ئەنۋەرچەرچەن |
2013-08-06 17:32 |
بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى
تولۇق 2-يىللىق 9-سىنىپنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك بىخەتەرلىك ئېڭى،ئۆزىنى قوغداش ئېڭى يېتىلگەن بولىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىۋىمىزنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىشى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ،مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش،مەكتىۋىمىزنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىشىغا ھەيدەكچلىك قىلىش مەقسىتىدە بۇ مەسئۇلىيەتنامىنى ئىمزالاپ چىقتۇق. 1. مەكتەپكە تىغلىق ئەسۋاپلار ،كالتەك-توقماق،پوجاڭزا،ئاسان يانىدىغان ،ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم قاتارلىق كىشىلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلمەيمىز. 2.ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،سىنىپ ۋە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئاكتىپ بويسۇنۇپ،مەكتەپ ئىچى سىرتىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئورۇش جىدەلگە ئارىلاشمايمىز. 3. مەكتەپنىڭ قانۇن تۈزۈم توغرىسىدىكى تەربىيىلىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ،قانۇن ئېڭىمىزنى داۋاملىق يوقۇرى كۆتىرىپ ،قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قەتئىي سادىر قىلمايمىز،باشقىلانىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىشلىرىنى كۆرگەندە قەتئىي توسۇپ،ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. 4. مەكتەپنىڭ ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆز ۋە ھەركەتلەرنى قىلىمىز،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز ۋە ھەركەتلەرنى قەتئىي قىلمايمىز،ئۆزئارا ئىتتىپاقلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،ئۆزئارا ئۆگىنىش ،ئۆزئارا قوللاش ،قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەش روھىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز. 4.مەكتەپكە ۋاقتىدا كېلىمىز،مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەن ھامان ئۇدۇل ئۆيىمىزگە قايتىمىز،يول ئۈستىدە ئويناپ يۈرمەيمىز. 5.مەكتەپكە بېرىپ كېلىشتە قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىمىز.يول يۈرگەندە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ماڭىمىز،قىزىل-يېشىل چىراق ۋە ساقچىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىمىز.پىيادە ماڭغاندا پىيادىلەر يولىدىن ماڭىمىز،يولدا قاتارلىشىپ ماڭىدىغان،قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان،قوغلىشىپ،ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىپ ماڭىدىغان ئادەتنى قەتئىي تۆگىتىمىز.موتو،ماشىنا قاتارلىقلارنى ھەيدىمەيمىز.ۋېلسىپىت مىنگەندە قائىدە بويىچە مىنىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.رولنى قويۇۋېتىپ مىنىدىغان ،بىرقولدا رولىنى تۇتۇپ،بىرقولدا نەرسە كۆتىرىپ مىنمەيمىز،ماشىنا،تىراكتۇرلارغا ئېسىلمايمىز.ئاممىۋى كىرا ماشىنىلىرىغا ئولتۇرغاندا ئىشەنىچلىك ماشىنىلارغا ئولتۇرىمىز،نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان ماشىنلار ،يۈك باسقان ماشىنىلارغا ئولتۇرمايمىز. 5.مەكتەپ ئىچىدە پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشتە ئوڭ تەرەپتىن ماڭىمىز،قوغلاشمايمىز،ئىتتىرىشمەيمىز،باشقىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن يول بېرىمىز،كارىدوردا يۈگۈرمەيمىز،يۇقۇرى ئاۋازدا توۋلاشمايمىز،تىرىشىپ مەدەنىي كەيپىيات يارىتىپ،مەدەنىيەتلىك ئوقۇغۇچىلاردىن بولىمىز. 6.تەنتەربىيە دەرسلىرىدە مەشغۇلاتنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆلچەملىك ئويناپ كۈتۈلمىگەن ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. 7.ياتاقتا ياتىدىغانلار ياتاق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلىپ،ياتاق ئەسلىھەلىرىنى ياخشى ئاسراش بىلەن بىللە ،خالغانچە توك ئۇلىمايمىز،توك ئەسلىھەلىرىنى ياخشى ئاسرايمىز،توك سىملىرى يالىڭاچلىنىپ قالسا دەرھال مەسئۇل خادىملارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ئوڭشىتىمىز،ئۆزىمىز خالىغانچە تۇتمايمىز.سۇ يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز،ئەۋرەز كۆلچەكلىرىگە ئەخلەت تاشلىمايمىز.ئۆزىمىزنىڭ مال-مۈلكىگە ياخشى قارايمىز،باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالمايمىز.كارىدوردا،پەلەمپەيدە يۈگۈرۈشۈپ ئوينىمايمىز،ياتاق ئىچىدە شام ياقمايمىز.ھەپتە ئارىلىقىدا سىرتلارغا چىقمايمىز.رۇخسەتسىز ياتاقتىن ئايرىلمايمىز.رۇخسەتسىز سىرتلاردا قونۇپ قالمايمىز. سىرتتىن كەلگەنلەرنى ياتاقتا قوندۇرمايمىز. كەچلىك مۇزاكىرىگە ۋاقتىدا چىقىپ،تولۇق قاتنىشىمىز،مۇزاكىرە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىمىز.ياتاق دەرىزىسىدىن سىرتقا بىرنەرسە تاشلىمايمىز.دەرىزىدىن سىرتقا سەكرەپ چۈشمەيمىز.مەكتەپ رىشاتكىسىدىن ئاتلاپ ئۆتمەيمىز.ياتاقنى ئۆز ئۆيىمىزدەك كۆرىمىز. 8.يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى ئېنىق بولمىغان ،بۇزۇلغان،ساقلاش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن ،ئەخلەت يىمەلىكلەرنى يىمەيمىز. 9.دەريا،كۆللەرگە سۇغا چۆمۈلمەيمىز.ئائىلىدە،مەكتەپتە تىجەشلىك سۇ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. 10.ئوت ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىمىز.گاز،كۆمۈر ئىشلىتىشتە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ھەمدە گازدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ھەرۋاقىت ھۇشيار بولىمىز. 11.سىنىپ ۋە ياتاقتا باتارىيىلەرگە توك قاچىلىمايمىز.سىنىپنىڭ توك ئەسلىھەلىرىنى ياخشى ئاسرايمىز .توك سىملىرى يالىڭاچلىنىپ قالغان،توك ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان بولسا سىنىپ باشلىقى مەسئۇل بولۇپ ،ئارقا سەپ خادىملىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ دەرھال ئوڭشىتىپ،كۈتۈلمىگەن ۋەقە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. يۇقۇرقى مەسئۇلىيەتكە ھەممىمىز ئۆزىمىز مەسئۇل بولىمىز،ئەگەر يۇقۇرقى تەرەپلەرگە دىققەت قىلماي تەساددىبىي ئەھۋال چىقىپ قالسا بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىمىز ئىگە بولىمىز.
دەپ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغۇچى:
|
|