tawpek |
2013-07-24 16:59 |
قوش مەسچىت(سۆزلەرگە ئىزاھات)
PI {bmZ
9. قوش مەسچىت RHW]Z
Pr< مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ــ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن 1939-يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ ساقىيە مەھەللىسىدە تۇغۇلغان، يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ. كۆپلىگەن كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. بۇ تېكىست ئۇنىڭ شىنجاڭ ياشلار– ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان ‹‹قوش مەسچىت›› ناملىق توپلىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. hgG9m[?K دراماتورگ ــ ئومۇمەن سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى . '@v\{ l ماجىرا ــ ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىز گەپ ، سۆز ، تىللىشىش ، تالىشىش ، جېدەل ، ئۇرۇشۇش : ئائىلە بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئۇششاق ماجىراسىدىن خالىي بولالمايتتى . !)f\%lb پاش قىلماق ــ ھەممىگە مەلۇم قىلماق ، ئاشكارا قىلماق، ئايان قىلماق. ~ah~cwmpS يىرتقۇچ ــ ① يىرتىدىغان ، ئۆتكۈر : يىرتقۇچ چىشلىقلار . ② جانلىقلار بولۇپمۇ ھايۋانلار گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ، گۆشخور ، ۋەھشىي ، ياۋۇز (ھايۋانلار ھەققىدە) : يىرتقۇچ ھايۋانلار . يىرتقۇچ قۇشلار . K-)]
1BG مەرىپەتپەرۋەر ــ مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ، مەرىپەتنى ياقلايدىغان ؛ مەرىپەت تەرەپدارى : مەرىپەتپەرۋەر ئادەم . مەرىپەتپەرۋەر زات . Wu/]MBM دۇئاگۇي ــ پات-پات دۇئا قىلىدىغان ؛ دۇئا - تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان : دۇئاگۇي ئادەم . * مەن ئەسلىدە دۇئاگۇي ئەمەسمەن ، ئەۋلىيامۇ ئەمەسمەن ، مۇشۇنداق بىر جاھان كەزگۈچى . ktXM|# خۇشپېئىل ــ مىجەز خۇلىقى ياخشى ، باشقىلارغا يېقىن مۇئامىلە قىلىدىغان،ئوچۇق چىراي ، خۇش تەبىئەت . =ZznFVJ`={ تەستىق ــ ① قارار قىلىپ قول قويۇش ياكى تامغا بېسىپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش : تەستىق سالماق . ② بىرەر نەرسىنىڭ توغرىلىقى ، ھەقلىقى ، راستلىقىنى دەلىللەپ بېرىدىغان پاكىت ، ئىسپات ؛ ماقۇللۇق : تەستىق سۆزى . * رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىنى ئالماي ، بۇ ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ . 1s&zMWC تۆر ــ ① پەگاھقا نىسبەتەن يۇقىرىدىكى جاي ، ھۆرمەتلىك ئورۇن : ئۇنى مۇدىر بىلەن بوغالتىر ئادەتتىن تاشقىرى تەكەللۇپ بىلەن تۆرگە چىقىرىشتى . ② كىرىش ئېغىزىغا نىسبەتەن ئەڭ ئىچىدىكى جاي : ئۇلارنىڭ غارنىڭ تۆرىگە ھەقىقىي يەتكەن - يەتمىگەنلىكى ۋە غارنىڭ ئىچىدىن نېمىلەرنى ئەكەتكەنلىكى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس . ③ چوڭقۇر قاتلام : تەلىيىم باركى ، تۇغۇلدۇم شۇ شەھەرنىڭ قوينىدا ، تۈن ۋە كۈن كۆڭلۈم تۆرىدە بەر قاراردۇر كاشىغەر . J1U/.`Oy گەجگە ــ گەدەننىڭ ئاستى ، دۈمبىنىڭ يۇقىرى قىسمى ؛ غول : گەجگە سۆڭىكى . گەجگىسىنى تاتىلىماق . گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن . e2Pcm_Ahv* ئىزا ــ ئۇيىلىش تۇيغۇسى ؛ ئۇيات ، خىجالەت ، نومۇس : ئىزا تارتماق . ئىزاغا قالماق . * ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق (ماقال) . a.\:T,cP> ھەقەمسايە ــ ① قوشنا . ② دوست - بۇرادەر ، ئاغىنە : بۇغا ھەقەمسايىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئېچىنىپ تۇرغانىكەن . u~:y\/Y6 نائەھلى ــ پەس، ۋىجدانسىز، ئىپلاس:- ھۇ نائەھلىي، ئىنساپسىز ئوغرىلار! كۈچۈكۈم- كۈچۈكۈم دېسە . . . ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىۋاتىسىلەر! - دېدى ھېلىقى كىشى ئاچچىقىغا پايلىماي . %wg-=;d4 ناجىنىس ــ بۇزۇق ، ئىپلاس ، پەس ، رەسۋا : -كىم بولاتتى ، ھېلىقى جەننەت دېگەن ناجىنس ، ناقىسچۇ،- مارى خان ئاچچىق بىلەن غۇدۇڭشىدى . tS5hv@9cWx تەۋەللۇت ــ تۇغۇلۇش ؛تۇغۇت : ئۇ تەۋەللۇتتىكى خوتۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدى . |A~jsz6pI ھالاۋەت ــ لەززەت ، زوق ؛ راھەت - پاراغەت : ھالاۋەت كۆرمەك . * جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق (ماقال) . {4}yKjW%z تاپاۋەت ــ پايدا، كىرىم. {6|G@""O قۇربانلىق ــ① قۇربان ھېيتتا خۇدا يولىدا ، گۆشى ھالال بولغان ئۆي ھايۋىنىنى سويۇش : قۇربانلىق قىلماق . ② قۇربان قىلىشقا ، قۇربان ھېيتقا ئاتاپ خۇدا يولىدا سويۇلغان ياكى سويۇلىدىغان : قۇربانلىق قوي . ③ باشقا بىركىم ، بىر تەرەپنىڭ ئىشى ، مەقسىتى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز ، بىھۇدە تارتىلغان زور بەدەل ، زىيان : سەن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز قۇربانلىققا ئايلىنىپ كەتتىڭ ، سەن بۇنى تا ئۆلگۈچە چۈشەنمىدىڭ . b5I I/Y ۋەخپە ــ ① مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت ، مەدرىسە ، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان مۈلۈك (يەر ، سۇ ، ئۆي - ئىمارەت ، مال-چارۋا قاتارلىقلار) : بۇ يۇرتنىڭ زاراخەتمىسىدە ، مەيلى ئۇ مازار ۋەخپىسىنىڭ كىرىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى باي ، نامراتلارنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلسۇن ، ئۇماچلا ئېتىلەتتى . ② مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت ، مەدرىسە ، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان : ۋەخپە يەر . ^zmG0EH, شەرىئەت ــ ① مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئاساسىدا تۈزۈلگەن دىنىي ئىشلار ، جىنايى ئىشلار ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن - قائىدىلىرىنىڭ جۇغلانمىسى ، ئىسلام دىنى قانۇنى : شەرىئەتنىڭ يەتمىش ئىككى پۇتىقى بار (ماقال) . ② دەۋا ئىشلىرىنى دىنىي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن ، قازىخانا ؛ سوت مەھكىمىسى : ئۇلار تەگىشىپ ، سەن - پەن دېيىشىپ قاپتۇ . جېدەل ئۇلغىيىپ شەرىئەتكە بېرىشىپتۇ . ::lKL نىقاب ــ ① ئۆزىنى تونۇتماسلىق ياكى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يۈزگە تۇتۇلىدىغان ، كىيىلىدىغان نەرسە : تاشۋاي ئاستا جۈمەنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە يۈزىدىكى نىقابنى چۆرۈپ تاشلىدى . ② ھەقىقىي ھال - ئەھۋال ، قىياپەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى پەردازلىغۇچى ،يوشۇرغۇچى نەرسە ، ۋاسىتە : تۈنۈگۈن «ئىلغار»لىق نىقابقا ئورىنىۋالغانلار بۈگۈن نىقابنى يىرتىپ تاشلاپ، جاللاتلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى . @f~RdO3 رىشالە ــ شېكەر بىلەن تۇخۇم ئېقىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان رەڭگى ئاق بىر خىل قويۇق يېمەكلىك : داستىخانغا ھالۋا ، قايماق ، رىشالە ، قويۇقئاشلار تارتىلىپتۇ . {hjhL: pg يالماۋۇز ــ ئەپسانىلەردىكى ھەر خىل قىياپەتكە ئۆزگىرەلەيدىغان ياكى باشقىلارنى سېھرىي كۈچى بىلەن ھەر خىل قىياپەتكە كەلتۈرەلەيدىغان ھەمدە ئالدىغا كەلگەن نەرسىنى يەپ تۈگىتىدىغان مەخلۇق ؛ جادۇگەر : يەتتە باشلىق يالماۋۇز . HYZ5EV سەركەردە ــ ① لەرشكەر بېشى ، قوماندان : سوپىئاخۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئىنتايىن غەلىبىلىك جەڭ قىلىۋاتقان خەلقنىڭ مەشھۇر سەركەردىلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەنىدى . ② يولباشچى ، باشلىق : - جانابلىرى دانىشمەن سەركەردىمىزنى خاتىرە شەرىپلىرىدىن چىقىرىپ قويمىغانلا ، - دېدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن . W
]1)zO تەرەددۇت ــ تەييارلىق ، ھازىرلىق : ھازىر جىددىي تەرەددۇت قىلىپ ، بۇ كىشىلەرنى ئىزدەڭلەر . m+R[#GE8# دەۋا ــ ① ئۆز ئىگىلىكىدىكى مال - مۈلۈك ، ھەق تەلەپنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قويۇلغان تەلەپ ؛ ئەرز : ئوغرى - دەۋانىڭ ئۇرۇقى ، چېچەندەۋانىڭ قۇيرۇقى (ماقال) . ② تەپتىش ئورگانلىرى ، سوت مەھكىمىسى ۋە ھەق تەلەپ ئەنزىلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ، جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى . ③ باشقىلارنى ئەيىبلەپ ، قارىلاپ قىلىنغان شىكايەت ، ئەرز : كۈندە نەچچە ئادەمنىڭ دەۋا ، تەنە-تاپىلىرىنى ئاڭلايمەن . ④ ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش يولىدا ئېيتىلغان پىكىر ، مۇلاھىزە ؛ تالاش - تارتىش : چالا - پۇچۇق بىرنەچچە كىتابنى ۋاراقلاپ چىقىپلا ئالىملىق دەۋاسىنى قىلىدىغان ئادەملەرمۇ چىقىپ تۇرىدۇ . NjScc%@y ئىختىلاپ ــ قارىمۇ قارشى، كېلىشمەسلىك، زىددىيەت، نىزا . $E~`\o%Ev )3}9K
^jS Y|f[bw
|
|