akbarmusic |
2011-02-23 23:40 |
مەن تەۋپېق مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان بۇ مۇنبەر مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى ھەم مەزمۇنىنىڭ مول يوللانغان يازمىلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقى بىلەن مىنى ئۆزىگە تىخمۇ جەلىپ قىلدى. كىيىن تەۋپېق ئەپەندىم بىلەن تونۇشتۇم ھەمدە پىكەر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ مىللى مائارىپىزنىڭ سۈپىتىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مىننەتسىز، ئۈ تىنسىز، خالىس ھالدا يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى ھەمدە مەنمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى، جۈمىلىدىن مائارىپىمىز ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئىزدىنىش ۋە ئەمىلى ئىش قىلىش ئىرادىسىگە كەلدىم (مىنىڭچە مەندىن باشقا ئەزالارمۇ شۇنداق). ئەمما بىر ئىش سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى، ئۇ بولسىمۇ شۈنچە سۈپەتلىك، شۈنچە ئەجىر قىلىپ يوللانغان تىمىلارغا مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قالدۇرماسلىقى..ئىنكاس يىزىش پەقەت ماختاپ ئۇچۇرۇشلا ئەمەس، ئىنكاس ئارقىلىق ئۆزئارا ئۈگىنىش ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى مۇنازىرە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئازايتىش ۋە تىما ئىگىسىگە مەدەت بىرىش، ئىنكاس يىزىش ئۈنچە تەس ئەمەس، ئىنكاس يىزىش تەۋپېق ئەپەندىم ۋە كۆكسانغۇن ئەپەندىمنىڭلا ۋەزىيپىسى ئەمەس. شۇڭا باشقىلارمۇ كۆپرەك ئىنكاس يىزىشقا ئەھمىيەت بەرسەك! پىكىرم ئورۇنلۇق بولغاندۇ ھە؟ |
|