查看完整版本: [-- ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قانۇن-نىزاملار -> ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2013-08-12 11:33

ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى

ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
   1 – ماددا بۇ نىزام ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
   2 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئوقۇلبۇس مۇشۇ نىزام بويىچە ئىشلىتىش ئىجازىتى ئالغان، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە ئىشلىتىلىدىغان، يەتتە كىشىلىكتىن ئارتۇق يولۇچى ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ.
   باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان ئوقۇلبۇس دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە ئىشلەنگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خاس ئوقۇلبۇسى بولۇشى كېرەك.
   3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ ۋە تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشى ياكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشىدىكى قاتناش خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلغان مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىش، تەڭشەشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەردىن تولۇق پىكىر ئېلىش كېرەك.
   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ئاممىۋى قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، مۇۋاپىق پىلانلىشى، ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ۋە بېكىتى تەسىس قىلىپ ۋە ئۇنى تەڭشەپ، ئاپتوبۇس بىلەن مەكتەپكە بېرىپ – كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
   يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان، ئاممىۋى قاتناش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ – كېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدىغان يېزىلاردا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
   دۆلەت كۆپ خىل يوللار بىلەن ئوقۇلبۇس خىراجىتى غەملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە مالىيەدىن ياردەم بېرىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، جەمئىيەتتىكىلەرنى ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇلبۇسنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ – ئەكىلىشىگە مەدەت بېرىدۇ. ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتىنى قوللاشقا كېرەكلىك مالىيە مەبلىغىنى مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيە تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى چىقىرىدۇ. ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتىنى قوللايدىغان باج ئېتىبار چارىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن باج باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
   4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش – تىرانسپورت شۇنىڭدەك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۈپەت نازارەتچىلىكى بويىچە پىرىيوم – كارانتىن قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ– چوڭ ئىشلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.
   5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇلبۇس مۇلازىمەت لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ.
   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش – تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ نىزام شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
   6 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئەرزان، قولايلىق بولۇش تەلىپى بويىچە، دۆلەتنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىدۇ.
   ئوقۇلبۇس ئىشلەيدىغان كارخانىلار مەھسۇلات سۈپىتى كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەيدىغان (جۈملىدىن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىدىغان، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىرىنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىقى، ساتماسلىقى كېرەك.
   7 – ماددا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھە ئوقۇلبۇسنىڭ قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەر قاتنىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
   8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ۋە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش – تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى پاش قىلىش تېلېفونى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تور سۇپىسى بەرپا قىلىپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
   پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق دەرھال قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى؛ شۇ تارماقنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغان پاش قىلىش مەلۇماتىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
   2 – باب مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار
   9 – ماددا مەكتەپلەر ئوقۇلبۇس سەپلىسە بولىدۇ. قانۇن بويىچە قۇرۇلغان يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت كارخانىسى، شەھەر ئاممىۋى قاتناش كارخانىسى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرغان ئوقۇلبۇس تىجارەت ئورنى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.
   ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ باشقۇرۇش چارىسى چىقىرىپ، يولۇچى تىرانسپورت تىجارەت ئىجازىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن يەككە تىجارەتچىلەرنى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.
   10 – ماددا ئوقۇلبۇس سەپلىگەن مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى قويۇپ، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەرگە قەرەللىك ھالدا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەرنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملار شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇلبۇستىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
   11 – ماددا ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغاندا، مەكتەپلەر ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار بىلەن ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇلبۇسنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
   مەكتەپلەر ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
   12 – ماددا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىگە قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرۇشتىكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى ۋە ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىشى ھەمدە ئۇلارنى ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرىغا قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك.
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەكتەپنىڭ ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەسىيلىرى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىدە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىشىنى رەت قىلىشى كېرەك.
   13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشىغا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىشى، ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەكتەپلەرنى قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشكە تەشكىللىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەكتەپلەردە قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشى كېرەك.
   3 – باب ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتى
   14 – ماددا ئوقۇلبۇس ئىشلىتىشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجازەت ئېلىش كېرەك.
   ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازىتى ئېلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
   (1) قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتى بولۇش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقان بولۇش؛
   (2) ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەيدىگۈچى بولۇش؛
   (3) ئوقۇلبۇسنىڭ مېڭىش لىنىيەسى، مېڭىش ۋاقتى، توختايدىغان بېكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق لايىھەسى بولۇش؛
   (4) مۇكەممەل بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛
   (5) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توشۇغۇچىلار جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتقان بولۇش.
   15 – ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇسنى ئىشلىتىش ئىجازىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يازما ئىلتىماسنى ۋە مۇشۇ نىزامنىڭ 14 – ماددىسىدىكى شەرتكە توشىدىغانلىق ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئىش كۈنى ئىچىدە، تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، قاتناش – تىرانسپورت تارمىقىغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى ئۈچ ئىش كۈنى ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قايتما جاۋاب ئالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈش پىكرى تەييارلاپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللىشى كېرەك. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى بېرىشى ھەمدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىگە ئوقۇلبۇسنىڭ تىپى ۋە ئولتۇرىدىغان ئادەم سانىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك؛ تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
   16 – ماددا ئوقۇلبۇسنىڭ بەلگە تاختىسىغا شۇ ئاپتوموبىلنىڭ نومۇرى، ئىگىسى، ھەيدىگۈچىسى، لىنىيەسى، مېڭىش ۋاقتى، توختايدىغان بېكىتى شۇنىڭدەك ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسىنى بەرگەن ئورۇن، كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق ئىشلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
   17 – ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسىگە بىرلىككە كەلگەن ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى ۋە توختىتىش بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.
ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى سالماي يولغا چىققاندا، ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى، ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى ۋە توختىتىش بەلگىسى ئىشلەتسە بولمايدۇ.
   18 – ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئالمىغان قاتناش ۋاسىتىسىدا ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
   19 – ماددا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى ئالغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى ئوقۇلبۇس قىلىنمايدىغانلىرىنىڭ بەلگە تاختىسىنى مەكتەپلەر ياكى ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
   20 – ماددا ئوقۇلبۇسنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك.
   21 – ماددا ئوقۇلبۇستا ئېھتىيات بولقىسى، پاراشوكلۇق ئوت ئۆچۈرگۈچ، قۇتقۇزۇش ساندۇقى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى بولۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسىنى قولايلىق ئورۇنغا قويۇش ھەمدە ساق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئوقۇلبۇسقا مۇساپە خاتىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمرا ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش كېرەك.
   22 – ماددا ئوقۇلبۇس بار مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ، بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇلبۇسنىڭ ساق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە يەتمەيدىغان ئوقۇلبۇسنى توختىتىپ رېمونت قىلىشى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.
   ئوقۇلبۇسنى قانۇن بويىچە مۇناسىپ ساپاغا ئېرىشكەن رېمونت كارخانىسىغا رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇلبۇس رېمونت قىلىدىغان كارخانا ئوقۇلبۇسنى بەلگىلەنگەن تېخنىكا قائىدىسى بويىچە رېمونت قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەن قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، رېمونت قىلىدىغان ئوقۇلبۇسنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى بېكىتىپ، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە ئوقۇلبۇسنىڭ رېمونت سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
   4 – باب ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر
   23 – ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.
   ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشقان بولۇشى كېرەك:
   (1) مۇناسىپ تىپتىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان بولۇشى ھەمدە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ھەيدەش تارىخىغا ئىگە بولۇش، يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى، 60 ياشتىن تۆۋەن بولۇش؛
   (2) يېقىنقى ئۇدا ئۈچ قېتىملىق نومۇر تارتىش دەۋرىيلىكىدە نومۇرى تولۇق تارتىلمىغان بولۇش؛
   (3) ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش ياكى ئېغىر يارىلاندۇرۇشتەك قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى خاتىرىسى بولماسلىق؛
   (4) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش ياكى مەست ھەيدەش خاتىرىسى بولماسلىق، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى نورمىدىن، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى بولماسلىق؛
   (5) جىنايەت خاتىرىسى بولماسلىق؛
   (6) جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ساغلام بولۇش، يۇقۇملۇق كېسىلى بولماسلىق، ئاپتوموبىلنى بىخەتەر ھەيدەشكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تۇتقاقلىق كېسىلى، روھىي كېسەل تارىخى بولماسلىق، ھاراقكەشلىك، زەھەركەشلىك خاتىرىسى بولماسلىق.
   24 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يازما ئىلتىماسىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ نىزامنىڭ 23 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىق ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى، شەرتكە توشىدىغانلىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئوقۇلبۇس ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىغا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
    25 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئوقۇلبۇس ھەيدىسە بولمايدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەردىن ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىرىنى ئوقۇلبۇس ھەيدەشكە تەكلىپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
   26 – ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر ھەر يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.
   27 – ماددا ئوقۇلبۇس ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش قائىدىسى ۋە ھەيدەش قائىدىسى بويىچە، بىخەتەر، مەدەنىي يول يۈرۈشى كېرەك.
   5 – باب ئوقۇلبۇسنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى
   28 – ماددا ئوقۇلبۇس ئىمكانقەدەر جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، قىياغا، سۇغا يېقىن خەتەرلىك يوللاردا ماڭماسلىق كېرەك؛ زادى ئامال بولمىسا، يول ياكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ئورۇنلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغان خەتەرلىك بۆلەكلەرگە ئۆلچەم بويىچە بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەسى، سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسى، ئاگاھ بەلگە تاختىسى ئورنىتىشى كېرەك.
   29 – ماددا ئوقۇلبۇس ئۆتىدىغان يولدا بىخەتەر يۈرۈش شەرتىگە توشمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى قاتناش بىخەتەرلىكى يۇشۇرۇن خەۋپى بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى يولنىڭ بىخەتەر يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك.
   30 – ماددا ئوقۇلبۇستا ئوقۇغۇچى توشۇغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن جايغا ئوقۇلبۇس بەلگە تاختىسى قويۇش، ئوقۇلبۇس بەلگە چىرىغى يېقىش كېرەك.
   ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى توشۇغاندا، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن لىنىيەدە مېڭىش كېرەك، قاتناش قامال قىلىنغان، يولدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەت، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ياكى چوڭ قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.
   31 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئوقۇلبۇس لىنىيەسىنىڭ قاتناش تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا، قاتناش ساقچىسى ئوقۇغۇچى توشىغان ئوقۇلبۇسنى ئالدىن ماڭدۇرۇشى كېرەك.
   ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچى توشىغاندا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس يولىدا شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ مېڭىشى رۇخسەت قىلىنغان يولدا ماڭسا بولىدۇ.
   32 – ماددا ئوقۇلبۇس ئوقۇغۇچىلارنى چىقارغان – چۈشۈرگەندە، ئوقۇلبۇس بېكىتىدە توختىشى كېرەك؛ ئوقۇلبۇس بېكىتى يوق يولدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە توختىسا بولىدۇ.
   يول ياكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ئورۇنلىرى ئوقۇلبۇس بېكىتىگە بەلگە تاختىسى ۋە ئوقۇلبۇس بېكىتى تاختىسىنى ئۆلچەم بويىچە ئورنىتىشى، ئوقۇلبۇس بېكەت سىزىقى سىزىشى كېرەك.
   33 – ماددا ئوقۇلبۇس يولدا ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىپ – چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، يولنىڭ ئوڭ چېتىدە توختىشى، بىخەتەرلىك سىگنال چىرىغىنى ياندۇرۇشى، ئاپتوموبىل توختاش بەلگىسىنى ئېچىۋېتىشى كېرەك. ئوقۇلبۇس ئوخشاش يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ماڭىدىغان يولدا توختىغاندا، كەينىدىكى ئاپتوموبىللار توختاپ تۇرۇشى، ياندىماسلىقى كېرەك. ئوقۇلبۇس ئوخشاش يۆنىلىشتىكى ئىككىدىن ئارتۇق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا توختىغاندا، ئوقۇلبۇس توختىغان يولنىڭ كەينىدىكى ۋە قوشنا يولدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ تۇرۇشى، باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى كېرەك. ئوقۇلبۇسنىڭ كەينىدە توختىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سىگنال بېرىپ ياكى چىراغ يېقىپ ئوقۇلبۇسنى ئالدىراتسا بولمايدۇ.
    34 – ماددا ئوقۇلبۇسقا سالغان ئادەم سانى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ.
   مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئوقۇلبۇسنى ھەيدىگۈچىدىن نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشنى، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
   35 – ماددا ئوقۇغۇچى سالغان ئوقۇلبۇسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىردىن، باشقا يولدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
----------------------
مەنبە:http://uy.ts.cn/homepage/content/2013-08/12/content_296784.htm


查看完整版本: [-- ئوقۇلبۇس بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled