tawpek |
2013-07-25 16:49 |
تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى
B%rr}Ro1e 12. تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى }Q r0T يۈزەكى ــ چوڭقۇر ، ئەتراپلىق بولمىغان ، ئادەتتىكى ، ئاددىي :مەن ئۇنى ئاشۇنداق يۈزەكى قاراش بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە كەمسىتىپ يۈردۈم . ∥ يۈزەكى تۈزەش . tct5*.| كەزمەك ــ مېڭىپ ، ئايلىنىپ يۈرمەك ، ئارىلىماق ، زىيارەت قىلماق ، ساياھەت قىلماق : لۇتپۇللا دالىدا يۈرۈشنى ، جاڭگال - جىرالارنى كېزىشنى، تاغلارغا ، تىك چوققىلارغا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى . -=[o{r` تەسەۋۋۇر ــ ① كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازىنى ئويلاپ چىقىش : تەسەۋۋۇر قىلماق . ② سەزگۈ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ، يېڭى ئوبراز يارىتىشنىڭ پسىخولوگىيىلىك جەريانى . ③ ھېسسىي بىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەۋە بىلىش جەريانى . ئىدراك ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ ، ئىدراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ . بىلىش نەزەرىيىسىدە بەزىدە «ئوبراز» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ . qe6C|W~n پىسخولوگىيە ــ ① پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇ تەتقىقات دائىرىسى ۋە تەتقىقات ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ئومۇمىي پسىخولوگىيە ، بالىلار پسىخولوگىيىسى ، مائارىپ پسىخولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ . ② كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ، روھىي ھالىتى . w
HHF=Q سوبىيېكتىپ ــ ① بىرەر كىشىنىڭ ، شەخسنىڭ ياكى سۇبيېكتنىڭ ئۆزىگىلا خاس ، ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان ؛ شەخسىي : لوگىكا قانۇنلىرى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشى سۇبيېكتىپ ئېڭىدا ئەكس ئېتىشىدۇر . ② ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلماي ، پەقەت ئۆزىنىڭ ياكى بىرەر شەخسنىڭ بىر تەرەپلىمە، شەخسىي پىكرىگىلا ئاساسلانغان ، ئاساسلىنىدىغان، بىر تەرەپلىمە: مېنىڭچە، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پروگراممىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا بىرقەدەر ئۇيغۇن كېلىدۇ ، سۇبيېكتىپ نەرسە ئەمەس . 9HNh*Gc= پەيلاسوپ ــ ① پەلسەپە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى؛ پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى . ② دانالارچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان كىشى : ئۇ بۈگۈن كىشىنى ھاڭتاڭ قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە پەيلاسوپ بولۇپ كەتكەنىدى . mam5G!$ ئورگان ــ ① ئادەم، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇمەن جانلىق ئورگانىزملارنىڭ مەلۇم بىر فۇنكسىيىنى بېجىرىدىغان قىسمى؛ ئەزا : سېزىش ئورگىنى . ئاڭلاش ئورگىنى . ② بىرەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىدىغان مۇئەسسەسە ، تەشكىلات ؛ ئىش بېجىرگۈچى تارماق ؛ ئىدارە : مەمۇرىي ئورگان . ھەربىي ئىشلار ئورگىنى . ئورگان خىزمىتى . ئورگان گېزىتى . X\p`pw$ ئىدېئالىستىك ــ ئىدېئالىزمغا دائىر ، ئىدېئالىزمغا خاس ياكى ئۇنىڭغا ئاساسلانغان : ئىدېئالىستىك پەلسەپە . ئىدېئالىستىك دۇنياقاراش . ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەر . Qk~0a?#y5 ماتېرىيالىستىك ــ ماتېرىيالىزمغا ئائىت ، ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان : ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكا . M~z(a3@[V ۋەھاكازا ــ شۇ قاتارلىق ، قاتارلىقلار : يەنە شۇ نامۇۋاپىق خىزمەت ئۇسۇلى، بۇلارنى يېپىپ تۇرغىنى زىياپەت ، سوۋغات ۋەھاكازالار ... Xs%R]KOwt ئېقىم ــ ① مەلۇم بىر تەرەپكە ئېقىۋاتقان سۇ ، سۇيۇقلۇق ، زەررىچە ، گاز ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر جەريانى : چوڭ ئېقىم . ئېلېكتر ئېقىمى . تارماق ئېقىم . ئىسسىق ئېقىم . ھاۋا ئېقىمى . سوغۇق ئېقىم . ② شۇنداق جەريان يۆنەلگەن تەرەپ ؛ يۆنىلىش : بىر كۈنى كېمە شاڭخەيدىن سۇنىڭ ئېقىمىغا قارشى مېڭىپ ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى . ③ ئىجتىمائىي پائالىيەت ، ئىلىم -پەن ، نەزەرىيە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسىدىكى يۆنىلىشى ؛ قاراش : پىكىر ئېقىمى . ئېقىم مەسىلىلىرى . سىياسىي ئېقىم . ئېقىمغا قارشى تۇرماق . Mdlt zy=)L سەھىپە ــ ① كىتاب ، گېزىت ، ژۇرنال ۋاراقلىرىنىڭ ھەربىر يۈزى ؛ بېتى : گېزىت سەھىپىسى . باش سەھىپە . ② ئۇزۇن داۋاملاشقان ياكى داۋاملىشىدىغان ھادىسە ، ھايات قاتارلىقلارنىڭ ئايرىم دەۋرى ، قىسمى : سەھىپە ئاچماق . شانلىق سەھىپە . rtYb"-& بېيىت ــ ① ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان ياكى ئېيتىلغان ئىككى مىسرالىق نەزمە . ② شۇ ژانىردا يېزىلغان شېئىرىي پارچە . 0XR;5kd% ئەزگۈلۈك ــ ياخشى ، خەيرلىك ، ساۋابلىق : چىقماي نە ئۈچۈن قۇچقىلى باغرىمنى ئېچىپ ،ئۆمرۈمگە مېنىڭ ئەزگۈ شەرەپ - شان كېلىدۇ . 3D$\y~HU قاباھەت ــ ① يارىماس، قەبىھ ئىش - ھەرىكەت؛ ياۋۇزلۇق، قەبىھلىك: بۇ دۇنيادا ئادالەت بىلەن قاباھەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىر كۈنمۇ توختاپ قالمايدۇ. ② ئىنتايىن سەت ؛ قورقۇنچلۇق، قەبىھ: نېمە بولدىكىن ئاينىسا ھويلا ئىچىدە تۇلۇق تاشتەك يۇمىلىنىپ چىرقىرايتتى، ۋارقىرايتتى، چاچلىرىنى چۇۋۇيتتى، قاباھەت تىللار بىلەن دادامغا ئېسىلاتتى. ③ ناھايىتى، قالتىس: رۇستەمى داستان شۇنداق كۈچتۈڭگۈر، مىسلىسىز يوغان ۋە قاباھەت باتۇر-پالۋان ئىدىكى ، ھەربىر قولىدا بىردىن ئىككى يوغان ئۆكۈزنى ئاسلاندەك قاماللاپ كۆتۈرۈۋېلىپ بىر- بىرىگە ئۈستۈرۈشۈپ سوقۇشتۇراتتى. *fQ?A|l!x پاساھەت ــ چىرايلىق ۋە يېقىملىق سۆزلەش قابىلىيىتى ؛ نۇتۇقنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك ھەم گۈزەللىكى: - ئوغلۇم، ئىلىم- ئەدەپتە كامىل، پاساھەت ۋە گۈزەللىك ئىگىسى ئىكەنسەن،- دەپتۇ بوۋاي مەردانغا. iJdrY6qd سائادەت ــ ① زور بەخت ، پارلاق ئىستىقبال : ئۇنى كۆرۈشنىڭ بىزگە نېسىپ بولۇشى زور سائادەتتۇر . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى .
'XP>} m زالالەت ــ توغرا يولدىن ئېزىش ، گۇمراھلىق ؛ گاڭگىراش ، قايمۇقۇش . e_I; y پاسسىپ ــ ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان ، قىزىقمايدىغان ، سۇس ، «ئاكتىپ» نىڭ ئەكسى : پاسسىپ ئادەم . پاسسىپ ئوقۇغۇچى . ② توغرا بولمىغان ، ناتوغرا ؛ ناچار ، سەلبىي : پاسسىپ ئامىل . 7,W]zKH $,; ;u:- S{^6iR
|
|