查看完整版本: [-- ئاتا-ئانامغا ئۇچۇق خەت2(ئوقۇغۇچىلار ماقالىسى ،ئەنۋەر چەرچەن) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئاتا-ئانامغا ئۇچۇق خەت2(ئوقۇغۇچىلار ماقالىسى ،ئەنۋەر چەرچەن) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-06 17:49

ئاتا-ئانامغا ئۇچۇق خەت2(ئوقۇغۇچىلار ماقالىسى ،ئەنۋەر چەرچەن)

ئىلىم –پەندە چىڭ تۇرۇپ،بىتئەتچىلىككە قارشى تۇرايلى F-=er e  
قۇربانجان ئابدۇۋېلى -J[D:P.Z  
(تولۇق 3-يىللىق 9-سىنىپ) O}KT>84M  
   ھەممىمىزگە مەلۇم ،بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىپ كۈندىن-كۈنگە روناق تاپماقتا.بۈگۈنكىدەك بەختىيار،باي-باياشات،ئىجىل-ئىناق بولغان ئىناق جەمئىيەتتە ياشىشىمىزمەيلى ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى بولسۇن ياكى يىراقتىكى ئورۇق-تۇققان ،ئەل-ئاغىنىلىرىمىز بىلەن خۇددى يۈز تۇرانە پارڭلاشقاندەك تۇرۇپ پاراڭلىشالايدىغان ،ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدىغان ،بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساق توردىكى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ،يەنە ئايرۇپىلاندىن تارتىپ،كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئېلىپ ئاي شارى قاتارلىق يەر شارىدىن باشقا پىلانىتلارغا بېرىشقىچە ئىشلىتىلىدىغان ئادەملىك ئالەم كېمىلىرىنىڭ ياساپ چىقىلىشىغىچە بولغان ئەمەلىي مىساللارنى ئېيىتپ تۈگىتەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەننىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنىڭ نامايەندىسى. 2>H\arEstR  
   ھالبۇكى،جەمىيەت شۇنداق تەرەققى قىلغىنى بىلەن يەنىلا،ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تېخىچىلا غەپلەپ ئۇيىقىسىدا ئۇخلاپ،قانۇنسىز تىرورچى ھەم بىتئەتچىلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچراپ،ئاخىر تېگى يوق ھاڭغا ئۆزىنى ئاتماقتا،ئەلۋەتتە،ئۇلارمۇ يەرشارىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانىكەن بىز ئۇلارنىڭ ناچار ئېزىقتۇرۇشلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاشۇ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشكە قاراپ تۇرساق قاملاشمايدىغۇ دەيمەن.شۇڭا ئۆزىمىزگە ھەم ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ناچار يولغا مېڭىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ھەربىر ئادەمنىڭ ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىشىگە ياردەم بېرىشتە ھەربىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن. gZPJZN/cpz  
بىز ئاتىزىمىلار بولغانكەنمىز دىنغا ئىشەنمەسلىكىمىز،خۇراپاتلىققا قارشى تۇرىشىمىز لازىم.بىزدە ھازىر نېمىنىڭ ئاق ،نېمىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ئۆتكۈر كۆز بولىشى لازىم دەپ ئويلايمەن.بىتئەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ قاراڭغۇلۇق بەزى بىر ئىدىيىسى ئېنىق،مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ،ناچار ئېزىقتۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچراپ كېتىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزىنى توسۇۋېلىپ ،ئۇلارنىڭ ئاشۇ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولماقتا. *wSl~J|ZM%  
ئۇنداقتا بىتئەت دىگەن زادى نىمە؟ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى قانچىلىك؟بىز بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولىشىمىز كېرەك؟بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.بىتئەت دىگىنىمىز،يەل گومپىسى ياكى باشقا ناملار بىلەن قورۇلۇپ،دۇنيادا يوق نەرسىلەرنى ئىلاھلاشتۇرۇپ،خۇراپاتلىقنى پەيدا قىلىش،تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ،كىشىلەرنى ئېزىقتۇرۇش،ئالداش،ئەزالىرىنى كۆپەيتىش ۋە تىزگىنلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە زىيان سالىدىغان قانۇنسىز تەشكىلات.مانا بۇ بىز ئادەتتە دەۋاتقان بىتئەتچىلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدىن ئىبارەت .بىز بىتئەتچىلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنسەكلا ئاندىن بىتئەتچىلىكنىڭ زادى قانداق ھەركەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.بىتئەتچىلىك كىشىلەر ئارىسىدا تەرەققىي قىلغانسېرى ئۇنىڭ كىشىلەرگە ،جەمىئەيتكە،ئىلىم-پەنگە،دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى شۇنچە چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. ae^xuM?7  
كىشىلەر بىتئەتچىلىكنىڭ زىيىنىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىۋېلىشى مۇمكىن.بىرىنچىدىن،بەزى كىشىلەر ئالدىنىپ بىتئەت تەشكىلاتقا كىرىپ خانىۋەيران بولىدۇ.جەمىئىيىتىمىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسىنى ناھايىتى ساغلام ،پەن مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن تولۇق قوراللانغان ،ئازدۇرۇشقا تولۇق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئەنە شۇنداق ئاز بىرقىسىم كىشىلەر بىتئەتچىلەرنىڭ يالغان ياۋىداق پىتنە ئىغۋالىرىغى ناھايىتى ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ-دە،دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ئاز-ئازدىن ئازدۇرىشىغا ،شۇلىۋېلىشىغا ئۇچرايدۇ،كېيىن ئۇلارنىڭ رەزىل ۋاستىرىلىرىمۇ مەجبۇرىي قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ،ئاخىرقى ھېساپتا ئۆزىنى،ئائىلىسىنى،ئورۇق-تۇققانلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ تۈگىمەس ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ.ئىككىنچىدىن،خۇددىي يۇقۇرىدا ئېيتقانغا ئوخشاش بىتئەتچىلەر مال-دۇنيانى تەلۋىلەرچە شۇلىۋالىدۇ،ئالدانغان نۇرغۇن كىشىلەر مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ،ئاخىرقى ھېساپتا ئائىلىسى خانىۋەيران بولىدۇ،ئۇلار ھەتتا ئاخىرى ئۆلۈم يولىغا مېڭىپ ئۆزىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىدۇ.ئۈچىنىچىدىن،بىتئەتچىلىك ساختا دىن،يەل گۇمپىسى قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئادەم ئالداپ،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ،روھىنى چۈشكۈنلەشتىرىدۇ،كەلگۈسىگە بولغان جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ.شۇڭا بىزدە ئىلىم-پەندىن ئىبارەت بىتئەتچىلىككە قارشى تۇرالايدىغان ،ئۇنىڭ ھوجۇمىدىن مۇداپىلىيىلەنەيدىغان قالقان،ئۇنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشرىسىنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر  كۆز بولىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرىدىغان ،كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى چىرىتىدىغان ھەرقانداق بىر ئىدىيە ،ھەرقانداق بىر كۈچكە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ،ئۇ خىل ناچار ئىدىيىلەرنىڭ شېرىن شىكەر،يالغان-ياۋىداق تەرغىباتلىرىنى ئاڭلىماسلىقىمىز،بىتئەتچىلىك ياكى باشقا قانۇنسىز قىلمىشلار تەسۋىرلەنگەن ھەرقانداق ماتىرىيال ۋە ھەركەتلەرگە بەزەر كۆزىمىزنى سالماسلىقىمىز،ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىمىز،ئۇنىڭدىن ھەرزامان يىراق تۇرۇپ ،ئۆزىمىزنى،ئائىلىمىزنى ،قېرىنداشلىرىمىزنى خانىۋەيران قىلىدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم.ھەمدە بىتئەت بىلەن دىننىڭ پەرقىنى ئېنىق تونۇپ،ئىنسانىيەتكە ،جەمئىيەتكە ،دۆلەت سىياسىتىگە ھەم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان بىتئەتنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشرىسىنى ،زىيىنىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ،ئۆزىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇپ،پائال ئالغا ئىلگىرلەپ،ئىلىم-پەندە چىڭ تۇرۇپ،بايرىقىمىز روشەن ھالدا بىتئەتچىلىككە قارشى تۇرۇشىمىز لازىم. W&*{j;e9%I  
$>BP}V33  
9YvMJ  
\J13rL{<  
مەنبە:ئوقۇغۇچىلىرىم ماقالىلىرى

koksangun 2013-08-08 01:37
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئەنۋەر مۇئەللىم،بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ .


查看完整版本: [-- ئاتا-ئانامغا ئۇچۇق خەت2(ئوقۇغۇچىلار ماقالىسى ،ئەنۋەر چەرچەن) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled