۇشماي، كىم پۇچۇق يارماقنىڭ بۇرجىكىنى كۆرسىتىپ قويسا، خورازنى ئەگەشكەن مىكىياندەك سوكۇلداپ يۈردى،ئاخىرى بالىلىرنىڭ بېشىغا چىقتى.

-ئەسلى بولىدىغان ئەر قادىراخۇن ئىدى، ئۇنى لاتا لەقەمگە ئىگە قىلىپ، مەھەللىدە يۈگىسىز قىلىۋەتتى،ھازىرمىغۇ ئۆزىنىڭ يامانلىقىدىن پات-پات تاياق يەپ، روزى تاۋكانىڭ پېشىدە ئۆمىلەپ يۈرىيدۇ.

-ئوبۇلنىڭ يوقاپ كەتكىنى يالغانمىكىن دەيمەن، بۇ بەڭگىلەر بالىنى يا نەشىگە تېگىشىۋەتتى، يە قىمماردا ئۇتتۇرۋەتتى.

-مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم، مۇشۇنىڭلا بالىسى يوقامدۇ ھەرقانچە بولسا، ئەكرەم يوقاپ كېتىپ بىر يىل بولمايلا ئوبۇلنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەممەيدۇ.

-خۇدايىم جاجىسىنى بېرەر بۇ ناكەسلەرنىڭ، نارىسىدە بالىنى دوزاق ئوتىغا ئىتتىرگىنىگە...

-بۇ خوتۇننىڭ زادى شۇنداق بىر يەرلىرى بار، نەدە قاغدالما بولۇپ كەتكەن نەشىكەش،ھاراقكەشلەرنى تېپىپ تېگىدىغان، تېخى ياۋاشراقلىرىنى سايە قىلسا مۆرىمەس، سۈيى يوق دىگەندەك لەقەملەرنى قويۇشىچۇ تېخى...

  -روزەك ئوبدان تېتىدى مانا، باللىرىدىن ئايرىغۇزۇپ، تاپقان پۇلنى نەشىگە تېگىشىپ...

 

قۇلۇم- قوشنىلار ئەنە شۇنداق لەننەتلەرنى ياغدۇرۇپ قېلىشتى.

ئوبۇل ئايسىخاننىڭ ئۈچىنچى ئېرىدىن بولغان بالىسى بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى ئېرىدىن يەنە ئىككى بالىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەرگە تېگىشى قانچە تېز بولسا، ئاجرىشىشىمۇ شۇنچە تېزبولۇپ،نىكاھ رەسمىيىتى ئۆتىمەيلا تېگىدىغان ئەر بىلەن بىر ئۆيگە كىرىۋالاتتى.روزى ئۇنىڭ تۆتىنچى قېتىم تەككەن ئېرى بولۇپ،  ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىچەرمەنلەر سورىنىدا تېپىشىپلا ئەر-خوتۇن بولۇپ كەتكەنىدى.روزى بەڭگى ياراشمىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى بالىسى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يوقاپ كەتتى.مەھەلىدىكىلەر ھەر خىل گۇمانلاردا بولغان بولسىمۇ، بىراق ئېنىق پاكىت بولمىغاندىكىن چىش يېرىپ بىرنەرسە دىمىدى.

ئايسىخاننى بالا باقتى دېگەندىن، قاماپ قويدى دىگەن تۈزۈك ئىدى،ئۇ روزى بەڭگى بىلەن سورۇنلاردا سوكۇلداپ يۈەتتى.ئەتىگىنى خوش ياقسا تاماق ئېتىپ، ئويۇنخۇمار نەپسى تاقىلداپ كەتسە، ئوبۇلغا بىرەر ناننى تاشلاپ قويۇپ،ئىشىكنى تاقايتى-دە،كۇسۇككا كىرگەن ئىتتەك نەگىدۇر ئويۇن قوغلاپ جۆنىيتى،ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئوبۇل بىر ھازا يىغلاپ،توختاپ، قورسىقى ئاچسا نان يەپ،سۇپىدا، ياكى پەگادا ئۇخلاپ قالاتتى.ئىككى بەڭگى مەست-ئەلەس تۈن نىسبىدە كېلىپ، ئۇنى تېپىۋالاتتى.خوشنىلار ئۇنىڭ بىشەملىكىدىن ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالماي يۈرگەن كۈنلەردە تام خوشنىسى گۈلنار نەسىھەت ئورنىدا گەپ تېشىپ قالدى:

-خوشنام ئايگۈل، ئۇزۇندىن بۇيا دىيەلمەيۋاتقان كۆڭۈل سۆزۈم بارىدى، كۆڭلىڭىزگە ئامماڭ، مەھەللە كويدا سۆز-چۆچەك كۆپىيىپ قالدى.بالا ئۆزى يۈرەك-پارىڭىز، ئۇنى بەك تاشلىۋەتتىڭىز، ھەممىمىز بىر كۈنى قېرىيمىز،شۇ چاغدا ياشلىقتا قىلغانلىرىمىزغا پۇشمان قىلساقمۇ ئۈلگىرمەيدۇ...

گۈلنار يەنە نىمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى، بىراق ئايسىخان چېقىر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئېغىزىنى تۆشۈك تاغاردىن قوناق تۆكۈلگەندەك قويۇۋەتتى:

-ئىتمۇ سۆڭەك يىسە چىنەپ يىگەندەك مەنمۇ دەڭسەپ ئوينايمەن.بۇ مەھەللىدىكى كۆزى كىچىك كۆرەلمەسلىنىغۇ ئوبدان بىلەتتىم، شۇ مېنىڭ يەپ-ئىچىپ، ئويناپ- كۈلۈپ يۈرگىنىمگە ئىچى ئېچىشقاندۇ ھەقاچان؟! ۋاييەي، «ئۆمۈچۈك ئۆمىلىيەلمەس، ئۆمىلىگەننى كۆرەلمەس» دەپ،ئىچىگە ئوت كەتكەن  گەپ،«ئىت ھۈۈرەر،كارۋان يۈرەر»دەپتىكەن، بۇ ئۈچىيى قىسقا كۆزى كىچىكلەر بىلەن نېمە چاتىقىم...

گۈلنارنىڭ ياخشى كۆڭلى ئايسىخانىڭ كەكرىدەك ئاچچىق گېپىدىن چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ،ئۇنىڭ يىرتىق تاغاردىن قوناق تۆكۈلگەندەك چىقىۋاتقان سېسىق گېپىنىڭ ئاخىرىغا تاقەت قىلمايلا چىقىپ كەتكەنىدى.

ئىككى بەڭگى نەدە يۈرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئويناپ  يۈرگەن كۈنلەردە بىچارە ئوبۇل يوقاپ كەتتى،خوشنىلار ئايسىخاننىڭ يىغىسىنىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىپ بولغىچە يەنە ئىككىسىنىڭ خېلى كۆپ نەشە بىلەن قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى تارقالدى، ئۇنىڭ كېسەك بىلەن سېلىنغان قىيسىق ئۆيىگە يوغان قارا قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ،كىشىكەرگە تېخىمۇ ۋەھىمىلىك تۇيۇلدىغان بولۇپ قالدى،  

 مەنبە: مۇستەقىل ئىجادىيىتى


tawpek 2011-03-05 19:16
ۋاي نىمىش بۇ؟

دىمەك  ئۆز بالىسىنى ساتتى دىسە.ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟

ئوبدان سودىكەنغۇ، يىلدا بىرنى تۇغسا، ھەر 5-6 يىلدا بىردىن ساتسا ،قانچىدىن ئالىدىغاندۇ؟

ak gul 2011-08-16 22:01
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئەجەپ بىرخىللا بولۇپ قالدىم دېسە.
توۋا،جاھاندا شۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار بارئىكەن.
ئاللاھ ھەر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.
قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

tawpek 2011-08-17 10:08
ئاتتىلا مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسى پۈتۈن قەلەم ئىگىللىرى توپلانغان ئائىلىدەك قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بەختلىككەنسىلە.

ئائىلەڭلەر خەلقىمىزنى تىخىمۇ رەڭدار گۈللەرگە پۈركىگەي.


查看完整版本: [-- ئايسىخاننىڭ ئوغلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.023374 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us