ئەنۋەرچەرچەن |
2013-08-06 17:55 |
تولۇق 1-يىللىق خىمىيە مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇئالى
2009-2010-ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۈم تولۇق 1-يىللىق خىمىيە مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇئالى ئىسىم-فامىلىسى ــــــــــــــــــــــ تولۇق 1-يىللىق -سىنىپ -نومۇر Ⅰتاللاش سۇئاللىرى(ھەربىر تارماق سۇئالدا مەسىلىنىڭ مەنىسىگە ماس كېلىدىغان بىرلا توغرا جاۋاپ بار ،شۇ جاۋاپنى تاللاپ تۆۋەندىكى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ.60=3×20 نومۇر بېرىلىدۇ) سۇئال 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 جاۋاپ 1.يود ئېلېمىنتىنىڭ يادرو زەرەت سانى 53 ئىكەنلىكى مەلۇم،I غا مۇناسىۋەتلىكتىن توغرىسى A.ئۇنىڭ يادروسى سىرتىدا 53دانە ئېلىكتىرون بار B.ئۇنىڭ ماسسا سانى 78 C.ئۇنىڭ يادروسىدا 53دانە نىيترون بار D.ئۇنىڭ يادروسىدا 131 دانە پىروتون بار 2.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى A.كاربوننىڭ مول ماسىسى 12گىرام بولىدۇ B.مول ماسسىنىڭ بىرلىكى C.بىر كاربوننىڭ ماسىسى 12گىرام بولىدۇ D.سۇنىڭ مول ماسىسى g/mol 18بولىدۇ 3. C،N،O،F تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكى تەدرىجى ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن توغرىسى A.ئاتوم رادىئۇسى تەدرىجى چوڭلاپ بارىدۇ B.مېتاللوئىدلىقى تەدرىجى ئاجىزلاپ بارىدۇ C.گاز ھالەتتىكى ھىدرىدىنىڭ تۇراقلىقلىقى تەدرىجى كۈچىيىدۇ D.ئاددىي ماددىلىرىنىڭ ئوكسىدلاش خۇسۇىيىتى تەدرىجى ئاجىزلايدۇ 4.سۇيۇقلۇق بۆلگۈچ پەركا ئارقىلىق ئايرىشقا بولىدىغان ئەبجەش ماددا A.بېنزول بىلەن سۇ B.ئسپىرت بىلەن سۇ C.ئاتسېتات كىسلاتا بىلەن ئىسپىرت D.ئاتسېتات كىسلاتا بىلەن سۇ 5.تۆۋەندىكى ئەسۋاپلاردىن رېئاكسىيە قاچىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغىنى A.پىروبىركا B.كولبا C.ئىستاكان D.مىنزۇركا 6.تۆۋەندىكى زەررىچىلەردىن NH4+بىلەن ئوخشاش پىروتون سانى ۋە ئېلىكتىرون سانىغا ئىگە بولغىنى A.Na+ B.F- C.OH- D.H2O 7.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن تەركىبىدە پەقەت كۋالىنىتلىق باغ بولىدىغىنى A.CaCl2 B.KOH C. H2O D.NH4F 8.مىس ياپراقچىسى بىلەن سىنىك ياپراقچىسىنى ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن تۇتاشتۇرغاندىن سۇيۇق سۇلفات كىسلاتاغا چىلاپ گالۋانو باتارىيە ھاسىل قىلغاندا مىس ياپراقچىسى A.مەنپىي قۇتۇپ B.مۇسبەت قۇتۇپ C.ئانود D.كاتود 10.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن ھىدرولىزلىنىش رېئاكسىيىگە كىرىشمەيدىغىنى A.گلۇكوزا B.كىراخمال C.ياغمايلار D. ئاقسىل 11.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن بەلگىلىك شارائىتتا مېتان بىلەن رېئاكسىيىگە كىرىشىدىغىنى A.بىروملۇق سۇ B.خىلورلۇق سۇ C.ئوكسىگىن گازى D. كالىي پېرمانگىنات 12. خىمىيىۋى رېئاكسىيە ئارقىلىق بىروملۇق سۇنىمۇ ھەم كىسلاتالىق كالىي پېرمانگىنات ئېرىتمىسىنىمۇ رەڭسىزلەندۈرىدىغىنى A.بېنزول B.تۆمۈر خىلورىد C.ئېتان D. ئېتېن 13. تۆۋەندىكى ماددىلاردىن ئۆزئارا ئىزومىر بولىدىغىنى A.گلۇكوزا بىلەن كىراخمال B.ساخاروزا بىلەن سېللۇلوزا C.كىراخمال بىلەن سېللۇلوزا D. فروكتوزا بىلەن گلۇكوزا 14. تۆۋەندىكى ماددىلاردىن تەبىئىي چوڭ مولىكۇلىلىق بىرىكمىگە تەۋە بولمىغىنى A.سېللۇلوزا B.كىراخمال C.ساخاروزا D. ئاقسىل 15.تۆۋەندىكى بايانلاردىكى ئۆزگىرىشلەردىن فىزىكىۋى ئۆزگىرىشكە تەۋە بولىدىغىنى A.نېفىتنى پارچىلاش B.نېفىتنى كىراگىنكىلەش C.نېفىتنى مەيدىلەپ ھەيدەش D.كۆمۈرنى قورۇق ھەيدەش 16.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى A.ئاتوم رادىئۇسى:H<Na<Mg<Al B.ئىسسىقلىققا تۇراقلىقلىقى: HCl<H2S<PH3<NH3 C.كىسلاتالىقى:H2CO3<H3PO4<H2SiO3<HClO4 D.مېتاللوئىدلىقى:C<N<O<F 17.تۆۋەندىكى تەدبىرلەردىن چوقۇم خىمىيىۋى رېئاكسىيە سۈرئىتىنى ئارتتۇرالايدىغىنى A.رېئاكسىيلەشكۈچىلەرنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش B.تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنىلىتىش C. رېئاكسىيلەشكۈچىلەرنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش D.بېسىمنى كېمەيتىش 18.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن ئېتېن بىلەن قوشۇۋېلىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلالمايدىغىنى A.H2 B.KMnO4 C. H2O D.Br2 19.تۆۋەندىكى تەجرىبىدە رەڭ ئكزگىرىش بولمايدىغىنى A.كىراخمال ئېرىتمىسىگە سۇيۇق سۇلفات كىسلاتا تېمىتىش B.تۇخۇم ئېقىغا قويۇق نىترات كىسلاتا قوشۇش C.كىراخمال ئېرىتمىسىگە يودتىنىۇكتۇرىسى تېمىتىش D.گلۇكوزا ئېرىتمىسى بىلەن يېڭى تەييارلانغان مىس ھىدروكسىدنى قىزدۇرۇش 20.ئېتانول (CH3CH2OH)بىلەن مېتىل ئېفىر (CH3OCH3)نىڭ مۇناسىۋىتى A.ئىزومىر B.ئاللوتروف C.ئىزوتوپ D.ھومولوگ Ⅱبوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى (ھەربىر بوش ئورۇنغا 1دىن جەمئىي 21 نومۇر) 1. مېتاننىڭ مولىكۇلا فورمۇلىسى ــــــــــــ،ئېلىكتىرونلۇق فورمۇلىسى ــــــــــــــــــــ،تۈزۈلۈش فورمۇلىسى ـــــــــــــــــــ. مېتان كىسلاتالىق كالىي پېرمانگىنات ئېرىتمىسىنى ــــــــــــــــــــ 2. ئېتېن كىسلاتالىق كالىي پېرمانگىنات ئېرىتمىسىنى ـــــــــــــــــــــــ.ئېتېننىڭ كىسلاتالىق كالىي پېرمانگىنات ئېرىتمىسى بىلەن بولغان رېئاكسىيىسى ــــــــــــــــــــــــرېئاكسىيىسىگە تەۋە.ئېتېن بىروملۇق سۇنىڭ رەڭگىنى ــــــــــــــــــ.ئېتېننىڭ بىروملۇق سۇ بىلەن بولغان رېئاكسىيىسى ــــــــــــــــــــ رېئاكسىيىسىگە تەۋە بولىدۇ. 3. يېمەكلىكتىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ــــــــــــــــــ،ــــــــــــــــــ،ــــــــــــــــ ۋېتامىنلار،ئانئورگانىك تۇز ۋە سۇدىن ئىبارەت. 4. ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە ، بىر ئاساسىي گۇرۇپپىغا نىسبەتەن، يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ، ئاتوم رادىئۇسى _______________، يادرونىڭ سىرتقى قەۋەتتىكى ئېلكترونلارنى تارتىش كۈچى تەدرىجى______________لىغى ئۈچۈن، ئېلكترون بېرىۋېتىش ئىقتىدارى تەدرىجى_______________، مېتاللىقى ____________، مېتاللوئىدلىقى_______________. بىر دەۋرگە نىسبەتەن، سولدىن ئوڭغا قاراپ، ئاتوم رادىئۇسى ____________، يادرونىڭ سىرتقى قەۋەتتىكى ئېلكترونلارنى تارتىش كۈچى تەدرىجى ____________ ئۈچۈن، ئېلكترون بېرىۋېتىش ئىقتىدارى تەدرىجى_________،مېتاللىقى__________، مېتاللوئىدلىقى ــــــــــــــــــــــ. Ⅲكەلتۈرۈپ چىقىرىش سۇئاللىرى(7نومۇر) V،W،X،Y،Z بەش خىل ئېلېمىنىت بار،ئۇلارنىڭ يادرو زەرەت سانى تەرتىپ بويىچە ئارتىدۇ،ھەمدە بىردەك 20 دىن كىچىك ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە X،Zبولسا مېتال ئېلېمىنىت،Vبىلەن Z ئېلېمنىت ئاتومىنڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدە پەقەت بىر دانە ئېلىكتىرون بار؛ W بىلەن Y ئېلېمىنتى ئاتومىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئېلىكتىرون سانى ئوخشاش،ھەمدە W ئېلېمنىت ئاتومىنىڭ L قەۋىتىدىكى ئېلىكتىرون سانى K قەۋىتىدىكى ئېلىكتىرون سانىنىڭ 3 ھەسسىسىگە تەڭ؛ Xئېلېمىنىت ئاتومىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئېلىكتىرون سانى Y ئېلېمىنىت ئاتومىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئېلىكتىرون سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭ. (1) ئېلېمىنىت بەلگىسىنى يېزىڭ: Vـــــــــــــــ، Wـــــــــــــ، Xـــــــــــــ، Yــــــــــــــ، Zـــــــــــــ. (2) Z بىلەن V2W نىڭ رېئاكسىيىسىنىڭ خىمىيىۋى تەڭلىمىسىنى يېزىڭ.ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ Ⅳ.تۆۋەندىكى زەررىچىلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق فورمۇلىسىنى يېزىڭ.) 2دىن 12نومۇر ) 1. H2 2. CI2 3. H2O 4. NH3 5. NaCI 6. MgCI2
|
|