查看完整版本: [-- غىنى باتۇر ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> غىنى باتۇر ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شىىرئەلى 2013-07-25 10:13

غىنى باتۇر ھەققىدە

  غېنى باتۇرنىڭ دادىسى مۇھەممەت باقىر ئاكىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلىدە خوتەن قاراقاشلىق، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ئىمىننىياز مىراب چىڭ سۇلالىسى 1760- يىلىدىن 1767- يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇچتۇرپان، خوتەن، يەركەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئىلىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئادەم كۆچۈرگەندە كۆچۈپ كەلگەنلەردىن بولۇپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. غېنى ئاشۇ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. غېنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇيالماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئون ياشلارغا كىرگەندە، مەھەللىسىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. 15ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ. غېنى كىچىكىدىنلا ئىشچان ۋە كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭ چىقىرىدۇ. غېنى ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈزى قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. `I>K?  
     1918-يىلى كەچ كۈزدە مەھەممەت باقىر ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن خامانغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، ھويلىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. مەھەممەت ئاكا ھويلىغا چىقىش بىلەن <<غېنى قايسىڭ؟>> دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. غېنى مەن دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. غېنىنى چاقىرغان بىر چېرىك بولۇپ، چېرىك غېنىنى باغلىماقچى بولىدۇ. غېنى باغلاتماي <<ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن>> دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا-ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى <<مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇرماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن>> دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇزتارا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10ئايلىق تۈرمىدە غېنى كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ. ?Bzi#Z  
     غېنى تۈرمىدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى توققۇزتارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە <<مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈرىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كەلسەم نېمە دەيسەن؟>> دەپ 150 مېتىر ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت <<ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم، قىلالمىساڭ تورۇق ئېتىڭنى ماڭا بېرىسەن>> دەپ غېنىغا قول ئۇزىتىدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى كۆتۈرۈپ قاراياغاچتىن 100مېتىر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غېنىنىڭ گاڭگۇڭ (نوچى) دېگەن نامى ئىلى رايونىغا تارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇمغا، جازانىخورغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ، يېتىم – يېسىرلارغا بېرىدۇ. شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300 دىن تاياق ئۇرىدۇ. 6{$dFwl  
     غېنى 1941-يىلى توققۇزتارا يامۇلىدىن نۇراخۇن دېگەن دوستى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار شۇ قاچقان پېتى شىخۇنىڭ جۇجيەنلۇ دېگەن يېرىگە بېرىپ، داۋۇر، ھاشىم توكۇر دېگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، تۆت يامبۇ، بەش سەر ئالتۇن ئوغرىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۆلۈشىمىز، دەپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئالتۇنلارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ نۇراخۇن بىلەن غېنىنى تۇتۇپ بېرىدۇ. ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇرلار كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن توققۇزتارادا لوزۇڭ مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ. نۇراخۇن بىلەن غېنى 12 كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ ئاتلىق يەنسىخەيگە كېلىپ، بىر قازاق ئۆيىدە تۇرغاندا، قوغلاپ كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچرايدۇ. غېنى ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتىپ قاچىدۇ. شۇ چاغدا چېرىكلەرنىڭ ئاتقان بىر ئوقى غېنىنىڭ يانپېشىغا تېگىپ، ماڭالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنى تۇتۇلۇپ، ساۋەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ساۋەندە توققۇز كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن چېرىكلەرنىڭ ئىككى ئېتىنى ئېلىپ قېچىپ، نۇراخۇن بىلەن تېپىشىپ، بىر موڭغۇل تونۇشىنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ. كېيىن، ئۇلار ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇردىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن توققۇزتاراغا بارىدۇ. غېنى توققۇز تارادا تۇتۇلۇپ، ناھىيە تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. غېنىنى غۇلجا ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەتىسى غۇلجىغا كېرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. غېنىنى غۇلجىدا 32 كۈن سوراقسىز قاماپ، <<سەن بەش يىلدىن بۇيان ئون سەر ئالتۇن، 20 يامبۇ ئوغرىلاپسەن>> دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ 4- تۈرمىسىگە قاماپ قويىدۇ، كېيىن 2-تۈرمىگە يۆتكەيدۇ. غېنى 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنە دۈشەنبە كۈنى 2-تۈرمە (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ئىدى) دىن قېچىپ، غۇلجىغا بېرىپ ھاشىم توكۇر، داۋۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قېچىپ يۈرىدۇ. غېنى ئىز بېسىپ ئۇلارنى قوغلايدۇ. &&}5>kg>d  
    شۇ كۈنلەردە، نىلقا ئولاستايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئالتە ئوغرى دەپ ئاتىغان پاتىخ مۇسلۇمۇپ، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسمان ئىبرايىموف، سېيت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبۇلۇپ، ھوشۇر مامىتوف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قاچقانلىقتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ-دە، غېنى پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. پارتىزانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، 1-بۆلۈمگە ئەكبەر، 2-بۆلۈمگە غېنى، 3-بۆلۈمگە تۈگمەنچى رۇس ئىۋان مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىنىڭ قىسمىدا 200 دىن پارتىزان بولۇپ، نىلقىغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە پارتىزانلار نىلقىغا باستۇرۇپ كېلىپ نىلقىنى ئازاد قىلىدۇ. 0Ad ~!Y+1  
    غېنى شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن ئون ماشىنىدا كەلگەن ئەسكەرلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. قورال-ياراغ غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ پاتىخ باتۇر بىلەن بىللە لەنجۇدا 1953-يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. ئۇ 1981-يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ
.

tawpek 2013-07-25 17:13
ئانا يۇرىت ناملىق ئەسەرنى ئۆتىۋاتاتتىم ، ئوبدانلا ئەسقاتتى.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-25 18:51
ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300 دىن تاياق ئۇرىدۇ. WYC1rfd=  
نىمە دىگەن رەھىمسىز،ۋەھشى بۇلار؟!

ئايبىكە 2013-07-25 23:25
«ئانا يۇرت»رۇمانىدىكى غېنى باتۇر ھەقىقىي چىنلىق بىلەن يارىتىلغان پىرسۇناژ.كىشىگە خۇددى كۆز ئالدىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

koksangun 2013-07-26 01:23
بۇ ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن ...

لاچىن 2013-07-26 05:07
    ھەي بىزنىڭ باتۇرلىرىمىز، باتۇرلىرىمىز. ySQ-!fQnP  
  

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 15:50
ئۇستازنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق !!!

koksangun 2013-07-27 23:40
غېنى باتۇرنىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە ماتېرىيال ئىزدەپ يۇرەتتىم...

بۇرادەر 2014-01-06 13:27
ھەرھالدا بۇ باتۇرىمىز تەتۇر شامالدىن ئامان قېلىپ جېنىنى ساقلاپ قالىدۇ ،سەللا بىپەرۋالىق قىلغان بولسا ئىش چاتاق بۇلاتتى ،مەرھۇم باتۇرلىرىمىزنىڭ ئاققۇزغان قان-تەرلىرىگە اللاھنىڭ ئەجىر بىرىىشىنى تىلەيمەن .

مىېھرىما 2014-01-08 19:51
<<ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن>> دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا-ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى <<مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇرماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن>> دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇزتارا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10ئايلىق تۈرمىدە غېنى كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ...... قاراڭلا ئۇنىڭ باتۇر ھەم قەيسەرلىكىگە ! مەشھۇر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش يەنى« ئانا يۇرت» رۇمانىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆتكەندە پايدىلىنىدىغان ياخشى بىر ئەسەر ئەۋەتىپسىز رەھمەت ساقلىۋالدىم

مىېھرىما 2014-01-08 19:52
بۇنداق ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي رھمەت.

ئاچچىقگۈل 2014-01-09 09:09
‹‹...ماڭا بىر ئات،بىر قامچا كېرەك.چېگرىغا بېرىپ،ئېتىمغا قاتتىق بىر قامچا ئۇرسام،ئۆزۈمنى ئىلىدا كۆرسەم...››دەپ ئارمان بىلەن ياش تۆككەن ئىدى باتۇرىمىز ئاخىرقى نەپەسلىرىدە...

مەشئەل06 2014-01-30 15:00
غېنى باتۇرنىڭ كۈچ جەھەتتىكى باتۇرلىقىدىن باشقا كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپى ئوغۇلبالىلىقىنى،ھەقىقى ئەركەكلىكنى،ۋىجداننى ئاساسى مىزان قىلغانلىقى.ئۇنىڭدەك باتۇرلار چىقماق تەس ئەمدى.

ياسىنجان510 2014-01-31 15:47
شۇنداق باتۇر ، ئەزىمەتلىرىمىز قانلىرىنى تۆككەن زىمىنلىرىمىز ئىدى بۇ.

2433 2014-03-09 13:18
بۇرۇن مۇئەللەمىمىز بۇ شەخىس توغرىسىدا بەك سۆزلەپ بېرەتتى . بۇنى كۆرۈپ ، تېخىمۇ چۈشەندىم

جەسۇر16 2014-03-10 11:55
ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ياخشى ماتېريالكەن

ئاچچىقگۈل 2014-03-10 18:04
غەنى باتۇرنى سايرامدىن سۈزۈپ كەلدىم.ئۇنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە چىدىمىدىم...

ھاتەھاتەم 2014-03-11 12:59
«ئانا يۇرت»رۇمانىدىكى غېنى باتۇر ھەقىقىي چىنلىق بىلەن يارىتىلغان پىرسۇناژمەشھۇر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش يەنى« ئانا يۇرت» رۇمانىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆتكەندە پايدىلىنىدىغان ياخشى بىر ئەسەر ئەۋەتىپسىز رەھمەت ساقلىۋالدىم

ھاتەھاتەم 2014-03-11 13:02
كىچىكىمدىلا نامىنى تولا ئاڭلىعان .«ئانا يۇرت»رومانىدىمۇ ئۇقۇعان،ھازىر تءحىمۇ كۆپ ماتىرياللارعا ئىگە بولدۇم

ئەشمە 2014-03-11 13:06
ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار ياشسۇن.

پاراسەت 2014-03-19 13:22
ئەنۋەرچەرچەن:ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300 دىن تاياق ئۇرىدۇ.نىمە دىگەن رەھىمسىز،ۋەھشى بۇلار .. (2013-07-25 18:51) 
M_v?9L  
ئۇ چاغدىكى گومىنداڭ ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسى قان ئىچەر كەسپىي قاتىللار.لېكىن ئۇلار كېيىنكى كۈنلەردە ھەممىسى ياخشى كۈن كۆرگەندۇر بەلكىم.ئاھ،غېنى باتۇر،ئەۋلادلىرىڭغا قاراپ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانسەن ئۇ ئالەمدە!؟ ...

可爱 2014-05-26 00:22
   بۇنداق باتۇرلىرىمىز ئۇزاقتا بىر قىكىدۇ دە !

可爱 2014-05-26 00:23
بۇنداق باتۇرلىرىمىز ئۇزاقتا بىر چىقىدۇ دە !

ئاچچىقگۈل 2014-05-27 13:13
›‹‹...غەنى باتۇر سەكراتقا چۈشكەندە بۇرادەرلىرىگە: fK(}Ce  
--مېنى يەرلىكىمگە  ئەكىرگەندە،يۈزۈمنى قىبلىگە ئەمەس،غۇلجىغا قارىتىپ قويۇڭلار.يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتاي، دەپ ئىلتىماس قىلغان ئىكەن.بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇندىغان ھەمدە ھەيكىلىنى،قەبرە تېشىنىمۇ غۇلجىغا قارىتىپ ئورناتقان...›› cm[c ze+*  
sCu+Lg~f  
Vrvic4  
     ‹‹قەبرە ئالدىدىكى ئارمانلار››دىن   ;}'D16`j  
                                   ‹‹ئىلى دەرياسى ژورنىلى›› 2003-يىل  6-سان  31-بەت

ئارزۇيۇم 2014-05-29 19:30
پايدىلنىش قىممىتى بار ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر. b?eu jxqg  


查看完整版本: [-- غىنى باتۇر ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled