查看完整版本: [-- تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ(سۆزلەرگە ئىزاھات) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ(سۆزلەرگە ئىزاھات) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-25 13:36

تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ(سۆزلەرگە ئىزاھات)

  g|% L"-%gJ  
U|@V 74  
11. تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ D'_Bz8H!p  
ئەسئەت سۇلايمان ــ 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنۋېر سىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر.‹‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ››،‹‹تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە››، ‹‹ئۇيغۇر تۇتېم مەدەنيىتى ــ بۆرە تۇتېمى مەدەنيىتى››ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان . -YGbfd 
?KE$r~dn  
جەمئىيەت ــ ① مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك .② كىشىلەرنىڭ ئورتاق ماددىي شارائىت ئاساسىدا بىرلەشكەن توپى : جەمئىيەت كىشىلىرى . ھېچكىم جەمئىيەتكە ئارىلاشماي ، يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ . ③ بىرەر مەقسەتتە تۈزۈلگەن ئىختىيارىي بىرلەشمە ، ئىجتىمائىي تەشكىلات : يازغۇچىلار جەمئىيىتى . تەرجىمانلار جەمئىيىتى . K^[#]+nQ  
e}yX_Z'P<  
مۇئەييەن ــ ھەممىگە مەلۇم بولغان ، ئېنىق ، ئاشكارا ، بەلگىلىك : ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇئەييەن شارائىت كېرەك . (bp9Pj w  
s5&@Cxzl  
گاڭگىراش ــ  نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالماق، ئېسەنگىرىمەك، ساراسىمگە چۈشمەك، ئالاقىزادە بولماق، ھودۇقماق، تەمتىرمەك . RFaSwf,5n  
H^%lDz  
بېسىم ــ ① مەلۇم نەرسىنىڭ بىرلىك يۈزىگە چۈشكەن ئېغىرلىق كۈچى : قان بېسىمى . ② قىسىش ، ئېزىش ، زۇلۇم سېلىش : ئۇ قاتتىق بىر روھىي بېسىم پەيدا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى . ③ ئېغىر ۋەزىپە ، مەسئۇلىيەت : ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىر ئىككى خىل بېسىم ئاستىدا قىينىلاتتى . Guw}=l--YR  
`)iY}Iu  
ياتلىشىش ــ يات بولۇپ كەتمەك ، يات ھالەتكە كەلمەك ؛ يىراقلاشماق : شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەللىك يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار بىر - بىرىنى زادىلا ئىزدەشمەي ياتلىشىپ كېتىشكەنىدى . A7_4 .VH  
DOS0;^f  
مۆجىزە ــ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىش ، ھادىسە ، نەرسە : مۆجىزە ياراتماق . v X~RP *  
XN=67f$Hw  
قىلتاق ــ ① قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قىلدىن سىرتماقلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل قۇرۇلما : لاچىننى قىلتاق بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ . ② باشقىلارنى ئالداش، قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە-مىكىر، تۇزاق: قىلتاققا چۈشمەك. قىلتاققا دەسسىمەك. بۇ ھىيلىگەر ئادەملەرنىڭ بىخۇد كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان قىلتىقى . S{t+>/  
8`>h}Q$  
ئېكولوگىيە ــ ① جانلىقلار ئارىسىدىكى ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىز مۇھىت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئېكولوگىيە جانلىقلار بايلىقىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئاساسىي پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، قوشۇمچە كەسىپ ، بېلىقچىلىق ، مېدىتسىنا قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك . ② جانلىقلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتتىكى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ياشاش خۇسۇسىيىتى : جانلىقلار ئېكولوگىيىسى . GYxM0~:$k  
-&x2&WE'  
چاكاندا ــ چاكاندا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئۇششاق چاتقال . غولى ئېفېدرىن ئېلىشنىڭ خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ . چاكاندىنىڭ شىنجاڭدا توققۇز خىل تۈرى بار ، ھەممىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . bK"SKV  
EC2+`HJ"  
كېلىمات ــ مەلۇم بىر رايوننىڭ كۆپ يىللىق كۆزىتىش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىقىلغان ھاۋا رايى ئەھۋالى . ئادەتتە ئۇ ھاۋا ئېقىمى ، كەڭلىك گرادۇسى ، دېڭىز ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ۋە يەر شەكلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . 5,qj7HZF  
s^0/"j|7  
ئاۋات ــ ① گۈللەپ ياشنىغان ، راۋاج تاپقان : ئاۋات شەھەر . ② ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان؛ ئادەم زىچ ياشايدىغان ؛ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ، قايناق ، قىزىق : داستىخان مېھمان بىلەن ئاۋات (ماقال) . ③ بەزى ئىسىم ياكى ئايرىم سۈپەتلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ ، شەھەر ، قىشلاق ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ خاس ئىسىملىرىنى ياسايدۇ : قوشئاۋات . يېڭىئاۋات ... ④ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيىنىڭ نامى . K 8n4oz#z  
>_rha~   
رىۋايەت ــ مەلۇم كىشى ، نەرسە ، ئىش ياكى مەلۇم ۋەقە توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئاغزاكى ھېكايە ؛ ئەپسانە : رىۋايەت قىلماق . ,C {*s$  
&F}"Z(B 
فانتازىيە ــ جەمئىيەت تەلىپى ياكى شەخسىي ئارزۇلار ئاساسىدا ، كەلگۈسى شەيئىلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىجادىي تەسەۋۋۇر ، پەرەز ؛ خىيال : ئىلمىي فانتازىيە . فانتازىيە فىلىم . ② ئەمەلگە ئېشىشى قىيىن بولغان ياكى مۇمكىن بولمايدىغان خىيالىي ئارزۇ ، خام خىيال : فانتازىيە بولسا بولغاي سۆزلىگىنىم ، لېكىن ئىشقا ئاشار يازغان كۆزلىگىنىم . XhsTT2B   
0j(M* sl  
كولدۇرما ــ تۆگە ، ئات ، ئېشەك قاتارلىقلارغا ئاسىدىغان ، تۇچتىن ياسىلىدىغان قوڭغۇراق . _ pO`  
.d/: 30Y  
نوقۇل ــ ① يالغۇز ، پەقەت : نوقۇل پۇللا بولسا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي بىمەنە گەپ . ② تومتاق، بىر تەرەپلىمە : نوقۇل كۆزقاراش . ET];%~ ^  
)bx_;9Y{  
قانۇنىيەت ــ ① ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر باغلىنىش ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى : ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت . تەبىئىي قانۇنىيەت . ② قانۇنىي ئاساستا ، تەبىئىي رەۋىشتە ئۆز - ئۆزىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، تەبىئىي ، مۇقەررەر ئىش ، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار . $;G{Pyp  
 ; v  
سانپول ــ قەدىمكى شەھەر نامى، ھازىرقى لوپ ناھىيە سامپول يېزىسنىڭ نامى . 7j7e61 Ax  
C6_@\&OA  
يوتقان ــ قەدىمكى شەھەر نامى ، خوتەندىكى قەدىمكى خارابە . x{ }z ;yG  
)Z+{|^`kJ  
مىرەن ــ يەر نامى ، ‹‹مىرەن›› نامى بىلەن ئاتالغان ئىككى يەر نامى بار. بىرى چاقىلىق ناھىسىدىكى ‹‹مىرەن›› دەرياسى يەنە بىرى چەرچەن ناھىيىسىدىكى ‹‹قارا مىرەن دەرياسى››دىن ئىبارەت. \RQ='/H*  
(eCFWmO  
ئىدىقۇت ــ تۇرپاندىكى جاي نامى. zq5'i!s !0  
4\.V   
خارابە ــ① قارايدىغان ئادەم بولمىغان ، تاشلىۋېتىلگەن ئورۇن ؛ بۇزۇلۇپ خاراب بولغان جاي ؛ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق ئىزلار ؛ ئەسكى جاي : خارابىگە ئايلانماق . ② خاراب قىلىنغان ، ۋەيران بولغان ، خاراب ، ۋەيران ، ۋەيرانە : خارابە ئۆي . خارابە شەھەر . /W#O +  
/.5;in  
پاسسىپ ــ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە ئېتىبارسىز قارايدىغان ، قىزىقمايدىغان ، سۇس ، «ئاكتىپ» نىڭ ئەكسى : پاسسىپ ئادەم . پاسسىپ ئوقۇغۇچى . ② توغرا بولمىغان ، ناتوغرا ؛ ناچار ، سەلبىي : پاسسىپ ئامىل . x2|6   
6*GjP ;S =  
چۆل –جەزىرە ــ ئادەم ياشىمايدىغان، ئۆسۈملۈك ،دەل-دەرەخ ئۆسمىگەن، بىپايان دالا، چۆل ۋە باياۋان. ZeasYSo4P  
D1,O:+[;.  
رىقابەت ــ ئىككى ياكى بىرقانچە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پايدا - مەنپەئەت ، بازار ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىش كۈرىشى ؛ بەسلىشىش ؛ مۇسابىقە : سودا رىقابىتى . ?BCy J  
#_Ea[q7v  
مۇقەررەر ــ ① ۋۇجۇدقا كېلىشى ، يۈز بېرىشى ، ئەمەلگە ئېشىشى ئېنىق بولغان ؛ شۈبھىسىز ، تۇرغان گەپ ، چوقۇم : بىر ئەركىشى ئالداشقا باشلىسىلا ، كەينى-كەينىدىن يالغان ئېيتىشى مۇقەررەر . ② قارار تاپقان ، تايىن ؛ تۇرغۇن ھالەتكە كەلگەن : مۇقەررەر تەرتىپ . &yH#s 8^8  
~] =?b)B  
دەقىقە ــ ① سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى ، مىنۇت : ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە ، شەمشىنۇر توققۇز ئاي ، توققۇز كۈن ، توققۇز سائەت ، توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ . ② قىسقىغىنە ۋاقىت ، پەيت : مۇشۇ قىسقىغىنە دەقىقە ئىچىدە ، نېمىشقىدۇر ، قەلبىمنىڭ تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان يۈكسەك بىر تۇيغۇنى يوشۇرالمىدىم . o0;7b>Tv  
c]Unbm^w  
  F%6*Df;cSe  
5 Rz/Ri\c=  
  hN4VlNKu  
5}<[[}(  

گۈلچىن 2013-07-26 15:23
بەك ياخشى ئىزاھلىنىپتۇ.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 16:34
بەك ياخشى ئىزاھات بېرىلىپتۇ ، توپلام بولۇشقا ئازلا قالدىغۇ دەيمەن !؟ ھارمىغايسىز !!!

koksangun 2013-07-27 23:50
بۇ تولىمۇ قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپتۇ،تەۋپىق ئىنىم ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

ياسىنجان510 2013-10-26 21:19
ياخشى تەييارلىنىپتۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ياسىنجان510 2013-10-26 21:33
بەك ياخشى ئىزاھلىنىپتۇ،رەھمەت


查看完整版本: [-- تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ(سۆزلەرگە ئىزاھات) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled