مەيپۇرۇش غۇز قىزى
شىن يەننيەن شېئىرىي ئەسلىي نۇسخىسى خۇ دېگەن ئائىلىنىڭ بىر غالچىسى بار ئىدى. فامىلىسى فېڭ ئۇنىڭ ، ئىسمىن زىدۇ دەر ئىدى.
سەركەردىگە تايىنىپ ، ئەسكىلىكلەر قىلاتتى . مەيپۇرۇش غۇز قىزىغا كېلىپ دائىم چېقىلاتتى.
مەيپۇرۇش بۇ غۇز قىزى ، ئون بەشلەردە بار ئىدى . باھاردا مەيخانىدا دائىم مەي ساتار ئىدى.
يېڭى كەڭ ئۇزۇن ئېتەك، شايى كۆڭلەك كىيەتتى. پۆپۈكلۈك بەلبېغىنى بېلىگە چىڭ چىگەتتى.
لەنتىيەننىڭ قاشتېشىدىن، زىبۇ - زىننەت تاقاتتى . رىم مەرۋايىتىدن ئۇ ، نەپىس ھالقا ئاساتتى .
بىر جۈپ ھالقا قىلىپ ئۇ ، چاچنى پاسۇن تارايتتى . تەڭداشسىز گۈزەل بولغاچ ، ھەممە ئاڭا قارايتتى .
چېچىنىڭ بىر ھالقىسى بەش مىليۇن سەر تۇراتتى . ئىككىسىنى قوشقاندا ، ئون مىليۇن سەر تۇراتتى .
كۈتۈلمىگەن بىر چاغدا فېڭ زىدۇ كەلدى يېتىپ . مەيخانىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى ھېجىيىپ .
ئاتتىكى كۈمۈش ئىگەر كۆرۈنەر بەك ھەشەمەت . ھارۋا سايىۋىنى پەر بىزەلگەنىدى كارامەت .
كىرىپلا قىزغا قاراپ ، دېدى : مەي بېرىڭ ماڭا. قاشتېشى چەينەك بىلەن مەي كەلتۈردى قىز ئاڭا .
ـــ كەلتۈرۈڭ ، ـــ دېدى يەنە ، ــــ ئېسىل سەيلەر بۇ ياققا . بېلىق گۆشى ئاپاردى ، سېلىپ ئالتۇن تاۋاققا .
تەقدىم قىلىپ مىس كۆرگۈ ، كۆڭلىنى ئالماق بولدى . ئالمىغاچقا قىز ئۇنى ، ئېتەككە سالماق بولدى .
تارتىپ ئالدى ئېتەكنى ، چەتنىتىپ قىز ئۆزىنى . بۇ نۇمۇسقا چىدىماي ، ئېيتتى ۋىجدان سۆزىنى .
ـــ ئەرلەر ياخشى كۆرەرمىش كېيىنكى سۆيگۈنىنى . ئاياللار قەدىرلەيدۇ دەسلەپكى كۆيگىنىنى .
ـــ ئۆيلىنىشكە بولار قايتا ، ئەرلەر ئۆز ھاياتىدا . سىز بەگزادە ، مەن پۇقرا ، قاتتىق چەك بار ئارىدا .
زاتى ئۇلۇغ بەگزادە ، ھېممەتلىرىگە رەھمەت . بولماڭ تولا ئاۋارە ، بۇندىن پايدا يوق پەقەت .
|