查看完整版本: [--
توگە يىغىنىڭ شىپالىق رولى
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ساغلاملىق بىلىملىرى
->
توگە يىغىنىڭ شىپالىق رولى
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
ahmatjan
2010-07-29 23:44
توگە يىغىنىڭ شىپالىق رولى
تەبىئتى: قۇرۇق ئسسىق
خۇسۇسىيتى: يەللەرنى تارقىتىش ،پەيلەرنى چىڭىتىش،سوڭەكلەرنى چىڭىتىش،تىرىنى سىلىقلاشتۇرۇش ،جاراھەتلەرنى ساقايتىش حۇسۇسىيتىگە ئىگە.
ئشلىتىلىشى: توگە يىغى بىلەن مەقئەتنى ياغلىسا بوۋاسىر ۋە مەقئەت يىرىقىغا پايدا قىلىدۇ، يەرلىك ئوروننى ياغلىسا ھەرخىل ياما ن جاراھەتلەرگە، تىرىلەرنىڭ
يىرىلىشىغا مەنپەت قىلىدۇ.توگە يىغىنىڭ لوكۇنى مۇۋاپىق ئستىمال قىلسا ،بوۋاسىر،بالىياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىدۇ.
ئۇيغۇرجان
2010-07-29 23:47
مۇشۇ تۆگىنىڭ ئۆزىمۇ قۇملۇققا شىپاجۇما يەنا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
arzu
2010-07-30 01:03
تۆگە سۈتى قەنت سېيىش كېسىلىنىڭ شىپالىق دورىسى دەپ ئاڭلايمەنغۇ يەنە...
gulbar
2010-07-30 02:27
ئاشقازان راكى بولۇپ ئوپراتسىيە قىلىنغان ئادەم ئۇزۇن مۇددەت تۆگە سۇتىنى ئىستىمال قىلسا كىسىلى ياخشى تىز ئارىدا ياخشى بولۇپ كىتەمىش !
tawpek
2010-07-30 18:36
تاپماقمۇ ئاسان ئەمەس تىخى،
ھازىر يەنە ئىشەك سۈتى مودا بوپتۇ، ئۇ نىمىگە شىپا بولىدىغاندۇ؟
ئەمچى
2010-08-02 00:29
ئىشەك سۇتى تىبىرگىليۇز كىسەلگە شىپاقىلىدۇ
tawpek
2010-08-02 19:14
تۆگە يىغىنى كۆپ يىسە بۆرەككە تاش چۈشۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
atilla
2010-08-03 19:28
ھەممەيلەن تىۋىپ بوپ كىتىپتۇق، دە.
tawpek
2010-08-03 19:30
引用第7楼atilla于2010-08-03 19:28发表的 : ھەممەيلەن تىۋىپ بوپ كىتىپتۇق، دە.
خوتەنلىكلەر كۆپ ئوخشايمىز؟
akram
2010-08-18 13:09
بىلۋالدىم
tawpek
2011-07-14 15:14
ئىششىپ كەتكەنگىمۇ شىپا بولىدىغان ئوخشايدۇ.
kokbilyartay
2011-07-15 10:34
تۆگە يېغىنىڭ شىپاسى راست ياخشىكەن، مەن ياخشى بىلىۋالدىم، تەۋپىق ئەپەندى ئىشەك سۈتىنىڭ مودا بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشەك سۈتى دېمەيمىز، بەلكى كۆك ئىنەك سۈتى دەيمىز، ئۇ ساقايمايدىغان كېسەللىكلەرگە داۋا دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا شۇنداق يامان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار كۆك ئىنەك سۈتىنى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ئىچىدۇ.
tawpek
2011-07-15 11:00
بىزنىڭ بۇيەردە دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىغا ئىشەك سۈتى دەپ چوڭ يىزىپ يارام ئىشەكتىن بىرنىڭ سۈت چىقىرىۋاتقان يىرىنى چىقىرىپ قويوپتۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ.
ناۋاي
2012-11-15 22:35
تۆگە گۆشىنى قىزلار يىسە بولمايدۇ دەيدىغان گەپنىڭ ئاساسى بارمىدۇ؟
ئەكبەرنىياز
2012-11-20 05:18
ھەقىقەتەن ئېسىل بىلىمكەن ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!
بىر مەسىلىگە ھەيران قالدىم . بۇ تېما مۇنبەردە جەمئىي 2874قېتىم كۆرۈلۈپتۇ ، ئەمما يېزىلغان ئىنكاس 28قېتىمغىمۇ يەتمەپتۇ . ئەجىبا بۇ تېما بىرەر جۈملە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ قويۇشقىمۇ يارىمامدىغاندۇ ؟
查看完整版本: [--
توگە يىغىنىڭ شىپالىق رولى
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled