查看完整版本: [-- مۇكاپاتلىق تېپىشماقلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> مۇكاپاتلىق تېپىشماقلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

لاچىن 2013-08-06 21:32

مۇكاپاتلىق تېپىشماقلار

   مۇكاپاتلىق تېپىشماقلار                    
B e0ND2oo  
    1- بىر دۆۋلەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر مەھكۇمنىڭ ئالدىغا سېرىق، قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئۈچ قۇتا قۇيۇپ شۇنداق دەپتۇ، fUA uqfj[  
    - بۇ قۇتىلارنىڭ ئۈستىگە يېزىغلىق خەتلەر بار. ئەمما ئۇ خەتلەرنىڭ مەزمۇنى خاتا يېزىلغان. ئۇ قۇتۇلارنىڭ بىرسىنىڭ ئىچىدە بىر ئالتۇن ئاچقۇچ بار. ئەگەر سەن شۇ قۇتىنى تاپالىساڭ سېنى ئۆلتۈرمەي ئازات قىلىۋاتىمىز دەپتۇ. vkEiOFU!u  
    قىزىل قۇتىدا،- ئالتۇن ئاچقۇچ مۇشۇ قۇتىدا، كۆك قۇتىنىڭ ئۈستىدە، سېرىق قۇتا قۇرۇق، سېرىق قۇتىدا بولسا، بۇ يەردە يىلان بار دەپ يېزىلغان ئىكەن. قېنى ئېيتىڭلارچۇ بۇ مەھكۇمغا ياردەم قىلىپ، ئالتۇن ئاچقۇچنى تېپىشىپ بىرەلەمسىلەر؟
.
    2- ياسسىغان ساتار، ئالغان ئىشلەتمەس، ئىشلەتكەن كۆرمەس. قېنى ئېيتىڭلارچۇ، بۇ نىمە؟
   
3- ئۈچ كىشى كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكچى بوپتۇ. كۆۋرۈك ئۇزۇن ۋە ئىگىز بولۇپ، سۇمۇ ئۇلۇق ئىكەن. بۇلاردىن بىرسى كۆۋرۈكتىن مېڭىپ ئۆتۈپتۇ. ئىككىنجىسى ماڭمايلا ئۆتۈپتۇ. ئۈچۈنجىسى كۆۋرۈكتىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرمەي ئۆتۈپتۇ. بۇلار قانداق ئۆتتى.
   
4- بىرتوپ قۇشقاچ كېلىپتۇ،  [R^i F  
        چىغ ئۈستىگە قۇنۇپتۇ. ORJIo  
        بىردىن قونسا ئېشىپ قېپتۇ بىر قۇچقاچ، `n @*{J8  
        ئىككىدىن قونسا ئېشىپ قېپتۇ بىرتال چىغ. /)}q Xx&  
       چىغ قانچە، قۇشقاچ قانچە؟
.
    بۇ تېپىشماقلارنى باشتا كىم تاپالىسا ھەر بىرسى ئۈچۈن 20 تەۋپىق دوللىرى مۇكاپات بىرىمەن. ۋاقتى 3 كۈن.

yaxar 2013-08-07 00:17
1- ئالتۇن ئاچقۇچ سىرىق قۇتىدا، چۈنكى قۇتىلارنىڭ ئۈستىگە يىزىلغان مەزمۇنلار خاتا بولۇپ، قىزىل قۇتىغا - ئالتۇن ئاچقۇچ مۇشۇ قۇتىدا دەپ يىزىلغا بولۇپ، بۇ مەزمۇن خاتا، كۆك قۇتىنىڭ ئۈستىدە، سېرىق قۇتا قۇرۇق دەپ يىزىلغا بولۇپ، بۇ مەزمۇنمۇ خاتا، سېرىق قۇتىدا بولسا، بۇ يەردە يىلان بار دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنمۇ خاتا، مۇشۇ بويىچە بولغاندا  ئالتۇن ئاچقۇچ سىرىق قۇتىدا بولۇشقا تىگىشلىك. O7-mT8o  
2- كىپەنلىك، كىپەنلىكنى ياسسىغان كىشى ساتىدۇ، ئالغان كىشى ئىشلەتمەيدۇ، ئىشلەتكەن كىشى كۆرمەيدۇ، شۇڭا بۇ نەرسە دەل كىپەنلىك. /'l{E  
3- كۆۋرۈكتىن ئۆتكەن كىشى بالا كۆتۈرىۋالغان ئىغىرئاياق ئايال، ئىغىرئاياق ئايال قۇچاقتىكى بالىسىنى كۆتۈرۈپ كۆۋرۈكتىن مىڭىپ ئۆتكەن، قۇچاقتىكى بالا ماڭمايلا ئۆتكەن، قورساقتىكى بالا كۆۋرۈكتى ئۆتكىنىنى كۆرمەيلا ئۆتكەن. w[zje rH3  
4- بىرتوپ قۇشقاچ كېلىپتۇ، QkEvw<  
        چىغ ئۈستىگە قۇنۇپتۇ. :8=ikwQ  
        بىردىن قونسا ئېشىپ قېپتۇ بىر قۇچقاچ، [!HEQ8 2g  
        ئىككىدىن قونسا ئېشىپ قېپتۇ بىرتال چىغ. Wu c S:8#|  
       چىغ 3 تال، قۇشقاچ 4 دانە.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-07 17:52
مەنمۇ ياشارنىڭكىگە قوشۇلىمەن.

alga~nap 2013-08-07 19:37
بىرىنچىسىنى مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ شۇنداق . بىراق ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىسىنى پەقەتلا ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىدىم.

لاچىن 2013-08-10 08:07
    بۇ تېپىشماقلارنىڭ جاۋابى Q>/C*@  
?"zY" *>4  
1- قىزىل قۇتىغا ئالتۇن ئاچقۇچ بۇيەردە دەپ يازغان ئىكەن، دىمېككى بۇيەردە يوق. كۆك قۇتىنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇتا  قۇرۇق دەپ يازغان ئىكەن، دېمەككى قۇتا قۇرۇق ئەمەس. ئالتۇن ئاچقۇچ ياكى يىلان بار. سېرىق قۇتىغا، بۇ يەردە يىلان بار دەپ يازغان ئىكەن، دېمەككى يىلان يوق. ئالتۇن ئاچقۇچ مۇشۇ سېرىق قۇتىدا. vJ\pR~?  
2- توغرا جاۋاپ، تاۋۇت. چۈنكى سۆز تۇقىغان ئەمەس ياسسىغان دەپ كەلگەن. {.Z}5K  
3- قۇچىقىدا بالىسى بار، ئېغىر ئاياق ئايال. = QQ5f5\l  
4- چىغ ئۈچ، قۇشقاچ تۆت. wNQ*t-K  
    شۇنداق قىلىپ، 1- ئىنكاس يازغان ئەزا (ئىسمىنى تاپالمىدىم. مەنمۇ ئىنكاس يازسام ئىسمىم كۆرۈنمەيدۇ. قارا تۇلپار  ياشار دەپتۇ) بۇ تېپىشماقلاردىن 3 نى توغرا تاپالىغانلىقى ئۈچۈن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەندىن 1- ئىنكاس يازغۇچى دوستىمىزغا مۇكاپات قىلىپ 60 تەۋپىق دوللىرى ئېلىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ?CC"Yij  
چۈنكى مەن قانداق قىلىشنى بىلمەيمەن. 9AxCiT.  
     ms!ref4`+  
چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن.  

yaxar 2013-08-13 12:18
2- تىپىشماقنىڭ جاۋابى كىپەنلىك دىگەندە چىڭ تۇرىمەن، بۇ تىپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاۋۇت دىسەك توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇيغۇرلاردا تاۋۇت سىتىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ھەر بىر مەچىتتە بىردىن بولسىلا بولىدىغان نەرسە.

لاچىن 2013-08-13 22:51
    مېنى ئېيىپكە بۇيرىماڭ. بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئەسلى مەنبەدە تاۋۇت دەپتۇ. بۇ بىزنىڭ تېپىشماقلار ئەمەس. (4- سىدىن باشقا) دېمەككى ئۇلاردا تاۋۇت ياساپ ساتىدىغان كىشىلەر بولسا كېرەك.


查看完整版本: [-- مۇكاپاتلىق تېپىشماقلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled