tawpek |
2013-07-24 16:41 |
قوش مەسچىت
9. قوش مەسچىت مۇھەممەتئەلى زۇنۇن ئوقۇتۇش نىشانى: 1.ئاپتورنىڭ تەنقىدىي ھېسسىياتى بىلەن ئىزگۈ ئارزۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش.(مۇھىم نۇقتا) 2.ھېكايە قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش.(قىيىن نۇقتا) ھېسسىيات نىشانى: ئىلىم-ھېكمەت بىلەن قوراللىنىپ پەزىلەتلىك بولۇش. ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ بىرلىكتە ئالغا بېسىش تەربىيىسى بېرىلىدۇ. ئۆگىنىش ئۇسۇلى: ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن مۇستەقىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. نىشانغا يەتكۈزۈش جەريانى: ئاپتور ھەققىدە مۇھەممەتئەلى زۇنۇن ـــ 1939-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. شائىر ۋە دراماتورگ. ئۇنىڭ «گۈلمېھرى›› ناملىق داستانى، «ۋىسال سەھىرى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «كارۋان ناخشىسى›› ناملىق ناخشا تېكىستلىرى توپلىمى، «قوش مەسچىت›› ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى›› ناملىق دىراما توپلىمى نەشىر قىلىنغان. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ. ھەپىسىگە ئېلىش: قەتل قىلىش: مەزلۇم: دۇئا گۇي: خۇشپېئىل: راۋا كۆرمەك: كۆز تېگىش: ھەقەمسايە: دەرسخانىدىكى مەشىق ئەسەر قۇرۇلمىسى: 1-بۆلەك: «مەن››نىڭ قوش مەسچىتنىڭ تارىخىي ھەققىدە سورىغان سوئالى ئارقىلىق باشلانغان. بۇنداق باشلاشنىڭ قانداق رولى بار؟ 2-بۆلەك: «ئايكوچا››نىڭ «قوش مەسچىت››دەپ ئاتىلىپ قېلىش سەۋەبى بايان قىلىنغان. سىزنىڭچە «قوش مەسچىت››بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ 3-بۆلەك: «مەن››نىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى ئارقىلىق ئەسەر خۇلاسىلەنگەن. «مەن››نىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدى نېمە؟ «تۇڭگان يېغىلىقى›› قايسى تارىخىي ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ؟ مۇستەھكەملەش باسقۇچى «كىر سۇلىرى قۇرۇپ ياكى توڭلاپ كېتىدۇكى، جىدەل-ماجرا قۇرمايدۇ، توڭلىمايدۇ›› دېگەن جۈملىگە تەقلىد قىلىپ جۈملە تۈزۈڭ. ياڭ زېڭشىڭ كىم؟ ئۇ قانداق ئادەم؟ تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ. «ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بۇلىشىغا سەۋەب نېمىدۇر؟›› «ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، جاھىللىق ۋە نادانلىق؛ ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر›› «ئىززەت-ئابروي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بۇلۇر؟›› «بىلىم-مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بۇلۇر›› ئەسەردە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ. تاپشۇرۇق: ئەگەر «قوش مەسچىت›› ئورنىغا «قوش مەكتەپ›› سېلىشىنى تالاشقان بولسا ئەھۋال قانداق بولاتتى؟ ئويلىغانلىرىڭىزنى بىر بەت ئەتراپىدا يېزىپ كېلىڭ. دوسكا لايىھىسى: قوش مەسچىت مۇھەممەتئەلى زۇنۇن يېڭى سۆزلەر: ھەپىسىگە ئېلىش: قەتل قىلىش: مەزلۇم: دۇئا گۇي: خۇشپېئىل: راۋا كۆرمەك: كۆز تېگىش: ھەقەمسايە: ئىناقلىق، بىرلىك ــ ئايكوچا ــ ئىمام (يولباشچى)نىڭ ئالمىشىشى ــ ئابىرويپەرەسلىك، نادانلىق ــ ياڭزېڭشىڭنىڭ ھىيلىسى ــ خۇراپاتلىق ــ بۆلۈنمىچىلىك ــ قوش مەسچىت ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى: دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:
|
|