查看完整版本: [-- 8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش(سۆزلەرگە ئىزاھات) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> 8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش(سۆزلەرگە ئىزاھات) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-24 13:41

8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش(سۆزلەرگە ئىزاھات)

~v\ W[  
8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش J<"Z6 '0v  
ئايتماتوۋ ــ ھازىرقى زامان مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى، 1928-يىلى 12-دىكابىردا قىرغىزىستاننىڭ تاغلىق رايونى تاراستىكى بىر چارۋىچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952- يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان››، ‹‹يۈزمۇيۈز››، ‹‹جەمىلە››، ‹‹يەر ئانا›› ناملىق پوۋىستلىرى، 1963-يىلى ‹‹تاغلار ۋە يايلاقلار ›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى؛ ‹‹جەھەننەم›› قاتارلىق رومانلىرى بار . \jZ mu  
ئالجىغان ــ خىيالىغا كەلگەننى دەيدىغان بولۇپ قالماق ؛ ئەس - ھوشىنى يوقاتماق : - ئالجىپ قالدىڭمۇ ، ساۋۇت؟ - دېدىم مەن غەزەپلىنىپ . — نېمە دەۋاتىسەن ، ھەي ، ئەبلەخ؟! wS$ 'gKA6  
دۇرۇس ــ ① توغرا ، خاتا ئەمەس : دۇرۇس قىلماق . * دوستۇڭ دوست بولسۇن ، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن (ماقال) . ② توغرا ، ياخشى ، ئوبدان : دۇرۇس ئادەم . ③ ئەۋزەل ، ئارتۇق : - قانۇن ئالدىدا جاۋابقا تارتقاندىن ۋىجدان ئالدىدا جاۋابقا تارتقىنىم دۇرۇس ، - دېدى ھاشىر . ④ يۈكلىمە رولىدا كېلىپ ، «توغرا ، شۇنداق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ : دۇرۇس ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قانداق ئېھتىياج بىلەن بولمىسۇن ، ئۆز شارائىتىنى ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ]jmZ5h#[  
سېخىي ــ ① كىشىدىن ھېچ نەرسىنى ئايىمايدىغان ؛ مەرد : سېخىي ئادەم . سېخىي بالا . ② ھاياتى ، زۆرۈرىي نەرسىلەرگە چەكسىز باي ۋە ئۇنى ئىنسانغا ئايىماي ئېھسان قىلىپ تۇرىدىغان ؛ مول : ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي (ماقال) . 4}^\&K&t{  
بىھۇدە ــ ① پايدىسىز ، مەنپەئەتسىز ، بىكار : مەن بىھۇدە زايە بولغان ئاشۇ ئون يىلغا ئېچىنىمەن. ② ئورۇنسىز، ناھەق : ئۇ ئۆزىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ . ③ مەززىسىز ، كېلىشمىگەن ، ئاساسسىز، بولمىغۇر : ئالىم بىھۇدە گەپلەرنى كۆپ قىلىپ كەتتى . GYri\<[  
شۈبھى ــ شۈبھە قىلماق، گۇمانلانماق، ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارىماق: ئۇ ياغاچچى يىگىتتىن راستتىنلا شۈبھىلىنىپ قالدى . ur/:aI  
ھويلا ــ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆي تېمىغا تۇتاشتۇرۇپ تام چۆرۈپ ، دەرۋازا بېكىتىلگەن بوش جاي ؛ سەينا : ھويلا تېمى . تاشقىرىقى ھويلا . ئىچكىرىكى ھويلا . 5'"9)#Ve  
ئوقۇر ــ ھايۋانلارغا يەم- خەشەك بېرىش ئۈچۈن ،ھايۋانلارنىڭ بويى يەتكۈدەك ئېگىزلىكتە تەكچى شەكلىدە سېلىنغان ، چۆرىسىدە كىچىك توسۇق - تېمى بولغان قۇرۇلما : ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ (ماقال) . a#P{[  
بېدە ــ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . بۇ ئاساسەن چارۋا ماللار ئۈچۈن ئوت - چۆپ قىلىنىدۇ ، دېھقانچىلىقتا يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ . يېڭى چىققاندا ئۇنىڭدىن چۆچۈرە ، جۇۋاۋا قاتارلىق تاماقلارمۇ ئېتىپ يېيىلىدۇ . ;e ^`r;]  
ئايىماق ــ ① رەھىم-شەپقەت قىلماق ، يۈز-خاتىرىسىنى قىلماق ، ئەزىز دەپ بىلمەك : ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق (ماقال) . ② ئېھتىيات قىلماق ، ئاسرىماق ، ئاۋايلىماق ، تېجىمەك : دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر ، كالتىكىڭنى ئايىما (ماقال) . * ئات ئايىغان ئات مىنەر ، كىيىم ئايىغان تون كىيەر (ماقال) . ③ يوشۇرماق ، قىزغانماق : خۇدا ئۇنىڭدىن ھېچنىېمىنى ئايىماي ، سېمىزلىك ۋە ساغلاملىقنى ئەڭ ئالىي مۇكاپات سۈپىتىدە بەخشەندە قىپتۇ . 0$q)uip  
كاشىلا ــ ماشىنا ۋە ھەر خىل ئەسۋابلارنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نورمالسىزلىق : ماشىنىنىڭ ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنىدى . ② توسقۇنلۇق ، دەخلى ؛ چاتاق : كاشىلا بولماق . كاشىلا قىلماق . * سۆز قوغلىغان كاشىلىغا يولۇقار ، يول قوغلىغان خەزىنىگە يولۇقار (ماقال) . " [K>faV  
خورسىنماق ــ بىرەر غەم - ئەندىشە ، تەشۋىش ، مەغلۇبىيەت تۈپەيلى ئېغىر نەپەس چىقارماق ، ئۇھ تارتماق ، خورلۇق ھېس قىلماق : روشەننىڭ ئاياغ تىۋىشى يىراقلاشقاندىن كېيىن ، تالىپ ئېغىر خورسىنىپ قويدى . F%q}N,W  
يالتايماق ــ بىرەر سەۋەب تۈپەيلى قىلماقچى بولغان گەپ - سۆز ياكى ئىش - ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەك ؛ ئەسلىي ھالدىن ئۆزگىرىپ قالماق ، يېنىۋالماق : مەن نامەت توغرۇلۇق ئويلاشتىن تېزلا يالتايدىم - دە ، ئۇنىڭ يېنىدا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇخلاۋاتقان قۇرماش ئىسىملىك قازاق يىگىتكە قارىدىم . Fop'm))C8  
ۋەج ــ ① سەۋەب ، مۇددىئا ، مەقسەت ؛ باھانە : ۋەج كۆرسەتمەك . ② مال - مۈلۈك ، دەپىنە - دۇنيا : ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال) . 6"Rw&3D?  
ئۆگەي ــ ① ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا ياكى ئاپىسى ئەمەس (بالىلارغا نىسبەتەن) : ئۆگەي ئاتا . ئۆگەي ئانا . ② ھازىرقى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى ئۆزى تۇغمىغان (ئاتا ياكى ئاپىغا نىسبەتەن) : ئۆگەي ئوغۇل . ئۆگەي قىز . ③ بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان ياكى بىر ئاتىدىن بولمىغان ، ئانىسى ياكى ئاتىسى باشقا (پەرزەنتلەر بىر- بىرىگە نىسبەتەن) : نەچچە قېتىم ئۆلۈپلا تۈگىشەي دەپ ئويلىدىم . ئۆگەي بولسىمۇ يەنە شۇ ئىنىمغا تارتىشىپ ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەلدىم . ④ يات : باشقا يۇرتتىن كەلدى دەپ ئۆگەي كۆرۈپ قالارمۇ .  
تەشنا ــ ① سۇسىرىغان ، چاڭقىغان ؛ سۇغا زار : بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا (ماقال) . ② موھتاج ، ئىنتىزار : تەشنا بولماق . sA2esA@C 
قاينىماق ــ ① چۆگۈن ، قازان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى سويۇقلۇق كۈچلۈك ئوتنىڭ ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلى قىزىپ ، پار ھاسىل قىلىپ ، ۋاراقلاپ تۇرماق ؛ قىزىقلىقى مەلۇم دەرىجىگە يەتمەك : چاي قاينىماق . شورپا قاينىماق . * چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن ، قازان قاينىسۇن (ماقال) . ② پىشماق ، پىشىپ يېيىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك : ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىماس (ماقال) . ③ ئۆرلىمەك ؛ تۇتماق ، كەلمەك : تەيجىنىڭ زەردىسى قاينىدى ، ئۇ بەزمىنى توختاتتى . ④ جانلانماق ، قىزىماق ، قىزىپ كەتمەك : تىياتىرخانىنىڭ ئالدى خۇددى بايرام كۈنلىرىدىكىدەك قاينىغانىدى ، مەن ئالدىراپ كۇلۇب ئىچىگە كىردىم . ئويۇن ئاللىقاچان باشلىنىپ كېتىپتۇ . ⑤ كۆپەيمەك : كوچىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ . ⑥ خاپا بولماق ، چېچىلماق ؛ ئاچچىقلانماق ؛ تېرىكمەك : خەيرىنسا ئېرىنىڭ نېمىگە قايناۋاتقانلىقىنى ئەمدىلا چۈشەندى . K_F"j!0  
سىغماق ــ ① مەلۇم بىر دائىرە ئىچىگە ئورۇنلاشماق ، جايلاشماق ، پاتماق : بەش قول ئېغىزغا سىغماس (ماقال) . * ئىككى قىلىچ بىر غىلاپقا سىغماس (ماقال) . ② مۇۋاپىق ، ئۇيغۇن ، ماس ، لايىق كەلمەك : سۆز قىل سىغار يەرگە ، سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە (ماقال) . ③ ياراشماق ، ماس كەلمەك (كىيىم - كېچەك ھەققىدە) : كۈل رەڭ كىيىملەر ساڭا تازا سىغمايدىكەن ، ئەڭ ياخشىسى سەن قارا رەڭلىك رەختتىن كىيسەڭ بولغۇدەك . $Y M(NC  
ياماق ــ ① بىرەر نەرسىنىڭ يىرتىلغان ، تېشىلگەن ياكى ئۈزۈلگەن جايىنى ياماش ، پۈتۈنلەش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇيۇم ، لاتا : ياماق سالماق . * ياخشى سۆزگە قۇلاق سال ، يامان سۆزگە ياماق سال (ماقال) . * ئۈستىدىكى ياماق سېلىنغان شىمىنى ۋە شورلىشىپ كەتكەن بەتىنكىسىگە قاراپ ئۇنى مەلۇماتلىق بىر زىيالىي دېيىشكە بولاتتى . ② ياماشقا تېگىشلىك بولغان ، يامىمىسا بولمايدىغان جاي : بۇ يۇرتتا ھېچكىم باشقىلارغا ياماق ياماتمايدۇ ، شۇنداقلا ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامىقىنىمۇ يامىمايدىغان ئادەت بار ئىكەن . ③ ياماق سېلىنغان ، يامالغان ، تىكىلگەن : قوشماق ئاكا ئۆز ئۈستىدىكى ياماق يوتقاننى سوغۇقتىن لاغىلداپ تىترەۋاتقان كەنجى ئوغلى قاسىمنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى .  o .*t  
سۆسەر ــ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ، تۆت پۇتى قىسقا ، قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك ، ئاڭلاش سەزگۈسى كۈچلۈك كېلىدۇ . تۈرى كۆپ بولۇپ ، تېرىسى ئەتىۋارلىنىدۇ . HCT+.n6  
قۇلاقچا ــ كۆرپە ، تېرە ، رەخت قاتارلىقلاردىن ئىككى تەرىپىگە ئىككى قۇلاق چىقىرىپ تىكىلىدىغان قىشلىق باش كىيىمى . g@Pq<   
تۈگۈن ــ ① ئارغامچا ، يىپ ، لېنتا ، تاسما قاتارلىقلارنىڭ باغلاپ ئۇلانغان ياكى سىرتماق قىلىپ چىگىلگەن يېرى : بىزنىڭ زاۋۇتتىكى ئايال ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈن تۈگۈشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ . ② باغلاپ ، ئوراپ ، بوغچىلاپ چىگىلگەن نەرسە ؛ باغ ، بوغچا : ئۇ قىزىل يىپەك يىپ بىلەن باغلانغان بۇ تۈگۈننى يېشىپ ، ئىچىدىكى چوڭ ئاق شايى ياغلىقنى ئېچىپ قارىدى . ③ يىغىش ۋە تۈرۈشتىن ھاسىل بولغان ، تومپىيىپ چىققان جاي : باتۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ۋاڭنىڭ قويۇق قاشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر تۈگۈن پەيدا بولۇپ ، سەل تۈرۈلدى . ④ ئاساسىي يول ۋە لىنىيىلەرنىڭ تۇتاشقان ئېغىزى : قۇتۇبى ئورمانچىلىق مەيدانى قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا ، بۇ يەردىن ئاپتوموبىللار كۆپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ . ⑤ ۋەقە ، ھادىسە ، ئىش پائالىيەت قاتارلىقلارنىڭ گىرەلەشكەن ، يىغىلغان مۇھىم نۇقتىسى : مەسىلىنىڭ تۈگۈنى . كۈرەشنىڭ تۈگۈنى .⑥ بەدىئىي ئەسەردىكى ئاساسىي ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى : تۈگۈن يېشىلسە ، ئەسەردىكى ئاساسىي تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ . ⑦ كۆڭۈلدە ساقلانغان ، يېشىلمىگەن ، گۇمانلىق ، سىرلىق ئەھۋال ، نەرسە : قانداقتۇر بىر تۈگۈن كۆڭلۈمنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى . ⑧ بىرلىككە كەلگەن پىكىر : ئەپچىلەم ئېتىز يوللىرىدا ئاغىنىلىرى بىلەن تېپىشىپ ، بىر تۈگۈنگە كېلىشىپ ، كۆڭلى ئامان بوپتۇ . wxJoWbn  
خۇرجۇن ــ ئىچىگە نەرسە - كېرەك قاچىلىنىدىغان ، ئۇلاغقا ئارتىشقا باب قىلىپ يىپ ياكى يۇڭدىن توقۇلىدىغان ئىككى باشلىق قاپ : ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن (ماقال) . L+~XW'P?  
ئوتۇن ــ كېسىپ ، يېرىپ ئوت قالاش ئۈچۈن تەييارلانغان ياغاچ ، شاخ - شۇمبا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر ، ئومۇمەن ئوت قالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ياغاچلار : ئوت بار يەردە تۈتۈن بار ، سۇ بار يەردە ئوتۇن بار (ماقال) . V|~o`(]  
چاتقال ــ ① بويى پاكار ، توپ - توپ بولۇپ ، شاخلىنىپ ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق بىر خىل ئۆسۈملۈك . ② تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى . 7r' _p$  
ئۈزەڭگە ــ ئات - ئۇلاغقا مىنگەندە ، دەسسەپ چىقىش ئۈچۈن تاسما باغ ئارقىلىق ئېگەر ياكى چومغا بېكىتىپ قويۇلىدىغان جابدۇق . ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ : ئاتتىن چۈشسە ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەس (ماقال) . hvO$ f.i  
مۈگدەك ــ ئويغاق بىلەن ئۇيقۇنىڭ ئارىلىقىدىكى ھالەت : كۆپ مىقداردىكى كۆچۈرۈپ يېزىش تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگەندە بالىلارنىڭ قوللىرى تېلىپلا قالماستىن ، بەزى بالىلارنى مۈگدەك باسىدۇ . >Rt:8uurAG  
ھاياتبەخىش ــ ھايات ئاتا قىلىدىغان؛ جانلىقنىڭ ياشىشى ئۈچۈن شەرت -شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان، كۈچ-قۇۋۋەت ، تېتىكلىك ۋە زوق - شوق بېغىشلايدىغان : ھاياتبەخش ئەتمەك . P HOngn  
باراقسان ــ قۇيۇق، بۈك، باغجانلاشقان . .6$=]hdAp  
نەپس ــ ① كىشىلەردىكى يېيىش - ئىچىش ، مال - دۇنياغا بولغان ھەۋەس ، قىزىقىش ئەگەر : پۇشايمانغا دۇچار بولۇشتىن خاتىرجەم بولاي دېسەڭ ، نەپسىڭگە ئەگىشىپ خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلىشقا كىرىشمە . ② شەھۋانىي ھەۋەس ، تەلەپ : - قارىغاندا بۇ ئايالنىڭ نەپسى ياماندەك قىلىدۇ . نەپسىڭنى يىغ ، ئۆزۈڭنى ؛ ئالدۇرۇپ قويما ، يەنە ، - دېدى ئۇ ماڭا مەنىلىك قىلىپ . ElpZzGj+  
غۇيۇلدىماق ــ «غۇي - غۇي» قىلغان ئاۋاز چىقارماق ، «غۇي - غۇي» قىلماق : ھەربىي ماشىنا غۇيۇلداپ مېڭىپ كەتتى . DFQ`(1Q  
تىۋىش ــ ① مەلۇم ھەرىكەتتىن ئاڭلانغان ئاۋاز ، شەپە : تاشقىرىدا دۈپۈرلىگەن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى . ② كۆچمە . بىرەر نەرسە ھەققىدىكى ئۇچۇر ، شەپە ، خەۋەر : كەچ پېشىنگىچە ھېچ يەردىن ئۇنىڭ تىۋىشىنى ئالالمىدى . q?mpvpL G  
مەسە ــ خۇرۇم ، چىگرىن ۋە شاۋرۇن قاتارلىقلاردىن ئۇزۇن قونچلۇق ، چەمى يۇمشاق ۋە كەش ياكى كالاچ سېپىپ كىيىشكە باب قىلىپ تىكىلگەن بىر خىل مىللىي ئاياغ كىيىمى . &l ]F&-  
كالاچ ــ ئۆتۈك ، مەسە ، بەتىنكە ، شىبلىت قاتارلىق ئاياغلارنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كىيىدىغان رېزىنكە ئاياغ كىيىمى : ئەخمەت ئالىقانلىرى بىلەن باينىڭ كالىچىنى سۈرتۈۋاتاتتى . oqh@ (<%  
قامچا ــ ئات - ئۇلاغلارنى ئۇرۇپ ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، تاسما ، كىرىچ ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن چاچتەك ئۆرۈپ ياسىلىدىغان دەستىلىك سايمان : ياخشى ئاتقا قامچا لازىم ئەمەس ، ياخشى ئادەمگە سۆز (ماقال) . xg, 9~f[  
مەمنۇنىيەت ــ خۇشاللانغان ، خۇرسەن ، مەمنۇن بولغان ھالەت ؛ مەمنۇن بولۇش ، مەمنۇنلۇق ، خۇرسەنلىك : شۇنداق چاغلاردا روزىئاخۇن بىلەن ئايخان ئايلا مەمنۇنىيەت بىلەن خۇدادىن ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ ئۇزاق دۇئا قىلىپ كېتىشەتتى . D :j5/ *  
بەيگە ــ ① ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى :ئات بەيگىسى . ② مۇسابىقە ، بەسلىشىش : كېلىڭلار بەيگىگە دوستلار ، سىنايلى جەڭدە غەيرەتنى ، جاسارەتنى كۆرەك ئەيلەپ ، تەشەككۇر مۇنبىرى كەلدى . Nb3O> &J  
سوۋغا ــ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ، كۆڭلىنى ئېلىش ، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن بېرىلىدىغان نەرسە ، ھەدىيە . $Bc3| `K1v  
دېرىكتور ــ مەلۇم كارخانا ياكى شىركەتنىڭ مەسئۇلى . {`*Fu/Upb  
ئۇلاشماق ــ ① بىرىنىڭ ئاخىرىغا بىرى تۇتاشقان ، ئۇلانغان ، باغلانغان ھالەتتە بولماق : پەسىل كەينىدىن پەسىل ، ئىش كەينىدىن ئىش بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋەردى . * سۆزىنىڭ باش - ئايىغى ئۇلاشمىدى . ② يېقىنلاشماق ، تەڭلەشمەك : ئوتتۇز ياشقا ئۇلاشتىڭ ، مۇبارەك تويۇڭ ۋەتەن . چاقنىسۇن گۈزەل ، كۆركەم ، گۆھەردەك بويۇڭ ۋەتەن . ③ يېتىپ كەلمەك ، يەتمەك : بۇلار چۈشكە يېقىن بىر يولغا ئۇلىشىپتۇ . ④ ئېرىشمەك، ئىگە بولماق : نەچچە يىلدىن بېرى ئاتىمۇ ، ئانىمۇ يىراق - يېقىن دېمەي ھەر تەرەپكە كىشى قويغان بولسىمۇ ، دىتىغا ياققۇدەك كېلىنگە ئۇلىشالمىدى . AU)\ lyB  
غايىبانە ــ ① ئۆزىنى كۆرمىگەن ياكى سۆھبەتلەشمىگەن ھالدا ، سىرتتىن : مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك كۈچى غايىبانە ھالدا ئۇنى ئەسىر ئەتتى . ② ئۆزىنى كۆرمىگەن ، نامەلۇم : قىزنىڭ كۆزى يەنە ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە پەرمانقۇلنى كۆرۈپتۇ . شۇندىن كېيىن قىز بۇ غايىبانە يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ . fW= 
دەپنە ــ ئۆلۈكنى يەرلىككە قويۇش ، كۆمۈش : نۇرىدىن ۋەسىيىتىنى تۈگىتىپلا جان ئۈزۈپتۇ . شاھمۇ ، ئەمىرلەرمۇ قايغۇرۇشۇپتۇ . شاھ ۋەزىرلەر دەپنە رەسمىيەتلىرىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ ، كۆمۈپ قويۇپتۇ . J9tV|0  
ناسىۋال ــ كۆك تاماكا بىلەن چاكاندا كغلىنى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بىر خىل چېكىملىك: سادىق بوۋاي ئاچچىقىنى بىر چىمدىم ناسۋال بىلەن بېسىپ ، ناسىرنىڭ بىقىنىدىن ئورۇن ئالدى . }BT0dKx  
خۇمار ــ ① ئادەتلىنىش تۈپەيلى بىرەر نەرسىگە قارىتا كۆڭلىدە ھاسىل بولغان كۈچلۈك بىر خىل تەشنالىق ؛ زور ئىستەك : خۇمارى تۇتماق . خۇمارى يېشىلمەك . ② بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشكە ئىشتىياق باغلىغان ؛ ياخشى كۆرىدىغان ، ھەۋەس قىلىدىغان : گۈل خۇمار ئادەم . ناخشا خۇمار . گەپ خۇمار . ئادەم . خۇمار . R#y"SxD()  
بولقا ــ مىخ قاتارلىق نەرسىلەرنى قېقىش ، تۆمۈر ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈستىنى تەكشىلەش ۋە ئېگىشكە ئوخشاش ئىشلاردا قوللىنىلىدىغان ياغاچ دەستىلىك پولات ياكى ياغاچ سايمان . u' kG(<0Y  
سىقىم ــ ① قولنىڭ بارماق ۋە ئالىقانلىرىنىڭ بىرەر نەرسىنى چاڭگاللاپ، سىققان ۋاقىتتىكى ھالىتى : باي - شاڭيو دەمدۇ ، شەنگەن - يايى دەمدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئاچسا ئالىقىنىدىكى ، يۇمسا سىقىمىدىكى كىشىلەر بولۇپ قالدۇق . ② ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئۆزىنى ئېنىقلاپ كەلگەن نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ : مېكىياننىڭ خىيالى بىر سىقىم تېرىق (ماقال) . `S4*~Xx  
تاۋاپ ــ مۇقەددەس ئورۇنلارغا قىلىنغان زىيارەت : تاۋاپ قىلماق . *fj]L?,  
ئۇچقۇن ــ ① كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ چاچرىشىدىن ياكى نەرسىلەرنى سۈركەشتىن چىققان ئوت پارچىسى : تاماكا ئورۇدۇم ، ئەمما ئىچىگە قۇم-توپا توشۇپ كەتكەن چاقمىقىمدىن بىرەر تال ئۇچقۇنمۇ چىقمىدى . ② نەرسىلەرنىڭ چاچرىغان ، توزىغان ئۇششاق پارچىلىرى ، زەررىچىلىرى : قاش قارايغان چاغ ھاۋا سوغۇق ، ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداپ تۇراتتى .   ③ سەزگۈ ، ھېسسىيات ، رەھىي ھالەت قاتارلىقلار ئىپادىلەنگەن كىشى سىياقىدىكى مەلۇم ئالامەت ، بەلگە : مەستۈرەنىڭ كۆزلىرىدە كۈلۈمسىرەش ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى . c V MRSp  
كولخوز ــ كونا. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغان، كوللېكتىپ بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى . qgfP6W$  
بوتقا ــ تويدا قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ھاردۇق سوراش يۈزىسىدىن گۈرۈچ ، ماي ، گۆش قاتارلىقلار بىلەن ئېتىلىدىغان بىر خىل تاماق . Q1yXdw  
تايغان ــ ① ئىتنىڭ بىر خىلى . بېلى ئىنچىكە ، پاچىقى ئۇزۇن ۋە يۈگۈرۈك كېلىدۇ ؛ ئادەتتە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ۋە ئوۋغا ئىشلىتىلىدۇ . ② تىۋىتى ، تۈكى ، مويى پەس : تايغان تېرە . ,H.5TQ#  
سۆزسىز ــ ① سۆزى يوق ، سۆز قىلمايدىغان ؛ ئاۋازسىز : سۆزسىز ئولتۇرماق . سۆزسىز ماڭماق . ② شەرتسىز ، شۈبھىسىز ؛ چوقۇم : سۆزسىز ئىتائەت قىلماق . سۆزسىز بويسۇنماق . سۆزسىز قوبۇل قىلماق . .I#_~C'\  
سەندەل ــ ① تۆمۈرچى ، زەرگەر ، مىسكەرلەرنىڭ تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئۈستىدە قويۇپ ، بولقا ياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋابى . ②سەندەل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ . ياغىچى چىڭ ۋە خۇش پۇراق ، ئۇنىڭدىن قورال - جابدۇق ياسىغىلى ، مېۋىلەرنى ئىسلىغىلى ياكى دورا ۋە پۇراقلىق ماتېرىياللارنى چەككىلەپ ئالغىلى بولىدۇ . ③ شۇ خىل دەرەخنىڭ ياغىچى . ④ قىشنىڭ كۈنلىرى سوغۇقتا پۇت - قوللارنى ئىسسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ، ئىچىگە چوغ سېلىپ قويۇلىدىغان ، تەلەڭگە شەكىللىك بىر خىل سايمان ؛ چوغدان . ⑤ يىغسا يىغقىلى بولىدىغان ، كىچىك ھەم ئەپچىل قىلىپ ياسىلىدىغان بىر خىل ئورۇندۇق . )/Eu=+d  
يورغا ــ رېتىمىنى بۇزماي ، بىرخىلدا ھەم سىلىق ھەم يۈگۈرگەندەك ئىتتىك ماڭىدىغان ئات : يورغىسىغا چۈشمەك . * يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار ، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار (ماقال) . ∥ يورغا ئات . LxWd_B  
پۈتمەك ــ ① ئاخىرىغا يەتمەك ، تاماملانماق ، تۈگىمەك ، ئاياغلاشماق : تەييارلىق پۈتمەك . * پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما ، ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا (ماقال) . ② تەييار بولماق : كىيىم پۈتمەك . * كۆپچىلىكنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشى ئارقىلىق قۇرۇلۇش مۆلچەرلىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتى . ③ يازماق ، خاتىرىلىمەك : ئامان شاھ ئۆز شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن ، دەرھال بىر پۈتۈك پۈتۈپ ئەلچىلەرگە تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ .④ ئىچىدىكى بوشلۇق تىنىپ كەتمەك ، تۆشۈكى ئېتىلىپ قالماق ؛ پۈتەي ھالەتكە كەلمەك : يىڭنىنىڭ تۆشۈكى پۈتۈپ قاپتۇ . ⑤ بوغۇلماق ، گاراڭ بولۇپ قالماق : ئۇنىڭ قۇلىقى پۈتۈپ قاپتۇ . * ناخشىچى قىزنىڭ ئاۋازى بىرئاز پۈتۈپ قالدى . *[b>]GXd49  
شەلپەر ــ پاختا ۋە يىپەكتىن توقۇلغان قىزىل رەخت : ۋاڭنىڭ ئالدىدىكى كالا بېشىغا شەلپەر چىگىلگەنىدى . ∥ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەلپەر كۆڭلەك ئايدىڭغا ياقتى بولغاي ، ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئايلاندۇرۇپ كۆردى . ?GhMGpd Mq  
پاراۋوز ــ پويىزنىڭ ۋاگونلارنى سۆرەپ ماڭىدىغان قىسمى ، بۇقىسى . ئۇنىڭ پار ، ئېلېكتر كۈچى ، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل قاتارلىقلار ئارقىلىق ماڭىدىغان بىر نەچچە خىللىرى بولىدۇ . +zLw%WD[l  
بۇرۇتى خەت تارتمىغان ــ بۇرۇت ئورنىدىكى سېرىق تۈكلەر قارداپ ئاشكارە بولمىغان. +|X`cmnuU  
مەزمۇت ــ ① پۇختا ، چىڭ ، مۇستەھكەم : تومىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ مەزمۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى . ② قاۋۇل ، كۈچلۈك : مەزمۇت گەۋدە . مەزمۇت ئادەم . ③ چىڭ ، پۇختا ، تەۋرەنمەي : مەزمۇت قەدەم تاشلىماق . ④ ئىشەنچلىك ، راست : شوپۇرنىڭ چىرايىدا بىر خىل ساددىلىق ھەمدە ئۆز گېپىنىڭ توغرا ، مەزمۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىپادە بار ئىدى . +Q);t,  
تەڭتۈش ــ ياش جەھەتتىن تەڭ ، قۇرداش ، بىردېمەتلىك : ئۇلار سەمەتنىڭ تەڭتۇش ، سىرداش دوستلىرى ئىدى . ∥قادىر كۈندۈزنى ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن ئاشخانىدا ئۆتكۈزدى . |7A}LA  
خۇسۇسەن ــ باشقىلاردىن كۆرە ، بولۇپمۇ : ئۆسمۈرلەرگە ، خۇسۇسەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم . oyk&]'>  
مەنمەنچى ــ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان ، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئادەم : مەنمەنچى ھوقۇقدار سۆزىدىن توختاپ ، ئىككىنچى قېتىم يانچۇقىدىن تۆگە ماركىلىق تاماكىسى ئالغاندىن كېيىن ، بارماق تىرنىقىغا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇپ قويۇپ تۇتاشتۇردى . cjg~?R  
تەنتەك ــ ① ئۆزىنى توختاتمىغان ، شوخ : ئۇ ھازىر ياشلىق يىللىرىدىكىدەك قارام ۋە تەنتەك ئەمەس ئىدى . ② بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئالدى - كەينىنى ، ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىمايدىغان ؛ ئالدىراڭغۇ : تەنتەك ئادەم . تەنتەك بالا . ③ توسۇن ، ئويناق : مەشۇرئاخۇن بولسا تەنتەك تورپاقتىن ئېھتىيات قىلىپ ، بۇقۇسىغا يانپىشىچە يۆلىنىپ تۇراتتى . Ac|d mu  
كەنجى ــ ① پەرزەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كېيىن تۇغۇلغىنى ، ئەڭ ئاخىرقى پەرزەنت : توختى ئاكامنىڭ كەنجىسى ، 11 ياشلىق پەرىدە . بۇ يىل تۆتتە ئوقۇيدۇ ، نومۇرى يۈز ھەممىدە . ② ھەممىدىن كىچىك ، باشقىلىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان : سىيىت ئاكا كەنجى ئوغلىغا «تۇرسۇن» دەپ ئات قويۇپتۇ . ③ ئەڭ كىچىك ، ئەڭ كېيىن تۇغۇلغان (ھايۋانلار ھەققىدە) : كەنجى قارلىغاچ . كەنجى ئاسلان . ④ نىسبەتەن كېيىنرەك تېرىلىدىغان ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىشىدىغان (تۈرلۈك زىرائەتلەر ھەققىدە) : كەنجى قوغۇن . كەنجى قوناق . ⑤ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ياكى نۆۋەت ، ئەڭ ئاخىرقى رەت : تۇنجى قېتىم ، ياق ئۇ كەنجىسى ، كۈلۈمسىرەپ ۋىسال غۇنچىسى ، بىز سۆزلەشتۇق ئۆتمەي بىر مىنۇت ، باشقا تەگدى زالىم قامچىسى . ⑥ دەرىجە، ئۇنۋان جەھەتتە تۆۋەن تۇرىدىغان، مەرتىۋىسى تۆۋەن، تۆۋەن دەرىجىلىك: بىرپەستىن كېيىن كەنجى سەركەردە - سەرۋازلار ئىككى قاتارغا بۆلۈنگەن ھالدا كىرىپ كېلىشتى . a:HN#P)12  
فرونت ــ ① ئۇرۇش ۋاقتىدا ، دۈشمەن قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جاي، جەڭ مەيدانى ؛ ئالدىنقى سەپ : شۇ كەچتە پۈتۈن شەھەر خەلقى فرونتقا كېتىۋاتقان ئوغۇلقىز جەڭچىلەر بىلەن قىيقاس - چۇقانلار ئىچىدە خۇشلاشتى .② ئاتموسفېرادىكى سوغۇق ھاۋا ماسسىسى بىلەن ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تار ، ئۆتكۈنچى بەلۋاغ . j} ^3v #  
پاتپاراق ــ  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قالايمىقان ، تەرتىپسىز ھالەت ؛ ئاۋاز : پاتىپاراق بولماق . * دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى . L'aB/5_%  
داجىش ــ چېكىنمەك كەينىگە سۈرۈلمەك ، سەل ئارقىغا يىراقلاپ. 1t?OD_d!8  
ئوركېستىر ــ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى يىغىندىسى ۋە شۇ ئەسۋابلارنى چالىدىغان مۇزىكىچىلار كوللېكتىپى : دۇخوۋوي ئوركېستىر . تارلىق چالغۇلار ئوركېستىرى . مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئوركېستىرى . U{[YCs fk  
كومىسسار ــ ①دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى . ② پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيىدىكى ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى كوماندىر بىلەن باراۋەر بولغان ئالاھىدە ۋەكىلى : سىياسىي كومىسسار . ~re}6-?  
كاساپەت ــ ① يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولغۇچى كىشى ياكى نەرسە : بۇ كاساپەتنىڭ كەينىگە كىرسەڭ بىرەر بالاغا يولۇقماي قالمايسەن . ② «بالا تەگكۈر» ، «ئۆلگۈر» دېگەن مەنىلەردىكى ھاقارەت سۆزى : مىڭلاپ-مىڭلاپ دانلار قېنى؟ ئۈجمىنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان مۇشۇ كاساپەتلەر يەپ كەتتى - دە . ③ شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ «سەۋەبى ، تۈپەيلى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : مېنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشىم ئاشۇنىڭ كاساپىتى . 2@2d |  
بارابان ــ ئىككى يۈزىگە تېرە تارتىلغان ، يۇمىلاق قاسقانلىق ، چوكا بىلەن چالىدىغان مۇزىكا ئەسۋابى . A]i!131{w|  
ھىمايە ــ ①بىرەر ئىشتا ياردەم بېرىش ؛ ھامىيلىق ؛ مەدەت : ھىمايە قىلماق . ② خەۋپ - خەتەر ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ، قوغداش ، مۇھاپىزەت ، مۇداپىئە : ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغۇچى دەپ قاراپ ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ . 8u H8)  
كولۇننا ــ سەپكە تىزىلغان قوشۇن . =*lBJ-L  
دەپسەندە ــ ئاياغ ئاستى wi jO2F  
بەند ــ ① بېكىتىلگەن ، مىخلانغان جاي : چىن ئاشىقلار چاقار قەپەس بەندىنى ، ئىشەنگىن ئەي قەمەرشاھ دەردىڭ تۈگەيدۇ . ② باغلاق ، سولاق ، تۈگۈن ، تۇزاق ، قاپقان : يا بىر يامان دەردكە قالدى ، ياكى ئۇنى بەندكە سالدى، يا زىندانغا سولاپ ئالدى ، نە بولدى يارىم كەلمىدى . ③ ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالىتى : مەن پۇت - قولۇم ئازادە بولغىنى بىلەن قەلبىم بەند قىلىنغان ، كىشەنلەنگەن ئادەممەن . . . ④ بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل ، بوش ئەمەس : ئۇ جىددىي ئىش بىلەن بەند ئىدى . ⑤ بىرەر نەرسىگە بېرىلگەنلىك ، مەپتۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئېلىنغانلىق : تەسىرلىك ئىسكىرىپكا كۈيلىرى يەنىلا مېنى بەند قىلالمىدى . ⑥ باغلانغان ، مۇپتىلا بولغان : ئەي جاپا دەستىدە سەرگەردان يىگىت ، نەدىسەن ، تۆھمەتكە بەند ، قۇربان يىگىت؟ 'plUs 
پېررون ــ ۋوگىزالدا يولوچىلار تۇرىدىغان چوڭ زال . Z@+nkTJ9&t  
سورتلاش ئىستاسسى ــ مەھسۇلاتنى سۈپىتىگە قاراپ دەرىجىگە ئايرىيدىغان ئورۇن . ;NRh0)%|o  
چۇلۋۇر ــ ① ئۇلاغنىڭ نوختا ۋە يۈگىنىگە بېكىتىلگەن ، ئۇلاغنى يېتىلەش ۋە باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تانا . ② بىراۋنىڭ باشقۇرۇلۇشى ، ئىختىيارى ، ئەركىنلىكى ، تەقدىرى : ئۇنىڭ چۇلۋۇرى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇشۇبىڭنىڭ قولىدا ئىدى . j%nN*ms  
پىرى ــ ① ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم ، قېرى كىشى : مەن چۈشۈمدە پىردەك چاچ - ساقىلى ئاقارغان بىر كىشىنى كۆرۈپتىمەن . ② تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى ، رەھبىرى : ئابدۇرىشىتخان : - ھەزرىتى پىرىمنىڭ خەيىرخاھلىقىغا تەشەككۈر - دېدى . ③ بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى دەپ قارىلىدىغان كىشى : ياغاچچىنىڭ پىرى . ④ بىرەر ئىش ، كەسىپ ياكى ساھەنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى ، شۇ ساھەدە ئەڭ ماھىر ، ئۇستا ئادەم ؛ ئۇستاز : - ئوينىماي ئولتۇرسام بىلمەمدىكىن دېمەڭ ، تانسا دېگەننىڭ پىرى بىز! - دېدى نامەت . NLL"~  
قامبار ــ ئادەم ئىسمى. ئات مىنىش، كۆندۈرۈشنىڭ پىرى (ئۇستازى). :\"0jQ.y|  
zT,@PIC(  
3i!a\N4 K  

ئايبىكە 2013-07-24 16:44
ھارماڭ.تەتىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ  مۇنبىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا پايدىلىق يوللانمىلارنى يوللاۋاتىسىز.يەنىلا مۇنبىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى- دە.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 15:21
ئەتراپلىق ئىزاھلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

koksangun 2013-07-27 23:54
تولىمۇ تەسىرلىك ئەسەر بۇ ، چىڭغىز ئايتماتوۋ ئەسەرلىرى ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بۇ ...

بابۇر0725 2014-03-14 00:03
بەكمۇ ياخشى  تۇلۇق ئەتراپلىق رەتلىنىپتۇ ھارمىغايسىز


查看完整版本: [-- 8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش(سۆزلەرگە ئىزاھات) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled