查看完整版本: [-- كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-25 13:31

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

10. كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئوقۇتۇش نىشانى:

1.كىتابنىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى رولىنى ھېس قىلدۇرۇش. (مۇھىم نۇقتا)

2. كىتاب بىلەن شەخس، كىتاب بىلەن مىللەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش. (قىيىن نۇقتا)

3.مۇھىم، مەزمۇنلۇق جۈملىلەردىن ھۇزۇرلىنىش.(مۇھىم نۇقتا)

ھېسسىيات نىشانى:

كىتاب ئوقۇشقا، كىتابنى قەدىرلەشكە يېتەكلىنىدۇ.

ئۆگىنىش ئۇسۇلى:

مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

نىشانغا يەتكۈزۈش جەريانى:

 يەھۇدىيلاردا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىكەن: بالا تۇغۇلۇپ ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ مۇققەدەس كىتابىنىڭ ھەر بىر بېتىگە ھەسەل سۈيى سۈركەپ بالىغا كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلىتىدىكەن.

سىز بۇنىڭدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟

دەرستىن ئىلگىرىكى تەييارلىق

1. تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.

1) (     )، (        )، (      ) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1933- 1995 ) ئاتۇشتا تۇغۇلغان. بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ (                     ) ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان.

2) ھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب ئىككى دەريا (     ) ۋە (      ) ئارىلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ مىلادىيىدىن (      ) يىللار ئىلگىرىكى (        ) غا يېزىلغان (                      ) داستانىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيىدىن (    ) ئەسىر ئىلگىرى (    ) يېزىق بىلەن يېزىلغان ‹‹كىتاب ›› (                 ) ھېسابلىنىدۇ.

2. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

1)برونزا بۇيۇملىرى _  مىسنىڭ قوغۇشۇن، قەلەي، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان قېتىشمىسىدىن ياسالغان قورال- جابدۇقلار.

2) دەستۇر _ئىش- ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما، نىزام، كىتاب؛ قائىدە- قانۇنلار توپلىمى.

3) رىسالە _بىرەر ساھە، بىرەر كەسىپ ۋە ئۇنىڭ تەرتىپ، قائىدە- قانۇنلىرىغا ئائىت كىتابچە.

4) كوتا _قىسقا، كالتە

5) روزىغار _ئۆي- جاي، ماكان، ئوزۇقلۇق، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى

6) ئىختىرا قىلىش_ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، كەشىپ قىلىش

3. تۆۋەندىكى جۈملىلەردە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تېپىپ بېرەلەمسىز؟

1) ياخشى كۈتۈپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ جاھاننەما  ئەينىكى بولۇپ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋى ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ.

2) ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ.

3) كىتاب قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ، روھىيەتنى بېيىتىپ، ئۆمۈرنى مەنىۋى بەخت ۋە يۈكسەك نەزەر بىلەن بېزەيدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ يۈزى، كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك نۇرى ئاتا قىلىدۇ.

4. تۆۋەندىكى جۈملىلەردە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەزمۇننى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ.

1) كىتاب ھەربىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى.

2) ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

3) كىتاب مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى.

4) كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ، ئەمما كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش بۇ مۇھىم ماھارەت.

دەرسخانىدىكى مەشىق

4. ئاپتور بۇ تېكستتە ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چوڭ ماۋزۇ ئاستىغا يەنە قانداق ماۋزۇلارنى قويۇپ يازغان؟ بۇنداق يىزىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟

بۇ مۇھاكىمە ماقالىسىدا ئاپتور مەركىزى نۇقتىئىنەزەرنى بىر قانچە تارماق نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق يورۇتقان بولۇپ، ئەمەلىي دەلىل ۋە ئاساسلارنى كەلتۈرۈپ كىتابنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەر_ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە قائىدە سۆزلەشنى ئاساس قىلىپ، ئۇقۇم، ھۆكۈم، ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق رېئاللىق بىۋاستە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى، ماھىيىتى ياكى قانۇنىيىتى شەرھلەنگەن، ئاپتورنىڭ مۇئەييەن كۆزقاراش ۋە تەشەببۇسلىرى ئىسپاتلانغان ماقالىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەر، دەلىل، ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى بولىدۇ.

سىز تېكستتىن بۇ ئۈچ ئامىلنى تېپىپ بېرەلەمسىز؟

6. ئاپتور ئۆز ئەسىرىدە نېمە ئۈچۈن ‹‹ مەدەنىيەتسىز ئائىلىلەرگە چۈشكەن ئەنقانىڭ سايىسى بىردەملىكلا ›› دەيدۇ؟

7. ئەسەردە كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ئومۇمەن، ئېقىم مەسىلىلىرىگە ئائىت كىتاب- ماتېرىياللاردىن تاشقىرى، ئۈچ خىل كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنغان. سىز ئۇلارنى قىسقىچە ئىزاھلاپ بېرەلەمسىز؟

8. ‹‹ ئۇلۇغ روھىيەت خەزىنىسى ›› دېگەن بۆلەكتە كىتاب كۆرۈش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. سىز كىتاب ئوقۇشنىڭ يەنە قانداق ياخشى ئۇسۇللىرىنى بىلىسىز؟

9. ‹‹ بىز ‹ يېڭى يىپەك يولى › ئېچىلىش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ›› بۇ يەردىكى ‹‹ يېڭى يىپەك يولى ›› نى نېمىدەپ چۈشەندىڭىز؟ بۇ دەۋر قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قارايسىز؟

10. تۆۋەندىكى جۈملىلەردە ئوخشىتىشنىڭ قايسى تۈرى قوللىنىلغان؟

كىتاب _ لوقمان ھېكىم. كىتاب _ رۇستەم پالۋان.

كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا. كىتاب _ ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام.

11. كىتابنى يەنە نېمىلەرگە ئوخشىتالايسىز؟

12. تۆۋەندىكى پارچىلارغا ئاساسەن، ئۆزىڭىزگە، ئائىلىڭىزگە، مىللىتىڭىزگە سەمىمىيلىك بىلەن باھا بېرىپ بېقىڭ.

‹‹ قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون ‹ كىتابسىز ئۆي _ جانسىز تەن › دەپ توغرا ئېيتقان. كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي، مىراسخور ياكى ئالتۇن- خەزىنە ئىگىسى بولسۇن، ئۇ بەختسىز ۋە بەختسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر. ››

لابولبى توغرا ئېيتىدۇ: ‹‹ تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەر بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پۇل تېجەش ئەمەس، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر. ››

13. سىزنىڭچە، قايسى خىلدىكى كىتابلار قۇرال كىتابلار ھېسابلىنىدۇ؟

14. ‹‹ مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر. ›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹ قەلب بايلىقى ›› نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ‹‹توغرا تاناسىپ ›› مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

15. گېزېت- ژورنال، كىتاب- ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ئەسەر ئېلان قىلىش، پىكىر بېرىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قانچىلىك كۈچ چىقاردىڭىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

تاپشۇرۇق

ئۆيىڭىزدىكى كىتابلىرىڭىزنى تۈرلەرگەئايرىپ كارتا تۇرغۇزۇپ بېقىڭ.

دوسكا لايىھىسى:

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
1933- 1995
ئاپتور ھەققىدە:

ئەسەردىكى ماۋزۇلار:  مۇھاكىمە قىلىنغان مەسىلىلەر: ئەڭ بۇرۇنقى كىتاب:

كىتاب _ لوقمان ھېكىم. كىتاب _ رۇستەم پالۋان. كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا. كىتاب _ ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پۇل تېجەش ئەمەس، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر.

پايدىلانما:

1) مەشھۇر دراماتورگ، شائىر شېكىسپىر مۇنداق دېگەن: <<كىتاب بولمىسا خۇددى ئاسماندا قۇياش بولمىغىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئەقلىي جەھەتتە كىتاب بولمىسا خۇددى قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ>>.

2) ئەنگلىيىلىك داڭلىق سىياسىي ئوبزورچى، شائىر مىرتون مۇنداق دېگەن: <<ياخشى كىتابلار داڭدار كىشىلەرنى تېپىشتۇرۇپ چىقىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سۈت، ئۇنىڭدا ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقلىرى ساقلانغان، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى قورال>>.

3) فرانسىيىلىك ئىدېئولوگ ، يازغۇچى ، پەيلاسوپ فورتى مۇنداق دېگەن: <<بىز بىر ياخشى كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇغاندا خۇددى يېقىن دوستىمىزنى تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ، ھاياجانلىنىپ كېتىمىز>> .

4) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ پەيلاسوپى ، تارىخچى دىبور مۇنداق دېگەن: <<كىتاب بىزنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇستاز، كىتاب بولسىلا كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك تەربىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ>>.

5) ئەنگلىيىلىك ئىدېئولوگ بېكون مۇنداق دېگەن: <<كىتاب دەۋرنىڭ دولقۇنلىرىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىدىيۋى كېمە. ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ماللارنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ>>.

6) روسىيىلىك ئالىم پىلىگوف مۇنداق دېگەن : <<كىتاب بىر جەمئىيەت، بىر ياخشى جەمئىيەتكە باراۋەر، ئۇ ئېسىل خىسلەت، جاسارەت يېتىشتۈرۈپ كىشىلەرنى تېخىمۇ ئۇلۇغۋار قىلىدۇ>>.

7)   سابىق سوۋېت يازغۇچىسى ئا . تولىستوي مۇنداق دېگەن: <<كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب ئەقىلنىڭ ئاچقۇچىسى>>.

8)   ئامېرىكىلىق شائىر خوپىر مۇنداق دېگەن: <<كىتاب ۋاقىتنىڭ دېڭىز - ئوكيانلىرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەڭگۈ ئۆچمەس ماياك>>.

9) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يازغۇچىسى ماكسىم گوركى مۇنداق دېگەن: <<كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى شوتا، مەن شوتىنىڭ ھەربىر ۋاخنىسىغا چىققاندا ياۋايىلىقتىن ئادىمىيلىككە قاراپ ئۆرلىيەلەيمەن، گۈزەل تۇرمۇشقا يېقىنلىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن كىتابنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە، قەدىرلەشكە باشلايمەن>>.

10) سۈرىيىلىك يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى قايىل مۇنداق دېگەن: <<كىتاب ئىنسانلارنىڭ كالېندارى، ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توپلىغان چەكسىز تەجرىبىلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ>>.

11)  روسيىلىك دراماتورگ سىمرىسكى مۇنداق دېگەن : << ياخشى كىتاب كۆپىنچە ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ نازۇك بۇيۇمغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا ئىنسانىيەت ئىدىيلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن >> .

دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:


gulhan 2013-07-26 23:19
ئەجرىڭىزدىن مۇنبەر چاقنىماقتا

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 16:28
بۇ ئەسەرنى ئادەم ئوقۇسا-ئوقۇسا قانمايدۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

بابۇر0725 2014-02-14 20:13
ھەقىيەتەن ياخشى تەييارلىنىپتۇ.ئىجادىي قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپتۇ.جاپا چىكىپسىز مائارىپ سېپىدە ئىزچىل ھارمىغايسىز

ئۇيغۇر 2014-02-15 00:03
بۇ دەرس تەييارلىقى بەك ياخشى لايھەلىنىپتۇ.

زۇمرەت 2014-02-17 21:35
بۇ دەرىس ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق  بەك  ياخشى تەييارلاپسىز

ياسىنجان510 2014-02-17 21:49
   ئىلمىيلىكى يوقۇرى دەرس تەييارلىقى بوپتۇ،ئەمگىكىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن.

ئەلقىزى 2014-03-04 14:07
بۇ دەرس تەييارلىقى بەك ياخشى چىقىپتۇ، كۆپ ئىلھام ئالدىم.

گۈلنىھال 2014-03-04 15:11
‏‏بۇ تەييارلىق ياخشى بوپتۇ ، مەن تېكىستىنى ئۇرۇپ يوللىسام ، ھەمىسى  تولۇق بولغۇدەك .

ئەشمە 2014-03-12 13:22
ياخشى تەييارلاپسىز.

تۇمشۇق 2014-07-17 16:38
ھەقىيەتەن ياخشى تەييارلىنىپتۇ.ئىجادىي قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولۇپتۇ.جاپا چىكىپسىز مائارىپ سېپىدە ئىزچىل ھارمىغايسىز


查看完整版本: [-- كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled