كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى(سۆزلەرگە ئىزاھات)
D5@}L$u
10. كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى P*Jk 8MK#G
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ــ (1933-1995)ئالىم، پروفېسسور، ئەدىب. $hk_v~zM 26_PFHQu4 مۇقەددىمە ــ ① ئىلمىي ، ئەدەبىي ، مۇزىكا ، تىياتىر ئەسەرلىرى ۋە گەپ-سۆز ، نۇتۇق قاتارلىقلارنىڭ كىرىش قىسمى ، باشلىنىشى : كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى . مۇزىكىنىڭ مۇقەددىمىسى . ② بىرەر ئىشنىڭ بېشى ، دەسلەپكى باسقۇچى : ئەتىكى توينىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابىدىكى بۇ ئۇسسۇل سورۇنى كەچ كىرگەنچە قىزىشقا باشلىدى . b0%#=KMi W^:g_ برونزا ــ ① مىسنىڭ قوغۇشۇن ، قەلەي ، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىسى . ② شۇ قېتىشمىدىن ياسالغان تۈرلۈك قورال- جابدۇقلار . ③ (ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى) كىشىلەر برونزىدىن ياسالغان قورال - جابدۇقلارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ھەم برونزا قوراللارنى ئىشلەتكەن : برونزا دەۋرى . z"
sv,W 2)^T[zHe دەستۇر ــ ① ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما ، نىزام ، كىتاب ؛ قائىدە - قانۇنلار توپلىمى : پۈتۈلگەن دەستۇرنى ئاۋايلاپ ئاچتىم . ② تېبابەت رېتسېىپلىرى مەجمۇئەسى : سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قورساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى . %%O_:@9x, 'aZAWY d دەجلە ــ جاي نامى . (دەريا نامى) rlDJHR6 a فرات ئارىلى ــ ئارال نامى . f=MR.\ ;%i.@@:IQ مىخ يېزىق ــ قەدىمكى سومېر خەلقى ئىجاد قىلغان بىر خىل يېزىق. ئۇ مىلادىيىدىن 3500 يىل بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چىغناق-تاغاق يېزىقىدىن 2000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان. بۇ يېزىق ياغاچ، تاش ۋە خىش تاملارغا ئويۇپ يېزىلغان ، مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىياغا خېلى كەڭ تارقالغان ، بابىلۇنلۇقلار ۋە بەزى پارس ئەللىرى ئۇنى قوللانغان . مىخ يېزىق ئەسلىدىكى تەقلىدىي يېزىق شەكلىدىن بارا-بارا بوغۇملۇق يېزىققا، ئاندىن تاۋۇشلۇق يېزىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بىراق مىلادىيىدىن كېيىن بۇ يېزىقنى كىشىلەر ئانچە قوللانمايدىغان بولۇپ قالغان . x(88Y7o.t 6sRKbp|r7 ئىختىرا ــ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق؛ كەشپ، كەشپىيات، ئىجاد: ئىختىرا قىلماق. يېڭى ماشىنىلارنى ئىختىرا قىلماق.
d `+cNKf مىرزىخانا ــ مىرزىلار ئىش قىلىدىغان ئۆي ، كاتىبات ئىشخانىسى : ئوڭ تەرەپتىكى شىرەلەرگە مىرزىخانىغا لازىملىق قەلەمدان ، قەغەز ، مىكە تاشلار قويۇلغان . K_~SJbl vo DTU]pf تاش مەتبەئە ــ مىخ مەتبەئەدىن بۇرۇن ،تاشقا خەتنى ئويۇۋېلىپ سىياھ تۆكۈپ، سىياھ ئۈستىگە قەغەز قويۇپ چىقىرىلىدىغان مەتبۇئاچىلىق. R'r^v 2L_ts= خەزىنە ــ ① پۇل ، ئالتۇن - كۈمۈش ، تىللا ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار ساقلىنىدىغان مەخسۇس جاي ؛ ئامبار : بوۋاي خەزىنىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ئالتۇنلارنى ئېلىپ ، ھەممىسىنى خەلققە بۆلۈپ بېرىپتۇ . ② بىرەر شەخس ، تەشكىلات ياكى دۆلەت ئىختىيارىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملار ؛ مەبلەغ؛ بايلىق: توي - خۇدانىڭ خەزىنىسى (ماقال). گۈزەلشاھ كۆپچىلىككە ئەگەر بۇ بەسلىشىشتە يۈسۈپ غالىب كەلسە ، 40 قېچىرغا خەزىنە يۈكلەپ يۇرتىغا قايتۇراي ، - دەپتۇ . ③ مەدەنىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار : ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئاڭ - تۇيغۇ خەزىنىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقالايدىغان قىلىمەن . Q:B : L$+ap~ld كائىنات ــ يەر شارى ۋە باشقا بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكسىز بوشلۇق ؛ ئالەم : تاڭ سەھەر ، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن شەپەق نۇرى كائىناتنى قىزىللىققا پۈركىگەنىدى . IZ6[|Ach6 z_J"Qk جاھاننامە ئەينىكى ــ جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسەتكۈچى ئەينەك . `QlChxd a{6rQ ماھىيەت ــ ① بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ، تۈپ مەزمۇنى : بۇنىڭ ماھىيىتى مانا مۇشۇ يەردە . ② نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى بەلگىلىرى ، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىش ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش خاراكتېرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان باش ئامىل . #9Z*. Q[y75 [ قىياس ــ ① ئالدىن بىلىنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن مەلۇم بولمىغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش ؛ مۆلچەر ، پەرەز : ئۇكىلىرىممۇ ، بۇ كىشىمۇ مېنىڭ بۇ قىياسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاشتى . ② ئوخشاش ، تەڭ : گۈل سۈپىتى ئادەتتە ، تەقلىد ئەڭ ئېسىل تۈرگە ، يارىڭ گۈلگە ئوخشايدۇ ، ياشلىقمۇ قىياس گۈلگە . ③ كۆز ئالدىدا بولمىغان شەيئىلەرگە نىسبەتەن ، ئويلاپ چىقىرىلغان تەسىرات ، تەسەۋۋۇر : قىياس قىلماق . !R WX1Z jv]:`$}G\ قىياسەن ــ قىياسىي رەۋىشتە ، قىياس بىلەن ، قىياسقا ئاساسلىنىپ ، قىياس بويىچە : سەمەت قەمەرنىسانى قىياسەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ، بىرنەچچە قېتىم خۇشال ئىسقىرتىپ قويدى . Ng,#d`Br q7wd9 6G: ئىزاھلىغۇچى ــ تەبىر بەرگۈچى . d7u"Z5t ewk62{ روزىغار ــ ① كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدىغان ئوزۇق - تۈلۈك ، يېمەك - ئىچمەك ، ئاشلىق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر ؛ ئوزۇقلۇق : ھەبىبۇللا ھاجى روزغار تەييارلاپ تەڭ كېچە مەھەل بىلەن ئاقيول تىلەپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى . ② ئۆي - جاي ، ماكان ؛ مال - مۈلۈك ، تەئەللۇقات ، ئۆي ، بىسات : موماي ئاخىرى چوڭ نەۋرىسى روشەنگۈلنى ئېلىپ قەدىمىي روزغارىغا قايتىپ كەلگەنىدى . ③ تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك : - ئۇلارغا ئەلۋەتتە روزغار كېرەك ، - دېدى ئىمام خاتىپ تۈزلا جاۋاب بېرىپ . 2ZB'WzH.X ]RQQg,|D سۈرۈك ــ دەۋا قانۇنىدا ، دەۋا سۇبيېكتىپنىڭ ۋە باشقا ئىشتىراكچىلارنىڭ دەۋا پائالىيىتى باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ②مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن چەك بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋاقىت ، مۆھلەت ، مۇددەت : ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك بەرمەك . پادا ،توپ . \sF}NBNT@ .) B _~tct ناتىق ــ سۆزمەن ،نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارى يۇقىرى ، گەپكە ئۇستا ، گەپدان : ئۇ ناھايىتى پائالىيەتچان ، ھارماس ھەمدە ناھايىتى ناتىق ئادەم ئىدى . q'M-a tE. s%J|r{F6 كوتا ــ قىسقا ، كالتە : كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى كوتا ، كېچىسى يۈرگەن ئەرنىڭ ئۆمرى كوتا (ماقال) .
`qSNS-> _pKW($\ نۇسرەت ــ ① غەلىبە ،زەپەر : نۇسرەت قازانماق . * ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا نۇسرەت چوقۇم بىزنىڭ بولغۇدەك . ② مەدەت ، ياردەم : تالاي شىرزادىغا نۇسرەت ئاتا قىلغان قەدىم يۇرتتا ، ئۈنۈپ چىقتى شۇ كەچمىش جەڭ ئىزىدىن بەت ئېچىپ يۇلغۇن . ③ ئامەت ، بەخت : نۇسرەت ياغماق . * پەلەكنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشنىپ ، جاھالەتنىڭ ھىمايىسى بىلەن قولۇڭغا كەلگەن بىر مەزگىللىك نۇسرەتنى كۆرۈپ ، كۆرەڭلەپ كەتمە . ④ ئەر- ئاياللارنىڭ ئىسمى . lb&tAl"D 'sY>(D*CQ كىتاب ئاشنالىرى ــ كىتاب خۇمارلىرى ، كىتاب مەستانىلىرى .
Nd#t != 1U~AupHE ئوڭ تاناسىپ ــ ئىككى مىقدار(bبىلەن a) نىڭ بىرسى (a) بىرقانچە ھەسسە چوڭايسا (ياكى كىچىكلىسە) ئىككىنچى بىر مىقدار ( b) مۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوخشاش ھەسسە چوڭايسا (ياكى كىچىكلىسە) ، بۇ ئىككى مىقدارنىڭ ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتى ئوڭ تاناسىپ دېيىلىدۇ ۋەb∝a قىلىپ يېزىلىدۇ . بەزىدە قىسقىچە ئوڭ نىسبەتمۇ دېيىلىدۇ . usR19 _E- WMZa
6cH ئىشرەت جاھازىلىرى ــ ھاراق ۋە باشقا زىننەت بويۇملىرىنى قويۇشقا ئىشلىتىدىغان ئىشكاپلارنى كۆرسىتىدۇ . \h :Rw| R?>a UFM ئەنقا ــ رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ناھايىتى چوڭ ، ھەيۋەتلىك ئەپسانىۋى قۇش . iyu%o9_0 8S@ ~^D غەۋۋاس ــ ① سۇ ئاستىغا چۈشۈپ ، ئۈنچە - مەرۋايىت قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشى : - پادىشاھ : ئەي غەۋۋاسلار! ھەممىڭلار بۇ كىشىگە دەريادىن گۆھەر تاشلاپ بېرىڭلار ، بۇ يەردىن تېز يانسۇن ، - دەپ پەرمان قىلدى . ② سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان مەخسۇس كىيىملەرنى كىيىپ ، سۇ ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىم : غەۋۋاس كىيىمى . OWB^24Z&3 11X-X جاۋاھىرات ــ قىممەت باھالىق ئېسىل تاشلار ؛ ئۈنچە- مارجانلار . ]Vl*!,(i C
n\'sb{ ئېقىم مەسىلىلىرى ــ يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ مەسىلىلەر . sTeL4g|%{ )f(#Fn مۇنتىزىم ــ ① تەرتىپلىك يوسۇندا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىغان ، بۇزۇلمايدىغان ، ۋاقىتلىق ئەمەس : مۇنتىزىم پىلان . مۇنتىزىم تەربىيە . ② بەلگىلەنگەن تەرتىپتە ، سىستېمىلىق ئىش ئېلىپ بارىدىغان ، چۇۋالچاق ئەمەس : مۇنتىزىم قوشۇن . 0RYh4'=F DD"]as"# نوقۇل ــ ① يالغۇز ، پەقەت : نوقۇل پۇللا بولسا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي بىمەنە گەپ . ② تومتاق ، بىر تەرەپلىمە : نوقۇل كۆزقاراش . GLnj& Ve ]#j]yGV فېرما ــ چارۋىچىلىقنىڭ مەلۇم بىر تارمىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، ئالاھىدە ئىختىساسلاشقان ئىگىلىك ؛ مەيدان : توخۇ فېرمىسى . سۈت فېرمىسى . o`M7:8G wcsUb9( نەشر ــ ئەسەرلەرنى مەتبەئە ئورۇنلىرىدا بېسىش ، بېسىپ تارقىتىش : نەشر قىلماق . * «ئويغانغان زېمىن»رومانىنىڭ 2 - قىسمى يېڭىلا نەشردىن چىقتى . 4}W*,&_ |M)'@s: ئىستراتېگىيە ــ ① ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى :ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى . ② ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈرەشكەرەھبەرلىك قىلىش سەنئىتى : ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى . jNaK] ~U~KUL| دەبدەبە ــ ① ھاياجاننى ئۇرغۇتىدىغان ، لەرزىگە كەلتۈرىدىغان كەيپىيات، قىياپەت ، مەنزىرە ، ھەرىكەت : كەينىدە لەشكىرى-ئالدىدا ئەلەم ، قايتىپتۇ شان-شەرەپ دەبدەبە بىلەن . ② ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق ، ھەشەمەت، تەنتەنە ، داغدۇغا : ئۇ قازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ، شەھەرگە دەبدەبە بىلەن كىرىپ كەپتۇ . *S:^3{.m= (](:0H كومپوزىتور ــ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغۇچى كىشى . nP0|nPWz# 9y>dDNM\< چىمپىيون ــ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا ، غالىب چىققان ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن شەخس ياكى كوماندىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن شەخس ياكى كوماندا : چېمپيون بولماق . پۇتبول چېمپىيونى . 3-lJ] 7OT kHo0I8
رېكورت ــ ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ياكى بىرەر تاپشۇرۇقنى بېجىرىشتە ۋە ياكى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ئېرىشىلگەن ئەڭ ياخشى نەتىجە ، بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم . ئادەتتە ئۇ ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) رېكورت ، دۆلەتلىك رېكورت ۋە دۇنيا رېكورتى دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ . J)x-Yhe Kxn/@@z>u ترىلوگىيە ــ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمما ئۆز ئالدىغا تۇرغاندا مۇستەقىل بىر ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئۈچ توملۇق ئەسەر . )%- FnW J LT1
0c3 Dwj!B;AZ_ kl?U2A.= r?nvJHP aqQ
YU5l4~
|