查看完整版本: [-- تور سۈرئىتى ھەقىقى تىزلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش -> تور سۈرئىتى ھەقىقى تىزلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

atax 2011-02-19 10:41
تورلاردا ھەر خىل كودلار ئارقىلىق،سېستىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق،ئەلالاشتۇرۇش دىتاللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تور سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈشنى ئۆگىتىدىغان دىتاللار ناھايىتى كۆپ.بۇ دىتالنى مەن بىلىك تورى يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتىدا چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغان ھەم شۇنىڭدىن ياقى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.ئادەتتىكى 865kb تور سۈرئىتىنى 120kb ئەتىراپىدا تىزلەشتۈرگىلى، 2mb لىق تور سۈرئىتىنى 2 يېرىم مىگابايىتقا كۆتۈرگىلى بولىدۇ.سىلەرمۇ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭلار،تىزلەشسە تورىمىزنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭلار،تىزلەشمىسە ئەستا،يالغان دەپتۇ دەپلا ئۆچۈرۋەتسەڭلار بولىدۇ.

مەسىلەن بۇيەرنى بېسىپ دىتالنى چۈشۈرۈڭ 
دىتالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن،پىرىستىن يىشىپ قارسىڭىز ئىچىدە ئىككى دانە ئىجرا ھۆججىتى ۋە ئۈچ دانە تىزىملاش ھۆججىتى بار بولۇپ،ئاۋال تىزىملاش ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىۋېتىڭ.
sguide_tweak_2k
sguide_tweak_2k_pppoe
sguide_webtweak_2k
ئاندىن TCPOptimizer دىتالىنى قوزغىتىپ،تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە تەڭشەڭ.بۇ رايوندىكى 1 قىزىل بەلگە ئورنىدىكى تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى بولۇپ،بۇنىڭ قىممىتىنى تور سۈرئىتىڭىز 786kb بولسا 3500 گە تەڭشەڭ،ئەگەر 2mb بولسا 4000 غا تەڭشەڭ.
2 قىزىل رايون بولسا تور ئادايتىر(ماسلاشتۇرۇغۇچ ئۈسكۈنە) ھۆججىتى بولۇپ،بۇنىڭغا بەلگە ئۇرىسىز.يەنى  修改所有的网路适配器 نىڭ ئالدىغا.
3 قىزىل رايون بولسا ئەڭ ياخشى تەڭشەك ھالىتى بولۇپ،ئوتتۇردىكى 最挂设置 نى تاللاپ قويىسىز.
4 ئەمدى قارسىڭىز 4 قىزىل رايوندىكى دەسلەپكى ساننىڭ قىممىتى 1492 گە ئۆزگىرەيدۇ.بۇ يەردىكى ساننى 1496 گە ئۆزگەرتىڭ.ئەمما ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ كەتمىسۇن،بولمىسا تور سۈرئىتىڭىز تىزلەشمەك تۈگۈل،تېخىمۇ ئاستىلاپ كىتىدۇ.ئاندىن 应用更改  ئۆزگەرتىشنى ئىشلىتىمەننى بېسىپ،چىققان كۆزنەكتىن مۇقىملاشتۇرۇش 确定 نى بېسىپ،كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ،ئاندىن ئاۋۇ ئۈستىدىكى ژورنالنى قايتىدىن چۈشۈرۈپ بېقىڭ،چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىزلىشىپىتىمۇ يوق؟

tawpek 2011-02-20 21:58
مىنىڭ تور سۈرىتىم    mb    4    بۇنى قانداق تەڭشەيمەن.

تور سۈرىتىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى يەنى قانچە mb  ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلگۈم بار.

kerammuallim 2011-08-30 12:40
سىناپ باققان ئىدىم ،سۈرئەت تىزلەشكەندەك ئەمەسقۇ ؟

kerammuallim 2011-08-30 12:50
sguide_tweak_2k_pppoe
sguide_webtweak_2k
بۇنى نەدىن چۇشۇرمىز ؟؟؟

tawpek 2011-08-30 12:59
بۇ توغرىدا يەنە بىر تېما بار ، ئۇنىڭدا دىتال ئىشلىتىلمەيدۇ، تورداشلار ئۈنىمىنى كۆرگىنى ھەققىدە ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەن.


查看完整版本: [-- تور سۈرئىتى ھەقىقى تىزلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىڭ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.022219 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us