查看完整版本: [-- ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-24 13:39

ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش


8. ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش
چىڭگىز ئايتىماتوف
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش (مۇھىم نوقتا)
2.پېرسوناژلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىش ماھارىتىنى ھېس قىلدۇرۇش   (قىيىن نوقتا)
ھېسسىيات نىشانى:
ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەن ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشنىڭ قان – قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.ئاپتور ھەققىدە چۈشەنچە
ئايتماتوۋ ــ ھازىرقى زامان مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى، 1928-يىلى 12-دىكابىردا قىرغىزىستاننىڭ تاغلىق رايونى تاراستىكى بىر چارۋىچىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان››،‹‹يۈزمۇيۈز››،‹‹جەمىلە››،‹‹يەر ئانا››ناملىق پوۋىستلىرى، 1963-يىلى ‹‹تاغلار ۋە يايلاقلار ››ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى ؛ ‹‹جەھەننەم ›› قاتارلىق رومانلىرى بار .
2. ئەسەر قاتلاملىرى :
1) قەھرىماننىڭ ئۆيىدىن چىقىشى .
2) تاغ يولى بىلەن يېزا يولىنى ئايرىيدىغان ئارا يول .
3)ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش.
3. ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل
  چوردۇن بوۋاي ھېكايىدىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ . ھېكايە چوردۇن بوۋاينىڭ 20يىلنىڭ ئالدىدا يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن ئوغىلنى سېغىنغانلىقى بىلەن باشلىنىپ،بوۋاينىڭ ئوي خىياللىرى ،ھېسىياتى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ . ئەسەرنى ئوقۇغاندا تەبئىي ھالدا بوۋاينىڭ ھېسىياتىغا ئەسىر بولۇپ كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
ھېكايىدىكى ۋەقەلىك بىلەن مۇھىت تەسۋىرى ۋە پىرسۇناژ تەسۋىرى زىچ گىرەلەشكەن بولۇپ، قانداقلا بىر ئابزاسنى قىسقارتىش مۇمكىن ئەمەس.
ئەسەردە مۇھىت تەسۋىرى پېرسۇناژ خاراكتىرىنى ئېچىپ بېرىش رولىنى ئوينىغان .
ئەسەردىن بىر دادىنىڭ ئوغۇلىغا بولغان دادىلىق مېھرىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قىسقىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتنىڭ قان-قېرىنداشلىق ھېسىياتىدىن ئارتۇق تۇردىغانلىقىنى بىلۋالالايمىز.
ئەسەر ئۈچىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان .
4. دەرسخانىدىكى مەشىق:
1) تۆۋەندىكى تەسۋىرلەرنىڭ تۈرىنى ئايرىپ بېرىڭ.
‹‹ئۇ بېشى ساڭگىلىغان ھالدا ئاشتا مېڭىپ كەلمەكتە ، ‹مەن نېمە قىلىپ قويدۇم ، ئەقلىمدىن ئازدىممۇ ؟ دېدى گۇدۇڭلاپ ۋە يولنىڭ ئوتتۇرسىدا توختاپ ، خىيالغا چۆمگەن ھالدا ئەتىراپىغا سەپسالدى. قۇشلار توپى ئۇچۇپ كەتكەن چېتى كۆرۈنمەس ئېتىز ئاسمىنىغا ئۇزاق قاراپ: ‹ياق، مېنىڭ ئوغلۇم تىرىك› دەپ پىچىرلىدى. (          )
2) ‹‹ مانا ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قارلىغاچلار ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر يازنى ئۆتكۈزگەن ماكانىنى ئايلىنىپ خوشلاشماقتا . ئۇلار ئاسماندا ئۈنسىز غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئايلانماقتا . بۇ ، كۈن نۇرىدا پارقىرىغان قۇشلارنىڭ چوڭ بىر قارا توپى ئىدى . (                )
3) ئىستانسىدىكى ئىككى قوڭغۇراق ئاستاغىنە چېلىندى. خەيرىلىشىش ۋاقتى كەلدى . چوردۇن ئوغلىنىڭ چىرايىغا ئاخىرقى قېتىم قارىدى  ۋە بۇ چىرايدا ئۆزىنىڭ ئەكسىنى، ياش چېغىنى، يىگىتلىك مەزگىلىنى كۆردى. ئۇ ئوغىلىنى باغرىغا چىڭ باستى .دەل شۇ مىنۇتتا ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتىلىق مۇھەببىتىنى ئوغىلىغا بەرگۈسى كەلدى. (             )
5.خۇلاسە :
بۇ ئەسەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، دۇنيادا ھەر قانداق مېھرى مۇھەببەتتىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىنىڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل ئەخلاق پەزىلەت ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن.
6.تاپشۇرۇق :
1.ئەسەرنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ بېقىڭ ياكى چوردۇن بوۋاي بىلەن زامان، ماكاندىن ھالقىغان سۆھبەت ئېلىپ بېرىڭ .
2. كۆنۈكمە سوئاللىرىغا يازمىچە تەييارلىق قىلىپ كېلىڭ .
7. دوسكا لايىھىسى:
ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش
چىڭگىز ئايتىماتوف
ئايتماتوۋ ــ ھازىرقى زامان مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى.  1928-يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئەسەرلىرىدىن: ‹‹جەمىلە››، ‹‹يەر ئانا››، ‹‹تاغلار ۋە يايلاقلار›› ‹‹جەھەننەم ››، ‹‹ئاق پاراخوت››
ئوغۇل ـــ سۇلتان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
چوردۇن ــ ئوغلىنى سېغىنىش، ئۆتمۈشنى ئەسلەش، كۆرگىلى بېرىش
چوردۇننىڭ خاراكتېرى ــ ھەقىقىي ئادەم ــ ۋەتەن ئوغلانلىرى مەڭگۈ ھايات.
8. دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:

kaqur 2013-07-24 15:05
ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئىچىدە ئېسىمدە بەكىرەك قالغىنى مۇشۇمىكىن دەيمەن...
ئاجايىپ ئامراق ئىدىم بۇ تېكىستكە

ئايبىكە 2013-07-24 16:16
تېكىستنى ئۇماقلىرىمغا ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتىرىدە ئوقۇپ بېرىش جەريانىدا چوردون بوۋاينىڭ پىسخىك تەسۋىرلىرىنى ئوقۇۋىتىپ يىغلاپ كەتكەنتىم.
چىنلىق بىلەن يېزىلغاچقىمۇ ئوقۇرمەنگە بەكرەك تەسىر قىلىدىكەن.

ئايبىكە 2013-07-24 16:18
ۋەتەن مۇھەببىتى ئالدىدا پەرزەنت مۇھەببىتى ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.شەخسىيەتسىز مۇھەببەتتە.

ئايبىكە 2013-07-24 16:24
تېكست تەھلىلى جەريانىدا بەزى ئوماقلىرىم؛«مۇئەللىم،چوردون بوۋاي بەكمۇ ئەخمەق،ۋەتەننى ئۈچۈن ئوغلىنىڭ جېنىنى سېلىپ بەردى.ئەرزىمەيتتى.»

يا ،پاناھ، ئوقۇغۇچىلاردىكى شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ ئېغىرلىقنى نېمە دەي؟
ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىپ تورۇپ،ۋەتەن مەۋجود بولغاندىلا،شەخسنىڭ مەۋجود بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ،كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى،ئىنسان تىراگىدىيىسى تەكرارلىنىۋاتقان ئۇتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىن مېسالنى كۆپلەپ ئېلىپ قايىل قىلغانىدىم.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 15:20
بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل دەرس ، كۆپ رەھمەت !!!

ئەشمە 2014-03-12 13:40
يەنىمۇ تىرىشىڭ.

تۇمشۇق 2014-07-17 16:40
بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل دەرس ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled