查看完整版本: [-- ئەينەك(ئارىسلان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> ئەينەك(ئارىسلان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-08-05 14:24
ئارىسلان


قورىقما ئەينەكتىن ئۆچ كۆرمىگىن ھەم،
گۇناھى ئەمەستۇر كۆرسەتسە ئەينەن.
كۈن-كۈنلەپ يۈزۈڭنى كۆرمىسەڭمۇ گەر،
كۆرىدۇ خالايىق مىڭ قىتىم جەزمەن.

چىرايىڭ سەت بولسا كۆرمە ئەينەكتىن،
 بىلگىن ئۇ ھەقىقەت دوستى جارچىسى.
غەزەپتىن ئۇرساڭمۇ تاشقا، سەن رەنجىپ،
كۆرسىتەر ئەكسىڭنى ھەر بىر پارچىسى.

مەنبە: تەۋپىق بارماق نەشىرىياتى
تولوقسىز، ئەدەبىيات 1-قىسىم.

qartikin 2010-08-06 16:22
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىركەن.

tawpek 2010-08-08 19:55
شائىر ئارىسلاننىڭ رەسىمى بولسا يوللانسا بولاتتى.

yarimas 2010-08-08 20:40
بۇ بەك ياخشى شېئر ئىكەن. بۇنىڭ ئاپتۇرى ھازىر يوقمۇ؟

hiyali 2010-08-08 23:03
ياخشى شىېركەن بۇ. ئاددى نەرسىلەردىن چەكسىز مەنا ئىزدەش بىر كىشىنىڭ كۇزىتىش ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نەقەدەر كۇچلىكلىكنى چۇشەندۇرىدۇ. ھەقىقەتەن ئىستىداتلىق شائىر ئكەن .

sapardax 2010-08-14 02:16
بۇ شىئر  مېنى دىلنار ئابدۇللا  ئورۇنلغان  <ئەينەك>دىگەن  ناخشىنى ئەسلەتتى!
نىمە دىگەن قالتىس نىمە  ئەينەك دىگەن،
كىم ياساپ چىققان  بولغاي دەسلەپ ئۇنى.
سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ھەرپارچىسى ،
كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىنى.

سەتنى ئۇ پەداز بىلەن قىلماس گۇزەل ،
بىر گۈزەلنى سەت قىلىپ قويمايدۇ ھەم .
ھەر كىشى بولالىسا ئەينەك كەبى،
دىگۈلۇك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم .

tawpek 2010-08-14 12:14
رەھمەت سەپەرداش، بۇ تىما نۇرغۇن ئوقوغوچىلار بىلەن يۈز كۆرىشەتتى، بىرسائەتلىك دەرىسنىڭ مەزمۇنى تىخىمۇ مول بولىدىغان بولدى.

tawpek 2010-08-14 12:52
مەن سىلەرگە ئەينەك توغورلۇق بىر تالاي  ناخشىلارنى سۇناي
ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ

ئەينەك چىقىلدى 

سىھىرلىك ئەينەك- بالىلار ناخشىسى

مانا ماۋۇ دەل سەپەرداش يوللىغان شىئىرنىڭ ناخشىسى

tawpek 2010-08-14 13:04
ئەمدى ئەينەك توغورلۇك ماۋۇ ھىكايەتلەردىن ھوزورلىنىڭ

چىرايىڭ سەت بولسا كۆرمە ئەينەكتىن

tawpek 2010-08-17 12:03
1946 - يىلى دۆربىلجىندە تۇغۇلۇپ 1966 -يىلى ئالەمدىن ئۆتۆپتىكەن.
<<يۇلتۇزلار يۇرتى>><<ئاھ، مىنىڭ خەلقىم>> ئاتۇش سۈرەتلىرى،  زىمىن ئەركىسى   قاتارلىق شىئىر داستانلىرى مەشھۇر

gulbar 2010-08-17 23:13
بولىدىغان شىئىركەن ، بىزدەك ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلار قايتا دەرىس ئوقىغاندەك بولىدىكەنمىز .

tawpek 2011-07-22 10:06
ئارىسلاننىڭ تەرجىمھالىمۇ يوللىنىپ بولدىغۇ دەيمەن.   دەرىس دىتالى يوللانسا بولغۇدەك.

ardam 2011-08-05 20:50
مەرھۇم شائىر ئارسىلان رەسىمى:
 

tawpek 2011-08-06 15:38
بۇ دەرىس ھەققىدىكى پايدىلانمىلار ئوبدانلا توپلىنىپتۇ.


查看完整版本: [-- ئەينەك(ئارىسلان) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.027935 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us