ئەنۋەرچەرچەن |
2013-08-06 17:35 |
سىنىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى
تولۇق 3-يىللىق9-سىنىپنىڭ سىنىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى
ھەربىر ئوقۇغۇچى قانۇن-تۈزۈم ۋە ئىجتىمائى ئەخلاققا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ئۆزىدە «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق –بەخىت، ئىتتىپاقسىزلىق، مالىمانچىلىق –ئاپەت» دىگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىشى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى قوغدىشى لازىم. 1.مەكتەپكە مەشغۇلات باشلىنىشتىن ئىلگىرى كېلىپ ، دەرسكە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش كېرەك. مەكتەپتىكى مەشغۇلات تۈگىگەن ھامان ئائىلىسىگە قايتىش، يول يۈرگەندە قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىش، موتوسىكىلىت، توكلۇق ۋەلسىپىت مىنمەسلىك كېرەك. 2 . بارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ئىتتىپاق ئىزنىكىنى تاقاپ كېلىشى كېرەك. 3.كىيىنىشى ئاددىي-ساددا،يارىشىملىق،پاكىزە، تۇرمۇشتا ئىختىساتچىل بولىشى، شەخسىي تازىلىق ۋە ئاممىۋىي تازىلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. نۆۋەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. 4. ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ياتاق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىشى كېرەك. كەچلىك مۇزاكىرىگە ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىشى، رۇخسەتسىز ھالدا ياتاقتىن ئايرىلىدىغان، باشقا جايلاردا قونۇپ قالىدىغان، باشقا ئورۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىنىلىرىنى مەكتەپ ياتىقىدا قوندۇرۇپ قالىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماسلىق كېرەك. زۆرۈر ئىشى چىقىپ قېلىپ ئائىلىسىگە بارماقچى بولسا، سىنىپ مەسئۇلىدىن رۇخسەت سوراپ، رۇخسەت سوراش ئىسپاتىنى ياتاق باشقۇرغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن قايتىش، چوڭ دەم ئېلىش، شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتا ھەممەيلەن رۇخسەت سوراش ئىسپاتىنى تولدۇرپ، ياتاق باشقۇرغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاندىن قايتىش كېرەك. ياتاق ئەسلىھەلىرىنى ياخشى ئاسراش، ياتاق تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىق، يوتقان –كۆرپىلىرىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. 5. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش قوراللىرىنى، دەرسلك كىتاپ ماتىرىياللارنى تولۇق ئېلىپ كېلىشى، دەرسكە ۋاقتىدا كىرىشى، كىچىكمەسلىكى، ھەربىر سائەتلىك دەرسكە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىشى، ئىختىيارىچە دەرس قالدۇرماسلىقى، دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇشى، ئوقۇتقۇچى سورىغان سۇئاللارغا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىگىنى ھۆرمەتلىشى، دەرس ۋاقتىدا دەرسكە مۇناسىۋەتسىز باشقا ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك. 6.مۇزاكىرىگە ۋاقتىدا كىرىش، مۇزاكىرە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىش، مۇزاكىرە ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، باشقىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، سىرتقا چىقىپ كەتمەسلىك، سىنىپنىڭ جىمجىتلىقىنى ساقلاش كېرەك. 7.ھەرقايسى پەن تاپشۇرۇقلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئورۇندىشى، مۇستەققىل ئىشلىشى، ئۆزى مىڭە ئىشلىتىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ تەھلىل قىلىشى، ساختىلىق، كۆچۈرمىكەشلىك قىلماسلىقى، تاپشۇرۇق ئىشلەشنىڭمۇ دەرسلەرنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك. 8.مەكتەپ، ياتاق، سىنىپ ئىچى –سىرتىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى ئاسرىغاندەك ئاسراش كېرەك. ئۈستەل-ئورۇندۇق، تام،ئىشىكلەرگە خەت يازماسلىق، رەسىم سىزماسلىق، جىجىماسلىق، ئىز چىقارماسلىق ھەم باشقىلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ئاڭلىق توسۇش كېرەك. 9.تورخانا، ئويۇنچۇقخانا، دىسكوخانا قاتارلىق چەكلەنگەن سورۇنلارغا بارماسلىق، مەكتەپكە تېلىفۇن، MP3, MP4 قاتارلىق مۇزىكا ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلىپ كەلمەسلىك كېرەك.
|
|