tawpek |
2013-07-25 13:32 |
تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ
11.تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ
ئەسئەت سۇلايمان
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
2. ئۆزنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەش
3. تەكلىماكان بويلىرىدا ياشاۋاتقان بىر ئەۋلاد بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلىش
ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى:
ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا يېتەكلەپ، تەبىئەتنى ئانا سۈپىتىدە ئۇلۇغلاش. ئۇنىڭدىن ھېيىقىشنى يېتىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
ئاپتور ھەققىدە:
ئەسئەت سۇلايمان ــ 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇنۋېر سىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر. ‹‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ››،‹‹تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە››، ‹‹ئۇيغۇر تۇتېم مەدەنيىتى ــ بۆرە تۇتېمى مەدەنيىتى›› ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان .
يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش سوئالى
1.‹‹سەن كېم›› دېگەن سۇئالغا ئۆزىڭىز ھەم باشقىلار قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.
2.سىز بۇ جاۋابلاردىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
سىزنىڭمۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان سوفىيەدەك ئۆزىڭىزدىن ھالقىغان مۇلاھىزىلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ كۆرۈڭ
‹‹بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ يەردە ئاۋۇغان ۋە گۈللەنگەن ھازىر بىز ياشاۋاتىمىز، كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزمۇ بۇ يەردە ياشىشى ۋە گۈزەل كېلەچەك يارتىشى كېرەك›› دېگەن پارچىدا ئاپتورنىڭ قانداق ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشى ئىپادىلەنگەن ؟
ئاپتور ئەسەردە يۇرتىمىزدىكى تەبئىيلىكنىڭ ۋەيران نولۇش ئەھۋالىنى قايسى ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن؟
‹‹شۈبھىسىزكى، 21-ئەسىر كۈچلۈك رىقابەت ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. تارىخنى غالىبلار يارىتىدۇ›› دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىڭ.
ئاپتور ئەسەردە ياش- ئۆسمۈرلەردىن قانداق ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن؟
ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان شۇ رايوندىكى مەلۇم ئېكولوگىيە مەسلىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتىكى تەكلىپ- پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ.
تاپشۇرۇق:
مۇشۇ مەۋسۇمدىكى بوش ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ ‹‹سوفىيەنىڭ دۇنياسى›› ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىڭ.
دوسكا لايىھىسى:
تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ
ئەسئەت سۇلايمان
ئاپتور ھەققىدە:
ئەسئەت سۇلايمان ــ 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، دوكتۇر.
ئەسەرلىرى: ‹‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ››، ‹‹تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە››، ‹‹ئۇيغۇر تۇتېم مەدەنىيىتى ــ بۆرە تۇتېمى مەدەنىيىتى››
تەكلىماكان (مەنىسى)
مەن كىم؟ سوفىيەنىڭ ئىزدىنىشى سىز كىم؟
تەكلىماكان ـــ بۈيۈك ئانا، مۇقەددەس ماكان ــ جان تىكىپ قوغداش كېرەك. بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار. تارىخنى غالىبلار يارىتىدۇ.
دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:
|
|