-يىللىقنىڭ -يىلى -ئاينىڭ -كۈنىدىكى جۇغراپىيە دەرس لاھىيەسى
دەرس تېمىسى:
Ⅰباب يەر شارى ۋە خەرىتە
1§. يەر شارى ۋە گلوبۇس
1. يەر شارىنىڭ شەكل-ھالىتى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلىش 2. يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇس
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- يەر شارىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇس.
2›ئۇسۇل ۋە جەريان-خەرىتە ھەم سۈرەتلەر شۇنداقلا يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇسنى كۆرسەتمە قىلىش ئارقىلىق بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىش.
3›ھېسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- يەر شارى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش.
مۇھىم نۇقتا: يەر شارىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇس.
قىيىن نۇقتا: يەر شارىنىڭ شەكلى، يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇس.
ئۇسۇل: مەسىلە قويۇپ، خەرىتە، رەسىم ھەم كۆسەتمىلىك قۇراللار ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش، شۇ ئاساستا خۇلاسە چىقىرىش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، سىلەرچە قۇياش ۋە ئاينىڭ شەكلى قانداق، يەر شارىنىڭچۇ؟ يەر شارىنىڭ مودېلىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىي ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1› دەرسلىكنىڭ 2-بېتىدىكى بايان ھەم رەسىمگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ شەكلى قانداق؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلە قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردەرسلىكنىڭ 2-بېتىدىكى بايان ھەم رەسىملەر شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا مەسىلە ھەل قىلىدۇ. بىرلىكتە خۇلاسىلىنىپ، يىشىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ ھەم گلوبۇس كۆرسىتىلىپ، چۈشەنچە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
خۇلاسە: يەر شارى خۇددى قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش يۇمىلاق بولغان شار شەكىلدىكى جىسىم.
2› دەرسلىكنىڭ 3-بېتىدىكى رەسىمگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلە قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنىڭ 3-بېتىدىكى رەسىم ھەم سانلىق مەلۇماتلار شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا مەسىلە ھەل قىلىدۇ. بىرلىكتە خۇلاسىلىنىپ، يىشىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
خۇلاسە: يەر شارىنىڭ ئوتتۇرچە رادىئۇسى 6371 كىلومېتېر، ئەڭ چوڭ ئايلانمىسى 40 مىڭ كىلومېتىر، يەر يۈزىنىڭ كۆلىمى 510 مىليۇن كىۋادىرات كىلومېتىر.
3› دەرسلىكنىڭ 4-ۋە 5-بېتىدىكى بايان ھەم رەسىمگە ئاساسلانغاندا، گلوبۇس قانداق نەرسە؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلە قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنىڭ 4- ۋە 5-بېتىدىكى بايان ھەم رەسىم شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا مەسىلە ھەل قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى گلوبۇسنى كۆرسەتمە قىلىش ئارقىلىق چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئاخىردا بىرلىكتە خۇلاسىلىنىدۇ.
خۇلاسە: يەر شارىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى ئوبىرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كىچىكلىتىلگەن مودېلى-گلوبۇستىن ئىبارەت. كىشىلەر گلوبۇسنىڭ يۈزىگە ئوخشاش بولمىغان رەڭ، بەلگە ۋە يېزىق ئىشلىتىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز-ئوكيان، تاغ تىزمىسى، دەريا، كۆل ۋە دۆلەت، شەھەرلەرنىڭ ئورنى، شەكلى ھەمدە نامى قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ چىققان.
دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق: 1› خەرىتە تولدۇرۇش مەشقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورونلىرىنى ئىشلەپ كېلىدۇ. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈلۈپ نومور قويۇلىدۇ ھەم دەرسخانىدا ئومومىلاشتۇرۇلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
Ⅰباب يەر شارى ۋە خەرىتە
1§. يەر شارى ۋە گلوبۇس
1. يەر شارىنىڭ شەكل-ھالىتى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلىش 2. يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇس
1› يەر شارىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى.
2› يەر شارىنىڭ مودېلى-گلوبۇس.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:
دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت: -يىل -ئاينىڭ -كۈنى.
مەنبە: ئۆز ئەمگىكىمدىن
|