查看完整版本: [-- ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىش تاكتىكىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىش تاكتىكىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nazperwer 2011-01-19 23:01
ئەرلەر بىر-بىرى بىلەن ھۈرپىيىشكەندە ،بىر-بىرىنىڭ گېپىنى توختىماي ئۈزىۋېتىدۇ،ئەگەر سىز بىرەر ئەر كىشى بىلەن ئوبدان ئالاقە ئورنىتاي دېسىڭىز،ئەڭ  ئاددىي تاكتىكا ئۇنىڭ گېپىنى  بۆلىۋەتمەڭ. بۇ ئاياللار  ئۈچۈن   ئىنتايىن قىيىن.    چۈنكى ،تەڭمۇ تەڭ گەپ قىلىپ تۇرۇش ئاياللار ئۈچۈن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ،كۆڭلىدىكى چېچىلاڭغۇلۇقنى ئىپادىلەيدۇ.ئايال كىشىنىڭ قارىشىچە،كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقدىدار بولغاندا ئەرلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ،ئۇلارغا مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدىكەن.ھالبۇكى،ئاياللار شۇنداق قىلغانسېرى ئەرلەرنىڭ قۇلىقى گاس بولۇپ قالىدىغىنى قىزىق.ئەرلەر يەنە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى قوپاللىق بىلەن بۆلىۋېتىدىغان ئىشلارنى ناھايىتى يامان كۆرىدۇ.

         <<ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ مېڭىسى>>

                                                                             ئالېن پىس،باربارا پىس(ئاۋستىرالىيە)

tawpek 2011-01-20 15:44
بىر ئوبداق گەپ قىلىپ بىرىۋاتساق بۆلىۋەتسە كەلمىگەن ئاچچىقنىڭ نىمە لازىمى  دەيسىز.

gulbar 2011-01-20 22:20
ھەر قايسىلىرىنىڭ « ھەسەلگە مىلەپ ئاتقان بومبا» ڭلارنى كىم بىلمەيدۇ ، ھە قاچان تىكىنى بار ئاچچىىق گەپلەردۇر تايىنلىق .

tawpek 2011-01-21 22:43
ئاياللارنىڭ جىق ئىشلىرىغا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ ئوخشايدۇ.

خۇددى ئاياللار ئەگرى قوۋورغىدىن يارالغان، ئۇنى تۈزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۋىتىسەن ، ئۇنىڭ ئەگرىلىكىدىن پايدىلانساڭ تۇرمۇشۇڭ بەخىتكە چۈمىدۇ دىگەندەك.

nazperwer 2011-01-21 23:40
  ئەشۇ ئەگرى قوۋۇرغىنىڭمۇ ياخشى يەرلىرى بولىدۇ-دە !  ئەر-ئاياللا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈ سۈركىلىش بولماي تىنچ ئۆتۈش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . پەقەت دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە . توختام سۇ ھامان تېگىدىن سېسىيدۇ . ئەر ئاياللار بىر-بىرىنىڭ مىجەزىنى ياخشى  ئىگىلەپ  مۇئامىلە قىلىشى ، بىر -بىرىگە يول قويۇشى كېرەك . باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ ياشاۋاتىمىزغۇ مانا ! ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئەمەلىيەتتە يەشكىلى بولمايدىغان ھېچقانداق پىرىنسىپال مەسىلە يوق ، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن تالىشىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى چارچىتىدۇ. ئائىلىدە كىچىك شاۋقۇن سۈرەنلەرنىڭ چىقىپ تۇرغىنى نورمال .  مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن  نىيىتىگە لايىق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

tawpek 2011-01-25 12:16
بىر -بىرىگە يول قويۇشى كېرەك . باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ ياشاۋاتىمىزغۇ مانا !


بۇتەرپىنى ئويلىسىغۇ.............................

gulbar 2011-01-25 20:24
قورقۇشتىن ھۆرمەت ياخشى ، ھۆرمەتتىن سۆيۇش ياخشى . سىز ئايالىڭىزنى سۆيسىڭىز ، ئۇمۇ سىزگە تىگىشلىك جاۋاب بىرىدۇ .

tawpek 2011-07-13 23:14
نازپەرۋەر بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆزىمىزنى  سىناق  ماتىرىيالىدەك  ھىس قىلىپ قالىدىغان بولدۇقتە.


查看完整版本: [-- ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىش تاكتىكىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.022089 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us