查看完整版本: [-- ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(3) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(3) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-24 17:50

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(3)

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(3) y(RbW_ ?  
n^/,>7J   
مۇنبەردىن ئىلىنىپ تولوقسىزغا ماسلاشتۇرۇلدى 'Ph4(Yg  
v] *W*;  
★ نۇتۇق :  نۇتۇق بىلىم بېرىش ، كۆزقاراشنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم يولى . پىكىرلىشىش قوللىغۇچىلارغا ئېرىشىشىتىكى ۋاستە ، شۇڭا ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەركىتىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . نۇتۇق تېكستى نۇتۇق سۆزلىگەندە ئىشلىتىلىدىغان ماقالە بولغانلىقتىن ئۇ نۇتۇقنىڭ ياخشى سۆزلىنىش ، سۆزلەنمەسلىكىنىڭ ئاساسى ھەم مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنىڭدا كۆز قاراشلىرى ئېنىق ، لوگىكىچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بار  بولغاندىن باشقا يەنە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى قوزغاپ ، ئۇلاردا ئورتاق سادا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ، كۆپ خىل بەدئىي ۋاستىلەرمۇ قوللىنىلىدۇ .   kmW!0hm;e  
★ ئەدەبىي تەرجىمىھال : ئەدەبىي تەرجىمىھال ــ مەلۇم تارىخىي ۋە رېئال شەخسلەرنىڭ ھاياتىدىكى تىپىك ئىش-پالىيەتلىرىنى پاكىت ئاساسىدا جانلىق ، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بەدئىيلىك ئارقىلىق تەرجىمىھال گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان ئەسەر . ئەدەبىي تەرجىمىھال گەرچە بەدئىي ئۇسۇلدا يېزىلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇبالىغە قىلىشقا ، توقۇلما قىلىشقا بولمايدۇ .   q_f v1U3  
★  سېمۋوللۇق رەك چۈشەنچىلىرى :  ئاق رەڭ :    بەخت-ئامەت ، ياخشىلىق ، پاكلىق ، ئالىيجاناپلىقنىڭ سېمۋولى .  كۆك رەڭ : ياخشىلىق ۋە ئامەتنىڭ سېمۋولى . قىزىل رەڭ : ياخشىلىق ، خوشاللىق ، بەخت-سائادەت ، گۈزەللىك ، جەڭگىۋارلىق ، غەلىبە قاتارلىقلارنىڭ سېمۋولى .  سېرىق رەڭ : قۇياشقا ، مول-ھوسۇلغا ، ئالىيجاناپلىققا سېمۋول قىلىنىدۇ .يەنە بەزىدە چۈشكۈنلۈككە ، روھسىزلىققا ، پەرىشانلىققىمۇ سېمۋول قىلىنىدۇ . Y@.> eS  
★ ئەپسانە ــ تەبئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى يۈكسەك خىيالىي تەسەۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلاھقا باغلاپ ئىنكاس قىلىدىغان ھېكايىلەردۇر. LM _4.J  
★  رىۋايەت ــ تارىخىي شەخس ، تارىخىي ۋەقە ، جايلارنىڭ خاس مەنزىرىسى ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ئاغزاكى ھېكايىلەردۇر .ئۇنى «ئاغزاكى تارىخ » دېيىشكە بولىدۇ . مەسىلەن: بۆكۆخان ، تۇمارىس، نەۋەئىي ھەققىدىكىلەر رىۋايەتلەردۇر . CSU>nIE0  
★  چۆچەكلەر :خەلق چۆچەكلىرى ــ ئىنسانلارنىڭ تەبئەت ھادىسىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەققىدىكى تونۇشى ، تەسىراتلىرى ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رېئالىستىك ياكى فانتازىيەلىك (خىيالىي )  ئۇسۇل بىلەن كۈلكىلىك ھەم قىزىقارلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان خەلق ئېغىز ئىجادىي ھېكايىلىرى بولۇپ ، ئۇ  ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا خەلق قوشاقلىرىدىن قالسىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ . مەسىلەن :« ياغاچ ئات» ، «تۇغقانلىق رىشتى »  «تاۋۇس ئەللەيىن » . HIh oYSwB  

ئايبىكە 2013-07-24 17:57
ئوقۇتقۇچىلارغاۋە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى  ماس ئىخچام پايدىلىنىش ماتىريالى بوپتۇ.

gulhan 2013-07-25 00:23
سىزگە قۇرۇق رەھمەت ئېيتېۋىرىپ خىجىل بولۇپ قالدىم. xEiW]Eo  
ھارماڭ، بەردەملىكىڭىز دىن  مۇنبەر گۈللىنەر.

شىىرئەلى 2013-07-25 10:02
پايدىلنىشقا بولدىغان ماتىريال ئىكەن.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 15:39
ھارماڭ بۇرادەر ، ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگۈسى !!!


查看完整版本: [-- ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(3) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled