查看完整版本: [-- يانار تاغنىڭ پارتلىشى(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> يانار تاغنىڭ پارتلىشى(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-29 21:54

يانار تاغنىڭ پارتلىشى(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك)

                                        يانار تاغنىڭ پارتلىشى T51 `oZ`  
rVsJ`+L  
Du){rVY^d  
g=o4Q< #^y  
مەقسەت:قويۇق سۇلفات كىسلاتانىڭ كۈچلۈك سۇسىزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكنى ،كالىي خلوراتنىڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ،ئىسسىقلىق تەسىرىدە پارچىلىنىپ ئوكسىگىن ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش. " 2Dngw  
ئويۇن كۆرسىتىش: #R RRu2  
ئىككى ئۆسمۈر سېرىق سېغىز ،قۇم،شاخار ۋە ئوت چۆپتىن ياسالغان سۈنئىي تاغنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سەھنىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قويىدۇ.سەھنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن سېھرىگەر چىقىپ ،يانار تاغقا قىزىقسىنغام ھالدا تاماشىبىنلارغا سەزدۈرمەستىن قولىغا يۇشۇرۇۋالغان تېمىتقۇچتىكى سۇيۇقلۇقنى تاغنىڭ ئۈستىگە تېمىتىدۇ.شۇ پەيتتە يانار تاغدىن شىددەت بىلەن ئوت ئېتىلىپ چىقىپ،كۈچلۈك ئوت ئۇچقۇنلىرىنى ۋە قويۇق ئاق ئىسنى ھاسىل قىلىپ،بىرنەچچە مېتىر ئىگىزلىككە ئۆرلەيدۇھەم شىددەت بىلەن كۆيىدۇ. s"?3]P  
چۈشەندۈرۈش:ئالدى بىلەن سۈنئىي تاغنىڭ چوققىسىغا دىيامىتىرى ۋە چوڭقۇرلىقى يەتتە سانتېمىتىر كېلىدىغان يۇمىلاق تۆشۈكچە ياسىلىدۇ،ئۇنىڭ ئىچىگە تۆشۈكچىدىن بىرئاز كىچىكرەك بولغان (ئىچىگە ئارلاشما ماددا 250گىرام ئاق شىكەر،100گىرام كالي خىلورات،50گىرام ماگنىي پاراشۇكى ئارلاىشمىسى قاچىلانغان)تۆمۈر تېڭىلچە ياكى چىنە رۇمكا كۆمۈلىدۇ.تۆشۈكچە ئىچىگە قويۇق سۇلفات كىسلاتا تېمىتقاندىن كېيىن ،ساخاروزا سۇسىزلىنىپ،كۆمۈرگە ئايلىنىدۇ ھەم كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ.بۇ ئىسسىقلىقتىن كالىي خىلورات پارچىلىنىپ ئوكسىگىن ھاسىل قىلىدۇ.يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگىن ۋە ئىسسىقلىق تەسىرىدىن ماگنىي ۋە كاربون شىددەت بىلەن كۆيۈپ،ھەرخىل گاز ۋە قاتتىق قىسىملارنى تېزلىكتە كېڭەيتىپ،سۈنئىي تاغنىڭ پارتلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ws^ np  
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: W X6&oy>  
1. ئېتىلىپ چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى ئىگىز ھەم تېمپىراتۇرىسى بەك يۇقۇرى بولغاچقا ،ئويۇن پەردىدىن يىراق ھەم ئىگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن يۇقۇرى سەھنىدە كۆرسىتىلىش كېرەك.ئەگەر سەھنىنىڭ ئىگىزلىكى يار بەرمىسە دورىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. h>OfOx/{q9  
2.يانار تاغدىن ئوت ئېتىلىپ چىققاندا كۆرۈرمەنلەر يىراق تۇرۇشى كېرەك. d`nVc50  
3. قويۇق سۇلفات كىسلاتانى توغرا مەشغۇلات ئۇسۇلى بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. O-cbX/d  
4.بۇ تەجرىبىنىڭ خەتىرى بىرقەدەر چوڭ،شۇڭا كسپىي خادىملار مەشغۇلات قىلىپ،بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. DUe&r,(4O  
Ch`nDIne  
;%Z%]nIS  
مەنبە:«خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

ئايبىكە 2013-07-30 10:12
بىر قېتىملىق سېھرىگەرلىك ئويۇنىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-30 11:51
خىمىيىۋى دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى زەھەرلىك ھەم خەتەرلىك ،ئىشلەتكەندە دىققەت قىلارسىز.

ئەكبەرنىياز 2013-07-30 14:36
ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

گۈلچىمەن 2013-07-30 15:22
   مھن  بىر  سىناق  قىلىپ باقسام  بولغۇدەك.   رەھمەت  سىزگە.

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-07-30 17:10
بولىدىكەن-  جۇمۇ!     

ئايبىكە 2013-07-30 17:51
بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت يىقىۋەتتىڭىزمىكىن.


查看完整版本: [-- يانار تاغنىڭ پارتلىشى(خىمىيىۋى سېھرىگەرلىك) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled