tawpek |
2013-07-24 17:51 |
ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(4)
ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(4) .%\R L/
k
c L
+ مۇنبەردىن ئىلىنىپ تولوقسىزغا ماسلاشتۇرۇلدى <?rdhx
s_!F`[ ★ قوشاقلار: قوشاقلار خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسىي بىر تۈرى. قوشاقلارنىڭ تۈرلىرى : تارىخىي قوشاقلار ، ئەمگەك قوشاقلىرى ، تۇرمۇش قوشاقلىرى ، بالىلار قوشاقلىرى . Z%{`j!!p ★ خەلق داستانلىرى : خەلق داستانلىرى ــ نەسرىي بايان ۋە نەزمىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىملىك سۇژىتلىق ئەسەرلەردۇر . m7cG]a~a ★داستانلارنىڭ تۈرلىرى : قەھرىمانلىق داستانلىرى ، تارىخىي داستانلار ، تۇرمۇش داستانلىرى ، مۇھەببەت داستانلىرى دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . fHF*# 3. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى hC!8-uBK5< دىئالېكت تاۋۇش ۋە سۆزلۈك جەھەتتە ئورتاق ئەدەبىي تىلدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رايون خاراكتېرلىك يەرلىك تىلدۇر. «دىئالېكت سۆزى قەدىمكى گىركلەرنىڭ dialektos » سۆزدىن كەلگەن بولۇپ،«بىر مەھەللىلىكلەرنىڭ گېپى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
#%/0a دىئالېكت – ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ بىر تارمىقى يەنى ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ يەرلىك ۋارىيانتى. ئۇ مەلۇم جەمئىيەتنىڭ مەلۇم رايونىدا ياكى كىشىلەر ئورتاق قوللىنىدىغان، ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان يەرلىك تىل. ئۇ ئورتاق تىلغا ياكى باشقا دىئالېكتقا ئوخشىمىغان ۋارىيانت ۋە سۆز – ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى، ئورتاق تىلنىڭ لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىلىق سىستېمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ شۇ دىئالېكت رايونىدا ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇپ، شۇ رايون خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىغان، بىر – بىرىنى چۈشىنىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاسىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ;k=`J دىئالېكت تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە: U uSCqI}; 1)ئۇ بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم گۇرۇھ دائىرىسى ئىچىدە ئومۇمىي خەلقلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. شۇ دائىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن نىسبىي ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان ئالاقە ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ. 2) ئۇ ئۆزىگە خاس تىل تاۋۇشلىرى، ئۆزىگە خاس لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلۇش سىستېمىسىغا ئىگە. 3)ئۇ بىر خىل تارىخىي ھادىسە بولۇپ، مۇئەييەن تارىخىي شارائىت ۋە جەريان ئىچىدە شەكىللىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇئەييەن تارىخىي شارائىت ۋە جەريان ئىچىدە تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئومۇمىي خەلق تىلىغا قوشۇلۇپ، سىڭىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، دىئالېكتلار ئارا پەرق ئالدى بىلەن فونېتىكا جەھەتتە كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، لېكسىكا جەھەتتە كۆرۈلىدۇ. دىئالېكتتا ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە خاس سۆزلەر ئۆزئارا ئوخشاشمايلا قالماستىن، بەلكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى بەزى سۆزلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 1VPxCB\ /bbs/read.php?tid=5446 2013-7-24 Zu ![v0
|
|