查看完整版本: [-- 7.پالۋان كەلدى(سۆزلەرگە ئىزاھات) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> 7.پالۋان كەلدى(سۆزلەرگە ئىزاھات) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-07-24 13:35

7.پالۋان كەلدى(سۆزلەرگە ئىزاھات)

Q[F$6m%o  
7.پالۋان كەلدى [^-DFq5@  
تېيىپچان ھادى ــ (1925-1989) غۇلجا شەھىرىدە توغۇلغان، يازغۇچى، تارىخچى. a)8M'f_z  
سۇنبۇلە ــ مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى – كەينىدە قۇياش بۇرجقا كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم كۈزكى تېرىم بولىدۇ. SfwAMNCe  
قىيام ــ ① شېكەر، شىرنىلەر ئېرىتمىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان قويۇق شەربەت. ② مۇراببا: ئالما قىيامى. ئەنجۈر قىيامى. قىيام بولماق. قىيامىغا كەلمەك. ③ ئۆرە تۇرۇش ، تىك تۇرۇش : قىيامدا تۇرماق . ④ كۈن تىكلەنگەن چاغ ، چۈش : سۇنبۇلە ئېيىنىڭ باشلىرى ، قىيامدىن ئېگىلگەن ئوچۇق كۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە يالتىرايتتى . ⑤ بىرەر ئىش ، پائالىيەت قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجە ، چەك . Q|o~\h<  
زىندان ــ يەر ئاستىدىكى زەي ۋە قاراڭغۇ قاماقخانا ؛ سولاقخانا ؛ تۈرمە : زىندانغا تاشلىماق . زىنداندا ياتماق . X}3o  
مىغىلدىماق ــ توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماق (نۇرغۇن جانلىق ھەققىدە) : يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن ، بازاردا كىشىلەر مىغىلدايتتى . {^ ^)bf|1'  
سىپايە ــ تەمكىن ، ئېغىر - بېسىق ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ؛ كەمتەر ، مۇلايىم : سىپايە ئادەم . B [O1^jdO  
كەكە ساقال ــ ① ئېڭەك قىرى قىرىۋېتىلىپ ، پەقەت زاڭاق قىسمىغىلا قىسقىراق قىلىپ قويۇلغان ساقال: يۈسۈپ تەيجى پەي ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، شالاڭراق كەلگەن كەكىساقىلىنى سىلىدى. ② شۇنداق ساقىلى بار كىشى: - ھەي كەكىساقال، - دېدى بىر چېرىك ھاشىم ئاكىغا ۋارقىراپ، - سېنى دەۋاتىمەن، بۇ ياققا كەل! !_gHIJiq}  
دوقا ــ ① باشنىڭ ئارقا قىسمى ياكى پېشانە تەرىپىدىكى دۆڭ يېرى : ئۇنىڭ مەڭزى قىزىرىپ ئىششىغان ، پېشانىسىنىڭ دوقىسى كۆكىرىپ كەتكەنىدى . ② مەلۇم بىر قىسمى ئەسلىي دائىرىدىن بىرئاز چىقىپ تۇرىدىغان : دوقا چاق . دوقا ماڭلاي . V"@]PI pr  
كىمخاب ــ ئۆرۈشى يىپەك ، ئارقىقى زەر يىپتىن توقۇلغان رەخت . <J QvuC  
موۋۇت ــ ئوڭ تەرىپى سىلىق قىلىپ پۈتۈنلەي يۇڭدىن ياكى يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللاردىن توقۇلغان بىر خىل رەخت : رەھبەرلىك ئىشخانىسىدا موۋۇت قاپلانغان ساپالار قاتار تىزىۋېتىلگەنىدى . TM|ycS'  
سەللىلىك ــ ① سەللىسى بار، سەللە ئورىغان. ② سەللە قىلسا بولىدىغان ۋە سەللە قىلىشقا يارايدىغان ياكى سەللىگە باب كېلىدىغان رەخت . %A dE5HI-  
تۆپە ــ ① يەر يۈزىدىن ياكى مەلۇم بىر جايدىن ئېگىز ، يۇقىرى بولغان جاي، دۆڭ : تۆپىدىن تونۇش بىر ئادەم چۈشۈپ كەلدى . ② بىرەر نەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، ئۈستى : مامۇت زور شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن تام تۆپىسىگە چىقتى . ③ مەلۇم بىرنەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇق ؛ كۆك ، ئاسمان : ئېگىز بىنانىڭ تۆپىسىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرەتتى . ④ مەلۇم بىر ئىش بولۇۋاتقان جاي، نەق مەيدان: مامۇت ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىپ تۇرغاننىڭ تۆپىسىگە دادىسى كىرىپ قالدى . ⑤ بېرىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ ، «بېشىغا ، يېنىغا ، قېشىغا» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ : دېۋە كۆل تۆپىسىگە كېلىپ بېلىقچىنى قىچقىرىپتۇ .⑥ تېرىدىن تىكىلگەن ، پوسمىغا ئوخشاش تاشلانمىغان ، سىرتى ئاق باش كىيىمى : بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئالدىراشلىقتا دادىسىنىڭ تۆپە ۋە قۇلاقچىلىرىنى كۆزلىرىگە چۆكۈرۈپ كىيىۋالغانىدى . >{^&;$G+*  
ياسىداق ــ چىرايلىق ياسالغان ، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ، بېزەلگەن : ياسىداق ئۆي . ياسىداق ساراي . qJN2\e2~f  
يامۇل ــ خانلىق دەۋرىدىكى ناھىيە ، ۋىلايەت ئۆلكە دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى : يامۇل بېگى . * ئەنە شۇنداق پۈتمەس - تۈگىمەس خىياللار بىلەن كېچىچە پىيادە يۈرۈپ ، چاي ۋاقتى بىلەن دوتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم . *.J)7~(P  
گۈرەن ــ قۇلاقنىڭ ئاستى ، قوۋۇزنىڭ ئارقا قىسمى : گۈرەن تومۇرى . گۈرەن بېزى . 4` gAluJ#  
لوزۇڭ ــ ① كونا جەمئىيەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى :لوزۇڭ بولماق . ② شۇ مەنسەپكە ئېرىشكەن شەخس . RS~jHwIh  
قۇللۇق ــ ① قۇل بولغان ھالەت ، قۇل بولۇش : قۇللۇقتىن قۇتۇلماق .② قۇللارغا ئائىت ، قۇللارغا خاس : قۇللۇق تۈزۈم . ③ ئىتائەتمەنلىكنى ، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيدىغان تەكەللۇپ سۆزى : ھىكمەت ئۆزىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغان يىگىتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ : - قۇللۇق ، قۇللۇق ئىنىم! ئاغزىڭىزغا شېكەر ، - دەپتۇ . ④ مىننەتدارلىق ، رازىلىق : قۇللۇق بىلدۈرمەك . ⑤ ئىتائەتمەنلىك : قۇللۇق قىلماق . {`vF4@  
شەنگەن ــ كونا جەمئىيەتتىكى ناھىيە باشلىقى : شەڭگىنىڭدىن قورقمايمەن ، قوناقلىقتىن چىقمايمەن . :U>o;  
ئەييۇھەنناس ــ ① كۆپچىلىككە ، توپلانغان ، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب ، نىدا ؛ ئەي خالايىق ، ئەي ئادەملەر : موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى : - ئەييۇھەنناس - ئىشىتىڭلار ئامۇخاس ، گۇناھ رىيا بولسىمۇ ، جازا دېگەن راست . ② ھاياجان ، قايغۇ ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد - پەرياد ، شاۋقۇن - سۈرەن ، كۈچلۈك ئاۋاز : كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم ، ئەييۇھەنناس ، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان - يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى . .R` {.~_{!  
ساراسىمە ــ نېمە قىلىشنى بىلمەي ھودۇققان ، تەمتىرىگەن ، گاڭگىرىغان ھالەت : ئىستىھكامغا يېقىنلاپ ، قول بومبىلار تاشلاندى . دۈشمەنلەرنىڭ ئىچىدە ساراسىمە باشلاندى . mpBSd+ ;Z  
ئەسەبىيلەشمەك ــ ئەسەبىي ھالەتكە كەلمەك ؛ خۇيىنى بۇزماق ، چېچىلماق : دەل شۇ مىنۇتتا ئېلشات بىردىن ئەسەبىيلەشتى . !PI& y  
سۈيقەست ــ بىراۋغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈش ، يوق قىلىش ، ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت ، قەست : سۇيىقەست قىلماق . {mK=Vig  
ھەر باب بىلەن ــ ھەر تۈرلۈك ، ھەر خىل ئۇسۇل ، ئامال - چارە بىلەن؛ ئەپلىك پەيتنى قولدىن بەرمەي ، ئەپلىك پەيتنى كۈتۈپ تۇرۇپ : ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن ، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال) . PYYOC"$  
ئاۋام ــ ① ئاممىۋى ، ئومۇمىي : ئاۋام خەلق . ② ئاددىي خەلق ، ئامما، پۇقرا : بەگدە بارى ئاۋامدىمۇ بار . NZSP*#!B  
گاداي ــ ①يوقسۇل ، نامرات ، كەمبەغەل . ② كىشىلەردىن سەدىقە سوراپ، نەرسە-كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى ؛ سائىل ، تىلەمچى ، دىۋانە . (5] |Kcp|  
پەرىشان ــ ① ھەر تەرەپكە چېچىلغان ، بىسەرەمجان ، تەرتىپسىز : لەيلىگۈل دۈشمەنلەرنىڭ ياردەمسىز ، پەرىشان ۋەزىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولدى . ② پىكىر - خىيالى ، دىققەت - ئېتىبارى (زېھنى) بىر نۇقتىغا مەركەزلەشمىگەن ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنگەن، چېچىلغان، يىغىنچاق ئەمەس، تارقاق: ئەتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى . E-_FxBw  
پىشايۋان ــ ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىگە چىقىرىلغان ئايۋان : پېشايۋان چىقارماق . پېشايۋان ياسىماق . n 5X0Gi9  
ئاغچا ــ ① كونا جەمئىيەتتە باي ، بەگ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى : ۋاڭ ۋە شاھزادە ئۈچۈن ئىككىدىن ئات قوشۇلغان پوچتا ، خېنىم ۋە ئاغىچىلار ئۈچۈن چىلان رەڭ دۇخاۋىدا تاشلانغان پەنجىرىلىك مەپە تەييار قىلىندى . ② بىراۋغا نىكاھلانغان ، بىراۋ بىلەن توي قىلغان ئايال ؛ خوتۇن : (باسىت) - باشقا ئاغىچىلىرى شەرۋانەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايدۇ دەيمەن ، - دېدى شاڭيۇغا . |T~C($9  
شىلماق ــ ① نەرسىلەرنىڭ سىرتى ياكى تېنىنى ئوراپ تۇرغان تېرە ، پوست قاتارلىق نەرسىلەرنى تارتىپ سويۇپ ئالماق : ئۇ جادۇگەرنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار ، شۇنى ئېلىپ كەلسەڭ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن ، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن . ② ئالدامچىلىق ياكى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالماق ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق ، قان-تەرىنى شورىماق : شىلغانىدى بىر چاغ گومىنداڭ ، ئەلنى شۇنداق سېلىقلار سېلىپ . تىرىلدى شۇ سېلىقلار يەنە ، كەلدىمۇ يا گومىنداڭ يېنىپ؟ 1CFTQB>  
ئادالەت ــ ① ئادىل ، خالىس ۋە توغرا ئىش تۇتۇش ، ھەققانىيەتلىك ؛ ھەققانىيەت ، ئادىللىق : ئادالەت زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ . ② ئاياللارنىڭ ئىسمى . )>$@cH  
خو ــ ①تارس . ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب . ② بەش كۈرىگە تەڭ ئۆلچەم بىرلىكى : بىر خو بۇغداي . L, L>cmpM  
ئۆسكىلەڭ ــ ① بويى ئېگىز ئۆسكەن ، بوي تارتقان ، ئېگىز بويلۇق (ئادەملەر ھەققىدە) : ئۆسكىلەڭ ئادەم . ئۆسكىلەڭ بالا . ② ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇزۇن (نەرسىلەر ھەققىدە) : ئۇلار دەرەخلىق ئارىسىدىكى چىغىر يوللاردا ئۇزاق ماڭدى . ئۆسكىلەڭ ئوتلار گويا ئۇلارغا سالام بېرىشەتتى . C~Fdo0D  
جىيەك ــ ① دوپپا ، تون قاتارلىقلارنىڭ گىرۋىكىگە تۇتۇلىدىغان مەخسۇس لېنتا . ② بىرنەرسىنىڭ گىرۋىكى ، چېتى ، لېۋى ، گەردىشى : نۇرنىسا ئۇنىڭ جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قارىدى . ③ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى . A` x_M!m  
ھوسۇل ــ تېرىلغان زىرائەت ياكى باغۋەنچىلىكتىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلات ، ئۈنۈم : ھوسۇل ئالماق . ھوسۇل بەرمەك . z;GR(;w/  
تەيجى ــ ۋاڭلىق تۈزۈمىدە ، خان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋاڭدىن كېيىنكى ئەمەل . تەيجى ۋاڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ ، ۋاڭنىڭ ئىككى تەيجىسى بولىدۇ . ]5X=u(}  
جياڭجۈن ــ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن كىشى . jdsNZV  
پېقىر ــ ① كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇل : پېقىر ئادەم . * بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا . پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا (ماقال) . ② ئال «كەمىنە ، مەن» مەنىسىدىكى ئۆزىنى كىچىك پېئىل ۋە كەمتەر تۇتۇشنى بىلدۈرىدىغان سۆز : ئەمەت ئۇستا بايىقى خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن : - ئەپەندىم ، بايا قوشنىلارغىمۇ خەۋەر قىلىپ قويدۇم . بۈگۈن پېقىرنىڭ خانىسىغا مېھمان كەلمەكچى ، چەت ئەللىك دوستلار ، - دېدى . d?G ~k[C!a  
مەكتۇپ ــ بىركىمگە يېزىپ ئەۋەتىدىغان خەت ، سالام خەت : مەكتۇپ يازماق . مەكتۇپ ئەۋەتمەك . R[Y]B$XO  
يۇتۇم ــ بىرقېتىم ئىچىشكە ، ئوتلاشقا بولىدىغان ئىچىملىكلەر ھەققىدە ئېيتىلىپ «ئوتلام» سۆزى بىلەن باراۋەر قوللىنىلىدۇ : بىر يۇتۇم چاي . CG!/Lbd  
تاۋى ــ ① كىشى ئورگانىزمىنىڭ نورمال ھالىتى ، ساقلىق ؛ مىجەز : ئاپامنىڭ خېلىدىن بېرى تاۋى يوق . ② قۇۋۋەت ، كۈچ ، مادار : بۇ ئىشنى قىلىشقا تاۋىم يەتمەيدۇ . M{#  
كەمىنە ــ باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت ، ئەدەپ ۋە كەمتەرلىك ، كىچىك پېئىللىق يۈزىسىدىن «مەن»نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز : - كەمىنە يەمەن شەھىرىدىن بولىمەن ، - دەپتۇ ھاتەم . WVaIC$Y  
دەرقەم ــ روبىرو ، بىريەردە ، كۆز ئالدىدا : دەرقەم تۇرماق . دەرقەم قىلماق . @* a'B=7  
بەجا ــ كۆپىنچە «كەلتۈرمەك ،ئەيلىمەك» قاتارلىق پېئىللار بىلەن كېلىپ «جايىدا ئورۇنلىماق ، ئىجرا قىلماق ، ئەمەلگە ئاشۇرماق ، ئادا قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : مەشۇر بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا بەجا كەلتۈردى . r?Y+TtF\e  
كېڭەش ــ ① بىرەر ئىش ھەققىدىكى پىكىر ، يوليورۇق ، مەسلىھەت : ئۇ : - ئەمدى مەن سىزگە قانداق كېڭەش بېرەلەيمەن ، - دېدى . ② ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ۋە پىكىرلىشىش ئاساسىدىكى مۇزاكىرە ۋە شۇنداق مۇزاكىرە يىغىنى ، يىغىلىش : كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا بولماس (ماقال) . * كېڭەشتە ئولتۇرغانلار بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرمىگەچكە ، دەرھال بىرنېمە دېيەلمىدى . ③ جەمئىيەت ، سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىش ، كېڭىشىش يىغىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى : جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى . * مەن كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن. @.T w*t  
ئىلتىپات ــ كىشىلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىلىنغان ياخشى مۇئامىلە ؛ غەمخورلۇق ، مېھرىبانلىق ؛ نەزەر-ئېتىبار : ئىلتىپات قىلماق . ئىلتىپاتقا مۇيەسسەر بولماق . * ئۇ يىگىتكە بۆلەكتىن ئىلتىپات بىلەن تىكىلىپ ، مۇلايىملىق بىلەن قارىدى . O&=40"Dr  
چېرىك ــ ئەسكەر ، لەشكەر : چېرىك ئالماق . چېرىك تۇتماق . @)0-oa,u+  
ۋەج ــ ① سەۋەب ، مۇددىئا ، مەقسەت ؛ باھانە : ۋەج كۆرسەتمەك . ② مال- مۈلۈك ، دەپىنە - دۇنيا : ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال) . w3j51v` 0'  
بويۇنتاۋلىق ــ ئىتائەت قىلماسلىق ، بويسۇنماسلىق ؛ قارشىلىق قىلىش : بويۇنتاۋلىق قىلماق . ~r~~0|=  
پىدا ــ ① بىرەر شەخس ، ئىش-ھەرىكەت ياكى ئىدىيە ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ؛ قۇربان بېرىش : «ئانا يۇرتۇم بولسا ئامان ، رەڭگىرويىم بولماس سامان» ، قەلبىم سۆزى شۇكى مېنىڭ : ۋەتەن ئۈچۈن پىدا بۇ جان! ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . Iq&S6l <0  
خامان ــ ① زىرائەتنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان ، جاي : سابىر ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش دۈيىنىڭ خامىنىدىن كەچ قايتتى . ② شۇنداق جايغا قۇرۇتۇش ، تېپىش ، تازىلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات : خامان سورۇماق . خامان تەپمەك . ③ تېپىپ ، يانچىپ پاكىزلەنگەن تەييار چەش ؛ ئاشلىق : خامان ئالماق .  ئېكىندە يوق ، تېپىنىدە يوق ، خاماندا تەييار (ماقال) . bI^zwK,@4  
بۇزاقى ــ ① بۇزۇلۇپ ئىشلىمەيدىغان ھالغا كەلگەن ، ئىشتىن چىققان : بۇزۇق تراكتور . ② ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار ، ئەخلاقسىز : بۇزۇق ئايال . ③ نىيىتى يامان ؛ نىيىتىنى ، پەيلىنى بۇزغان ؛ يامان نىيەتكە كەلگەن : بىز بۇزۇق ئادەملەرنى قەتئىي جازالايمىز . 3HsjF5?W  
ساندىخوزا ــ شىنجاڭدىكى يەر جاي نامى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ . jjgY4 
ئېغۋا ــ ئارىنى بۇزۇش ، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان يالغان گەپ-سۆز ، ئويدۇرما ، بوھتان ۋە شۇ قاتارلىقلار : ئىغۋا تارقاتماق . ئىغۋا توقىماق . * بۇ ئادالەتسىز ئىش ، پەسكەشلىك بىلەن ئويدۇرۇلغان ئىغۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى . e=t?mDh#E  
سوپىيو ــ شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت تارقاتقان پۇل . DI=Nqa)r  
ئەپيۇن ــ ئەپيۈنگۈلنىڭ تولۇق پىشمىغان ياكى پىشىش ئالدىدا تۇرغان غوزىسىنىڭ شىرنىسىدىن تەييارلىنىدىغان ، قاتتىق مەست قىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك . 2aUz.k8o  
قوۋۇز ــ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى يان تەرىپى ، يەنى ئىككى يان دىۋارى : قوۋۇز تاۋۇشى . قوۋۇز خالتىسى . G)l[\6Dn  
چۈشىمەك ــ ① ئۇخلىغاندا ھەر خىل ئوبرازلارنى ، نەرسىلەرنى كۆرمەك ، چۈش كۆرمەك : توخۇ داڭگال چۈشەر ، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر(ماقال) . ② ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئويلارنى ئويلىماق ، خام خىيال قىلماق : - نېمە ، چۈشەۋاتامسەن ، بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس ، - دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ . ③ باغلىماق ، چاتماق ، كىشەنلىمەك : ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشىمەك . ④ ئالغا بېسىش يولىنى توسماق ، قامال قىلماق : دۆلىتىمىزنىڭ كونا جەمئىيىتىدە ، فېئوداللىق ئەخلاق خەلق ئاممىسىنى مەھكەم چۈشەپ قويغانىدى . `4s5yNUi=  
گوجەي ــ پۇتىنىڭ تىزىدىن ئوشۇقىغىچە بولغان قىسمىغا ئورىلىدىغان ئېنى تار ، ئۇزۇن پايتىما . *qg9~/  
شۇمپەن ــ ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ، قاتىل : ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ، شۇمپەندەك قورقۇنچلۇق ھالەتتە ئولتۇراتتى . G?QFF6)}!  
قازانچى غولى ــ غۇلجىدىكى مەلۇم جاينىڭ نامى . CGg:e:4  
پوتا ــ بەلگە باغلىنىدىغان رەخت ؛ بەلۋاغ : پوتا باغلىماق . * يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق ، بېلىدە پوتىسى يوق (ماقال) . /#$bb4  
بىڭسى ــ كۈچ - قۇۋۋەت ، ئىقتىدار ، قابىلىيەت ، كارامەت ، ماھارەت ، گۇمپا : بىڭسىسى بار كىشى . [p@NzS/  
مالىخاي ــ ① ئاق كىگىز قالپاق : ئەركىنلىك يولىدا شۇ سادىر ، قىرلىغان چېغىدا مالىخاينى ؛ يىقىتقان پورلارنى سېيىت نوچى ، مۇشتۇمدا، يۇلغاندەك قارىغاينى . ② تۇماق : ئىنتىقام ئالغىلى ئاتلاندى خەلق ، بولدى جەڭ مەيدانى قەدىم تىيانشان ، ئارمىيە سېپىگە قېتىلدىم مەنمۇ ، مۈرەمدە پاگۇن بار ، مالىخايدا نىشان . 8BNsh[+  
مۇناپىق ــ ① تىلى باشقا ، دىلى باشقا ، سۆز-ھەرىكىتى بىر - بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان ، سەمىمىيەتسىز ؛ ئىككى يۈزلىمە : مۇناپىق ئادەم . مىللىي مۇناپىق . ② كۆچمە «قارا يۈز» ، «ۋىجدانسىز» دېگەن مەنىدىكى تىل- ھاقارەت سۆزى : تۆمۈر خەلپە كىشەن - زەنجىرلىرىنى شاراقلىتىپ ئورنىدىن تۇردى - دە ، «تۈفى! مۇناپىق ، دوزىخىي! سەندىن كەلگەن ۋاپا شۇمۇ؟» دېدى . d^ !3bv*h  
مانجۇ ــ  مىللەتنىڭ نامى . /db?ltb  
زالىم ــ كىشىلەرگە جەبىر - زۇلۇم سالىدىغان ، كىشىلەرنى ئېزىدىغان ، رەھىمسىز : زالىم ۋەزىر . زالىم بەگ . ∥ زالىمنىڭ زۇلمىدىن ساقلا ، پادىشاھنىڭ ھۆكمىدىن (ماقال) . ~B(]0:  
ئۇيۇلتاش ــ چىڭ ،پۇختا، يوغان تاش ؛قورام تاش . 6Wf yP@ f  
ئابرال تېغى ــ شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغنىڭ نامى . ]Jnf. 3  
يىمىرىلمەك ــ ① سەل دۆگىلەك ھالەتكە كەلمەك؛  ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى. ② ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق: تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن، سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى  ③ ۋەيران بولماق ، يوقالماق ، ئاغدۇرۇلماق : فېئوداللىق تۈزۈمى يىمىرىلدى . =V5.c+  
ئوتياش ــ كۆكتات. ~;eWQwD  
لەڭمەن ــ تاماقنىڭ بىر تۈرى . ئادەتتە بۇغداي ئۇنىدىن يۇغۇرۇلغان خېمىر قول بىلەن سوزۇلۇپ ياكى ئېشىلىپ ، سۇدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈستىگە قورۇما سېلىپ يېيىلىدۇ . ,dVCbAS@  
خاڭرۇق ــ سادىرنىڭ لەقىمى ، خىڭىلداپ گەپ قىلدىغان كىشىلەرنى خاڭرۇق دەپ ئاتىشىدۇ . چىرىكلەر سادىرنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ قىينىغاچقا ،ئاۋازى خىڭىلداپ چىقىدىغان بولۇپ قالغان. yFpHRfF}  
ۋاق ــ ① كېچىككەن ، ۋاقتىدىن ئۆتكەن ؛ ۋاقىت جەھەتتىن كېيىن : ۋاق بولماق . ۋاق قالماق . ② تاياق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن باشقا نەرسىلەرنى ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز . ③ كەكلىك ، مېكىيان قاتارلىقلار سايرىغاندا چىقارغان ئاۋاز . =rBFMTllM  
پەشتاق ــ ① بىنالارنىڭ ئالدى تەرىپىگە ، ئالدى كۆرۈنۈشىگە چىقىرىلغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلما. ② خانىقا ۋە مەسچىتلەردىكى مەزىن ئەزان ئېيتىدىغان، ھېيت- ئايەم، مۇراسىم كۈنلىرى ناغرا- سۇناي چالىدىغان جاي. ③ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن پەلەمپەيلىك سۇپا؛ پەلەمپەينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى: پەشتاق ياسىماق. پەشتاق سالماق. ④ ئايرودرومدىكى ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشىدىغان خەۋەرلىشىش ئورنى. شەكلى مۇنارغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا رادىئو خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. "L8V!M_e  
سەھنە ــ ① زال، كۇلۇب، مەيدان قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سۆزلىگۈچىلەر ياكى ئويۇن قويغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھىلىنىپ ، يەردىن ئېگىز قىلىپ قۇرۇلغان سۇپىسى : سەھنە ئەسىرى . ② پائالىيەت مەيدانى، مۇنبەر: تارىخ سەھنىسى، سىياسىي سەھنە. 8fe"#^"sR  
بورا ــ ئاقلاپ يېرىلغان قومۇش ياكى چىغدىن توقۇلغان توقۇلما بۇيۇم . $AXz/fGV  
پالاق ــ ① دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سوراقخانىلاردا گۇناھكارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى؛ يېسسى تاياق: پالاق بىلەن ئۇرماق. ② كېمە، قېيىق، قولۋاقلارنى سۇدا ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان ، ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ : قېيىق پالىقى . ③ چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاب: چىۋىن پالىقى. ④ تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىلەردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى : تىكتاك توپ پالىقى . ⑤ يىقىلىش ، ئۆرۈلۈش ۋە تېز ھەم تاسادىپىي ھەرىكەتتىن چىقىدىغان ئاۋاز : سۇلايمان ئاتتىن «پالاق» قىلىپ يىقىلىش بىلەنلا داد - پەرياد كۆتۈردى . cw5YjQ8 9  
مەپە ــ مەخسۇس ئادەم چۈشۈش ئۈچۈن ياسالغان ، ئات ياكى قېچىر قوشۇلىدىغان ، ئۈستى يېپىق ، ئىككى چاقلىق بىر خىل قاتناش قورالى .  *$cp"  
خۇپىيانە ــ باشقىلارغا بىلدۈرمەستىن ، يوشۇرۇن ھالدا ، يوشۇرۇنچە : خۇپىيانە ئۇچراشماق . خۇپىيانە تەكشۈرمەك . N)!v-z,k  
جاللات ــ ① ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ بېشىنى ئالغۇچى، ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى كىشى . ② كاللاكېسەر، قاتىل: تۈرمە باشلىقى قوراللىق جاللاتلارنى باشلاپ ، تۈرمە تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى. :_aY:`  
پۆپۈكلۈك ــ پۆپۈكى بار ، پۆپۈكى بولغان : پۆپۈكلۈك مېكىيان . پۆپۈكلۈك قامچا . 0iL8i#y*  
ۋىدالاشماق ــ ① مەڭگۈلۈك ئايرىلماق ، ئۆلمەك : بۇ رەسىمنى مەرھۇم ئايالى سەتبەرگىگە كۆرسەتكۈسى كېلەتتى ، ئەپسۇسكى ئۇ ئۇلاردىن ۋىدالاشقانىدى . ② ئۆلۈم ئالدىدا خوشلاشماق : دارغا يېقىن كەلگەندە بۇ ئوغۇل : «ئانام بىلەن ۋىدالىشىۋالسام ، دەيدىغان گېپىمنى دەۋالسام» دەپ پادىشاھدىن تىلەپتۇ . ③ مېيىتنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئۆلگۈچىنىڭ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مېيىتنىڭ يېنىغا كىرىپ رازىلىق بىلدۈرمەك ، خوشلاشماق ، ئۇزاتماق . up1aFzY|6x  
جۇدۇن ــ ① سوغۇق ھاۋا ئېقىمى . ② ئاچچىق غەزەپ : جۇدۇنى تۇتماق . * مەن باقىغا جاۋاب بەرگۈچە ، بەگ جۇدۇن بىلەن سۆزلىگىلى تۇردى . ③ ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى توسالغۇ ، قىيىنچىلىق ، ئوڭۇشسىزلىققا تولغان ۋاقىت ، بوران - چاپقۇن : - ئېيتىڭا پاتىمە ، سىز بىلەن بىز جۇدۇندا تېپىشقانلار تۇرۇپ ، ئىللىق باھاردا تەتۈر قارىشىمىزمۇ؟ - دېدى سۇنۇر ھاياجان بىلەن . v8@dvT<  
پۇتلىكاشاڭ ــ توسالغۇ ، كاشىلا بولىدىغان نەرسە ۋە ھادىسە : ئۇ مېنىڭ ئىشىمغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ . < 5PeI  
دورداي ــ كۆتۈرۈلۈپ چىققان ، قېلىن ، توم ؛ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان : دورداي كالپۇك . "pPNlV]UA^  
ئېسەنگىرىمەك ــ ھودۇقماق ، گاڭگىرىماق ، ساراسىمىگە چۈشمەك ، ئېسىنى يوقاتماق : ۋاڭ دارىن ئېسەنگىرەپ غال-غال تىترەپ كەتتى . =_H39)|T  
بۆز ــ پاختىدىن ئىشلەنگەن : بۆز يىپ . بۆز تاغار . ② قول دۇكىنىدا پاختا يىپىدىن توقۇلغان رەخت ، ماتا : بۆزچى بۆز توقۇيدىغان موكىسىنى چاشقانغا بىر ئاتقانىكەن ، چاشقان ئۆلۈپ قاپتۇ . _w z2  
تېۋىلغا ــ ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال . يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ ؛ ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ . h$pk<<  
ئىسيانكار ــ ① ئىسيان كۆتۈرگۈچى ئادەم ، ئىسيانچى : ئىسيانكارلار جانلىنىپ ، خۇشاللىق تەنتەنىلىرى قىلىشتى . ② ئىسيان كۆتۈرۈشكە جۈرئەتلىك ، ئىسيان كۆتۈرۈش روھىغا ئىگە : ئىسيانكار خەلق . ئىسيانكار ھايات .  MGQ,\55"  
قاپتال ــ ① تاغ ۋە ئېگىزلىكلەرنىڭ تەكشىلىك بىلەن تۇتاشقان باغرى، يان تەرىپى: بالىلار تاغ قاپتىلىدىكى قېلىن قارىغايلىقلار ئىچىدە يالغۇز يولنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى . ② ئات ، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇچىسى بىلەن قورسىقى ئارىلىقىدىكى ئىككى يېنى : داۋان سۈيى يامان ئىكەن ، قاپتالدىن ئاشتى . ③ ئېگەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قانىتى . ? Vp%=E  

ئايبىكە 2013-07-24 16:54
ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. LPd\-S_rsP  
 >w6taX  
2S[-$9  
مىننەتسىز تۈكۈلگەن تەر،بەدەلسىز تۆلەنگەن ئەجىر  يەردە قالماس.

ئەكبەرنىياز 2013-07-27 15:18
ئەتراپلىق ئىزاھلىنىپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

نەسىمە 2013-09-25 22:32
    

bahadir 2013-09-26 20:45
تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ تىكىسىتتىكى سۆزلەرنى ئىزاھلىشى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق بوپتۇ،پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن، 6R$ F =MB  
دىققەت قىلمىساق خاتا ئىزاھلاپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كىلىپ چىقىدۇ. "S{6LW kD  
رەھمەت!!!!

ياسىنجان510 2013-10-26 21:14
جاپا تارتىپسىز ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ياسىنجان510 2013-10-26 21:38
بەك ياخشى ئىزاھلىنىپتۇ ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت  

ياسىنجان510 2013-12-26 20:41
كۆپ ئىزدىنىپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-03-13 23:57
بەكمۇ ئەتراپلىق رەتلىك بولۇپتۇ يارايسىز


查看完整版本: [-- 7.پالۋان كەلدى(سۆزلەرگە ئىزاھات) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled