查看完整版本: [-- ئەل ئارىسى تىبابەت بىلىملىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئەل ئارىسى تىبابەت بىلىملىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-11-04 02:32
تىبابەتچىلىك ساۋاتلىرى
ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ساقلىقنى ساقلاش،كىسەل كۈرۈش ئەمىنلەش ،دورىگەرلىك ،مالدوختۇرلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش تىببى ئىلىم نەزىريىسىنى يەكۈنلەپ چىققان.
1.قۇمۇشنىڭ يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسە بەدەنگە چىققان قىزىل يوقايدۇ.
2.ئادەتتە قىززىپ قالسا ئۆستەڭ بۇيىدىكى پاقا يۇپۇرمىقىنى بەلگە تاڭسا قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ.چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۈرۈلسە زەنجىۋىل قاينىتىپ يۇسا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3.قاپاق ئادەتتە راك كېسىلىنى داۋالاش،قاپاقنىڭ قاپاقنىڭ تىرىپلىرىدە راك ھۈجۈيرىسىگە قارشى ئىلمىنىتلار بۇلىدۇ.
4.جىگدىنىڭ قوۋزىقىنى قاينىتىپ ئادەم بەدىنى ھەم پۇتىنى يۇيۇپ بەرسە پايدىلىق.
5.ئادەتتە يىلان قامچىسى دېگەن ئوتنىڭ ئۇرۇقىنى بالىلارغا يېگۈزۈپ بەرسە بالىلاردىكى چۈچۈكنى داۋالايدۇ.
6.زۇكام بۇلۇپ قېلىپ بۇرنى ئېتىلىپ قالسا،پاختىدىن توقۇلغان قارا رەختنى كۆيدۈرۈپ پۇرىسا بۇرنى ئېچىلىدۇ ياكى ئاچچىقسۇ،سامساقنى قاينىتىپ پۇراپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
7.ئۆپكىدىن قان ياندۇرغانلار ،چۆمگەك قۇشنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
8.ئۆتتىكى تاشنى زاراڭزا مېيىدا تاماق ئېتىپ يېسە ئۆتتىكى تاش چۈشۈپ كېتىدۇ.
9.تەنتەربىيىچىلەر كۈچلۈك ھەرىكەتلەنگەندە پىيى چۈچۈپ كەتسە ئاق يىلاننى سۇيۇپ چاپلىسا ساقىيىدۇ.
10.زۇكامداپ قالغان ھەم ھۆتەل كىشى ئوسمىنى سىقىپ ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
11.چاچ قۇرغاقلىشىش ھەم چۈشۈش ئەھۋالى ياڭاق مېغىزىنى ئىزىپ يۇيۇپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ
12ھاراق ئىچىپ جىگەردىن چاتاق چىققاندا كىرپىنىڭ يېغىنى يەپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
13.قورساق ئاغرىش ياكى ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۈرۈلسە،زىرىنى سۇقۇپ پولاپ ئىچىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
14.كىچىك بالىلارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە باچكا كەپتەرنى بۇغۇزلاپ پۇتىغا ياكى بېلىگە قان قىلىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
15.ئاياللار ئۈزۈلۈپ قالسا،كۇلا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
16.كىچىك سۈيدۈك توختىتالمايدىغان ياكى قېرىلارنىڭ سۈيدۈك توختىتالمايدىغان ئەھۋالى كۈرۈلسە،توشقاننىڭ كاللىسىنى قاينىتىپ مىڭىسىنى يەپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
17.چىشى ئاغرىپ كەتسە بۇيا يىلتىزىنى ياكى ئۇرۇقىنى چىشلەپ بەرسە ساقىيىدۇ.
18.قورساق ئاغرىپ تولغاق بۇلۇپ قالسا،ئۇننى سۇغا چىلاپ ئىچسە ساقىيىدۇ.
19.ئېغىزغا ئاقسىل چىقىپ قالسا، موزا سالساق ساقىيىدۇ.
20.چۈمۈلىنىڭ تۇخۇمىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ھەرخىل كېسەلگە شىپا بۇلىدۇ.
21.كىرپىنىڭ گۈشىنى يېسە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلشىنى ياخشىلايدۇ.
22.كىچىك بالىلارنىڭ قورسىقى ئاغرىپ تولغاق بۇلۇپ قالسا،تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئىچىپ بەرسە توختايدۇ.
23.يۈتىلىپ يۈتەل توختىمىسا ،بېلىق يېغىنى ئىچسە توختايدۇ.
24.سوغۇقى ئېشىپ كەتسە غاز يېغىنى سۈرۈپ ئاپتاپتا ياتسا پايدا قىلىدۇ.
25.چىشى ئاغرىغاندا تۆگىنىڭ سۈيدىكىدە ئاغزىنى چايقاپ بەرسە ئاغرىق توختايدۇ.
26.كۆزى ياشاڭغۇراش كۈرۈلگەندە قوي سويغاندا قوينىڭ جىگىرىنى ئىسسىق ۋاقتىدا يېسە پايدا قىلىدۇ.
27.پاقىنىڭ قېنىنى بەدەنگە ئېقىتىپ بەرسە،بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
28.توشقان زەدىكىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ساقايماس كېسەلگە شىپا قىلىدۇ.
29.بوينىغا سامساق ئېسۋالغاندا،زۇكام بۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
30.گۈرۈچ سۈيىدە يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ئاقىرىدۇ.
31.پىيازنى ئۇششاق توغراپ ئەتىگەندە تاماقتىن بۇرۇن ئىستىمال قىلسا،قان بېسىمى چۈشىدۇ.
32.پۇتى بىلەن بېلى ئاغرىپ كەتسە ئاق تىكەندە يۇيۇپ بەرسە ياكى ھوردىنىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
33.سۈگەل چىقىپ قالسا تۇخۇمنى 7كۈن ئاچچىق سۇغا چىلاپ ئاندىن ئاشۇ ئورۇنغا تېڭىپ قويسا سۈگەل چۈشۈپ كېتىدۇ.
34.كىچىك بالىنىڭ مەيدىسى گىژىلداپ قالسا،خېمىرنى دورا- دەرمان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىرنى كۆممە قىلىپ مەيدىسىگە ياقسا بۇلىدۇ.
35.رىماتىزىمغا كىچىك بالىنىڭ سۈيدىكىنى تىزىغا ئاققۇزسا بۇلىدۇ.
36.قاپاقنىڭ ئىچىدىكى تىرپىنى سۇدا قاينىتىپ،قاپاقتىكى سۇدا يۇيۇنسا چىچەكتىن قالغان داغنى يۇقاتقىلى بۇلىدۇ.
37.كۆك يۆتەلنى قارا ئەتلىك تۇخۇنىڭ تېرىسىنى دۈمبىسىگە چاپلىسا ساقىيىدۇ.
38.بوغۇز ئىشىقىغا شاپىلاق گۈلنى يېرىپ،گالنىڭ ئاغرىغان يېرىگە چاپلاپ بەرسە ساقىيىدۇ.
39.ئىلغا بولغاندا پىيانى چاناپ سۈرۈپ بەرسە ساقىيىدۇ.
40.ئىلغا بولغاندا يۇمغاق سۈت بىلەن شوخلىنى توغراپ دۈمبىگە چاپلىسا ناھايتى تېز ساقىيىدۇ.
41.چامغۇرنى كۆپ يېسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ.
42.ئۈژمە دەرخىنىڭ يىلتىزىنى چىشلىسە چىش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.
43.ئۆتىكى تاشنى بوينىڭ ئۇرۇقىنى يېيىش ئارقىلىق چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
44.كۆك يۆتەلنى نەشپۈتنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ،ناۋات سېلىپ قاتقاندا دۈملەپ يېسە پايدا قىلىدۇ.
45.داغلارنى سەپكۈنى يېڭى يەڭگىگەن ئانىنىڭ سۈتىنى سۈرۈتۈپ بەرسە داغلار چۈشۈپ كېتىدۇ.
46.بانان،ئۇن ،سۈتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى مەلھەم شەكلىگە كەلتۈرۈپ يۈزگە چاپلاپ بەرسە داغلار،سەپكۈنلەر چۈشۈپ كېتىدۇ.
47.ئۈژمىنىڭ يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە سۈرگە دورىسى بولىدۇ.
48.ئانگىناسى ياكى گال ئاغرىقى بار بالىلار پالاكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ بىر قۇشۇق شېكەر قۇشۇپ سۈيىنى ئىچسە پايدا قىلىدۇ.
49.كۆك يۆتەل بولسا«كۆك ئىنەك»نىڭ سۈتىنى ئىچسە پايدا قىلىدۇ.
50. 7-8تال چىلان بىلەن بىر قۇشۇق ھەسەلنى قايناقسۇ بىلەن بىللە ئىچسە قان ئايلىنىش راۋاجلىنىدۇ.
51.بوغۇزى ئىشىپ قالغاندا قوش كېزەك تۇغقان ئاياللار بوغۇزى ئىشىپ قالغۇچى كاپسىدا يېرىپ بەرسە.ئۈچ كۈن ئۇدا كاپسىدا«ئىمدىمىش»دەپ تەككۈزۈپ قويسا تېزلا ساقىيىدۇ.
52.بېشى ئاغرىسا پىياز سوۋۇتۇپ قان تۇمۇرلار ئېچلىپ باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ.
53.ئۆت،بۆرەك ئاغرىيدىغان ئادەم قاپاقتا مانتا ئېتىپ يېسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
ئەسكەرتىش:دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئەل ئارىسىدا بۈگۈنمۇ قوللىنلىۋاتقان تىبابەت ساۋاتلىرىنى رەتلىگەن ئىدىم.بۇلارنىڭ قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە مەنمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن،ئەمما ئائىلىلەردە داۋاملىق قوللىنىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر قىلغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار بۇنى ئىشەنچلىك رېتسىپ دەپ قارىدى.تورداشلاردىن بۇخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،كېسەللىكىدە ياخشى ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە،مېنىڭدىن شىپا قىلمىغانلىقى ھەققىدە دەۋا-دەستۇر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن...

tawpek 2010-11-04 23:40
54. ئۈژمە يوپورمىقىنى يۇيىۋىتىپ كۆز ئۈستىگە قويوپ يىتىپ بەرسە كۆزنى رۇشەنلەشتۈرىدۇ.
55.قاپاق تىرەكنىڭ غولىنى چاناپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە رىماتىزىمغا پايدا قىلىدۇ.
56.سىرىق سۆگەتنىڭ يوپورمىقى بىلەن نان جىگدىسىنىڭ يوپورمىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇيىۋېتىپ ئورىنىپ ياتسا بەدەندىكى زەھەرنى تارتىدۇ. يەنى بەدەن ئېغىرلىق ھەرىكەت قولايسىزلىققا شىپا بولىدۇ.
57.تەلۋە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە رىماتىزىمغا پايدا قىلىدۇ.
58. سېرىق ئوتنى سۇغا چىلاپ ئىچسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ قاننى تازىلايدۇ.   تىبابەتتىكى ئەفتىمۇن   دېگىنى شۇ.
59. جىگدىنىڭ قوۋزىقىنى قاينىتىپ ئىچسە ئاياللار كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.


110 ياشلىق تىۋىپ ئاغىنەمنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىدىن شۇ تاپتا مۇشۇلار ئېسىمگە كەلدى.

koksangun 2010-11-05 00:00
داۋام قىلايلىچۇ،نېمە دېگەن ياخشى بىلىملەر بۇ.يوللانمام بىر ياخشى قامۇسقا باشلىنىش بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ،تەۋپىق.

yingiyoloqi 2010-11-05 13:51
دىگىنىڭىز كەلسۇن . داۋامىغا تەشنامەن .

tawpek 2010-11-05 22:04
نەقىل
引用第2楼koksangun于2010-11-05 00:00发表的 :
داۋام قىلايلىچۇ،نېمە دېگەن ياخشى بىلىملەر بۇ.يوللانمام بىر ياخشى قامۇسقا باشلىنىش بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ،تەۋپىق.

ئىنكاسقا يوشورغان مەخسىتىمنى دەل جايىدا چۈشىنىپسىز.ئەگەر بۇ تىخى ۋۇجۇتقا چىقمىغان ئىش بوپ قالسا ..........

yadekar 2010-11-06 23:30
60. ئەگەر زۇكامداپ قالسىڭىز سوغوق زۇكام بولسا بىر تال خام تۇخۇمنى چىقىپ ئازراق شىكەر ئارلاشتۇرۇپ بىر-ئىكىكى قىتىم ئىچىپ بەرسىڭىز  دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرىسىز
61. ئىسسىق زۇكام بولسىڭىز بىر پىيالە سىركىگە ( يەرلىكتە كىشىلەرنىڭ توڭ ئۈزۈمنى سىقىپ تەييارلىۋالغان شەربىتى) بىر تال قەنىتنى ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

tawpek 2010-11-07 22:05
62. ئىسسىقىڭىز ئىشىپ قوقاق بوپ قالسىڭىز سىركە ئىچىپ بەرسىڭىز قوقاقنى ياندۇردۇ.
63. قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ كەتسە مارجان شوخلىنى پىشانىڭىزگە چاپسىڭىز قىزىتمىڭىز يانىدۇ.
64. قىزىپ قالسىىڭىز بەدىنىڭىزگە سىركىنى پۈركۈپ بەرسىڭىز يانىدۇ.

koksangun 2010-11-07 23:09
ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ،توپلاپ قويۇۋاتىمەن جۇمۇ! قېنى،داۋاملىق،مەرھەمىتىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...

arzu 2010-11-07 23:13
65.  جىگدىدىن بىرنەچچە تال يېسىڭىز ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
66. قوناق پۆپىكىنى قاينىتىپ ئىچسە، ئاياللارنىڭ ...... كىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
67. زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ئىچسە ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


قالغىنى ئىسىمگە كەلگەندە يازاي، بەك ئالدىراپ قالدىم.

koksangun 2010-11-07 23:17
بارمۇسىز ،ئارزۇ. ئىلىنىڭ رېتسىپلىرىدىن كۆپرەك يازارسىز...

arzu 2010-11-07 23:35
مەن بار، سانغۇن ئەپەندى، تەۋپىق ئەپەندى، ھەممىڭلارغا سالام!!! ئەتىلا ئوقۇغۇچىلىرىمنى رېتسىپ توپلاشقا سالاي... ھى ھى ھى........  

tawpek 2011-07-14 15:06
ئىغىز قۇرۇش نىمىنىڭ ئالامىتىدۇ، نىمە پايدا قىلىدىغاندۇ؟



دىەەندەك ئادەتتىكى كىسەللەرگە رىتسىپ توپلىسىمۇ بولغۇدەك.

koksangun 2011-07-15 00:17
[quote]引用第11楼tawpek于2011-07-14 15:06发表的 :
ئىغىز قۇرۇش نىمىنىڭ ئالامىتىدۇ، نىمە پايدا قىلىدىغاندۇ؟



ئۇسسىغانلىقنىڭ ئالامىتىمىكىن تەۋپىق ئىنىم ...

tawpek 2011-07-15 10:27
دىئاگنوز  نىمانچە توغرىدۇ، سۇ  ئىچسەم ئوڭشىلىپ قالدىم دىسە.


kokbilyartay 2011-07-15 10:46
ئۈژمە يوپۇرمىقىنى يۇيۇۋېتىپ كۆز ئۈستىگە قويۇپ بەرسە كۆزى روشەن بولىدۇ دەپ ياخشى رېتسىپنى يوللاپسىز، مەن بۇ رېتسىپنى قوللىنىپ باقسام بولغۇدەك،  راست گەپنى قىلسام كۆزەينەك تاقاشتىن بىزار بولۇپ كېتىمەن بەزىدە. كۆز ئوپراتسىيسى قىلىشتىن قورقىمەن. بۇ ئاددىي رىتسىپنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنىمى باردۇ؟
68. يېڭى ئۆلتۈرۈلگەن قوينىڭ جىگىرىنى دەرھال نېپىز قىلىپ پارچىلاپ كۆز ئۈستىگە چاپلاپ بەرسە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىىنى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، ئاندىن شۇ جىگەرنى قورۇپ يىسە (90%) ئەتراپىدا قورۇپ يىسە كۆزگە شىپا بولىدىكەن .

tawpek 2011-07-15 10:55
كۆز ئەينىكىڭىزنىڭ گىرادىسى   300  دىن تۆۋەن بولسا شىنقاڭ ھەربى رايۇن دوختۇرخانىسىدا فۇكۇسنى تەڭشەتسىڭىز ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايمىش، يۇقىرى بوپ  قالسا سەل خەتەرلىك دەيدۇ.

يىراقنى كۆرمەيدىغان كۆز بولسا.

ماڭىمۇ 200  ەىرادۇسلۇق ئەينەك تاقاۋاتقىلى 10  يىلدىن ئاشتى.كۆز مۇسكىللىرىڭىزنى ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ.


查看完整版本: [-- ئەل ئارىسى تىبابەت بىلىملىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.197524 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us