2008-يىلى يازداشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى درس ئىسلاھاتى ئومۇمىيۈزلۈك باشلاندى . شۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىغا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلدى. شۇ تەربىيىلەشلەرنىڭ بىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن تىل - ئەدەبىيات دەرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئىزاھات بەردى .تۆۋەندە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى تەلئەت قادىرىنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى ھەققىدىكى ئىزاھاتىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بېرىلدى. ئاۋازلىق ھۆججىتى قوشۇمچە قىلىندى.
تەلئەت قادىرىنىڭ سۆزىنىڭ 1-قىسمى :
تەلئەت قادىرىنىڭ سۆزىنىڭ 2-قىسمى :
http://koksangun.qupan.cc/6934150.html
تەلئەت قادىرىنىڭ سۆزىنىڭ 3-قىسمى :
تەلئەت قادىرىنىڭ سۆزىنىڭ 4-قىسمى :
http://koksangun.qupan.cc/6934166.html ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن‹‹ تىل – ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى ›› ھەققىدە چۈشەنچە
تەلئەت قادىرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىدىن
كىرىش سۆز
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹ تىل – ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى ›› نىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئاۋامغا يۈزلەنگەن ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تۇتىشىدىغان ئاساس مائارىپ . جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئېلىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا يېڭى – يېڭى تەلەپلەرنى قويدى . دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ، دەرس مەزمۇنى بىلەن دەرس نىشانىنى تەڭشەش ، ئۆگىنىش ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ، دەۋرچانلىق ، ئۇللۇق ، تاللاشچانلىققا ئىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى بەرپا قىلىش ئاساس مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە . ››
1. دەرسنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە
تىل – ئەدەبىيات ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى . قوراللىق خاراكتېرى بىلەن گۇمانىتارلىقنىڭ بىرلىكى - تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ .
(1) قوراللىق ( پەنچىلىك ) ھەققىدە
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹ قوراللىق ›› دېگەن سۆز بىر خىل ئوخشىتىش ، تەقلىت قىلىش مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، تىل – ئەدەبىياتقا دائىر ئاساس بىلىم ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق ، تىل – ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتىشتىكى ۋاسىتىدىن ئىبارەت .
(2) گۇمانىتارلىق ( ئادىمىيلىك ) ھەققىدە
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان گۇمانىتارلىق ئادىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىشنى ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان ئەخلاقىي ساپا ، گۈزەل كىشىلىك پەزىلەت ، تەبىئەتنى بىلىش ۋە ھۆرمەتلەش قارىشى، ساغلام بولغان كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ .
(3) تىل – ئەدەبىيات يېڭى دەرسىدە گۇمانىتارلىق قانداق گەۋدىلەندۈرۈلگەن ؟
بىرىنچى ، ئىلگىرىكى تار دائىرىدىكى ئىككى قاتلاملىق دەرس نىشانى ھازىرقى ‹‹ بىلىم ۋە قابىلىيەت ، جەريان ۋە ئۇسۇل ، ھېسسىيات ، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى ›› دىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشانغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان .
ئىككىنچى ، يېڭى دەرس ئىلگىرىكى بىلىمگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىشتىن ، ئادەمگە ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ يۈزلەنگەن .
ئۈچىنچى ، يېڭى دەرسلىكتە ئادىمىيلىككە ئائىت مەزمۇنلار كۆپەيتىلگەن .
تۆتىنچى ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام بولغان قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بەشىنچى ، ھەر بىر دەرسنىڭ ‹‹ مۇھاكىمە ۋە مەشىق ››قىسمىنى لايىھىلىگەندە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىتارلىق روھىنى ، ئادىمىيلىك ھېسسىياتىنى ، ئادىمىيلىك ئەخلاق – پەزىلىتى ۋە قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە دائىر مۇلاھىزە سوئاللىرىنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلگەن.
2. دەرسنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان :
(1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات تەربىيىلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ، تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.
(2) تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىنىش قابىلىيىتى ، ئېستېتىك قابىلىيىتى ۋە ئىزدىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، تەكشى ۋە خاس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
(3) ئورتاق ئاساس بىلەن كۆپ خىل تاللاشنىڭ بىرلىكى پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ، ئېچىۋېتىلگەن ، تەرتىپلىك تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى بەرپا قىلىش
3. دەرس لايىھىلەش پىكىر يولى ھەققىدە
(1) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە دەۋرچانلىق ، ئۇللۇق ، ۋە تاللاشچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ، ھەم ئوخشىمىغان ئېھتىياجدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىش تەلەپ قىلىنغان .
(2) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسى چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس ۋە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرستىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش دەرسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .دەرس قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى سخېمىدا كۆرسىتىلدى :
چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس
جەدۋەل ئايرىم يوللىنىلىدۇ.
تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرس
جەدۋەل ئايرىم يوللىنىلىدۇ.
(3) چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرستە دەرسنىڭ ئۇللۇقلۇقى بىلەن تەڭپۇڭلۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈلۈش ، تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەردىمۇ ئۇللۇقلۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ يول قويۇش ، ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىنغان .
(4) چوقۇم ئۆگىنىدىغان ۋە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىش مەزمۇنى بۆلەكلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ھەر بىر بۆلەك 36 دەرس سائىتى ، 2 ئوقۇش نومۇرى قىلىپ بېكىتىلگەن . ھەر بىر مەۋسۇم ئىككى بۆلەككە ئايرىلىپ ھەر بىر ئوقۇش باسقۇچىدا ( تەخمىنەن 10 ھەپتە ) بىر بۆلەك ئۆگىنىش تاماملىنىدۇ .
(5)چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس ‹‹ ئوىۇش ۋە زوقلىنىش ›› ، ‹‹ ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش ›› نىشانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ، ‹‹ تىل – ئەدەبىيات 1 ›› دىن ‹‹ تىل – ئەدەبىيات 5 ›› گىچە بولغان بەش بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ . ھەر قايسى بۆلەكلەر ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولۇپ ، ‹‹ ئوقۇش ۋە زوقلىنىش ›› ، ‹‹ ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش ›› نىشانى ۋە مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ . چوقۇم ئۆگىنىدىغان بەش بۆلەكنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1 – يىللىقىدىن 2 – يىللىقىغىچە بولغان ئىككى يېرىم مەۋسۇمدە تەدرىجىي تاماملاشقىمۇ ، ئەھۋالغا قاراپ جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ .
مەسىلەن ، ‹‹ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر يېڭى دەرسىنى يولغا قويۇش پىكرى ›› دىكى ئىككى خىل لايىھىگە ئوخشاش .
(6) تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرس بەش يۈرۈش قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ ، 1- يۈرۈش : شېئىر ۋە نەسىر ؛ 2- يۈرۈش : پروزا ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ؛ 3- يۈرۈش : ئاخبارات ۋە تەرجىمىھال ؛ 4- يۈرۈش : تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش ؛ 5- يۈرۈش : خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەھقىقلاپ ئوقۇش . بۆلەكلەرنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپىنى مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ جانلىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ . ( ئەسكەتىش : رايونىمىزدا ئىمتىھاننى كۆزدە تۇتقاندا ئېھتىمال بىر خىل لايىھە قوللىنىلىشى مۇمكىن .)
(7) ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرستىكى ئوقۇش نومۇرى 10 نومۇرغا توشسا ، شۇ دەرستىكى ئاساسىي ئۆگىنىشنى تاماملاپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تەلەپكە يەتتى ، دەپ قاراشقا بولىدۇ ؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيىسى ، كەلگۈسىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ، تاللاپ ئۆگىنىدىغان بەش يۈرۈش دەرستىن خالىغان تۆت بۆلەكنى تاللاپ ، 8 نومۇرغا ئېرىشىش ، چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرستىكى 10 نومۇر بىلەن جەمئىي 18 نومۇرغا ئېرىشىش تەكلىپىنى بېرىش كېرەك ؛ تىل – ئەدەبىياتقا قويۇق ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ، يۇقىرىقى ئاساستا يەنە بىر يۈرۈش مەزمۇندىن خالىغان ئۈچ بۆلەكنى تاللاپ ، جەمئىي 24 ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىش تەكلىپىنى بېرىش كېرەك .
تۆۋەندە يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹ تىل – ئەدەبىيات ›› دەرسلىك كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومېتىتى 2008-يىلى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن
|
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى
تەجرىبە دەرسلىكى
تىل - ئەدەبىيات
زۆرۈر ئوقۇشلۇق
(1)
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
ئوقۇش ۋە زوقلىنىش
بىرىنچى بۆلەك
1. غەزەپ ۋە زار..........................ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
2. تۈرمە خاتىرىسى......................مەمتىلى توختاجى
3. يىللارغا جاۋاب........................لۇتپۇللا مۇتەللىپ
4. شېئىرلاردىن ئۈچ پارچە
سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇب..................... پۇشكىن
ئۆمەر ئۆلدى ............................ئۆمەر مۇھەممىدى
ئالدىدا...................................... نىمشېھىت
ئىككىنچى بۆلەك
5. رۇبائىيلار............................تېيىپچان ئىليوپ
6. بۈگۈن ۋە ئەتە .........................بۇغدا ئابدۇللا
7. يۇلتۇزلار يۇرتى...............................ئارسلان
8. شېئىرلاردىن ئۈچ پارچە
ياشىسۇن........................ مۇھەممەتجان راشىدىن
ئايدىڭ كېچە لېرىكىسى...................ئوسمانجان ساۋۇت
سەھەردىكى سەھرا.................... تۇرسۇنئاي ھۈسىيىن
ئۈچىنچى بۆلەك
9. ئانا تىلىم ..............................ئەخمەت ئىمىن
10. نىلوپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى.......جۇزىچىڭ
11. گۈل ناخشىسى....................جېبران خېلىل جېبران
12. ئانا تۇپراق – گۆھەر زېمىن..... ....ئەنەيتۇللا قۇربان
تۆتىنچى بۆلەك
13. بەخت تىلەش...................................لۇشۈن
14. ئاقچۇق سېيىدا........................ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
15. بوۋاي ۋە دېڭىز...............................ھېمىڭۋاي
ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش
قەلب ئورتاقلىقى : كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارنى يېزىش ...........................................
تەبىئەت دۇنياسىغا يېقىنلىشىش : مەنزىرە تەسۋىرىدە ئالاھىدىلىكنى چىڭ تۇتۇش كېرەك...........................
ئىنسان تەبىئىتىدىكى نۇرانىلىك : ئادەملەرنى يازغاندا خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.........................
مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان دۇنيا : شەيئىلەرنى دولقۇنسىمان قىلىپ يېزىش كېرەك........................................
ئۇيغۇر تىلى
فونېتىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە..........................
لېكسىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە..........................
ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش
فامىلە ۋە فامىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى.........................
ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت – بايرام ۋە مۇراسىم ئادەتلىرى..........
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرى..........................
تۇتېم ھەققىدە.............................................
مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە
‹‹ ئىز ››............................ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
‹‹ ئويغانغان زېمىن ››................ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ما تېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومېتىتى 2008–يىلى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن
|
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى
تەجرىبە دەرسلىكى
تىل - ئەدەبىيات
زۆرۈر ئوقۇشلۇق
(2)
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
ئوقۇش ۋە زوقلىنىش
بىرىنچى بۆلەك
1. كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى...........نۇرمەھەممەت توختى
2. دېڭىز سەپىرى..................................تۇرگېنېف
3. پىستە بوۋدى......................................باجىن
4. مېنىڭ بىر كۈنۈم...........................ئەخمەت ئىمىن
ئىككىنچى بۆلەك
5. ئاتىلار سۆزى............................................
6. مۇھەببەتنامە...........................ئاپىرىن چۇر تېگىن
7. ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا.......يۈسۈپ خاس ھاجىپ
8. پارچىلار..................................ئەھمەد يەسىۋى
ئۈچىنچى بۆلەك
9. ‹‹ ئات ›› بىلەن ‹‹ ئات ›› مىنگەن كىشى............
.................................ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن
10. ھاياتقا مۇھەببەت ................ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن
11. يېڭى ئىدىيە.....................................ئۈلپەت
12. ئىنساپ سودىگىرى................مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار
تۆتىنچى بۆلەك
13. مېنىڭ ئارزۇيۇم.........................مارتىن لۇتېر كىڭ
14. مېنىڭ دۇنيا قارىشىم.........................ئېينىشتېيىن
15. يېقىنقى زامان ئىلىم - پېنىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر................................ياڭ جېننىڭ
16. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش مۇقەددەس بۇرچىمىز......................................يۈسۈپ ئەيسا
ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش
ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەسلىك : تەسۋىرلەشنى ئۆگىنىش......
گۈزەللىكنى بايقاش : لېرىكىنى ئۆگىنىش.....................
باغۋەنگە مەدھىيە : بايان نۇقتىسىنى تاللاشنى ئۆگىنىش.......
تەسەۋۋۇر دۇنياسى : توقۇلما توقۇشنى ئۆگىنىش..............
ئۇيغۇر تىلى
گرامماتىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە.......................
ئىسىم ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە..........................
سۈپەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە...........................
سان ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە.............................
ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى...................
يەر – جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى.......................
تۇتېم......................................................
مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە
‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ››..................يۈسۈپ خاس ھاجىپ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومېتىتى 2008-يىلى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن
|
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى
تەجرىبە دەرسلىكى
تىل - ئەدەبىيات
زۆرۈر ئوقۇشلۇق
(3)
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
ئوقۇش ۋە زوقلىنىش
بىرىنچى بۆلەك
1. دولان ياشلىرى.............................زوردۇن سابىر
2. شىراق....................................ئابدۇللا ساۋۇت
3. مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ...................ئايشەم ئەخمەت
ئىككىنچى بۆلەك
4. غەزەل...........................................رەبغۇزى
5. غەزەل.............................................لۇتفى
6. غەزەل.....................................ئەلىشىر نەۋائى
7. غەزەل....................................ھۈسەيىن بايقارا
ئۈچىنچى بۆلەك
8. ئالتە شەھەرگە سەپەر...............نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت
9. ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر...........گۇننار ياررىڭ
10. پارىژغا ساياھەت........................ئەسەت سۇلايمان
تۆتىنچى بۆلەك
11. ھايۋانلارنىڭ ئوينىشىدىكى سىرلار...............جۇ لىمىڭ
12. بىر فىزىكنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانى..........كاكو مىچىئو
13. قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ..................ئابباس بۇرھان
14. ‹‹ ساقچى ›› ھەسەل ھەرىسى..........ئابلەت ئابدۇللا
ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش
كۆپ ئويلاش ھەم ئويلاشقا ماھىر بولۇش : نۇقتىئىنەزەر تىكلەشنى تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىش......................................
باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش: دەلىلنى تاللاش ۋە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش..................................................
ھاياتنى قەدىرلەش : دەلىللەشنى ئۆگىنىش..................
مېھىر – مۇھەببەت : مۇھاكىمىدىكى باياننى ئۆگىنىش..........
مۇھاكىمە..................................................
ئۇيغۇر تىلى
مىقدار ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە............................
ئالماش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە...........................
رەۋىش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە...........................
پېئىل ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە............................
ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش
لوگىكا بىلىملىرىدىن ساۋات.................................
تىل – ئەدەبىيات ئۆگىنىشتە ئۆز – ئۆزىنى باھالاش...........
مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە
‹‹ ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە ››............ لو گۇەنجۇڭ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومېتىتى 2008-يىلى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن
|
تىل - ئەدەبىيات
زۆرۈر ئوقۇشلۇق
(4)
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
ئوقۇش ۋە زوقلىنىش
بىرىنچى بۆلەك
1. مۇقام ئۇستازى........................مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
2. گۈلدۈرماما............................................ساۋيۈ
3. خاملېت..........................................شېكېسپېر
ئىككىنچى بۆلەك
4. غەزەل............................................زەلىلى
5. كاشىغەر..........................................گۇمنام
6. رابىيە – سەئىدىن........................ئابدۇرېھىم نىزارى
7. ئاتا.....................................ئابدۇللا پوسكامى
ئۈچىنچى بۆلەك
8. كىيىم – كېچەك مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق نۇسخىسىدۇر.........
..........................................ئابدۇكېرىم راخمان
9. ئەكىلىشپەرۋەرلىك.................................لۇشۈن
10. تىل – ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا................سۇ بۇ چىڭ
11. قىسقا ماقالىلەر.........................................
مېنىڭ يەنە بىر تىلىم ...............................ۋاڭ مېڭ
ياشلىق...................................................؟
ئادەملەردىكى پەرق........................................؟
قەدىر – قىممەت..........................................؟
تۆتىنچى بۆلەك
12. كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى ................................
13. يۈرىكىم يىغلايدۇ............................ئەختەم ئۆمەر
14. ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇلارنىڭ تەرجىمىھالى.......سىماچيەن
15. ئوغلانغا تۇتۇلغان گۈلدەستە........مۇھەممەد سالىھ مەترۇزى
ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش
ۋاقىتقا تەبىر بېرىش : مۇھاكىمە توغرىسىدا قانات يايدۇرۇشنى ئۆگىنىش..................................................
بەختنى تېپىش : چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش.....
ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش : رەددىيە بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش.....
دەستەكچىلىككە ماھىر بولۇش : دېئالېكتىكىلىق تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش...............................................
ئۇيغۇر تىلى
؟ ؟ ؟ ؟
ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش
مەدداھلىق.................................................
كىنو – تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى...............................
مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە
‹‹ دونكىخوت ››...............................سېرۋانتېس
4. دەرس نىشانى ھەققىدە
‹‹ تىل – ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى ›› نىڭ دەرس نىشانىدا ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتىدىكى چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس ۋە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ، تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە تەرەققىي قىلىشى كېرەك ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .
(1) جۇغلاش ۋە بىرىكتۈرۈش
بۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان نىشانىنى چۆرىدەپ تىل – ئەدەبىيات جۇغلانمىسىنى كۆپەيتەلەيدىغان ، جۇغلاش جەريانىدا رەتلىيەلەيدىغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ .
(2) تەسىرلىنىش ۋە زوقلىنىش
بۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش ، تىلدىن ھوزۇرلىنىش ، ئىدىيىسى ۋە بەدىئىلىكىنى ھېس قىلىش ، ياخشى تىل تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .
◎ قانداق قىلغاندا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تەسىرلەنگىلى ۋە زوقلانغىلى بولىدۇ ؟
(3) مۇلاھىزە ۋە چۈشىنىش
بۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نىشانىغا ئاساسەن كلاسسىك نادىر ئەسەرلەرنى ۋە باشقا ئوقۇشلۇقلارنى تاللاپ ئوقۇش ، كىتاپ بىلەن سۆزلىشىش ( دىئالوگلىشىش ) نى ، ئاپتور بىلەن قەلب ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . شۇنداقلا ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ، گۇمانلىنىپ ئىزدىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ، تەپەككۇرنىڭ مۇكەممەللىكى ، چوڭقۇرلۇقى ۋە تەنقىدچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئوي – پىكىردە توقۇنۇش بولۇشنى ياخشى كۆرۈشكە يېتەكلەش تەلەپ قىلىنىدۇ .
(4) قوللىنىش ۋە كېڭەيتىش
بۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە باشقا ئۆگىنىش ساھەسىدە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىن توغرا ، پىششىق ، ئۈنۈملۈك پيدىلىنىشنى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتى بىلەن مايىللىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە دەڭسەپ بېقىپ ، ئۆزىنى شى جەھەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .
(5) بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش
بۇ ، تىل – ئەدەبىيات ۋە ئىچكى – تاشقى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش ، ئاددىي ئىشلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە جەريانىدىن مەسىلە بايقاشنى ئۆگىنىش ، ناتونۇش نەرسىلەرگە قارىتا باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك قىزىقىش ۋە قىزغىن ھېسسىياتتا بولۇش شۇ ئاساستا يېڭىلىقلارنى بايقاشنى كۆرسىتىدۇ .
5 . چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس ھەققىدە
چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس ‹‹ ئوقۇش ۋە زوقلىنىش ›› ، ‹‹ ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش ›› تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان .
‹‹ ئوقۇش ۋە زوقلىنىش ››قىسمى تۆۋەندىكىدەك 12 تۈرلۈك كونكرېت نىشاندىن تەركىپ تاپقان .
(1) ئوقۇش ۋە زوقلىنىش پائالىيىتىدە مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىش، ئۆزلۈك پەزىلىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ، شەخس بىلەن دۆلەت ، شەخس بىلەن جەمئىيەت ، شەخس بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان مۇلاھىزە ۋە بىلىشنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش .
(2) مۇستەقىل ئوقۇش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، تېكىست مەزمۇنىنى بىر پۈتۈنلۈكتىن ئىگىلەش ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ، مۇھىم نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاش ، تېكىستتە ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ، كۆز قاراش ۋە ھېسسىياتنى چۈشىنىش . مەسىلىلەرنى بايقاشقا ، ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش ، تېكىستنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ، ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە قاتلاملاردىن شەرھلەش ، باھالاش ۋە گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىش . كونكرېت تىل شارائىتىدا سۆز – جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئاڭقىرىش ، ئۆگەنگەن تىل – ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ ، مەزمۇنى چوڭقۇر سۆز – جۈملىلەرنى چۈشىنىش ، سەر خىل جۈملىلەرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ھېس قىلىش .
(3) ئىندىۋىدۇئاللاشقان ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ۋە بىلىم جۇغلانمىسىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ھېسسىيات پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزگىچە تەسىرات ۋە كەچۈرمىشكە ئېرىشىش . ئىزدىنىشلىك ئوقۇش ۋە ئىجادىي ئوقۇشنى ئۆگىنىپ ، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى ، تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە ھۆكۈم قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش .
(4) ھەر خىل تۈردىكى ماقالە – ئەسەرلەرنى ئوقۇش ؛ ئوخشىمىغان ئوقۇش مەقسىتىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ئوقۇش ماتېرىياللىرىغا قارىتا تەپسىلىي ئوقۇش ، ئىخچاملاپ ئوقۇش ، تېز ئوقۇش قاتارلىق ئوقۇش ئۇسۇللىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش ، ئوقۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.
(5) ئەدەبىي تىلدا راۋان دېكلاماتسىيە قىلالايدىغان ، تېكىستنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى تەسىراتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش .
(6) جۇڭگو ۋە چەتئەل ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىشنى ئۆگىنىش ، پائال زوقلىنىش پوزىتسىيىسىنى ھازىرلاش ، ئېستېتىك كەچۈرمىشكە ئەھمىيەت بېرىش ، پەزىلەتنى تاۋلاش ، روھنى يېتىلدۈرۈش . ئوبرازدىن تەسىرلىنىش ، تىلدىن بەھرىلىنىش ، ئەسەرنىڭ مول ئىچكى مەزمۇنىنى چۈشىنىش ، ئۇنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش كۈچىنى ھېس قىلىش ، ئۆزىنىڭ ھېسسىيات تەسىراتى ۋە تەپەككۇرى بولۇش . ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن مىللىي پسىخىكا ۋە دەۋر روھى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش ، ئىنسانلارنىڭ مول ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ھېسسىيات دۇنياسىنى چۈشىنىش .
(7) ئوقۇش ۋە زوقلىنىش جەريانىدا ، شېئىر ، نەسر ، پروزا ، تىياتىر قاتارلىق ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى چۈشىنىش . ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرىنى چۈشىنىش ، ئۇلارنى ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىنىشتە قوللىنىش .
(8) ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش ، ئۇلارغا سىڭدۈرۈلگەن مىللىي روھنى ھېس قىلىش ، مۇئەييەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساسىغا ئۇل سېلىش . كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن قىممىتىنى تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن چۈشىنىشنى ئۆگىنىش ، ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوبۇل قىلىش ، ئەسەرلەرگە ھازىرقى زامان نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قاراش ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئەھمىيىتى بىلەن تارىخىي چەكلىمىلىكىنى باھالاشنى ئۆگىنىش .
(9) ئىزاھات ۋە قورال كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ، دەرسلىككە بېرىلگەن كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ، سۆز – جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ، ئەسەر مەزمۇنىنى ئوقۇپ بىلىش . قەدىمكى سۆزلۈكلەر ۋە جۈملە شەكىللىرىنىڭ ئەھمىيىتى ياكى قوللىنىلىشىنى ئىگىلەش ۋە ئوقۇش ئەمەلىيىتىدە بايقالغان مەسىلە ياكى يىپ ئۇچى ئارقىلىق شۇنىڭغا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقالايدىغان بولۇش . كلاسسىك نەزمىي ، نەسرىي ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇئەييەن ساندىكى نادىر ئەسەرلەرنى يادلىۋېلىش . ( ‹‹ قوشۇمچە : ئىپادىلىك ئوقۇش مۇندەرىجىسى ۋە دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلار توغرىسىدا تەكلىپ ›› كە قارالسۇن . )
(10) كەڭ دائىرىلىك ئوقۇش ھەۋىسى بولۇش ، ئوقۇش نەزىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش . ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى توغرا ، مۇستەقىل تاللاپ ئوقۇشنى ئۆگىنىش ، ياخشى كىتاپلارنى تولۇق ئوقۇش ، ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش . دەرستىن سىرت ئۆزى ئوقۇيدىغان نادىر ئەسەر (بەش پارچىدىن كەم بولماسلىق ) ۋە باشقا ئوقۇشلۇقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1500 بەتتىن كەم بولماسلىق . ( ‹‹ قوشۇمچە : ئىپادىلىك ئوقۇش مۇندەرىجىسى ۋە دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلار توغرىسىدا تەكلىپ ›› كە قارالسۇن . )
(11) ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۆز – ئارا مەسلىھەتلىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش . ئوقۇش ۋە زوقلىنىشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرۇشنى خالاش ، ئۆزىنىڭ كىتاپ ئوقۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش .
(12) تىل – ئەدەبىيات قورال كىتابلىرىدىن بىمالال پايدىلىنىشنى ئۆگىنىش ، كۆپ خىل ۋاسىتىلاردىن پايدىلىنىپ ، ئۇچۇرلارنى يىغالايدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇش .
‹‹ ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش ›› قىسمى تۆۋەندىكىدەك 10 تۈرلۈك كونكرېت نىشاندىن تەركىپ تاپقان .
(1) تۇرمۇشنى كۆپ خىل نۇقتىدىن كۆزىتىشنى ئۆگىنىش ، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە ھېسسىيات تەسىراتلىرىنى بېيىتىش ، تەبىئەت ، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتقا قارىتا ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە ئويلىغىنى بولۇش .
(2) ئوخشىمىغان تەلەپ ، مەقسەتلەرنى ئويلىيالايدىغان ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بايان قىلالايدىغان ، چىن ھېسسىيات – تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ، ئىلمىي بولغان ئەقلىي روھنى يېتىلدۈرۈش .
(3) يېزىقچە ئىپادىلەش جەريانىدا كۆز قاراش ئېنىق ، مەزمۇن مول ، ھېسسىيات چىن ، ساغلام بولۇش ؛ پىكىر يولى روشەن ، باغلانغان بولۇش ، مەركىزىي نۇقتىنى چۆرىدەپ ماتېرىيال تاللاپ ، قۇرۇلمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش . ئىپادىلەش ئەمەلىيىتىدە ئوبرازلىق تەپەككۇرنى قاناتلاندۇرۇپ ، ئىجادىي تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش .
(4) خاسلىققا ئىگە ئىجادىي ئىپادىلەشكە تىرىشىش ، ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش . تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا كۆپ تەرەپلىمە خام ماتېرىيال توپلاش ، كۆپ ئويلىنىش ، كۆپ يېزىش ، ئىلھامى قوزغالغان ھامان يېزىپ تۇرۇش .
(5) بايان ، چۇشەندۈرۈش ، تەسۋىر ، مۇھاكىمە ، لىرىكا قاتارلىق ئاساسىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىش قابىلىيىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ھەمدە كۆپ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىش . ئۆزىنىڭ تىل جۇغلانمىسىدىن پايدىلىنىپ ، تىلنى پۇختا تاۋلاپ ، توغرا ، روشەن ،جانلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىش .
(6) ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى تۈزىتەلەيدىغان بولۇش ، ئۆگەنگەن تىل – ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ، كۆپ يېزىش ، كۆپ تۈزىتىش ، مەسلىھەتلىشىش ، ئالماشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش . يېزىقچىلىق نەتىجىلىرىنى ئۆز – ئارا نامايان قىلىش ۋە باھالاشنى ياقتۇرۇش . 45 مىنۇت ئىچىدە ئىككى بەت ئەتراپىدا بىر پارچە ئەسەر يازالايدىغان بولۇش . دەرستىن سىرتقى يېزىقچىلىق مەشقى 40 ئورىگىنالدىن كەم بولماسلىق .
(7) كىشىلەر ئارا ئالاقە پائالىيىتىنى كۈچەيتىش ، ئاغزاكىي ئالاقىدە ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ،گەپ – سۆزدە مەدەنىي ، تەقى – تۇرقتا رەتلىك ، يېقىشلىق بولۇش ،باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ماھىر ، ئىنكاسى تېز بولۇش .
(8) ئاغزاكى تىل ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش ، ئوخشىمىغان سورۇن ۋە ئالاقە مەقسىتىگە ئاساسەن ، مۇۋاپىق يوسۇندا ئىپادىلەشنى بىلىش . تىلنىڭ ئورانى ، ۋەزنى ، ھېسسىيات ۋە قول ئىشارىتىدىن پايدىلىنىپ ئاغزاكى ئالاقە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش .
(9) نۇتۇق سۆزلەشنى ئۆگىنىش ، كۆز قاراش روشەن ، ماتېرىيال مول ، جانلىق ، قايىل قىلىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇش ، ئىمكانقەدەر خاسلىققا ۋە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش . مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىدە ئاكتىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇش ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ۋە رەددىيە بېرىش . ئەدەبىي ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش ، ئەسەر مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ ، ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە ھېسسىيات خاھىشىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ، مۇئەييەن تەسىرلەندۈرۈشچانلىققا ئىگە بولۇش .
(10) ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش ، بىلىم نۇقتىلىرىنى توغرا تونۇپ ، مۇھىم نۇقتىلارنى مەشىق تۈرلىرىنى ۋە ئۇلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى تولۇق چۈشىنىپ تەتقىق قىلىپ ، مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان تىل تاۋۇشى ، لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىدىن تەركىب تاپقان بۇ سىستېمىنى مۇكەممەل ئىگىلەش ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش .
5. تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرس ھەققىدە
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى بويىچە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەردە شېئىر ۋە نەسر ، پروزا ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ، ئاخبارات ۋە تەرجىمىھال ، تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش ، مەدەنىيەت ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەھقىقلەپ ئوقۇش قاتارلىق بەش يۈرۈش مەزمۇن لايىھىلەنگەن بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەر بىر تۈرىگە مۇناسىپ تەلەپلەر قويۇلغان .
‹‹ شېئىر ۋە نەسر ›› توغرىسىدا
(1) شېئىر ۋە نەسردىن زوقلىنىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش ، ئۆزىنىڭ ھېسسىيات دۇنياسىنى بېيىتىش ، ساغلام ، ئالىيجاناب ئېستېتىك ھېسسىيات يېتىلدۈرۈش ، ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىنى ئۆستۈرۈش .
(2) قەدىمكى ، ھازىرقى ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ نادىر شېئىر ، نەسىرلىرىنى ئوقۇش ، ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى چۈشىنىش . بەدىئىي جەھەتتىكى جەلپكارلىقىنى بىلىش . كلاسسىك شېئىرلارنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى تارىخىي نۇقتىئىنەزەر ۋە ھازىرقى زامان قارىشى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باھا بېرىش .
(3) قورال كىتابلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ، مەزمۇنى ئاددىيراق ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىش . مۇئەييەن ساندىكى كلاسسىك داڭلىق شېئىرلارنى يادلىۋېلىش .
(4) شېئىر ، نەسرلەردىن زوقلىنىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ؛ جۇڭگو ، چەت ئەل شېئىر نەسرلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش ؛ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە قاتلاملاردىن ئەھمىيەت بېرىش ، ئوقۇش جەريانىدا يېڭى – يېڭى تەسىراتلارغا ئۈزلۈكسىز ئېرىشىش .
(5) شېئىر ، نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى سىناپ كۆرۈش ، ئەدەبىيات كۆرىكى ئۇيۇشتۇرۇپ ، نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش ، تەسىراتلارنى ئالماشتۇرۇش .
‹‹ پروزا ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ›› توغرىسىدا
(1) قەدىمكى ، ھازىرقى ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ھەر خىل پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرى ( كىنو – تېلېۋىزىيە سىنارىيىلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئوقۇش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش ؛ نادىر پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرىدىن ئىدىيە ، ھېسسىيات ۋە بەدىئىي ئوزۇق قوبۇل قىلىش ؛ تارىخ ، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان تونۇشنى بېيىتىش ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، ئەدەبىيات جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنى ئۆستۈرۈش .
(2) ياخشى مەدەنىيەت پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈش ، ئوخشىمىغان مىللەت ، ئوخشىمىغان ئېقىم – ئۇسلۇب ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى چۈشىنىشنى ئۆگىنىش ، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن قىممەت ھۆكۈمى بىلەن ئېستېتىك يۈزلىنىشنى چۈشىنىش ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باھا بېرەلەيدىغان بولۇش .
(3) پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش . پروزا ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە قاتلاملاردىن چۈشىنىپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ، ئوقۇش قابىلىيىتى ۋە زوقلىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش . پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرى ئوبزورچىلىقىنى ئۆگىنىش ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەسىراتى ۋە يېڭى قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىش .
(4) پروزا ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ياكى سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ سەر خىل بۆلەكلىرىنى ئويناپ چىقىش ، تىلدىن بەھرىلىنىش ، ئەسەرنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ، پېرسۇناژلارنىڭ تەقدىر – قىسمەتلىرى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى ھېس قىلىش ، خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش .
(5) ئۆزى قىزىقىدىغان قەدىمكى ، ھازىرقى ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشنى ياكى مەخسۇس تەتقىق قىلىشنى سىناپ كۆرۈش .
(6) ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىش ، كىشىلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى بېيىتىش ، ئىجادىيەت خام ماتېرىياللىرىنى مەقسەتلىك يىغىش ، پروزا ، سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىشنى سىناپ كۆرۈش .
‹‹ ئاخبارات ۋە تەرجىمىھال ››توغرىسىدا
(1) ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، ئىچكى – تاشقى چوڭ – چوڭ ۋەقەلەرگە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى توغرا ، تېز ئىگىلەش ، چېتىشلىق ۋەقە ۋە قاراشلارغا ئۆزىنىڭ باھاسى ۋە ھۆكۈمىنى بىلدۈرۈش .
(2) ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي رولى ، ژانىر ئالاھىدىلىكى ۋە قۇرۇلما ئامىللىرىنى چۈشىنىش ، تىل ئۆزگىچىلىكىنى ئىگىلەش .
(3) كۆپلەپ ماتېرىيال يىغىش ، ئىپادىلەش ئېھتىياجى ۋە ژانىر تەلىپىگە ئاساسەن ، ماتېرىياللارنى نەقلەشتۈرۈش ، تاللاش ، تاۋلاش ، ئاخبارات خەۋەرلىرى يېزىشنى سىناپ كۆرۈش .
(4) قەدىمكى ، ھازىرقى ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ تەرجىمىھال ، ئەسلىمىلىرىنى ئوقۇپ ،ئاساسىي پاكىتلارنى ئىگىلەش ، پېرسۇناژلارنىڭ ھايات قىسمەتلىرىنى چۈشىنىش ، ئۇنىڭدىن پايدىلىق ھايات ئىلھاملىرىغا ئېرىشىش ھەمدە مۇئەييەن تېرەنلىكتىكى مۇلاھىزە ۋە ھۆكۈمنى شەكىللەندۈرۈش .
(5) تەرجىمىھال ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى بىلىش ، تەرجىمىھال يېزىشنى سىناپ كۆرۈش .
‹‹ تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش ›› توغرىسىدا
(1) تىل – يېزىق ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تۇرمۇش ۋە پەن ھالقىغان ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش ، ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش جەريانىدا تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش .
(2) تىل – ئەدەبىيات ۋە باشقا پەنلەردە ئېرىشكەن بىلىم ، قابىلىيەت ۋە ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش ، ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمىنى ھەر خىل ئۇسۇللاردا قانات يايدۇرۇش .
(3) خەت – چەكلەرنى ئوقۇش ، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلىيەلەيدىغان بولۇش . ئېھتىياج ۋە مۇناسىپ شەكىل ، تەلەپلەرگە ئاساسەن خەت – چەك يېزىش ، خەت – چەكنىڭ توغرا ، ئىخچام ، مۇۋاپىق بولۇشىغا تىرىشىش . خەت – چەك يېزىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ، ئۆزىگە تەئەللۇق ئىشقا مەسئۇل بولۇش ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش روھى ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنچىكە ئىش قىلىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش .
(4) ئەمەلىي پائالىيەتلەردە ئاغزاكى قوللىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ، ئالاقە ئېھرىياجىغا ئاساسەن ، مۇۋاپىق پەيت ۋە سورۇن تاللاپ ، سۆزلەش تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، سەگەكلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇش ، ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش . نۇتۇق ۋە مۇنازىرىگە قاتنىشىش ، يىغىلىش ، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىشنى ئۆگىنىش .
(5) تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش جەريانىدىكى ھادىسە ۋە مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ، مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ، ئۆگەنگەن بىلىم ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، چۈشەنچە بېرىشنى سىناپ كۆرۈش ، تىل – يېزىققا ئائىت قانۇن – نىزاملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىش ، تىل – يېزىقىنىڭ ئۆلچەملىك ، قېلىپلاشقان بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش ، خاتالىقنى تەھلىل قىلىش ۋە تۈزىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش ، تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىشنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش .
(6) تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش جەريانىدىكى يېڭى ئەھۋاللارنى كۆزىتىش ، تىل – يېزىقنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ، تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىش .
(7) تىل – يېزىقتىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىش ، ئالايلۇق ، كومپيۇتېردا تەھرىرلەش ، بەت لايىھىلەش ،شەخس تور پونكىتى قۇرۇش ۋە ئورىگىناللارنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار .
‹‹ مەدەنىيەت ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تەھقىقلەپ ئوقۇش ›› توغرىسىدا
(1) قەدىمكى ، ھازىرقى ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تاللاپ ئوقۇش ، مەدەنىيەت نەزەرى ۋە تەپەككۇر بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ، ئىلمىي روھنى يېتىلدۈرۈش ، مەدەنىيەت تەربىيىلىنىشىنى ئۆستۈرۈش . ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋە سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتكە تەرەققىيات نەزەرى ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتىدە قاراش ، بۈگۈنكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق مەدەنىيەت مەخسۇس مۇھاكىمىلىرىنى قانات يايدۇرۇش .
(2) قورال كىتاب ، كۇتۇپخانا ۋە توردىن پايدىلىنىپ ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەش ، ئىلمىي ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ ئەھۋالى ، ئالاقىدار مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىلمىي ئەسەرگە چېتىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئىگىلەش ، ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان نامۇۋاپىق ئامىللارنى چىقىرىۋېتىش . ئىلمىي ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئاساسىدا ، ئىچىدىكى مۇھىم باب ، پاراگرافلارنى تاللاپ ئوقۇش ، ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنى قاراتمىلاپ ئېلىپ بېرىش ، كۆز قاراشنى دەلىللەيدىغان ئاچقۇچلۇق ماتېرىياللارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ، ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى ۋە ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش .
(3) ئىلمىي تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ ، مەسىلىلەرنى بايقاش ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش . ئوقۇش جەريانىدا قايتا ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش ، ئىلمىي ئەسەردىكى گۇمانىي ۋە قىيىن نۇقتىلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىش ، باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ، مەسلىھەتلىشىشنى ياخشى كۆرۈش ، بىللە ئىلگىرىلەش .
(4) رېئال تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئۆزى قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ ، ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە ۋە ئىچكى – تاشقى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە قارىتا قىلىنغان تەھلىل ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئۆگىنىش ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا پائال قاتنىشىش ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە بىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش .
6. يېڭى دەرس باھالاش ئىدىيىسى
ھەققىدە
يېڭى دەرس باھالىشىدا تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك باھالاش قارىشىنى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن زۆرۈر .
(1) باھالاشنىڭ تۈپ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىيات تەربىيىلىنىشىنى ئەتراپلىق ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت .
(2) باھالاشتا دەرس نىشانى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىنىپ ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش كېرەك .
(3) باھالاشتا دىئاگنوز قويۇش ، ئىلھام بېرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش كېرەك .
(4) باھالاش سۇبيېكتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك .
(5) باھالاشتا چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرس بىلەن تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسنىڭ باغلىنىشى ۋە پەرقىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
(6) باھالاشتا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش كېرەك .
7. دەرس بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېچىش ھەققىدە
(1) دەرس بايلىقى مەنبەسى دېگەن نېمە ؟
◎ دەرس بايلىقى مەنبەسى دېگىنىمىز ، ئوقۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلانغان قوراللار ۋە تەبىئىي نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .
◎ دەرس بايلىقى مەنبەسى دەرسنىڭ ئۆزى ئەمەس ، بەلكى دەرس بىلەن ئىنتاتىن زىچ باغلىنىشلىق بولغان ، دەرسنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ، دەرسنى ئىلگىرى سۈرۈش ، تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولغان بىر خىل خام ماتېرىيال .
◎ يېڭى دەرس مۇنداق قارايدۇ : دەرسلىكلا بولىدىكەن ، ئۇ چوقۇم دەرس بايلىقى مەنبەسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . دەرس بايلىقى مەنبەسى بولمىسا دەرسمۇ بولمايدۇ . يېڭى دەرس دەرس بايلىقىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن ئۇ مەنبەسىز سۇ ، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ .
◎ ئۇنداقتا يېزا – قىشلاقلار بىلەن شەھەرلەر دەرس بايلىقى جەھەتتە قانداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ؟
(2) تىل – ئەدەبىيات دەرس بايلىقى مەنبەسى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
(3) تىل – ئەدەبىيات دەرس بايلىقى مەنبەسىنى قانداق ئاچىمىز ؟
(4) دەرس بايلىقى مەنبەسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش
(5) تىل – ئەدەبىيات دەرس بايلىقى مەنبەسى ھەممە يەردە مەۋجۇت دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇش
(6) تىل – ئەدەبىيات دەرس بايلىقى خام ماتېرىياللىرىنى رەتلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش